ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » دىنىي ھايات » دىن ۋە مىللەت

دىن ۋە مىللەت

uighur-muslim

ئەليۈكسەل

ئېسىمدە قېلىشىچە، 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودىن باشقا فىرانسىيە ۋە خوڭكوڭ (شياڭگاڭ) قاتارلىق 3 دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇخبىرلىرى بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ تەكشۈرۈشتە مۇخبىرلار ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن «سىزنىڭ مىللىتىڭىز نېمە؟» دېگەن رايىنى سىناش سوئالىنى سوراپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن نەتىجىنى ستاتىستىكا قىلىپ چىقتى. كېيىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسىگە ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدا 60 پىرسەنتتىن ئارتۇق كىشىلەر «سىزنىڭ مىللىتىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالغا «مۇسۇلمان»، دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، «قەشقەرلىك»، «خوتەنلىك»، «ئاقسۇلۇق»، «غۇلجىلىق» دېگەنگە ئوخشاش جاۋاب بەرگەنلەرمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن. ھەمدە «ئۇيغۇر» دەپ جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ سانى 20 پىرسەنتكىمۇ بارمايدىكەن. بۇ تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى بىر قىسىم ئەللەر تۈركىي مىللەت خەلقلىرى ياشايدىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا پانتۈركىزم ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈشكە ئەنە شۇنداق ئەندىشىلەر سەۋەب بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. قىسقىسى، مەن ھېلىقى بىر گۇرۇپپا مۇخبىرلارنىڭ يەرلىك مىللەت خەلقلىرى ئارىسىدا «ئۇيغۇرلۇق» ئېڭى ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۆز دۆلەتلىرىگە ناھايىتى خاتىرجەم بولۇپ قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

ئالدىنقى 15 يىلدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مەن ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە «بىز مۇسۇلمانمۇ، ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان بەس-مۇنازىرىلەرنى، ۋە يېزىلغان ئىنكاسلارنى كۆپ كۆردۈم. بۇ سوئالغا تورداشلارنىڭ بەرگەن جاۋابى ھەر خىل بولۇپ، مەن «مەن مۇسۇلمان»، «مەن ئۇيغۇر»، «مەن بىرىنچىدىن مۇسۇلمان، ئىككىنچىدىن ئۇيغۇر»، ۋە «مەن بىرىنچىدىن ئۇيغۇر، ئىككىنچىدىن مۇسۇلمان» دېگەندەك جاۋابلارنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم.
ھازىر چەت ئەلدە ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان جامائەتلەر خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىنتايىن قويۇق دىنىي تۈس ئالغان بولۇپ، ئىسلام دىنى پائالىيەتلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدۇ. يېقىندا مەن بىر تونۇشۇمدىن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم: چەت ئەلدىكى مەلۇم بىر شەھەردە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولۇپ، شۇ يەردىكى يەنە بىر ئۇيغۇر دىنىي جامائىتىنىڭ باشلىقىنى ئۆز پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىپتۇ. ئەمما ئۇ باشلىق «مەن مۇسۇلمان، ئۇيغۇر ئەمەس»، دەپ جاۋاب بېرىپ، ھېلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىپتۇ.

يۇقىرىدىكى پاكىتلاردىن بىز مۇنداق بىر ئەھۋالنى چۈشىنىۋالالايمىز: ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە مۇسۇلمانلىق بىلەن مىللىي تەۋەلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس.

مەن بۇ يەردە چوڭ نەزەرىيىلەرنى بايان قىلمايمەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈم خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئۆزۈم تولۇق ئىشىنىدىغان بىر مەنبەدىن ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى بايان قىلىمەن. بۇ ئۇچۇرلارنى ئىلىم ئەھلىلىرى كۈچلۈك ھەدىسلەردىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت رىۋايەتلەردىن ۋە شۇلارغا ئاساسلانغان يەكۈنلەردىن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلار سىز بۇرۇن قوبۇل قىلغان ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋالدا مەن سىزدىن ئۆزىڭىز ئىگىلىگەن بىلىمنىڭ مەنبەسىنى قايتا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز دىنىي ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەردىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ دەردىنى ۋە زىيىنىنى بەك كۆپ تارتىپ كەتتۇق. خۇددى يۇقىرىدىكى 3-پاكىتتا بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇنداق دەردلەرنى ۋە زىيانلارنى ھازىرمۇ كۆپ تارتىۋاتىمىز. مېنىڭ مەقسىتىم ئاشۇنداق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئوڭشىلىشىغا ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇش بولۇپ، ئوقۇرمەنلەردىن ئۆزۈم ھەققىدە ئۇنىڭدىن كۆپ ئويلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

Dolan Muqam

 

1. ھۈنەين ئۇرۇشى
قۇرئاندا پەقەت ئىككى ئۇرۇشلا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرى بەدرى ئۇرۇشى بولۇپ (بىلىمخۇمارنىڭ «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق – بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ)، يەنە بىرى بولسا «ھۈنەين ئۇرۇشى» دىن ئىبارەت. ھۈنەين ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان بىر تەرەپ مۇسۇلمانلار بولۇپ، يەنە بىر تەرەپ بولسا ھاۋازىننىڭ بەدەۋىن قەبىلىسى ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر تارماق قىسمى سەقىفتىن ئىبارەت. بۇ ئۇرۇش 630-يىلى مەككىدىن ئەل-تائىفقا بارىدىغان يوللارنىڭ بىرىدىكى ئىككى ئۇزۇن ئېگىزلىك ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان جىلغىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئەگەشتۈرۈپ، مەدىنىدىن مەككىگە قايتىپ كېلىپ 19 كۈن ئۆتكەندە، ئۇ بىر ناھايىتى چوڭ قوشۇننىڭ مەككىنىڭ سىرتىغا يىغىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇ چاغدا مەككىگە ھۇجۇم قىلغىلى بولىدىغان باشقا چوڭ شەھەردىن پەقەت بىرسىلا بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تائىف ئىدى. تائىفنىڭ ئاساسىي تەبىقىسى سەقىف ئىدى. سەقىف بىلەن قۇرەيش تەبىقىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش نەچچە ئەسىر داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم قۇرەيش يېڭىلگەن بولغاچقا، سەقىف ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

نېمە ئۈچۈن سەقىف پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىدۇ؟ بەزىلەر «سەقىف ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنلىرى مەدىنىدىن مەككىگە ئەمەس، ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، دەپ ئويلاپ قالغان. شۇڭا ئەسكەر توپلاپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولغان»، دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇنداق بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. تائىف بىر تاغنىڭ ئۈستىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، سەقىفلەر باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيتتى. بۇ يەردىكى چوڭراق ئېھتىماللىق مۇنداق: مەككىنىڭ يېڭىلىشى بۇتپەرەسلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار مەككىنى ئىگىلەپ، كەبىنى ئۆزىنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بۇتپەرەسلىكنى قوغداپ قېلىشنى ئويلىغان. بۇ ئۇلارنىڭ 1-مەقسىتى. ئۇلارنىڭ 2-مەقسىتى بولسا، ئۇلار ئىزچىل تۈردە قۇرەيش بىلەن ئورۇن تالىشىپ كەلگەن بولغاچقا، ئاشۇ ۋاقىتنى قۇرەيشنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى، دەپ ئويلىغان.

شۇڭلاشقا تائىفتىكى تەبىقىلەر ئەرەبتىكى بۇتپەرەس تەبىقىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەلچى ماڭدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەككىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا چاقىرىدۇ. نەتىجىدە ئەرەبلەر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر چوڭ دائىرىدە ئۆز-ئارا بىرلىشىپ، بىر چوڭ قوشۇننى بەرپا قىلىدۇ. تائىفنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىككىنچى چوڭ قەبىلىنىڭ ئىسمى ھاۋازىن بولۇپ، سەقىف بىلەن ھاۋازىن قوشۇلۇپ 10000 كىشىلىك قوشۇن ھاسىل قىلىدۇ. باشقا كىچىك تەبىقىلەر قوشۇلۇپ، يەنە 10000 ئەسكەر توپلايدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان بۇتپەرەس ئەرەب قوشۇنلىرىنىڭ سانى 20000 غا بارىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە قايتىپ كېلىپ 19 كۈن ئۆتكەندە (ئاشۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدە قانچە كۈن تۇرغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن كۈن سانى ئوخشىمىغان ھەدىستە ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، بۇ يەردە بۇخارىدىكى سان ئىشلىتىلدى)، ساھابىلەردىن تەركىب تاپقان 10000 كىشى ۋە مەككە نوپۇسىدىن قوشۇلغان 2000 كىشى بولۇپ، جەمئىي 12000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يولغا چىقىپ، 4 كۈن ئۆتكەندە تائىفنىڭ يېنىدىكى ھۈنەين جىلغىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ جىلغا ھازىرمۇ بار. بۇ ئارىلىق ئەسلىدە 2 كۈنلۈك يول بولۇپ، ئادەم سانى كۆپ بولغاچقا ئۇلار ئۈچۈن 4 كۈن كېتىدۇ. مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا قېتىلغان مەككىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلار بولۇپ، قالغانلىرى تېخىچە مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ 12000 كىشىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر قوشۇن ھاسىل قىلىشى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان تۇنجى قېتىملىق ئىش بولىدۇ. بۇتپەرەسلەر قوشۇنىنىڭ سانى 20000 بولۇپ، ئۇلار قورال-ياراقنىڭ سانى ۋە سۈپىتى، ھەمدە ئات-تۆگىلەرنىڭ سانى جەھەتتىمۇ مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەمما دۈشمەن ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋىرى يوق بىر مۇسۇلمان «بىزنىڭ ئادىمىمىزنىڭ سانى 12000 تۇرسا، بىزنى كىممۇ يېڭەلىسۇن؟» دەيدۇ. بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇرۇن ئۆتكەن بىر پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ چوڭ قوشۇنى يولۇققان يامان تەقدىرنى تىلغا ئېلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلاپ كەتمەسلىككە چاقىرىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاشۇنداق مەغرۇرلىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ئىكەنلىكى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇنداق مەغرۇرلۇقنى تەنقىدلەيدۇ.
مۇسۇلمانلار يىغىلغان جاي تائىفلىقلارنىڭ يۇرتى بولۇپ، تائىفلىقلار ئۇ زېمىننىڭ جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئۈچۈن بىر ناھايىتى ئاقىلانە تاكتىكا ئىشلىتىدۇ. يەنى، ئۇلار مۇسۇلمانلار يەنە بىر تەرىپىگە بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆتمىسە بولمايدىغان ئىككى ئۇزۇن دۆڭلۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر جىلغىنى تاللايدۇ. ھەمدە جىلغىنىڭ تائىفقا يېقىن ئېغىزىغا ھاۋازىنلىقلاردىن تەركىب تاپقان، تولۇق ئۇرۇش ھالىتىگە كەلگەن بىر كىچىك قوشۇننى تۇرغۇزۇپ قويىدۇ. بۇ قوشۇن مۇسۇلمانلارغا خۇددى ھازىرلا ھۇجۇمغا ئۆتىدىغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار «بىز بەربات قىلىدىغان قوشۇن ئاشۇ ئىكەن»، دەپ ئويلاپ قېلىپ، تائىفلىقلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنى جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۆڭلۈكتە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىپ، مۆكۈپ ياتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەسكەرلىرى جىلغىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە تارقىلىپ ئورۇنلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. مۇسۇلمانلار جىلغىغا كىرىپ، قارشى تەرەپتىكى ھاۋازىن ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم باشلىغاندا، ئۇ ئەسكەرلەر يېڭىلگەندەك كۆرۈنۈپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ بىر نەيرەڭۋازلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي، تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى جىلغىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. ھەممە مۇسۇلمانلار جىلغىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئۇلارغا ئىككى دۆڭنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي ھۇجۇمنى باشلايدۇ. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىمى دۆڭنىڭ ئۈستىدىن ئوقيا قاتارلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. قالغان يېرىمى بولسا جىلغىنىڭ قارشى تەرىپىدىن مۇسۇلمانلار تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەلمەي، قاتتىق سەرەمسانلىققا چۆكىدۇ. مۇشۇ ۋەقە ھەققىدە ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلغان:
«ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللانى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار [9:25].»
ئەسكەرتمە: قۇرئاننىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىدە «(يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)» دېگەندەك گەپلەر يوق ئىكەن.

تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ھۇجۇمدىن گاڭگىراپ ۋە قورقۇپ كەتكەن مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى كەينىگە قاراپ قاچىدۇ. ھېچ كىمنىڭ ھېچ كىم بىلەن كارى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىكى 1-سەۋەب مۇسۇلمان قوشۇنىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى، يەنە بىر قىسمى بولسا تېخىچە مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىدۇر. ئىككىنچى سەۋەبى بولسا مۇسۇلمانلار بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى قىلچىمۇ مۆلچەرلىمىگەن، ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچ قانداق تەييارلىقمۇ قىلمىغانلىقىدۇر. ئۈچىنچى سەۋەبى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن يامغۇردەك يېغىپ چۈشۈۋاتقان ئوقيا ئوقلىرىدىن ئۆزلىرىنى قوغداش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىدۇر. تۆتىنچى سەۋەبى بولسا مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ سانىمۇ 12000 كىشى بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قالقانسىز قالغانلىقىدۇر. شۇڭلاشقا ھەممە كىشى قاتتىق قورقۇپ، ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان يەر ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپكە قاچىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئۇنى قوغدايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ تايىنى قالمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ قاچماي، يەنىلا ئۆزىنىڭ قېچىرىغا مىنگەن ھالەتتە تۇرۇۋېرىدۇ. ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئەلى قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ چاغدا ئەتراپىدىكىلەرگە ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرايدۇ: «مەن تەرەپكە كېلىڭلار! مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى مۇھەممەد!» ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ئابباسمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئاۋازىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسىغا «پالانى قەبىلىنىڭ كىشىلىرىنى چاقىرغىن! پوكۇنى قەبىلىنىڭ كىشىلىرىنى چاقىرغىن!» دەپ، ئاشۇ قېتىملىق ئۇرۇشقا كەلگەن ئاساسلىق مۇسۇلمان قەبىلىلىرىنىڭ كىشىلىرىنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ چاقىرتىدۇ. ھەر بىر قەبىلە كىشىلىرى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك بولۇپ، ئەتراپىدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىر ئاز ئاڭقىرتىۋالىدۇ. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا توپ-توپ قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈنلۈك ئاۋازدا ھەممىگە مەلۇم بولغان ھېلىقى داڭلىق سۆزلەر بىلەن ۋارقىراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ: «مەن بىر پەيغەمبەر، بۇنىڭدا ھېچ قانداق يالغانچىلىق يوق! مەن يەنە ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى!»

بۇ ئىش ئىنتايىن مۇھىم. يەنى، بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىن بىلەن تەبىقىلىقنى بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇ ئىسلام بىلەن تەبىقىلىقنى بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇ «مەن بىر پەيغەمبەر، بۇنىڭدا ھېچ قانداق يالغانچىلىق يوق! مەن يەنە ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى!» دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەبۇ تالىپنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئەرەبلەر بەزىدە «نەۋرىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «ئوغلى» دەپ ئىشلىتىۋېرىدۇ. بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي ساداقەتمەنلىكىنى ئىشقا سېلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ تەبىقە ساداقەتمەنلىكىنىمۇ تەڭلا ئىشقا سېلىشقا تىرىشىدۇ. يەنى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر قۇرەيش تەبىقىسىگە قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن «پەيغەمبەر» گە قارىغاندا «ئابدۇلمۇتەللىپ» يېقىنراق تۇيۇلىدۇ.

بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى زامانىمىزدىكى بىر ئىنتايىن، ئىنتايىن مۇھىم نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىر تەبىقىچىلىك ئاساسەن يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى مىللەتپەرۋەرلىك ئالدى. يۇقىرىدىكى ۋەقە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، مۇسۇلمانلار مىللەتپەرۋەرلىكنى بىر ياخشى مەقسەت ئۈچۈن قوللانسا بولۇۋېرىدۇ. بەزى كىشىلەر بىر قۇتۇپقا ئېغىپ، «مىللەتپەرۋەرلىك ھارام»، دەيدىغان ئىدىيىنى تۇرغۇزۇۋالغان. ئەمەلىيەتتە بولسا ئىش ئۇنداق ئەمەس. ھەرگىزمۇ ھەممە خىلدىكى مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ بارلىقى ھارام ئەمەس. ھەممە خىلدىكى ھېسسىيات ياكى مۇھەببەتنى ياخشى ئىشلار ئۈچۈن قوللانغىلىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا يامان ئىشلار ئۈچۈن قوللانغىلىمۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە مۇھەببەتتىن ياخشى ئىش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. «مەن كىمۇ؟ مېنىڭ چوڭ دادام ئابدۇلمۇتەللىپ.» ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، سىزنىڭ دادىڭىز ياكى چوڭ دادىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس. قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلار سىزگە قەتئىيلا ياردەم قىلالمايدۇ. ئەمما بۇ دۇنيادا ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. يۇقىرىدىكى ۋەقەدىن ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى چوڭ دادىسىنىڭ نوپۇزىدىن مۇۋاپىق ئىشلار ئۈچۈن پايدىلانسا بولۇۋېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز ئەجدادلىرىدىن ياكى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىشمۇ خاتا ئەمەسلىكىنى، ۋە ھارام ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاشۇنداق پەخىرلىنىش ئىسلامغا بولغان پەخىرلىنىشنىڭ دائىرىسى ئىچىدە بولسىلا بولۇۋېرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپ بۇرۇن ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشاپ باققان كىشىلەر ئىچىدىكى مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ تونۇلغان، ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەتكە ۋە ئەڭ كۈچلۈك ھىمايىگە ئېرىشكەن، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان ئادەم ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ئابدۇلمۇتەللىپ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوغلىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەۋرىسى ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئابدۇلمۇتەللىپ بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. ھەرگىزمۇ ھارام ئەمەس.

2. قىسقىچە مۇلاھىزە
بىز ھۈنەين ئۇرۇشىدىن خېلى كۆپ مەنپەئەت ئالالايمىز. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوخشىمىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە، ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرلىرىگە، ۋە ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىگە قاراپ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلغان. مەسىلەن، ئۇ مۇسۇلمانلار قولغا چۈشۈرگەن بايلىقلارنى ئەنسارلارغا (پىشقان مۇسۇلمانلارغا) بەرمەي، قۇرەيشلەرگە (يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلارغا) بەرگەن. قۇرەيشلەر ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچقاندا، ئۇ بۇرۇن بىر قېتىممۇ ئىشلىتىپ باقمىغان شوئارلاردىن بىرىنى ئىشلەتكەن. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىشقا سالغان. ئۇ ئىشلەتكەن شوئار «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى!» دىن ئىبارەت. ئىنسان پىسخولوگىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دېگەن ئەنە شۇ. دادىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، چوڭ دادىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دېيىش خاتا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ نەۋرىسى. ئۇ ھۈنەين ئۇرۇشىدا يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان قۇرەيش ئەسكەرلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانداشلىقىدىن پايدىلانغان. ئۆزىنىڭ بىر ياقا يۇرتلۇق ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىر يات ئادەم ئەمەسلىكىنى، ئاشۇ ئۇرۇش مەيدانىدىكى قۇرەيشلەرنىڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى بىر شوئار قىلىپ ئىشلەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى ھازىرقى زاماندىكى مىللەتپەرۋەرلىك ئۇقۇمىغا تەتبىقلاش مۇمكىن. مىللەتپەرۋەرلىك بىر يېڭى ئۇقۇم. ئەمما بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قايسى جۇغراپىيىلىك ماكانغا تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىسە بولۇۋېرىدۇ. ئۇنداق قىلىش خاتا ئەمەس. مىللەتپەرۋەرلىكتىن ئىسلام دىنى دائىرىسى ئىچىدىكى يوللۇق مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلانسا بولۇۋېرىدۇ. ئۇنداق قىلىش ھارام ئەمەس.

3. خۇلاسە
ئەسلىدە بۇ ماقالىگە «مۇسۇلمانلىق ۋە مىللەتپەرۋەرلىك» دەپ ماۋزۇ قويغان بولسام تېخىمۇ مۇۋاپىق بولار ئىدى. ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ماۋزۇنى ھازىرقىدەك قويدۇم.
يېقىندا «ئوبزورچى» ئىسىملىك توردىشىمىز ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنىڭ بىرىگە مۇنداق دەپ ئىنكاس يازدى (نەقىل): «ئەرەبچە مائارىپتا تەربىيە ئالغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن بىخوت يۈرۈشى ھەتتا ئۇيغۇرلۇقتىن تېنىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ئىلىم ئىگىلىرى ۋە باتۇرلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنىمۇ بىلمەسلىكى ، قىسقىسى ئۆزىنىڭ قەۋىمىگە قىززىقماسلىغى، ئەكسىچە ئەرەبنىڭ قوينىغا ئۆزىنى باشچىلاپ ئېتىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بۇ ئەرەب مائارىپىدا تەلىم ئالغانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى گۈلەن ئەپەندى ئېيتقاندەك، بالىلارنىڭ ئاۋۋال ئانا تىلىدا ئوقۇغان – ئوقۇمىغانلىقىدا، ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىيىتىنى ئۆگەنگەن – ئۆگەتمىگەنلىكىدە ئەمەس. شۇندالا ئەۋۋەل دىندىلام ئوقۇغان – ئوقۇمىغانلىقىدا ، ھۈنەر كەسىپ ئۆگەنگەن – ئۆگەنمىگەنلىكىدە، ياكى تۈركىيىدە ۋە باشقا يەردە ئوقۇغان – ئوقۇمىغانلىقىدا ئەمەس. بەلكى ئۇلارنىڭ ئەرەب مائارىپىدا تەربىيىلىنىش جەريانىدا مۇھەممەن ئىبنى ئابدۇۋاھھابنىڭ ئىمان – ئەقىدە جەھەتتىكى ئازغۇن ئىدىيە – كۆزقارىشى بىلەن قاتتىق زەھەرلەنگەنلىكىدىندۇر. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ۋاھابى ئەقىدىسى بىلەن زەھەرلەنگەن ھەرقانداق مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلغان، ئاللانىڭ توغرا يولىدىن ئازغىنى – ئازغان. يوقۇرىدا تىلغا ئالغان، ئەرەپ مائارىپىدا تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ماھىيىتىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بىز تەرەپتە ھەجگە بارغۇچىلارنى، ئەرەب تەرەپتىكىلەر بىلەن ئارىلاشماي، ياكى ئۇلارنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىبادەت شەكىللىرى ۋە سۆز – ھەركەتلىرىنى دورىماي، ئىلگىرىكى ھالىتىنى ساقلاپ قايتىپ كېلىشىنى تەلىم بېرىپ يولغا سالىدۇ. چۈنكى سىز ئېيتقاندەك، مېڭىسىگە ئەرەب تىلىنى ۋە ئەرەب مەدىنىيىتىنى قاچىلىۋالغان ئۇيغۇر ئاتلىق ئەرەبلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئاپەت ئىكەنلىكى تارىختىن بېرى قايتا قايتا ئىسپاتلىنىپ كېلىۋاتقان ھەقىقەت .»

مېنىڭ بۇ ئىنكاسقا ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ باھا بەرگۈم يوق. مەن پەقەت ئوقۇرمەنلەردىن بۇ ئىنكاسنى بىر قېتىم ئوقۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئەنە شۇنداق تونۇشقا كېلىپ قالىدىغانلىقى ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن، ئۇنى بۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويدۇم.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مېنىڭچە چەت ئەلدە دىندا ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق يولنى تاللىشىدا مۇنداق 3 خىل مەقسەت بار: (1) دىندا ئىلىمدار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەرتىۋىسى ياكى ئورنىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئۆستۈرۈش. (2) ئاللاھنىڭ دىنى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىراق خىزمەت قىلىش. (3) ئۆزى قىزىققان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاش. دىندا ئىلىملىك بولغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ جەھەتتىكى ئۇقۇملار بىر پارچە ئايرىم ماقالە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىراق خىزمەت قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، باشقا ئەل ۋە باشقا رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىچىدىن يېتەرلىك ساندىكى دىنىي ئۆلىمالارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن يېتىشىپ چىققان دىنىي زىيالىيلارغا ئاساسەن ئېھتىياجى يوق. مەن چەت ئەلدىكى دىنىي زىيالىيلاردىن ئۆز ئۆمرىنى باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ئاساسەن يوق، بار بولغاندىمۇ ئىنتايىن ئازدەك ھېس قىلىمەن. دېمەك، ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلار چوقۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ نىشانى قىلىشى كېرەك. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يول-چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشى، ھەمدە ئاشۇ يول-چارىلەردىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن ياكى قىلالمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىلمىنىڭ قىممىتى تولۇق جارى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلالمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «مەن مۇسۇلمان، ئۇيغۇر ئەمەس» دەپ ياشاۋاتقان كىشىلەر تۇتقان يول ئىنتايىن خاتا. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «مەن مۇسۇلمان، ئۇيغۇر ئەمەس» دەپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۆزى يالىڭاچ تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇچىسىغا كىيىم ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا مەن چەت ئەلدىكى دىنىي زىيالىيلىرىمىزنىڭ «مەن ئۆز يۇرتۇم ۋە ئۆز خەلقىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشتىممۇ؟ يېتەرلىك دەرىجىدە بەدەل تۆلىدىممۇ؟ مەن ھازىر تۇتقان يول ئۆز يۇرتۇم ۋە ئۆز خەلقىم ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشقا ماس كېلەمدۇ؟» دەپ ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن.

ئۇيغۇرلار چوقۇم ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن، تۇتقان يولى ئۈنۈم بەرمەي، قىلغان ئىشى ئاقمايدۇ.

(2016-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى)

باغداش مۇنبىرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش