ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » 13-ئەسىردە ئامىرىكىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار

13-ئەسىردە ئامىرىكىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار

ئىدخىل. گ. سېتىۋارد (كانادا)

چىڭگىزخان رەھبەرلىكىدىكى مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتورا ئاسىيانى كونترول قىلىۋالغان قىتان خانلىقىغا شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇتۇش نەتىجىسىدە،  تارىم ۋادىسىدىكى قىتان خانلىقىنى قوللىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئەسكەرلەرنى باشلاپ تاڭغۇت خانلىقى(غەربى شىيا) غا پاناھ ئىزدەپ بارىدۇ. بۇ ۋەقە 1218-يىلى يۇز بەرگەن. تاڭغۇت خانلىقى مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كىيىن، بىر قىسىم تاڭغۇت-تىبەت ئەمەلدارلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 1233-يىلى شەرقتىكى ئالتۇن خانلىقى(جورجىتلار) غا قىچىپ بارغان. ئەمما مۇڭغۇللار ئۇزۇن ئۆتمەي ئالتۇن خانلىقىنىمۇ مۇنقەرز قىلىدۇ. تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار (ۋە تاڭغۇت-تىبەت مۇساپىرلىرى) جەنۇپقا ھازىرقى لياۋدوڭ يىرىم ئارىلىغا قىچىشقا مەجبۇر بولغان. مۇڭغۇللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقۇپ كەتكەن بۇ مۇساپىرلار پۇختا تەييارلىق كۆرگەندىن كىيىن كېمە ئارقىلىق ئۇزۇنغا سوزولغان دىڭىز سەپىرىنى باشلىغان. ئۇلار بوخەي دىڭىزىدىن چىقىپ خۇاڭخەي دىڭىزى ۋە  ياپون دىڭىزىدىن كىسىپ ئۇتۇپ ئوخوتىسكى دىڭىزىغا كىرگەن، ئاندىن كامچاتكا يىرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ شەرققە قاراپ مىڭىپ بىرىڭ دىڭىزى، ئالىوتىسىيان تاقىم ئاراللىرى، ئالياسكا قولتۇقى ئارقىلىق ئاخىرىدا شىمالىي ئامىرىكا قىتئەسىدە قورۇقلۇققا چىققان.
كانادانىڭ شىمالى رايونلىرىدا ھاۋا بىرقەدەر سوغاق بولغاچقا، تاڭغۇت-تىبەتلەر شۇ يەرگە ماكانلاشقان بولسىمۇ، ئەمما تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىڭ كىلىماتىغا ماسلىشالماي داۋاملىق جەنوپقا قاراپ كۆچكەن، ئاخىرىدا ئۇلار ھازىرقى ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كالفورنىيە، ئارىزونا، يىڭى مىكسىكا شىتاتلىرىغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەرنىڭ قۇرغاق ھەم ئىسسىق ھاۋا-كىلىماتى تارىم ئويمانلىقىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتى. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۇرگەن.
بۇ كۆچمەنلەر تاكى 18-19-ئەسىرلەرگىچە ئامىرىكىدىكى يەرلىك ھىندىئانلاردىن پەرقلەندۇرۇلمىگەن. ئەمما كىيىنچە ئانتروپولوگىيە، تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئىنتىك تەۋەلىكى باشقا ھىندىئانلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقى بايقىلىشقا باشلىغان. ئالياسكىدىن مىكسىكىغا قەدەر تارالغان بۇ قەۋىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائى تەسىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ئىتىقاتى، توي، دەپنە قاتارلىق ئادەتلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن  كۆپ خىل تەركىبنىڭ ئارلاشقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىسىنى ”بالىق“ دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىدا  قەدىمقى ئۇيغۇرچە (تۇركچە) تەركىبتىن سىرىت يەنە تىبەتچە، خەنزوچە، توخارچە، سوغدىچە ۋە يەرلىك ھىندىئانچە  سۆزلۇكلەرمۇ ئارلاشقان. ھەر بىر قەبىلىدىكى ياشانغان ئاقساقاللار ئۆز قەبىلىسىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋە ئامىرىكىغا كىلىپ قىلىش جەريانىنى پىششىق بىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۆگىتىدۇ. يىقىنقى زامانلاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلىرىگە مەكتەپ ۋە چىركاۋلار سىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردىن كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى، پوپ ۋە باشقا كەسىپتىكى خادىملار يىتىشىپ چىققان. ئۇلار تاشقى قىياپەت جەھەتتىن گەرچە يەرلىك ھىندىئانلاردىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما كىيىم-كىچەكلىرى ھازىرقى ئامىرىكا جەمىئىيىتى بىلەن ماسلىشىپ بولغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسىملىرىدىن باشقا يەنە ياۋروپاچە ئىسىملارنىمۇ تەڭ قوللىنىدۇ.
ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقلەر ”ئاپاسكان“ قوۋمى ياكى ”نادەنە“ لەر دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ”ئاپاتسىلتىلىجى“ (تۇركچە ۋە تىبەتچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، سۇ بۇيىدىكى جەڭچى تۇركلەر  دىگەن مەنىدە) ، جىكارىللو ( تۇركچە، تىبەتچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، مەنىسى تاغلىق جىكلار – چىكلار ؟- دىگەن مەنىدە)، ئاپاچى ( تۇركچە، تىبەتچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، جەڭچى دىگەن مەنىدە)، ئاپاچى تاگو (تاگولۇق جەڭچىلەر دىگەن مەنىدە، ”تاگو“ خوتەن بىلەن چەرچەن ئارلىقىدىكى چوڭ بازار بولۇپ، بۇلار تىبەتچە مەنبەلەردە ”خور“ دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلاردۇر.) ، نىكولا (جەنۇبى كولۇمبىيىدىكى بۇ قەبىلە ئۆز ئەجدادىنى ”نىچاڭ“ دىن كەلگەن دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ بەلكىم قەدىمقى نوپچان- لوپنۇر- رايونىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن) ، لىپەن (قەدىمقى تىبەتلەر خوتەننى ”لى ئىلى“ دەپ ئاتىغان، پەن قەدىمقى خوتەن رايونىدىكى پەنرونا شەھرىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىش)، ناككۇلى(قەدىمقى توخارچە رايونلۇقلار دىگەن مەنىدە) ، جەدكو ( تىبەتچە ئاتامان دىگەن مەنىدە)، سى چىنى ، تولوۋار، خۇپا، مىسكالىرو، كىنكىيە (يوقارقى  قەبىلە ناملىرىمۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى  قەدىمقى يەر جاي ناملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن)  قاتارلىق قەبىلىلىرى بار.
ئامىرىكىدىكى بۇ قەۋم توغرىسىدىكى تەتقىقات ئامىرىكا، كانادا، تۇركىيە ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا خىلى چوڭ تەسىر قوزغىغان.

مەزكۇر تىمىدىكى مەزمۇنلار كانادالىق تەتقىقاتچى ئىتىل. گ. سېتىۋارتنىڭ (Ethel G.Stewart) تەتقىقات ماقالىسى-ئەسلى ئەسەرنىڭ نامى ”Dene and Nadine redskiner“ (دەنە ۋە نادىنە قىزىل تەنلىكلەر) – دىن قىسقارتىپ ئىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش