You Are Here: Home » ئومۇمى » ۋەھيىنىڭ باشلىنىشى

ۋەھيىنىڭ باشلىنىشى

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
ۋەھيىنىڭ باشلىنىشى رامىزان ئېيىنىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنلەردە پەيغەمبىرىمىز ھىرا تېغىنىڭ غارىدا ئىبادەت قىلىۋاتاتتى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ، پەيغەمبىرىمىزگە قاراپ، «ئوقۇ» دېدى. پەيغەمبىرىمىز: «مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېگەندە، پەيغەمبىرىمىزنى قۇچاقلاپ ئالدى. سىقىپ تۇرۇپ يەنە: «ئوقۇ» دېگەن سۆزنى تەكرارلىدى. ئۈچىنچى قېتىم پەيغەمبىرىمىزنى قاتتىق بىر سىقىپ قويۇپ بەرگەندە «ئىقرە» سۈرىسىنىڭ بېشىدىن بەش ئايەتنى ئۆگەتتى. ئوندىن كېيىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىز بىلەن تاغدىن چۈشۈپ بىر تۈز جايغا كەلگەندە ئايىغىنى يەرگە ئۇردى ـ دە، دەرھال شۇ جايدىن بىر بۇلاق پەيدا بولدى. تەرەت ئېلىشنى ئۆگەتكەندىن كېيىن نامار ئوقۇش تەرتىپلىرىنى تەلىم بېرىپ جىبرىل ئەلەيھىسسالام كۆزدىن غايىپ بولدى.
مانا بىرىنچى ۋەھيى كېلىش تەرتىپى شۇ ئىدى. شۇ كۈندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىك دەۋرى باشلىنىپ بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپە پەيغەمبىرىمىز ئۈستىگە يۈكلەندى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ئەمرلەرنى بەندىلەر گە يەتكۈزۈپ ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى ئۆگىتىشكە كىرىشتى.
يەنە بىلىش كېرەككى: ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن بارچە ئالەمنى يوقتىن بار قىلدى. ئالەم ئىچىدە ئەقىل يەتكەن – يەتمىگەن، كۆز كۆرگەن – كۆرمىگەن، تۈرلۈك مەخلوقاتلارنى خەلق ئەتتى. ئۇلار ئىچىدە ئەڭ ئەلاسى بولغان ئادەم پەرزەنتىنى ياراتتى ۋە ئۇنى يەر يۈزىگە ئىگە قېلىپ ئۇنىڭغا خەلىپىلىك دەرىجىسىنى بەردى ۋە ھەم ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەقىل، پىكىر بېرىپ، ھەق دىننى تونۇتۇپ، توغرا يولدىن يۈرۈشكە بۇيرۇدى. بۇلارغا رەھبەرلىك قېلىش ئۈچۈن 124 مىڭ پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن خەلق ئالدىدا ھۆججەت، دەلىل بولسۇن دەپ ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى بەردى. يەنە بىزلەرنىڭ كۆزلىرىمىزگە كۆرۈنمەيدىغان، باشقا سىزىش قۇۋۋەتلىرىمىز بىلەن ھەم بىلمەيدىغان بىر تۈرلۈك مەخلوقلارنى ياراتتىكى، ئۇلار پەرىشتىلەر ۋە جىنلەردۇر. يەر يۈزىنى ئىنسانلار، ھايۋانلارغا جاي قىلغاندەك، ئاسمانلارنى پەرىشتىلەرگە، ھاۋانى يەر، سۇلارنى جىن تائىپىلەرگە ماكان قىلدى.
مانا شۇ پەرىشتىلەر ئىچىدە تۆت نەپەر ئۇلۇغ پەرىشتىلەرگە پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىدىن بەردى. ئۇلار ─ جىبرىل، مىكائىل، ئىسراپىل ۋە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامدۇر.
بارلىق مەخلۇقلارغا رىزىق تەييارلاش ئىشى مىكائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ھەر بىر بەندىنىڭ يەيدىغان بىر پارچە نېنى ئاتمىش قولدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئاغرىغا كىرىدۇ. بىرىنچىسى مىكائىل ئەڭ ئاخىرقىسى ناۋاي، دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىتى شۇدۇر. بەندە ئۆز رىزقىنى تېپىشتا ئۆزى بىلگەن، قولىدىن كەلگەن، ئەمما سەۋەبلىرىنى قالدۇرماي قېلىشقا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بۇيرۇلغاندۇر. ئەمما بەندىنىڭ كۆزى كۆرەلمەيدىغان بىر قانچە سەۋەبلىرى باركى، ئۇلارنى ئىشلەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىش پەرىشتىلەرگە تاپشۇرۇلغاندۇر. بۇنداق بولغىنىچە بەندە قولىدىن كەلگىنىچە ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى قالدۇرماستىن قېلىپ، قالغىنىنى بولسا ئاللاھقا تاپشۇرماق لازىمدۇر. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتكەن ھەقىقىي يولى شۇدۇر.
ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام بولسا، قىيامەت قايىم بولۇشتا سۈر چېلىش ۋە ھەم روھلانى تەربىيەت قېلىش، ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام جان ئېلىش، جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئەمرىلىرىنى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزۈش، ۋەھيى كەلتۈرۈش، ئىلاھىي ئايەتلەرنى يەر يۈزىدە ئىجرا قېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
بۇندىن باشقا ھەم تورلۈك خىزمەتلەردە ئاللاھ ئەمرىگە قاراشلىقتۇر. ئەمدى ھەر بىر مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىنىڭ بولۇشىغا، ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىلمەكلىككە ئىشەنمەك قانداق پەرز بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا شۇنداق ئىشەنمەك پەرزدۇر. چۈنكى بارچە پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان ۋەھيىلەر شۇ پەرىشتىلەردىن ئۇلۇغ جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەرلەردىن ئۆزگە ئىنسانلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشلىرى مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەمما پەيغەمبەرلەر بولسا، ۋەھيى كەلگەندە ئىنسانى سۈپەتلىرىدىن پەرىشتىلىك سۈپەتلىرىگە ئۆتۈپ تۇرۇپ ۋەھيى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسلى يارىتىلىشلىرىدا پەرىشتىلىك روھى سۈپەتلىرى غالىپتۇر.
پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىك دەۋرى 23 يىلدا 24 مىڭ قېتىم كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى خىلقەتلىرىنى ئىككى قېتىم كۆرگەن ئىدى. باشقا پەيغەمبەرلەرگە بۇ مىقداردا كۆرۈش مۇيەسسەر بۇلالمىغان ئىدى.
جىبرىل ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە چىرايلىق ئادەم سۈپىتىدە بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئۈستاز شاگىرتىنى ئوقۇتقاندەك ۋەھيى كەلتۈرگەن قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتتى. ۋەھيى تارقاپ، جىبرىل ئەلەيھىسسالام غايىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭۈللىرىدە ياد قالغان ئايەتلىرىنى بىر ھەرپ قالدۇرماستىن ساھابىلەرگە ئۆگىتىپ ھەم يازدۇرۇپ تۇراتتى. ئەمما پەيغەمبىرىمىز جىبرىل ئەلەيھىسسالامدىن ۋەھيى ئېلىش چاغلىرىدا ئۆزىدە بىر ئۆزگىرىش پەيدا بولاتتى. چۈنكى روھانىي پەرىشتە بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئىنسانى ۋە جىسمانىي سۈپەتلەردىن يىراقلىشىپ تۇرۇپ ۋەھيى ئېلىش لازىم كېلەتتى. مانا شۇ ھالدا ھازىر تۇرغان كىشىلەر كۆزلىرىدە پەيغەمبىرىمىزدە بىر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرەتتى. شۇنداقكى ۋەھيى چۈشكەن چاغدا ھەرقانچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ مۇبارەك يۈزلىرى، پىشانىلىرىدىن تەر ئېقىپ كېتەتتى. ئەگەر تۆگە مىنگەن چاغلىرىدا ۋەھيى چۈشسە ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمەي تۆگە دەرھال چۆكۈلۇناتتى.
تۈركى تىلىدىن ساۋاتى بار ياكى چالا ئالىم كىشىلەرگە مۆلچەرلەپ يازغان بۇ كىتابىمىزدا مۇندىن ئوشۇقراق يېزىشنى مۇناسىپ كۆرمىدۇق. كاتتا ئادەملەر بولسا بۇ ھەقتە يېزىلغان ئەرەبچە، پارسچە كىتابلارنى كۆرسە بولىدۇ. ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىگە ئەڭ بولمىسا شۇنچىلىك چۈشىنىپ قويۇش لازىمدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top