سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنىڭ بىر قانچە  ئۇسۇللىرى

روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنىڭ بىر قانچە  ئۇسۇللىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Arms Open Wide

ئەليۈكسەل

ئالدى بىلەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ «5-ماي دوپپا بايرىمى» غا  مۇبارەك بولسۇن!
مەن ئالدىنقى يازمامدا دۇنياغا داڭلىق كارخانىچىلار ژۇرنىلى «فوربىس» (Forbes) نىڭ ماقالە ئاپتورى، پىسخولوگىيە دوختۇرى، ئامېرىكا مەيىن شتاتى لىنكولن (Lincoln, Maine) شەھىرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، ۋە «About.com» تور بېتىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈرلەر تەربىيىسى مۇتەخەسسىسى ئەيمى مورىن (Amy Morin) خانىمنىڭ 2014-يىلى نەشر قىلدۇرغان «روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ساقلىنىدىغان 13 ئىش» دېگەن كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئەيمى خانىم 2013-يىلى دېكابىردا «روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكىڭىزنى ئۆستۈرۈشنىڭ 5 خىل ئۈنۈملۈك مەشىقى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.

amy_morin

ئەيمى مورىن

روھىي كۈچلۈكلۈكنىڭ ئېنىقلىمىسى
پىسخولوگىيە ئىلمى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى ئۈستىدىلا توختىلىپ، روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈك ياكى روھىي كۈچلۈكلۈكنىڭ روشەن ئېنىقلىمىسىنى ئانچە تىلغا ئېلىپ كەتمەيدۇ. روھىي كۈچلۈكلۈك دېگىنىمىز، سىز كىرىپ قالغان ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كەيپىياتىڭىزنى باشقۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، تەپەككۇرىڭىزنى كونترول قىلىپ، ئىجابىي يوسۇندا ئىش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. روھىي كۈچلۈكلۈكنى يېتىلدۈرۈش دېگىنىمىز ئۆز قىممەت قارىشىڭىز بويىچە ياشاش ئىرادىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئۆزىڭىز بىر ئېنىقلىما ئويلاپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
روھىي كۈچلۈكلۈك ئىرادىدىن كۆپرەك نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاش ۋە قاتتىق تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ساغلام ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتى بىلەن ئېنېرگىيىسىنى ئۆز- ئۆزىڭىزنى ياخشىلاشقا ئاتاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇرمۇش ئاسان بىلىنگەندە كىشىلەر ئۆزلىرىنى روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي روھىي كۈچلۈكلۈكى تراگېدىيىلەر (ياكى پاجىئەلەر) يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۆز قىياپىتىنى تولۇق ئاشكارىلايدۇ. سىزنىڭ روھىي كۈچلۈكلۈكىڭىزنى ئۆستۈرىدىغان ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرۈش يولىنى تاللاش ئۆزىڭىزنى ھاياتتىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان توسقۇنلارغا تەييارلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
روھىي كۈچلۈكلۈكنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولغان مەشىقلەر خېلى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 خىل مەشىقتىن ئىبارەت.

1. ئۆزىڭىزنىڭ يادرولۇق ئېتىقادىنى باھالاپ چىقىش
بىز ھەممىمىز ئۆزىمىز، ئۆز ھاياتىمىز ۋە دۇنيا ھەققىدە ئوخشىمىغان يادرولۇق ئېتىقادلارنى يېتىلدۈردۇق. يادرولۇق ئېتىقاد ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي يېتىلىدۇ، ھەمدە ئۇ ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى سەرگۈزەشتلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. سىزنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بار ياكى يوق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ يادرولۇق ئېتىقادىڭىز سىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرىڭىزگە، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە، ۋە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بەزىدە يادرولۇق ئېتىقادلار خاتا ۋە ئۈنۈمسىز بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز «مەن ئۆز ھاياتىمدا مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايمەن» دېگەن تونۇشقا ئىگە بولىدىكەنسىز، سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر خىزمەتنى تېپىشقا ئىنتىلمەسلىكىڭىز، ھەمدە يېڭى خىزمەتكە كىرىش كۆرۈشۈشىدە ئۆزىڭىزنى تولۇق تەسۋىرلەپ بېرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سىزنىڭ يادرولۇق ئېتىقادىڭىز بىر ئۆز-ئۆزىڭىزدىن قانائەت ھېس قىلدۇرىدىغان ھۆكۈمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ يادرولۇق ئېتىقادىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ئوبدان باھالاپ بېقىڭ. ئالدى بىلەن چۈشىنىش ئاسان ئېتىقادلارنى تېپىپ چىقىڭ. ئاندىن ئادەتتىكى قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېتىقادلارغا يۈزلىنىڭ. ھاياتتا «داۋاملىق بولىدىغان» ۋە «مەڭگۈ بولمايدىغان» ئىشلار ئىنتايىن ئاز. يادرولۇق ئېتىقادنى ئۆزگەرتىش مەقسەتلىك نىيەت ۋە قاتتىق تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يادرولۇق ئېتىقادىنى توغرىلايدىكەنسىز ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ.

2. روھىي ئېنېرگىيىڭىزنى ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشلىتىش
ئۆزىڭىز كونترول قىلالمايدىغان ئىشلارنىڭ ئەندىشىسىنى قىلىش بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مېڭە قۇۋۋىتىنى ئىسراپ قىلىدىكەنسىز سىزدىكى روھىي ئېنېرگىيە ناھايىتى تېزلا تۈگەپ كېتىدۇ. ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلالمايدىغان سەلبىي مەسىلىلەر ئۈستىدە قانچە كۆپ ئويلىنىدىكەنسىز، ئىجابىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغان ئېنېرگىيىڭىزنىڭ مىقدارى شۇنچە بەك ئازلاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىر يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ ھاۋا كىلىماتى ھەققىدە بېرىلگەن ئالدىن مەلۇمات ئۈستىدە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھېچ بىر پايدىسى يوق. ئەگەر بىر ۋەھشىي بوران-چاپقۇن سىز تۇرۇۋاتقان جايغا قاراپ كېلىۋاتقان بولسا، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەندىشە قىلىشىڭىز ئۇ بوران-چاپقۇننى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى سىز ئۇنىڭغا تەييارلىق كۆرۈش يولىنى تاللاڭ. پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈڭ.
روھىي ئېنېرگىيىڭىزنى بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ياكى كەلگۈسى ئۈچۈن نىشان تۈزۈشكە ئوخشاش پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ. مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەتىجە چىقىرالمايدىكەنسىز، ئۆزىڭىزنىڭ روھىي ئېنېرگىيىسىنى ئاڭلىق ھالدا باشقا بىر پايدىلىق تېمىغا يۆتكەڭ. روھىي ئېنېرگىيىڭىزنى ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشلىتىشنى تەكرار مەشىق قىلغانسېرى ئۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىدۇ.

3. سەلبىي تەپەككۇرلىرىڭىزنىڭ ئورنىنى پايدىلىق تەپەككۇرلارغا بېرىش
كۆپىنچىلىرىمىز ئۆز تەپەككۇرلىرىمىز ئۈستىدە ئويلانمايمىز. شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى ياخشى چۈشىنىش ئۆزىڭىزدە چىدامچانلىق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. «مەن ھېچ قانداق ئىشنى توغرا قىلالمايمەن» دېگەنگە ئوخشاش كۆپتۈرۈۋېتىلگەن ۋە سەلبىي ئىدىيىلەر سىزنىڭ ئۆز ئىقتىدارلىرىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سەلبىي تەپەككۇرلىرىڭىزنى ئەڭ دەسلىپىدىلا تىزگىنلەپ، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
ھەددىدىن زىيادە سەلبىي ئىدىيىلىرىڭىزنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا پايدىلىق ئىدىيىلەرنى تۇرغۇزۇڭ. ئىجابىي ئىدىيىلەر ھەددىدىن زىيادە ئىجابىي بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئۇلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى رېئالىستىك بولۇشى كېرەك. تەڭپۇڭلاشقان ئىدىيىلەر «مېنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىم بار، ئەمما مەندە ئارتۇقچىلىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ» دېگەنگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۆزىڭىزدىكى ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتىش سىزدىن داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما ئاشۇنداق بىر جەريان ئۆزىڭىزدىكى بارلىق يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىيالايدۇ.

4. راھەتسىزلىككە چىداشنى مەشىق قىلىش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش دېگەنلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇشتىن ھەر ۋاقىت ساقلىنىش دېگەننى كۆرسەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە روھىي كۈچلۈكلۈك سىزدىن ئۆز كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت ناھايىتى ئېنىق بىلىپ تۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق يولۇققان ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئەڭ ياخشى يولنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. روھىي كۈچلۈكلۈك ئۆز ھېسسىياتلىرىڭىزنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا چۈشۈپ قالماي تۇرۇپ ئۇلارنى تولۇق قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
روھىي كۈچلۈكلۈك قانداق ۋاقىتتا ئۆز ھېسسىياتىڭىزغا قارشى ئىش تۇتۇش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. راھەتسىز ھېسسىياتلارغا چىداش سىزدىن كۆپلەپ مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنداق قىلىشمۇ ئاسانلىشىپ ماڭىدۇ.
سىز قانداق ئادەم بولۇشنى ئىستىسىڭىز، شۇنداق ئادەمگە ئوخشاش ئىش ئېلىپ بېرىشنى مەشىق قىلىڭ. «مەن ئوچۇق-يورۇق ئادەم بولسام» دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، مەيلى سىز ياخشى كۆرۈڭ ياكى كۆرمەڭ، ئوچۇق-يورۇق بولۇپ ياشاشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. بەزىدە چوڭراق پايدا ئۈچۈن بىر قىسىم راھەتسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق راھەتسىزلىككە چىداش ئارقىلىق، سىز ئازراق-ئازراقتىن ئۆز ئارزۇيىڭىزغا يېتەلەيسىز.

5. ھەر كۈنى ھاسىل قىلغان ئىلگىرىلەشلەرنى باھالاپ تۇرۇش
ھازىرقى زاماندىكى جىددىي ھايات ئادەمگە بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ ئويلىنىش پۇرسىتىنى ناھايىتى ئاز بېرىدۇ. سىز چوقۇم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۆزىڭىزدە روھىي كۈچلۈكلۈكنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشنى باھالاپ ۋە ئۇ ھەقتە ئويلىنىپ تۇرۇڭ. ھەر كۈنى كەچتە ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرلىرى، ھېسسىياتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىۋالغانلىقىڭىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ بېقىڭ. شۇنداقلا ئەتىسى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلارنى پىلانلاپ چىقىڭ.
روھىي كۈچلۈكلۈكنى يېتىلدۈرۈش بىر خىل ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپە. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش جەريانىدا ياخشىلاشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەر دائىم چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ جەريان بەزىدە ئاسان، بەزىدە قىيىن تۇيۇلىدۇ. قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشنى داۋاملىق باھالاپ تۇرۇش سىزنى ئۆز قىممەت-قارىشىڭىز بويىچە ياشاپ تۇرۇپ كۆزلىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

پايدىلىنىش مەنبەسى:
Five Powerful Exercises To Increase Your Mental Strength
(يېزىلغان ۋاقىت 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى،    باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش