سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىسلام ئالەمىدە قۇرۇلغان بىرىنچى مەسجىد

ئىسلام ئالەمىدە قۇرۇلغان بىرىنچى مەسجىد

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار

ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
ئىسلام ئالەمىدە قۇرۇلغان بىرىنچى مەسجىد
پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ كۈندىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە مەسجىدىدە قۇرۇلغان مۇنبەر شەرىپ ئورنىغا تۆگىلىرى چۆككەن ئىدى. بۇ جاي ئەبۇ ئەييوپ ئەنسارىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بولۇپ، شۇ مەھەللە خەلقى بۇ جاينى خورما قۇرۇتۇش ئۈچۈن خامان قېلىپ ياسىغان ئىدى. ئەسلىدە بۇ جاي ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئاتىسىدىن قالغان مىراس مۈلكى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز بۇ يەرنى سېتىپ ئالماقچى بولۇپ، ئۇلارنى چاقىردى. ئاندىن ئۇ يېتىم بالىلار:
― يا رەسۇلۇللاھ بۇنى بىز ساتماقچى ئەمەسمىز، مەسجىد ئۈچۈن سىزگە ھەدىيە قېلىپ، بۇ جاينى تۇتتۇق ـ دېدى. پەيغەمبىرىمىز بۇ سۆزنى قوبۇل قىلمىدى. بەلكى بۇ جاينىڭ يېتەرلىك باھاسىنى بېرىپ، سىتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەسجىد بىناسى قۇرۇلۇشى باشلاندى. ئۇزۇنلۇقى 68 گەز، (بىر گەز يەتمىش ئىككى سانتىمېتىر) ئىنى 54 گەز ئىدى. بۇ يەردىن چەترەك بىر جايدا قۇدۇق ئالدىدا، خىش كېسەك قۇيدى. ساھابىلەر شۇ جايدىن خىش كېسەكلەر توشۇپ ئەكىلەشەتتى، رەسۇلۇللاھمۇ شۇلار قاتارىدا ئىشلىدى. ئىشنىڭ قىزغىن چىغىدا كىشىلەرنى تەشۋىق قېلىش ئۈچۈن مۇنۇ شېئىرنى ئوقىغانلىقى ھەدىس كىتابلىردا بايان قىلىنىدۇ:
«ئاخىرەت ياخشىلىقىدىن ئۆزگە يوقتۇر ياخشىلىق. ئەي ئاللاھ، ئەنسار ۋە مۇھاجىرلارغا ئۆزۈڭ رەھمەت ئەيلىگىن.»
بۇ مەسجىدى شەرىفنىڭ تۈۋرۈكلىرى خورما دەرىخىدىن ياسىلىپ، ئۈگزىسىگىچە خورمىنىڭ شاخ – شۇمبىلىرى بىلەن چۈڭكەلگەن ئىدى. تام ئىگىزلىكىنى ئادەم بۇيىغىچە ئېگىز قېلىپ كۆتۈردى. قىبلىسى شىمالى تەرەپكە بولۇپ، مۇنبىرى يوق ئىدى. كېيىنرەك جامائەت قول – قولچە ئۈچ زىنالىق مۈنبەر ياساپ ئورونلاشتۇردى. ئەمما رەسۇلۇللاھ زامانىسىدا تۆت يارنىڭ (تۆت چاريارنىڭ) دەۋرلىرىدىكى مەسجىدلىرىدە مېھراب يوق ئىدى. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئۇمەۋىيە خەلىپىسى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك تەرىپىدىن مەدىنىگە ۋالى بولۇپ كەلدى. مانا شۇ چاغدا مەسجىدلەرگە مېھراب قېلىش ئادىتى باشلاندى. مۇبارەك مەسجىد ئىچىگە ھېچ قانداق زىبۇ زىننەت قىلىنمىغان ئىدى. ھەر تۈرلۈك بىساتلاردىن جەيناماز سېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن خورما يوپورمىقىدىن توقولغان بورىمۇ يوق ئىدى. يامغۇر يىغىن كۈنلىرىدە لاي بولمىسۇن دەپ جەيناماز ئورنىغا ئۇششاق تاش، قۇم توشۇپ كېلەتتى. يەنە شۇ مەسجىدكە تۇتاشتۇرۇپ ئىككى ئۆي سېلىندى. بىرسى سەۋدە ئانىمىزنىڭ ئۆيى، ئىككىنچىسى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۆيى ئىدى. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى فەرز قىلدى. بۇنىڭ ھېكمىتى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بەندىلەرگە ئەسكەرتىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز:
― «ناماز – مۆمىنلەرنىڭ مىراجىدۇر»، – دېگەن ئىدى. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، مۆمىن بەندە ھەركۈنى ئاللاھ ھۇزۇرىغا بەش ۋاخ كېلىپ ئۆزىنىڭ مۆمىنلىك ئەھدىدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلۇغ قۇدرەتلىك ئاللاھنى كۆڭلىدىن چىقارماي ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورونلاپ، بالا – قازادىن ئۆزىنى ساقلايدۇ. ناماز ئوقۇشتىن ئەسلى مەقسەت ـــــ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا «مېنى ياد قېلىش ئۈچۈن ناماز ئوقوڭ» ـــ دەيدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىپ ئوقۇمىغان ناماز، ـ ھەقىقەتتە ناماز ھېسابلانمايدۇ. ھەقىقىي ناماز ئوقۇشتىن ئۈلگە ئالغان مۆمىنلەر ئەلۋەتتە، بۇزۇق يوللاردىن يىراق، گۇناھ ئىشلاردىن چەترەكتۇر.
چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا « ئىنناس سالات تەنھو ئەنىل فەھشاھى ۋەل مۇنكەر» دېدى.
ئاللاھنى يات قىلماق ھەممە نەرسىلەردىن ئۇلۇغدۇر، بۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇكى، ناماز ئوقۇغان مۆمىننىڭ كۆڭلىنى ئۆز نۇرى يوروتقاي، باشقا گۇناھ ئىشلارنى كۆڭلىگە سىغدۇرمىغاي، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئېيتىدۇركى: ـــ «ئەگەر ناماز ئوقۇپ يۈرگەن كىشى گۇناھ ئىشلىرىدىن قايتمىسا، ئېنىق بىلسۇنكى، ئاللاھ ئالدىدا ئۇنىڭ نامىزى مەردۇدتۇر»، يەنەرەسۇلۇللاھ پەرز نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا قاتتىق بۇيرۇدى. چۈنكى بۇ باھانا بىلەن مۆمىنلەر ھەر كۈنى بەش قېتىم بىر – بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىشىدۇ. دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە كىڭىشىپ، قېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بېجىرىدۇ، كۈنسىرى كۆرۈشۈپ تۇرسا مېھرى كۆزدىن يىراق بولمايدۇ، بىر – بىرىگە بولغان ئۈلپەت ۋە مۇھەببەتلىرى ئاشىدۇ. ئۇممەتلىرىگە جامائەت نامىزىنى تەيىنلەپ شۇنداق دېدى: «جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابىدىن 27 ھەسسە ئارتۇقدۇر.»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش