You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مىجەز

بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مىجەز

ئەليۈكسەل

    كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىدە مۇنداق بىر سوئال ساقلىنىدۇ: بالىلار كەلگۈسىدە كىشىلىك خاراكتېر، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم مىجەز نېمە؟  كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتى (self-esteem) بالىلاردا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مىجەز، دەپ قارايدۇ.  ئەمما 2003-يىلى ئامېرىكىنىڭ «پىسخولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى» ژورنىلىغا بېسىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتى كىشىلەرنى ياخشى تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ، ئەمما بۇ دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىشلارنىمۇ ياخشى قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  ئاشۇ ماقالىدە بايان قىلىنغان بىر ئىلمىي تەتقىقاتتا، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى كۈچەيتىدىغان ھەر خىل لېكسىيىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلمىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ناچارراق چىققان.

    ئاشۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بالىلاردا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم كىشىلىك خاراكتېرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ «ئۆزىنى كونتروللاش» ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

    بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئۆز-ئۆزىنى ياخشى كونترول قىلىدىغان كىشىلەر ئوقۇش، كەسىپ ۋە تۇرمۇشلۇق بولۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدۇ.  «نيۇ يورك دەۋر گېزىتى» گە 2012-يىلى بېسىلغان بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىنى ئالدىن پەرەز قىلىشتا، ئۇنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىنى كونتروللاش ئىقتىدارى بىر ھەسسە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.  

    ئۆزىنى كونتروللايدىغان بالىلار تاشقىي بۇيرۇق ياكى تاشقىي تەھدىت يوق ئەھۋالدىمۇ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرىدۇ.  ئۇلار تاپشۇرۇق ئىشلەش، چالغۇ-ئەسۋابلارنى مەشىق قىلىش، ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا ئەدەپلىك بولۇش جەھەتلەردە بىرەر ئادەم كۆزىتىپ تۇرمىسىمۇ ئۆزلىگىدىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئۆگەنگەن بولىدۇ.   

selfcontrol2.jpg.thumb

رەسىم: ئۆزىنى كونتروللاش ئۇسۇلى: (1) قىلىۋاتقان ئىشىدىن توختاپ، بىر چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېتىپ، بىردىن 5 كىچە ساناپ، ئاند ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىش.  (2) ئۆزى ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان تاللاشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش.  (3) ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا ئەڭ ياخشى تاللاش بويىچە ئىش باشلاش. 

ئۇنداقتا بالىلاردا «ئۆزىنى كونتروللاش مىجەزىنى قانداق يېتىلدۈرىمىز؟  بىز ھەرگىزمۇ بالىلارغا بۇنداق مىجەزنى ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى مەجبۇرى قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېتىلدۈرمەيمىز.  ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرىدە پىسخولوگىيە دوختۇرلۇقى قىلىدىغان، ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىگە بېرىپ، بالا تەربىيىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ نام چىقارغان دوكتور سارا تېچمەن (Sara Teichman) بالىلاردا ئۆزىنى كونتروللاش مىجەزىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسۇللىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

1)مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەكىتلەش.  بالىلاردا ئويۇن قوغلىشىدىغان، ئابروي قوغلىشىدىغان، ۋە داۋاملىق باشقىلارنى يېڭىۋېلىشنى ئىستەيدىغان مىجەزلەرنىڭ يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ھەممە ئىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇش مىجەزىنى يېتىلدۈرۈش.  بۇنداق مىجەزنى ھەر قېتىم بالا بىرەر ئىشتا مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلغاندا ئۇنى بىر ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بالىڭىز بىر كۈنى تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ تۈگىتىشتە مەسئۇلىيەتچان بولغان بولسا، ئۇنى شۇ كۈنى ئادەتتىكىدىن سەل كەچرەك ئۇخلاشقا يول قويۇش ئارقىلىق تارتۇقلىسىڭىز بولىدۇ.

2) بالىنى ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.  مەسىلەن، بالىڭىزنى ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئۇزۇن-مۇددەت ئاكتىپ ھالدا تىرىشمىسا بولمايدىغان بىرەر سازنى ئۆگىنىشكە ياكى بىرەر توپ كوماندىسىغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.

3) بالىڭىز ئۈچۈن بىر ئۇزۇن-مۇددەتلىك نىشان تىكلەپ بېرىش.  مەسىلەن، بالىڭىزنى بىر قانچە ئاي پۇل يىغىپ، ئاندىن يىغقان پۇلغا بىر ۋېلىسپىت سېتىۋېلىشقا ماقۇل قىلىش ئۇنىڭدا ئۆزىنى كونتروللاش مىجەزىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى.

4) بالىغا چوڭ ئەمما يەتكىلى بولىدىغان ئۈمىدلەرنى دەپ تۇرۇش، ھەمدە بالا ئاشۇ ئارزۇلارغا يېتىش يولىدا كۆرسەتكەن ھەممە تىرىشچانلىقلارنى ماختاپ تۇرۇش.  مەسىلەن، بالىڭىزنىڭ ئۆزى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىر دەرستىكى نەتىجىسى ئوتتۇرھاللىقتىن ياخشىلىققا ئۆزگەرسە، ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى ماختاش.

دوكتور تېچمەن يەنە مۇنداق دەيدۇ: گەرچە ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلىش بىر خىل نادانلىق بولسىمۇ، بىز بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياخشى كىشىلىك خاراكتېرلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزلىرى توغرىسىدا ياخشى تۇيغۇغا ئېرىشىدىغان بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.  يالغۇز ئۆزى ھەققىدە ياخشى تۇيغۇغا ئىگە بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ.  بالا يەنە ياخشى ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك.  ئاقىلانە ئىش قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا ئۇلارنى چوڭلار قاتارىغا قوشۇلغاندىن كېيىنكى ھاياتقا تەييارلايدۇ، ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنى كونتروللاشنى ئۆگىتىپ، بالىنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top