You Are Here: Home » ئومۇمى » دىنىمىزنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن ئۆزىمىز

دىنىمىزنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن ئۆزىمىز

ئەركىن سىدىق

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

مەن ئالدىنقى قېتىم «ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە» دېگەن تېمىنى تەييارلاپ، تورلارغا يوللىغاندىن كېيىن، ئۇ خېلى كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى. بۇ ئەھۋالدىن مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قىلغان ئەمگىكىمگە بىر خىل رازىمەنلىك ھېس قىلدىم. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، ماڭا سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. مۇسۇلمانلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ناھايىتى مۇھىم بىلىملەر يەنە بار بولۇپ، ئاللاھ بۇيرۇسا مەن شۇلارنى داۋاملىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يوللاشقا تىرىشىمەن.

مەن بۇ قېتىم ئويغاننىڭ يەنە بىر دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. ئۇ بۇ دوكلاتنى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق «شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار چەمبىرىكى ۋە مۇسۇلمان ستۇدېنتلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى» دا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئىسلام ئاسان دىن بولۇپ، ئۇنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن ئۆزىمىز» ئىكەن [1]. مەن بۇ دوكلاتنىڭ ھەممىسىنى بىرلا قېتىمدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولالماي، بۇ قېتىم تورلارغا ئۇنىڭ يېرىمىنى چىقىرىپ تۇردۇم. قالغان يېرىمىنى كېيىنكى قېتىم چىقىرىمەن.

بۇ ماقالىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىدىكى «دەۋەتچىلىك باشقىلارنى ئىسلام يولىغا تەكلىپ قىلىش دېمەكتۇر» دېگەن مەزمۇننى تولۇقلايدىغان مەزمۇن بار بولۇپ، قالغان قىسمى بۇرۇن تونۇشتۇرۇلۇپ باقمىغان. شۇڭلاشقا مەن بارلىق قېرىنداشلارغا مەزكۇر ماقالىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىر ئىشنى توغرا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشنىڭ توغرىسى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. مەن ھازىر تونۇشتۇرۇۋاتقان مەزمۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قىسىم ئىشلىرىنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم، دەپ ئويلايمەن.

مېنىڭ تۆۋەندە بايان قىلىدىغىنىم پۈتۈنلەي ئويغاننىڭ سۆزلىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ كۆز-قارىشىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە قىستۇرۇپ قويىمەن. تۆۋەندىكى مەزمۇندىكى كىچىك تېمىلارنى مەن ئۆزۈم قويدۇم.

1

1-رەسىم: ئويغان ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق «شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار چەمبىرىكى ۋە مۇسۇلمان ستۇدېنتلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى» دا دوكلات بېرىۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنۈش.

سۈرە نەھلنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى بىر ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ئەقىل-پاراسەت ۋە ياخشى تەلىم بىلەن دەۋەت قىلغىن، ھەمدە ئۇلار بىلەن ئەڭ ياخشى ئۇسلۇبتا مۇنازىرىلەشكىن» (سۈرە نەھل، 16:125). بۇ ئايەت ئادەتتە «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا تەكلىپ قىلغىن»، دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «بىل ھىكما» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئەقىل-پاراسەت بىلەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەسلىدىكى ئايەتنى «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەكلىپ قىلغىن»، دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.

بۇ ئايەت ئۈستىدە بىر ئاز چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقايلى. باشقىلارنى تەكلىپ قىلىش بىر خىل ئاكتىپ ھالدىكى دوستلۇق، ئاكتىپ ھالدىكى ئاق كۆڭۈللۈك، ۋە ئاكتىپ ھالدىكى كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت. سىز ئۆزىڭىز ئۆچ كۆرىدىغان بىر ئادەمنى بىر يەرگە تەكلىپ قىلمايسىز. ھەمدە سىز بىر كىمنى ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ تەكلىپ قىلسىڭىز، تەكلىپىڭىز ئۈنۈم بەرمەيدۇ. دېمەك، «دەۋەت» ئىدىيىسى، ياكى باشقىلارنى ئىسلامغا تەكلىپ قىلىش ئىدىيىسى سىز دەۋەت قىلماقچى بولغان كىشىگە كۆيۈنۈش، ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەۋەت قىلغاندا سۆزلىرىڭىز ئۆچمەنلىككە توشۇپ كەتسە بولمايدۇ. سۆزلىرىڭىز باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم پىچىشقا توشۇپ كەتسە بولمايدۇ. سۆزلىرىڭىز باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق بىلەن توشۇپ كەتسە يەنە بولمايدۇ. يەنى، ئۆزىڭىزنى سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاۋاتقان كىشىلەردىن ئۈستۈن قويۇۋالسىڭىز بولمايدۇ. دەۋەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندا سىز يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى قىلسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىكەنسىز، سىزنىڭ قىلغىنىڭىز دەۋەتچىلىك بولمايدۇ. سىزنىڭ قىلغىنىڭىز تەكلىپ قىلىش بولمايدۇ.

مەن باشقىلارنى تەكلىپ قىلغاندا، ئۇنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىمەن، بىرەر چوڭ يىغىنغا تەكلىپ قىلىمەن، بىرەر ساياھەت ئورنىغا تەكلىپ قىلىمەن، بىرەر پروگراممىغا، ياكى بىرەر رېستورانغا تەكلىپ قىلىمەن. يەنى، مەن كىشىلەرنى بىر مەنزىلگە تەكلىپ قىلىمەن. مەن ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى بىر يولغا تەكلىپ قىلمايمەن. بىز كىشىلەرنى يولغا تەكلىپ قىلماي، ئۇلارنى بىر مەنزىلگە تەكلىپ قىلىمىز. ئۇلارنى يولغا تەكلىپ قىلساق ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمما بۇ ئايەتتە ئاللاھ «كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭ (master, lord) نىڭ يولىغا تەكلىپ قىلغىن»، دەيدۇ. بۇ يەردىكى تەكلىپ بىر مەنزىلگە قارىتىلماي، بىر يولغا قارىتىلغان. شۇڭلاشقا بۇ تەكلىپ باشقا ھېچ قانداق تەكلىپلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇ قۇرئاندىكى بىر ئەڭ مۇھىم ھېكمەتتۇر.

2

2-رەسىم: مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى.

سىز بىر ئادەمنى ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇ كىشى ئۆيىڭىزگە ئىككى سائەت كېچىكىپ كېلىدىكەن، سىز ئۇنىڭدىن خاپا بولىسىز. يەنى، ئۇ مەنزىلگە ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خاپا بولىسىز. ئەگەر سىز بىر يولغا تەكلىپ قىلىنىدىكەنسىز، سىز 1000 كىلومېتىر ماڭدىڭىزمۇ، ياكى ئاران 10 مېتىر ماڭدىڭىزمۇ، ئۇ مۇھىم ئەمەس. سىز يولغا چىقىپ بولغاچقا، سىز نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان بولىسىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ بىزگە بىر ناھايىتى قىممەتلىك نەرسىنى سوۋغا قىلغان. يەنى، «دەۋەتچىلىك» نىڭ مەنىسى كىشىلەردىن بىر مەنزىلگە يېتىشنى تەلەپ قىلىش ئەمەس. ئۇلاردىن مۇكەممەللىككە يېتىشنى تەلەپ قىلىش ئەمەس. ئاللاھ ھېچ قانداق بىر كىشىدىن ئۆزىنى ئاللاھقا ھېچ قانداق خاتالىق ئۆتكۈزمەي، مۇتلەق ھالدا، تولۇق ھالدا، يۈزدە-يۈز تاپشۇرۇۋېتىشنى كۈتكەن ئەمەس (No one is expected to be absolute, complete, perfect submission to Allah without any mistakes). ئاللاھ كىشىلەرنىڭ ئوخشاش سەۋىيىدە بولۇشىنى كۈتكەنمۇ ئەمەس. بۇ دېگەن بىر يول بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر يەنە بىر قىسىم كىشىلەردىن تېزرەك ماڭىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىدا كېتىپ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئارقىدا قالىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر سەپەرنى يېڭىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى ئىنتايىن قىسقا ئارىلىقنى يۈرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش ياسىمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىر مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاشۇ كىشىلەردىن بىرەرى مەنزىلگە يېتىپ بارماي تۇرۇپ، سەپەر ئۈستىدە ياكى يولدا ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ، سەۋەبى، ئۇ يولدىكى سەپەرنى باشلاپ بولغان. ئىسلامدىن ئىبارەت بىر پۈتۈن دىن «بىر يول» دەپ تەسۋىرلەنگەن: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن [1:6]». يولنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىلگىرىلەش ياساش بولۇپ، ئاللاھ بىزگە قانچىلىك تېزلىكتە مېڭىشنى، ۋە سان جەھەتتىن بىز قانچىلىك ئىلگىرىلەش ياساپ بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئەمەس. سەۋەبى، ھەر بىر ئىنسان باشقا ئىنسانلارغا ئوخشىمايدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشكىچە بولغان سەپىرىگە ۋاقىت كېتىدۇ، دەيمىز. بۇ ئىش ئىسلامغا كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاش: بەزىلەر ئىسلامغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. ھەممە ئىش بىر كېچىدىلا پۈتمەيدۇ. بىر قىسىم ساھابىلەر بۇرۇن ئىسلامغا پۈتۈنلەي قارشى تۇرغۇچىلار بولۇپ، ئاشۇنداق بىر ھالەتتىن ئىسلامنى تولۇق قوبۇل قىلىش ھالىتىگە كەلگۈچە بىر مەزگىل ۋاقىت كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر قىسىم ساھابىلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتا خېلى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇلار ئۈچۈن ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمىغان. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىقتەك بولغان ئەمەس. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئۆمەر خەتتابتەك بولغانمۇ ئەمەس. كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ئەۋلادلار دەۋرىدە ھاراق ھەققىدىكى ئايەتلەر نازىل بولغاندىمۇ، ئۇلار بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان ئەمەس. ئۇ ئايەتلەر 3 قەدەمگە بۆلۈنۈپ نازىل بولغان. ئاشۇ ساھابىلەرنىڭ بىر قىسمى ئۈچۈن ھاراقتىن بىراقلا ۋاز كېچىش تەس بولغاچقا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەش ياسىشىغا، ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلىشىگە يول قويۇپ، ھاراق ھەققىدىكى ئايەتلەرنى 3 باسقۇچقا بۆلۈپ چۈشۈرۈپ، ھاراقنى ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە چەكلىگەن.

ئىلاۋە: ھاراق ھەققىدىكى ئاخىرقى ئايەت مۇنداق: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار [5:90].»

ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر باشقىلارغا دەۋەتچىلىك قىلىپ، ئۇلاردىن بىر دەمدىلا بىر ساھابىدەك ئادەم بولۇشنى كۈتىدۇ. ساھابىدەك بولمىغان تەقدىردىمۇ، 24 سائەتنىڭ ئىچىدىلا بىر ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسۇلمان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، كىشىلەرنى ئۆزگەرتىدىغىنى سىزنىڭ ياكى مېنىڭ سۆزۈم ئەمەس. كىشىلەرنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئاللاھدۇر.

تۆۋەندە مەن ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە ئېغىر مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىمەن.

1. كىشىلەرنى جەننەتكە كىرىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋېتىش

مېنىڭ بۈگۈنكى دوكلاتىمنىڭ مەزمۇنى ھازىرقى دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ھەققىدە بولۇشى كېرەك ئىدى. مەن سۆزۈمنى يۇقىرىقىدەك مەزمۇندىن باشلىشىمدىكى سەۋەب، بىر قىسىم كىشىلەر «دەۋەت قىلدىم»، دەپ، كىشىلەردىكى ئۈمىدنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىپ بارىدۇ. بىز باشقىلاردىن ناھايىتى تېزلا ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرىش ياساشنى تەلەپ قىلىمىز. ھازىر دەۋەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم ياشلار مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى، سۆزلەشكەن كىشىلەردە ئۆزگىرىش بولمايۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ گۇناھ بولىدىغان ئىشلار بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىڭ يەنە قانداق قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە ماڭا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارغا «سىز ئاشۇ كىشىلەرگە سەۋرچان بولۇپ، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇلاردىن ۋاز كەچمەڭ. سىز قىلغان سۆزلەر ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە بىر تال ئۇرۇقتەك يىلتىز تارتىۋاتامدۇ-يوق، ئاللاھ ئۇ ئۇرۇقنى ئۆستۈرۈۋاتامدۇ-يوق، سىز بىلمەيسىز. سىز ئۇلارغا دېگەن سۆز يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن. بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا، ياكى بولمىسا يەنە 10 يىلدىن كېيىن ئۈنۈم بېرىشىمۇ مۇمكىن، ئۇنى سىز بىلمەيسىز. ئۇ ئىشلار بىزگە باغلىق ئەمەس»، دەۋاتىمەن. سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ [16:125].» كىمنىڭ ئازغانلىقىنى، كىمنىڭ توغرا يولغا كىرگەنلىكىنى ئاللاھ بىزدىن ياخشىراق بىلىدۇ.

بىر قىز ھىجابلانمىغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى بىر مۇسۇلمانغىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇشى، ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىر قۇيۇن بار بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكى ئاللاھقا بۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ قىز ئۆزگىرىش ياساش جەھەتتە مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە سىرتقى كۆرۈنۈشى بىر مۇكەممەل مۇسۇلمانغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ئادەمدىن ئاللاھقا يېقىنراق بولۇشى مۇمكىن.

مەن سىلەرگە ئاجايىپ ھېكايىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي. بۇ بىر بولغان ئىش. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر رامىزان ئېيىنىڭ كەچلىكى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتى داللاس شەھىرىدە تاماق يېيىش ئۈچۈن بىر رېستورانغا كىردىم. ۋاقىت ناھايىتى كەچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بىر قانچىمىز بىللە تاماق يەۋاتقان ئىدۇق. بىزنىڭ قېشىمىزدىكى بىر ئۈستەلدە ئىككى قىز تاماق يېگەچ پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار قىلىشىۋاتقان پاراڭلار مېنىڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. ئىسلام ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئۇ 2 قىزنىڭ كىيىنىشى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس بولۇپ، بىز ئۇلارنى «مۇسۇلمان ئىكەن»، دەپ ئويلىمىدۇق. ئۇ قىزلارنىڭ پارىڭى مۇنداق داۋاملاشتى:

–مەن ناماز ئوقۇمىغىلى بىر يىلدەك بولدى، شۇڭا كۆڭلۈم بىر ئاز بىئارام بولۇۋاتىدۇ.

–مەنمۇ شۇنداق. ھازىر رامىزان. بىز بېرىپ ناماز ئوقۇساق بولاتتى. ماشىنامدا ھىجاب بار. ھازىر رامىزان بولغاچقا، مەسچىتمۇ تېخى ئوچۇق بولۇشى مۇمكىن. مەن مەسچىتنىڭ نەدىلىكىنى بىلىمەن. يۈرە، بىللە بېرىپ كېلەيلى.

مەن بۇ گەپلەرگە ھەيران قېلىپ، بىر نەرسە يېيىشتىن توختاپ قالدىم. ئۇلار تامىقىنىڭ يېرىمىنى يەپ، قالغان قىسمىنى تۈگەتمەيلا، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ قىزلار تاھارەت ئېلىشنى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. فاتىھەدىن كېيىنكى سۈرىنى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. خۇپتەن نامىزىنىڭ قانچە رەكەت ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. ئۇلارنى مەن بىلمەيمەن، ئاللاھ بىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھ ئۈچۈن، ئۇلار ئوقۇغان ناماز قۇرئاننىڭ يېرىمىنى يادلاپ بولغان، شۇ ئاخشىمىدىكى ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدىمۇ قۇرئاننى قىرائەت قىلغان، ئەمما كاللىسى باشقا يەرلەردە يۈرگەن يەنە بىر ئادەمنىڭ نامىزىغا قارىغاندا قەدىرلىكرەك بولۇشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر قۇرئاننى پەقەت باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈنلا قىرائەت قىلىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ ئىچىگە ئۇلارنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بېرىمىز. بىز پەقەت كىشىلەرنىڭ سىرتىنىلا كۆرەلەيمىز.

شۇڭلاشقا بىزنىڭ كىشىلەرنى ئىسلامغا تەكلىپ قىلغاندىكى پوزىتسىيىمىز ئۆزگىرىشى كېرەك. بىزنىڭ ھۆكۈم پىچىش تۇيغۇمىز ئۆزگىرىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىمىز. بىز ئۇلارنى «مەن ھەر قانچە قىلساممۇ مېنىڭ جەننەتكە كىرىشىمدىن ئۈمىد يوق»، دەيدىغان بىر تونۇشقا ئەكېلىپ قويىمىز.

2. كىشىلەردىن ئىنتايىن كۆپ دىنىي ئىلىم تەلەپ قىلىش

بىزدە ساقلىنىۋاتقان 2-مەسىلە، بىز كىشىلەردىن ناھايىتى كۆپ ئىلىمگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز كىشىلەردىن فىقھ (دىنىي قانۇن)، ئەقىدە، ئىسلام تارىخى، ئەرەب تىلى، تەفسىر ھەققىدە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشنى كۈتىمىز. ناھايىتى كۆپ دىنىي زىيالىيلار ۋە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن جەننەتكە كىرىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمىز. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كىشىلەر «ئۆگەنمىسە بولمايدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ بولالمىسام مېنىڭ جەننەتكە كىرىشىمگە شەرتىم توشمايدىكەن»، دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

قۇرئاندا بىر ئۆڭكۈردە ياشىغان ياشلار ھەققىدە بىر ھېكايە بار. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشتىن 100 – 120 يىللار بۇرۇن ياشىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى ئۇلار يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ ئۆڭكۈردىن چىققاندا بايقىغان. ئۇ ياشلار پەيغەمبەرلەر يوق بىر زاماندا ياشىغان. ئۇلار ئۆزلىرىدىن باشقا مۇسۇلمان يوق بىر شەھەردە تۇرغان. ئۇلار زىيالىي ئەمەس، ئۇلارغا بىلىم ئۆگىتىدىغان بىرەر شەيخ يوق، ھەمدە ئۇلاردا ئىجازەتمۇ يوق بولغان. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەتلا ئۇلار ئاللاھتىن باشقا نەرسىگە ئىبادەت قىلسا بولمايدىغانلىقى بولۇپ، ئۇلاردا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ قانداق ئىلىم يوق بولغان. ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىن ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى تەپسىر تەتقىقاتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان كۆپلىگەن ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئىسلام زىيالىيلىرى «لائىلاھە ئىللەللا» دىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئاشۇ ياشلارنى تەتقىق قىلىپ، شۇلار ھەققىدە ئەسەرلەر يازدى. بىلىم جەھەتتە ھېچ قانداق قىممەتكە ئىگە بولمىغان ئاشۇ ياشلار ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۈچۈن قىممەتلىك قەھرىمانلار بولۇپ ھېسابلاندى.

ئويلاپ بېقىڭ. ئىشلارنى بىز ئۆزىمىز قىيىنلاشتۇرۇۋاتىمىز. بىز كىشىلەردىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ باشقىلاردىن ھەممىدىن ئاۋۋال كۈتىدىغىنىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆز رەببىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تونۇشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ باشقىلاردىن كۈتىدىغىنىمىز ئەنە شۇ بولسۇن. ئاندىن ئۇلارنىڭ سەپىرى باشلانسۇن. بىر قىسىم كىشىلەر كۆپلىگەن ئىلىمگە ئىگە بولماقچى بولسا، ئۇلار سەپەر جەريانىدا شۇنداق قىلسۇن. بىر قىسىم كىشىلەر ئىگىلىگەن ئىلىم جەھەتتە ئانچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ بولالمىغان بولسىمۇ، ئۇلار سەمىمىيلىك جەھەتتە بىر قىسىم بىلىملىك كىشىلەردىن كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر ئەرەبچىنى كۆپ بىلىدىغان بولغاچقا، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى كىشىلەر ئەرەبچىنى ئانچە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئايەتلەرنى توغرا قىرائەت قىلالمىسىمۇ، ئۇلار قىلغان قىرائەت ئاللاھ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قارىلارنىڭ قىرائىتىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.

بۈگۈن بىر ياش مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، «مەن قۇرئاننى قىرائەت قىلغاندا بىر سۆزنى توغرا دېيەلمەيمەن. ئاللاھ مەن قىلغان قىرائەتنى قوبۇل قىلارمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلال توۋلىغان ئەزاننى ئاڭلاشنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەن. يەنى، بىلال ئەزاندىكى بەزى سۆزلەرنى توغرا چىقىرالمىسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ توۋلىغان ئەزاننى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن. ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە بىرەر كىشى مىكروفوننىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىلالدەك ئەزان توۋلايدىغان بولسا، بىز «ئۇ توۋلىغان ئەزان قوبۇل قىلىنمايدۇ»، دەپ قاراپ، ئۇ ئادەمنى ئەزان توۋلىغىلى قويمايمىز. بىز ئاچچىقلىنىپ، ساراڭ بولۇپ كېتىمىز. نامازنىمۇ قايتا ئوقۇيمىز. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلالنىڭ بەزى ئاۋازلارنى توغرا چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن ھالدا بىلالنى ئەزان توۋلاشقا تەكلىپ قىلغان.

بىز بولساق تەجۋىدنى ياخشى قىلالمايدىغان كىشىلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. «سەن شۇنىمۇ بىلمىسەڭ، جەننەتكە قانداق كىرىسەن؟» دەيمىز. بىز خۇددى ئاللاھ بىزدىن باشقا ئىشلارغا قارىغاندا مۇشۇ ئىشلارنى بەكرەك تەلەپ قىلىدىغاندەك ئىش كۆرىمىز. بىز كىشىلەردىن ناھايىتى كۆپ مۇكەممەللىكلەرنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى يولنى ناھايىتى قىيىنلاشتۇرۇۋاتىمىز.

ساھابىلەر كىشىلەرگە ئۇنداق قاتتىق تەلەپ قويمىغان. ئوخشىمىغان قەبىلىنىڭ كىشىلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا باشلاپ، بەزى ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇيالمىسىمۇ ساھابىلەر ئۇنىڭغا يول قويغان.

ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرگە بىز تەلەپنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتسەك، ئۇلار دىندىن بىراقلا ۋاز كېچىدۇ.

3. باشقىلار ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇش

بىز كىشىلەرگە «پەقەت ئەڭ ياخشى كىشىلەرلا جەننەتكە كىرەلەيدۇ. سەن جەننەتكە كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باقساڭ بولىدۇ، ئەمما مۇشۇ ھالىتىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭنى جەننەتكە كىرىمەن، دەپ ئويلامسەن؟ ئازراق ئەمەلىيەتچان بولغىنە!» دېگەنگە ئوخشاش ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىمىز.

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار [3:133].»

ئەگەر سىز جەننەتكە ئالدىرىغان بولسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ يولدا ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل كۆرۈنۈش پۈتۈن قۇرئاندا باشتىن-ئاخىر ساقلانغان. بۇ يەردە ئاللاھ جەننەتنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. يەنى، ئاللاھ جەننەتنىڭ ئىشىكىنى چەكلىمەي، ئۇنى يوغان ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ بىز كۈتمىگەن، ئاللاھنىڭ ئۆزى بىزگە قىلغان ئۇلۇغ سوۋغاتتۇر. ئوخشاش ئايەتتە ئاللاھ يەنە «بۇ ئاللاھ كۆرسەتكەن ياخشىلىق بولۇپ، بۇنداق ياخشىلىقنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى چوڭ ياخشىلىقلارنىڭ ئىگىسىدۇر»، دەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ناھايىتى چوڭ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ. كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر پۇرسەتلا بولسا باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار داۋاملىق «سەندە مۇناپىقلىق يوقلۇقىنى بىز قانداق بىلىمىز؟ ئىچىڭدە شېرىكلىك يوقلۇقىنى بىز قانداق بىلىمىز؟ سەن قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچ قايسىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، سەن دوزاخقا كىرىسەن» دەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئوقۇيدىغىنى بىز ئوقۇغان قۇرئان بىلەن بىر كىتابمىدۇر؟

3

3-رەسىم: ئويغان ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق «شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار چەمبىرىكى ۋە مۇسۇلمان ستۇدېنتلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى» دا دوكلات بېرىۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنۈش.

مەن سىلەرگە بىر مىسال كەلتۈرەي. ئۇ بىر ئازراق ئەخمىقانە مىسالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ مەن ھازىر چۈشەندۈرمەكچى بولغان يەنە بىر ئايەتكە كۆپ ياردىمى بولىدۇ. قاتناش قانۇنىدا مۇنداق بىر ماددا بار: «ماشىنىنى تېز ھەيدىگەنلەردىن جەرىمانە ئېلىنىدۇ.» بۇنىڭ مەنىسى «پەقەت ماشىنىنى تېز ھەيدىگەنلەردىنلا جەرىمانە ئېلىنىدۇ»، ئەمەس. ئۇنىڭ مەنىسى «كىشىنى جازاغا تارتقۇزىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ماشىنىنى تېز ھەيدەش» تىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىنى جازاغا تارتقۇزىدىغان يەنە باشقا ئىشلارمۇ بار. ئەگەر قانۇننىڭ يۇقىرىدىكى ماددىسى «ماشىنىنى تېز ھەيدىگەنلەردىن باشقا كىشىلەر جازاغا تارتىلمايدۇ» دەپ يېزىلغان بولسا، شوپۇرلارغا گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردىن پەقەت بىرسىلا بار، ئۇ بولسىمۇ ماشىنىنى تېز ھەيدەش، دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. قۇرئاندا «ئاللاھ ئەڭ ناچار كىشىلەرنى دوزاخقا بۇيرۇيدۇ» دەپ يېزىلمىغان. ئەگەر ئاشۇنداق دەپ يېزىلغان بولسا، دوزاخنىڭ ئىشىكى ئېچىۋېتىلگەن بولاتتى. يەنى، ئەگەر قۇرئاندا «ئاللاھ ئەڭ ناچار كىشىلەرنى دوزاخقا بۇيرۇيدۇ»، دەپ يېزىلغان بولسا، ئەڭ ناچار كىشىلەر دوزاخقا كىرىپ، ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس كىشىلەرمۇ دوزاخقا كىرگەن بولاتتى. ئەمما قۇرئاندا ئۇنداق دەپ يېزىلمىغان. قۇرئاندا «ئەڭ ناچار، ئەڭ ناچار، ئەڭ ناچار كىشىلەردىن باشقا ئادەملەر دوزاخقا كىرمەيدۇ»، دەپ يېزىلغان. «ئەڭ ئېچىنىشلىق، ئەڭ ۋەھشىي، ۋە ئەڭ قەبىھ كىشىلەردىن باشقىسى دوزاخقا كىرمەيدۇ»، دەپ يېزىلغان.

كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىدىكى چۈشەنچە قانداق؟ بىزنىڭ كاللىمىزدىكى چۈشەنچە «كۆپىنچىلىرىمىز دوزاخقا كىرىمىز»، دېگەندىن ئىبارەت. كېيىنكى ئايەتتە ئاللاھ «ئەڭ ياخشى كىشىلەردىن باشقىسى، ئەڭ توغرا يولنى تاللىغانلاردىن باشقىسى جەننەتكە كىرمەيدۇ»، دېمىگەن. بەلكى، «توغرا يولنى تۇتقان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدىن ساقلىنىدۇ.» دېگەن. بۇ يەردە ئاللاھ «پەقەت ئاشۇنداق كىشىلەرلا قۇتقۇزۇلىدۇ» دېمىگەن. يەنى، جەھەننەمگە كەلگەندە ئاللاھ ئىشىكنى يېپىپ قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە جەننەت ئۈستىدە توختالغاندا بولسا ئاللاھ ئىشىكنى ئوچۇق قويغان. ئاللاھ جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويۇشنى خالايدۇ، بىز بولساق ئۇنى يېپىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىمىز. ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بولۇپمۇ باشقىلار ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىمىز.

بەزى ئانىلار ئۆز بالىلىرىغا «ئۇنداق قىلما، بولمىسا ئاللاھ سېنى جازالايدۇ»، دەيدىغان ئىشلارمۇ بار. سىز بالىڭىزنى بىر ماشىنا سوقۇۋېتىشنى ئىستىمەيسىز. بالىڭىزنىڭ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈشىنى ئىستىمەيسىز. بالىڭىز تاماق يەۋاتقاندا ئارىنى توغرا ئىشلەتمەي، چىشىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ئىستىمەيسىز. بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى زادىلا ئارزۇ قىلمايسىز. ئەمما ئاغزىڭىزدىن «دوزاخقا كىرىسەن» دېگەن سۆز بەك تېزلا چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق قىلىقلاردا ناھايىتى ئېغىر مەسىلە بار. بۇنداق ئىشلار توختىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، «مەن دوزاخقا كىرىمەن، دوزاخقا كىرىش ئاسان، جەننەتكە كىرىش تەس» دېگەن ئىدىيىنى بالىلارنىڭ كاللىسىغا ناھايىتى بالدۇرلا سىڭدۈرۈۋېتىمىز. ئەگەر ئاشۇنداق قىلساق، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە قانداقمۇ بىر تەڭپۇڭلاشقان ھاياتقا ئېرىشەلىسۇن؟ ئەگەر ئاشۇنداق قىلساق، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە قانداقمۇ ئاللاھتىن ياخشى نەرسىلەرنى كۈتەلىسۇن؟

ئىلاۋە: ئويغان ئۆز دوكلاتىدا ئالدى بىلەن بىر ياكى بىر قانچە ئايەتنى ئەرەبچە ئوقۇپ، ئاندىن ئۇلارنى ئىنگلىزچە چۈشەندۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ھېچ قانداق يېرىدە سۈرىنىڭ ئىسمى ياكى ئايەتنىڭ نومۇرىنى تىلغا ئالمىدى. مەن ئۇ ئايەتلەرنىڭ قايسى سۈرىگە تەۋە قانچىنچى ئايەت ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن خېلى تىرىشىپ باققان بولساممۇ، كۆپىنچىسىنى ئېنىقلاپ چىقالمىدىم. ئېنىقلىغانلىرىمنىڭ ئايەت نومۇرىنى ئاشۇ ئايەتنىڭ كەينىگە قىستۇرۇپ قويدۇم.

4

4-رەسىم: ئويغان ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق «شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلار چەمبىرىكى ۋە مۇسۇلمان ستۇدېنتلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى» دا دوكلات بېرىۋاتقاندىكى يەنە بىر كۆرۈنۈش.

4. «ھارام» دېگەن سۆزنى خالىغانچە ئىشلىتىش

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلار بىر قىسىم نەرسىلەرنى ياساپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلار توغرىسىدا ھالال ۋە ھارام دېگەن سۆزلەرنى پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىشلەتمەڭلار.» بىز قانداق قىلىمىز؟ بالىلار مەكتەپتە سېغىز چاينىسا، «سېغىز چاينىما، ئۇ دېگەن ھارام»، دەيمىز. بىر بالا ۋىدىئو ئويۇنى ئويناۋاتقان بولسا «ئۇنى ئوينىما، ۋىدىئو ئويۇنى دېگەن ھارام»، دەيمىز. بالىلار نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان 1-سۆز «ھارام» سۆزىدىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ ئىشنى بالىلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئەمەس. ئۇلار بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگەنگەن. ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئۆگەنگەن. يەنى، ئاشۇ بالىلار ياشاۋاتقان مۇھىتتا كىشىلەر «ھارام» دېگەن سۆزنى پەرۋاسىزلىق بىلەن ھەممە نەرسىگە ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ. دىنىي ئۆلىمالار نېمىنىڭ ھالال ۋە نېمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ناھايىتى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بىر ئىش ئۈستىدە «ھارام» دەپ ھۆكۈم پىچىشتىن بۇرۇن بىرەر مىڭ قېتىم ئويلىنىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئاغزىمىزدىن «ھارام» دېگەن سۆز ئىنتايىن ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تەبىئىي مەيدانىمىز «ھالاللىقى ئىسپاتلانمىغۇچە ھارام» دېگەندىن ئىبارەت. «مەسچىتتە كۈلمەڭ، ئۇ دېگەن ھارام»، «ئۇنداق ئولتۇرماڭ، ئۇ دېگەن ھارام»، «ئۇنداق ئۆرە تۇرماڭ، ئۇ دېگەن ھارام». بۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى سىز ئۆزىڭىز ھارام قىلىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇلار سىز ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن «ھارام» نەرسىلەردۇر. بۇ نەرسىلەر چوڭقۇر ئىلىمدە ھېچ قانداق مەنبەگە ئىگە ئەمەس.

مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم بىر قېتىم بىزگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن: ئۇنىڭ ھەممە ئىشقا دەلىل سورايدىغان بىر ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. بىر قېتىم ئوقۇتقۇچى بىر ھەدىس دەرسىنى ئۆتۈۋېتىپ، ھالال نەرسىلەرگە مىسال كەلتۈرگەندە، ھېلىقى ئوقۇغۇچى «مۇئەللىم، ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟» دەپ سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم ئولتۇرۇۋېلىپ، «پالانى، پوكۇنى، مەمەت، سەمەت، ئەمەت» دەپ 20 ئىسىمنى تىلغا ئېلىپتۇ. ئاندىن ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن «مانا بۇلار ھالال نەرسىلەر. سەن ئەمدى قايىل بولدۇڭمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئوقۇغۇچى «قايىل بولدۇم»، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم ئۇنىڭغا: «ھەي مايمۇن، مەن ھازىر سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىر قېتىم ئاتاپ چىقتىم. ئاغزىڭنى يۇمۇپ، سۆزۈمگە قۇلاق سال، سەن بىلمەيسەن»، دەپتۇ. كىشىلەر ھەر خىل سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىلىمى تېيىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئاندىن ئاشۇنداق سۆزلەرگە ئاساسەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم پىچىدۇ. بۇ بىر قالايمىقانچىلىق.

بەزى بالىلار ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەمما ھاراممۇ ئەمەس بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا، يەنە بىرى كېلىپ «بۇ قىلغىنىڭ ھارام»، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا «مەن ھارام ئىشلارغا گەدەنگىچە پېتىپ كەتتىم. مەن ئەمدى ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمەن. شۇڭا ئۆلگۈچە مۇشۇنداق ياشاپلا ئۆتۈپ كېتەي»، دەپ ئويلايدۇ. سەۋەبى، بىز ھارامنىڭ دائىرىسىنى ناھايىتى كېڭەيتىۋېتىپ، ھالالنىڭ دائىرىسىنى ئىنتايىن كىچىكلەشتۈرۈۋېتىمىز. ئاللاھ بىزدىن ئازراق ئىشتىن نېرى تۇرساقلا، قالغان ئىشلار بىزگە يول قويۇلغانلىقىنى دەپ تۇرسا، بىز ھالال-ھارام قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن ياساپ چىقىمىز. بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىز تار بولغاچقا، ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇنداق ئاجىزلىقىنى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە سۆرەپ كىرىمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇنداق تار نەزەر دائىرىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىغىمۇ سۆرەپ كىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ناھايىتى ئېچىنىشلىق قىلىۋېتىمىز. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى قىيىنلاشتۇرۇۋاتىمىز.

5. سەمىمىيەتلىك

مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ھەممىمىز بىلىمىز: «بىز قىلىدىغان ھەر بىر ئىشنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىمىز.» ئەمما، بۇ سۆز پۈتۈنلەي خاتا.

بىر داڭلىق ھەدىس بار بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ناھايىتى كۆپ گۇناھلىق ئىشلارنى قىلغان بىر ئادەم بىر قېتىم سەپەرگە چىققاندا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بىر ئىتنى ئۇچرىتىدۇ. ئۇ ئادەمدە ئازراق سۇ بار بولۇپ، ئۇنى ئىچىشكە تەمشىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىتقا ئىچى ئاغرىپ، سۇنى ئۆزى ئىچمەي، ئۇنى ئىتقا بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئۆلگەندە جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇ ئادەم سۇنى ئىتقا بېرىشتىن بۇرۇن، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، «ئى ئاللاھ، پەقەت سەن ئۈچۈنلا مەن بۇ سۇنى ئىتقا بېرىۋاتىمەن. بۇ مېنىڭ سەن ئۈچۈن قىلغان سەمىمىي ئىبادىتىم» دېمەيدۇ. ئۇنداق گەپلەردىن ئازراقمۇ قىلمايدۇ. ئۇ ئادەم پەقەت ئىتقا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭغا ئازراق سۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭ نامايان قىلغىنى چىن كۆڭلىدىن چىققان مېھرىبانلىقتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلغانلىقىنىڭ ھېچ قانداق دەلىلى يوق. بىز نامازنى ئاللاھ ئۈچۈن ئوقۇيمىز. بىز ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىمىز. بىز قۇرئاننى ئاللاھ ئۈچۈن قىرائەت قىلىمىز. بىز ئىسلام ئۇچۇرلىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تارقىتىمىز. ئەمما ئاپىسىغا كۆيۈش ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس. سىزنىڭ ئاپىڭىزغا كۆيۈشىڭىز ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ سىزنىڭ ئاپىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن. سىز ھەرگىزمۇ «ئاپا، مەن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا سىزگە كۆيىمەن. ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن بولمىغان بولسا، سىزگە كۆيمەيتتىم»، دېمەيسىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا كۈلۈمسىرەش بىر خىل سەدىقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»، دېگەن. سىز قېرىنداشلىرىڭىزنى ئۇچراتقاندا، ئۇلارنى كۆرگىنىڭىزگە خوش بولۇپ، كۈلۈمسىرەيسىز. ئاللاھ ئۆز دەپتىرىگە بۇ ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى بىر ئاكتىپ سەدىقە سۈپىتىدە يېزىپ قويىدۇ. يەنى، سىز بۇ ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلمىغان بولسىڭىزمۇ، ئاللاھ يەنىلا ئۇنى بىر سەدىقە ھېسابلايدۇ.

سىزنىڭ بالىڭىزنى سۆيۈشىڭىز بىر خىل ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ ئايالىڭىزغا قارىتا ئىپادىلىگەن مۇھەببىتىڭىزمۇ بىر خىل ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز «بىز قىلىدىغان ھەر بىر ئىشنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىشىمىز كېرەك»، دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى ياخشى كۆرىمىز. ئەمما ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۇنداق دەپ باققان ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنداق دەپ باققان ئەمەس. قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرت سەمىمىيەتلىكتىنلا ئىبارەت. سىز ئاپىڭىزغا سەمىمىيەتلىك كۆرسىتىڭ. ئوقۇتقۇچىڭىزغا سەمىمىيەتلىك كۆرسىتىڭ. باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزغا سەمىمىيەتلىك كۆرسىتىڭ. شۇنداقلا ئاللاھقىمۇ سەمىمىيەتلىك كۆرسىتىڭ. كىمگە قارىتىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ بارلىق ھېسسىياتلىرىڭىز پاك ۋە سەمىمىي بولسۇن. سىز ئاغزىڭىزدا بىر نەرسىنى دەپ، كۆڭلىڭىزدە باشقا بىر نەرسىنى ئويلىماڭ.

سىزنىڭ بىر ئادەمگە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرگىنىڭىز، كۆڭلىڭىزدە ئۇ ئادەمگە قارشى ھېچ قانداق نەرسە قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر سىز بۇ سۆزنى سەمىمىيلىك بىلەن دېمىگەن بولسىڭىز، ئۇ سۆزنى دېمەيلا قويۇڭ. ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان بولىسىز. ئەگەر ئاللاھ سىزنى ئاشۇ سۆزنى قىلىشقا قىستاۋاتقان بولسا، ئۇ سىزدىن كۆڭلىڭىزدىكى ئاشۇ كىشىگە بولغان ناچار چۈشەنچىلەرنى ئۆزگەرتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ سالىمىغا خاپا ھالدا «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!» دەپ يالغانلاتىن جاۋاب قايتۇرماڭ. چۈنكى، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېگەن سۆز «ئارىمىزدا ھېچ قانداق مەسىلە قالمىدى، ئاللاھتىن سىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن، ئاللاھتىن ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن، ئاللاھتىن ھەممە ئىشلىرىڭىزغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن، شۇنداقلا مەنمۇ سىز بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ «سالام» نىڭ مەنىسى. مانا بۇ سەمىمىيەتلىك. «سالام» دېگەن سۆز بىزگە مانا مۇشۇنداق سەمىمىيەتلىكنى ئۆگىتىدۇ.

مەن نېمە ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرىمەن؟ بىر قېتىم بىر ياش يىگىت يېنىمغا كېلىپ، ماڭا مۇنداق دېدى:

–سالام ئۇستاز! مېنىڭ بىر مەسىلەم بار بولۇپ، ئۇنى ئاڭلاپ باققان بولسىڭىز. مېنىڭ بىر خىزمىتىم بار بولۇپ، مەن ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭدىن تولىمۇ ھۇزۇرلىنىمەن. ئەمما ئۇ دېگەن بىر دۇنيا. شۇڭا مەن ئۇ خىزمىتىمنى تاشلىۋېتىشىم كېرەك، شۇنداقمۇ؟ مەن ئۇ خىزمەتنىڭ ئورنىغا پۈتۈن كۈن ئىسلامنى ئۆگىنىشىم كېرەك، شۇنداقمۇ؟

–نېمىشقا؟

–چۈنكى بىز ھەر بىر ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشىمىز كېرەك. مەن بولسام ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئاشۇ خىزمەتنى قىلىۋاتىمەن. مەن ئىنژېنېرلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئاشۇ كەسىپنى قىلىۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مېنىڭ قىلغىنىم ئاللاھقا قىلىنغان سەمىمىيەتسىزلىك بولىدۇ.

–ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. سىزگە بۇ نەرسىلەرنى كىم ئۆگەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن بىر قېتىم «زەھەرسىزلەندۈرۈش» ئېلىپ بارمىساق بولماپتۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېگەن: «پاك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىپ ئىشلەيدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ (beloved).» بىر ئادەم قاتتىق ئىشلەشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەيدۇ. ئائىلىسى ئۈچۈن بىر ياخشى كىرىم يارىتىش ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەيدۇ. بۇنداق قاتتىق ئىشلەشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ئاكتىپ ئىبادەت بولۇپ، ئۇ يەنە ئاللاھقا قىلغان سەمىمىيەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئادەمنىڭ كىرىم تېپىش ۋاسىتىسى بىر سەمىمىي ۋاسىتە بولۇپ، خىزمەتنى سەمىمىيلىك بىلەن تىرىشىپ ئىشلىگەن. شىركىتىگە ساداقەتلىك كۆرسەتكەن. پۇلنى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزى ئىشلەپ تاپقان. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. قىسقىسى، بۇ ئادەم ھەممە ئىشلاردا بىر خىل كۈچلۈك سەمىمىيەتلىكنى نامايان قىلغان. ئاللاھنىڭ دىنى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ، ئۇ سىزگە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشنىڭ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. سىز قىلغان ھەر بىر سەمىمىي ئىشلاردىن ئاللاھ رازى بولىدۇ. ئۇ بىر ناھايىتى كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ.

ئەمما، بىز بولساق بۇ دىننى بىر قىيىن نەرسىگە، بىر سەت نەرسىگە، ۋە بىر ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. بۇ جەھەتتە بىز جىنايەتچىلەرگە ئوخشايمىز. بىز ئاشۇنداق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى توختىتىشىمىز كېرەك. بىز دىنىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

6. ئاللاھ ئاچچىقلانسا بولىدۇ، ئەمما سىز ئاچچىقلانسىڭىز بولمايدۇ

ئاللاھ قۇرئاننىڭ بەزى جايلىرىدا ئاچچىقلىنىدۇ. بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن مۇنداق بىر مىسالغا قاراپ باقايلى: مېنىڭ 6 بالام بار. كىچىك ئوغلۇم ۋەلى بەزىدە بوياقنى ئېلىپ، ئۆينىڭ تېمىغا خەت يازىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا: «ۋەلى، نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن؟ نېمىشقا تامغا خەت يازىسەن؟» دەپ ۋارقىرايمەن. بۇنى كۆرگەن قىزىممۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: «شۇ، ۋەلى، نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن قىزىمغا بۇرۇلۇپ، «ۋوي، سىزگە نېمە بولدى؟ سىز قاچاندىن باشلاپ ئاپا ئورنىغا ئۆتۈپ قالدىڭىز؟ مەن دادا بولغاندىكىن بالامغا ۋارقىرىسام بولىدۇ. سىزگە ۋارقىراش ھوقۇقىنى كىم بەردى؟ سىز ئۆز ئورنىڭىزغا چۇشلۇق ئىش قىلىڭ» دەيمەن. ئۇ دېگەن ئاللاھ بولغاچقا، قۇرئاندا ئاچچىقلانسا بولۇۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىش ياكى خاپا بولۇش ھوقۇقى بار.

ئەمما بەزى كىشىلەر قۇرئاندىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، «شۇنداق، ئاللاھ خاپا بولغان، مەنمۇ خاپا بولىمەن!» دەپ ۋارقىرايدۇ. بىز بۇ يەردە مۇشۇنداق ئەھۋالغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى. بەزىلەر «ئاللاھنىڭ بىر ئوغلى بار بولغان»، دېگەندە، بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ شۇ دەرىجىدە ئاچچىقى كېلىدۇكى، ئاسمان قاتتىق سىلكىنىپ، ئېچىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ. يەر يېرىلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. ئاشۇ گەپنى قىلغان خرىستىئانلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە تۇرغۇزىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرنىڭ مەسچىتىدە خرىستىئان دىنىنىڭ ئىبادىتىنى قىلىشىغىمۇ يول قويىدۇ. دېمەك، ئاللاھنىڭ ھېلىقى خرىستىئانغا ئاچچىقلىنىش ھوقۇقى بار، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى بولسا دەۋەتچىلىك قىلىش. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق پەرقلەرنى چۈشىنىشى كېرەك. سىز ئاللاھنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارغا قاراتقان ئاچچىقىغا ئايلاندۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ. سىزنىڭ ئۇنداق قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق. مېنىڭمۇ ئۇنداق قىلىش ھوقۇقۇم يوق. بۇ ئىش ئاللاھنىڭ قولىدا.

بىز ئۈممەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۆز ئەنئەنىمىز ئۈستىدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك. بىز قۇرئاندىكى بىر ئايەت ئۈستىدىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسى ئۈستىدىمۇ تېيىز ئويلىنىپ، شۇ ئاساستا ئىش كۆرۈشكە ئۇرۇنساق بولمايدۇ. ھازىر ناھايىتى كۆپ كىشىلەر خاپىچىلىق مەسىلىسىگە، چۈشكۈنلىشىش مەسىلىسىگە، ۋە غەزەپلىنىش مەسىلىسىگە پېتىپ قېلىپ، قۇرئاننى قىرائەت قىلغاندا ئاشۇنداق خاپىچىلىق، چۈشكۈنلۈك ۋە غەزەپلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ. ئايەتلەرنى ئۇنداق ئوقۇغاندا، ئۇلارنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ كىتابىغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئاللاھنىڭ كىتابىغا بولغان سەمىمىيەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە بولغان سەمىمىيەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاللاھ بۇ ۋەزىپىنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆز زىممىمىزگە ئېلىشىمىزغا، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۈمىدۋار مۇسۇلمانلاردىن بولۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالەتتە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم قىلغاي.

ئويغاننىڭ دوكلاتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Islam is easy, We made it hard – Nouman Ali Khan 2015 (Thought provoking)

https://www.youtube.com/watch?v=aPH6vWcwEIg

 بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا ۋە ئۈندىدارغا چىقارسىڭىز، بېسىپ چىقىرىپ تارقاتسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top