You Are Here: Home » ئومۇمى » ئەسىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە

ئەسىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
ئەسىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە
ئەسىرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قېلىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆز بولۇشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ساھابىلەرنىڭ مەسلىھەتىگە سالدى. ھەزرىتى ئۆمەر دېدىكى:
― يا رەسۇلۇللاھ، بۇلار سىزنى ئىنكار قېلىپ، سىزگە ۋە سىزگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە قىلمىغان يامانلىقلىرى قالمىدى. ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئادەم باشلاپ كېلىپ، بىزگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئەمدى مېنىڭ مەسلىھەتىم شۇكى: بۇلارنى قەتلە قىلايلى. بىرىنىمۇ قويماي ئۆلتۈرەيلى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىم بولسىمۇ، بۇيرۇق بېرىڭ، ئۇلارنى مەن ئۆلتۈرەي. ھەمزىنىڭ يېقىنلىرىنى ھەمزىگە، ئەلىنىڭ يېقىنلىرىنى ئەلىگە، تاپشۇرۇڭ ئۆلتۈرسۇن. باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلايلى. بۇلار كۇفر باشلىقلىرى، بۇزۇقلارنىڭ بۇزىقى، بۇلارنى تىرىك قويماسلىقىمىز لازىم. ئەگەر بۇلارنى تىرىك قويساق كېيىن بۇلار بېشىمىزغا بالا بولىدۇ. ــ دېدى.
ئەنسار ساھابىلەردىن سەئد ئىبنى مۇئاز، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە قاتارلىقلارمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلدى. ئاندىن ئەبۇ بەكرى سىددىق:
― يا رەسۇلۇللاھ، بۇ ئەسىرلەر بولسا ئۆز ئۇرۇغ ـ ئايماقلىرىمىزدىن. ئاللاھ تائالا سىزگە زەپەر بەردى. بىز ئۇلارنى يېڭىپ، ئەسىر ئالدۇق، ئەمدى، بۇلارنى ئۆلتۈرگىنىمىزدىن تىرىك قالدۇرغىنىمىز ياخشىراقتۇر. جان بېشىغا مال پىچىپ بۇلاردىن فىدىيە ئالايلى. بۇنداق قېلىش كەلگۈسى ئۈچۈن بىزگە كۈچ – قۇۋۋەت بۇلغۇسى. بەلكى ئەسىرلەر ئۆلۈمدىن قالسا، كېيىنچە ئەجەب ئەمەس، كۆڭۈللىرى يورۇپ ھىدايەت تېپىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇ چاغدا سىزگە كۈچلۈك ياردەمجى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ـ دېدى. شۇنداق بولۇپ، بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل پىكىر ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى:
ـ ئاللاھ تائالا بىراۋنىڭ كۆڭلىنى يۇمشاق يارىتىدۇ. ئۇنداق كىشىنىڭ كۆڭلى سۈتتىن ئاق، قايماقتىن يۇمشاق بولىدۇ. يەنە بىراۋنىڭ كۆڭلىنى تاشتىنمۇ قاتتىق يارىتىدۇ. ئەي ئەبۇ بەكرى سەن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئىبراھىم خەلىلۇللاھتەك كۆڭلۈڭ يۇمشاق ئىكەن. ئۇ ئېيتقان ئىدىكى:
«ھەر كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇ كىشى مەندىن بولىدۇ، ئەگەر ماڭا بويۇن سۇنماستىن، قارشىلىق قىلسا، ئۇ چاغدا غافۇرسەن، رەھىمدۇرسەن» دېگەن ئىدى. يەنى ئۇنىڭغا غەزەپ قىلماستىن، گۇناھلىرىنى يېپىپ، يەنە رەھمەت قىلىدىغان بولساڭ، ئەركلىكتۇر، ـ دېمەكتۇر.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئېيتقان سۆزلىرىگە قارىغاندا ئۇ زاتنىڭ كۆڭلىنىڭ يومشاقلىقى، رەھىمدىللىكى مەلۇمدۇر. چۈنكى ئۆزىگە ئىمان كەلتۈرمەي، قارشىلىق قىلغان كىشىلەرگىمۇ، يامانلىقنى راۋا كۆرمىگەن ئىدى. بەلكى قىلمىشلىرىنى كەچۈرۈشىنى ئاللاھتىن سورىغان ئىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئۆمەرگە قاراپ: ـــ «ئەي ئۆمەر، سېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزۈڭ نۇھ پەيغەمبەر ئېيتقان سۆزگە ئوخشاپراق تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ كىشى شۇنداق دېگەنكى: «ئەي رەببىم. يەر يۈزىدىكى كاپىرلارنى ھېچ قويماي ھالاك قىل.»
بۇسۆزدىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. مەسلىھەت بەرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھېچ بىرىنىڭ سۆزىنى رەت قىلمىدى. ھەر ئىككى پىكىرنى توغرا تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ پىكرىگە كۆڭلى مايىلراق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەرگە قاراپ: ـــ «سىلەردە نامراتلىق، كەمبەغەللىك بار، ھەر كىم ئۆز ئەسىرىنى ياخشى ساقلىسۇن. ئۇلاردىن فىدىيە مال ئېلىپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمىز» ـ دېدى. بۇ سۆز قۇرەيشكە ئاڭلاندى. ئۇلار ئېيتتىكى: «بىز بۇ ئىشقا ئالدىراپ كىرىشمەيلى، ئەگەر ئەسىرلەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، فىدىيە ماللارنى ئالدىراپ بېرىپ قويساق، مۇھەممەد بۇنىڭدىن غالجىرلىشىپ، بىزدىن ئارتوقچە مال سورايدۇ ئۆلۈمنىڭ ئۈستىگە مال بېرىپ، تۆلەم تۈلىمەك بىز ئۈچۈن ئېغىر تۇيۇلىدۇ.» شۇ گەپ بىلەن بۇ ئىشنى كىچىكتۈرمەكچى بولدى. شۇنداق بولسىمۇ، مۇشرىكلاردىن مۇتتەلىپ دېگەن كىشى بۇ سۆزگە قۇلاق سالماي، يوشۇرۇنچە مەدىنىگە كەلدى. بۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ ۋىداھ ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن ئىدى. تۆت مىڭ تەڭگە تۆلەم تۆلەپ ئاتىسىنى ئېلىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ قۇرەيش خەلقى ئەسىرلەر ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن فىدىيە ماللىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىدى. تۆت مىڭ تەڭگىدىن مىڭ تەڭگىگىچە تۆلەم تۆلەپ ئىگىلىرىنى ئېلىپ كېتىشتى. بۇنى تۆلەشكە كۈچى يەتمىگەن كىشى، ئەگەر ئوقۇشنى، يېزىشنى ياخشى بىلسە، مەدىنە بالىلىرىدىن ئون بالىغا ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگىتىش شەرتى بىلەن ئازاد قىلىندى. يەنە ئەسىرلەردىن ئەبۇ سوفيان ئوغلى ئەمر، ئاتىسى ئەبۇ سوفياندىن فىدىيە ماللىرىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاتىسى مال ئەۋەتىشكە رازى بولماي، «مۇھەممەدنى بالامغا ۋە مېلىمغا نېمە ئۈچۈن ئىگە قىلىدىكەنمەن، قويوڭلار، بالامنى تىلىگىنىچە ئۆزى ساقلىسۇن» ـ دەپ فىدىيە مېلىنى ئەۋەتمىدى.
شۇ ئارىدا سەئ ئىبنى نۇئمان دېگەن ساھابە «ئۆمرە» ئىبادىتىنى قېلىش ئۈچۈن مەككىگە بارىدۇ. ئەبۇ سوفيان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى تۇتىۋالىدۇ. «ئوغلوم ئەمرنى مۇھەممەد ئازات قىلسا مەنمۇ بۇ ئادەمنى ئازاد قىلىمەن» دەپ قاماققا ئالىدۇ. بۇ ۋەقە مەدىنىگە ئاڭلانغاندىن كېيىن، سەئدنىڭ قەۋمۇ قېرىنداشلىرى بولغان ۋەقەنى بايان قىلدۇ ھەمدە شۇ سەۋەب بىلەن ئەبۇ سوفياننىڭ بالىسى ئەمر مەككىگە قويۇپ بېرىلىدۇ ھەمدە سەئدمۇ تىنچ – ئامان مەدىنىگە كېلىدۇ. يەنە ئەسىر چۈشكەن كىشىلەردىن بىرسى كۈيەسى ئەبۇل ئاس ئىبنى رەبىئ ئىدى. پەيغەمبىرىمىز مەككىدە تۇرغان چىغىدا قىزى زەينەپنى شۇ كىشىگە بەرگەن ئىدى. بۇندىن باشقا ئىككى قىزى تاغىسى ئەبۇلەھەپنىڭ ئوغلىدا ئىدى. پەيغەمبىرىمىزگە قىلغان دۈشمەنلىكى ئارقىلىق بۇلارنى ئاجرىتىپ ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنى كۆرگەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى زەينەپنى تالاق قېلىشنى ئەبۇل ئاسقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەبۇل ئاس: «ئاللاھ نامى بىلەت قەسەم قىلىمەن. رەپىقەم زەينەپتىن ھەرگىز ئايرىلالمايمەن، قۇرەيش خوتۇن – قىزلىرىدىن ھېچ بىرىنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلمايمەن» دەپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. زەينەپ ئەبۇل ئاسقا فىدىيە ماللىرىنى ئەۋەتەي دېسىمۇ ئۇنىڭ ئەۋەتكىدەك ھېچ نەرسىسى يوق ئىدى. ناچار بولسىمۇ بوينىغا ئاسىدىغان مۇنچاقلىرىنى فىدىيە مېلى قېلىپ مەدىنىگە ئەۋەتتى. بۇ نەرسىنى ئانىسى ھەزرىتى خەدىچە، قىزى كېلىن بولۇپ چۈشكەن كېچىدە بوينىغا تاقىغان ئىدى. فىدىيە مېلى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن، قىزىنىڭ بوينىغا ئاسقان مۇنچاقلىرىنى كۆرۈپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىچى ئاغرىشقا باشلىدى. ئاندىن ساھابىلەرگە ئېيتىپ:
ئەگەر رازى بولساڭلار، زەينەينىڭ بوينىغا ئاسىدىغان مۇنچاقلىرىنى قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنى بۇشاتساڭلار، ـ دېدى.
ھەممەيلەن رازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەبۇل ئاستىن فىدىيە مېلى ئالماي، مەككىگە قايتۇرىۋەتتى. لېكىن رەسۇلۇللاھ، قىزى زەينەپنى مەدىنىگە كەلتۈرۈشنى شەرت قېلىپ، كىشى قوشتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كەتكەن كىشى زەينەپنى ساق – سالامەت مەدىنىگە ئېلىپ كەلدى. كېيىن ھىجرەتنىڭ سەككىزىنچى يىلى مەككىنى فەتھى قېلىشتىن بۇرۇنراق ئەبۇل ئاس ئىمان كەلتۈرۈپ مەدىنىگە كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇرۇنقى نىكاھ بۇزۇلماي يەنە بىللە بولدى. يەنە ئەسىرلەردىن سۇھەيىل ئىبنى ئەمر دېگەن كىشى ئۆزى قۇرەيش رەئىسلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتاقلىق شائىر ھەم ئەرەبلەردىن چىققان چېچەنلەردىن ئىدى. بۇنىڭ تىلىدىن مۇسۇلمانلارغا كۆپ ئەزىيەت يەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرىتى ئۆمەر:
يا رەسۇلۇللاھ، رۇخسەت قىلىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۇدۇل ئىككى چىشىنى سۇغۇرۇپ ئالاي. بۇندىن كېيىن ئەرەبلەرنىڭ مەجلىسلىرىدە سىزگە قارشى شېئىر ئېيتىپ، سۆز قىلالمايدىغان بولسۇن، ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:
«ئەي ئۆمەر! ئىنساندىكى ئاللاھ بەرگەن ئەزالارنى بۇزۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ بۇ كۈنگىچە قارشى سۆز قىلغان بولسا، بىر كۈنى بۇمۇ ئىسلامغا ياردىمى بار سۆزلەرنى قېلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تاپقاي» ـ دېدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئېيتقان سۆزى ۋاپاتىدىن كېيىن دىگىنىدەك توغرى چىقتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىمان ــــ ئىسلام، ھەقىقىتىگە قايىل بولمىغان بىر نەچچە ئەرەب قەبىلىلىرى مۇرتەد بولدى. بۇ چاغدا مەككە خەلقى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ئىدى. بۇلارمۇ مۇرتەد بولۇشقا مايىل بولۇشتى. شۇ چاغدا سۇھەيىل تۇرۇپ، ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك خەلق ئىچىدە ئۈتكۈر بىر نۇتۇق سۆزلىدىكى، مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«ئەي ئادەملەر، ھەركىم مۇھەممەد ئۈچۈن ئىسلامغا كىرگەن بولسا، ھەم مۇھەممەدگە ئىبادەت قىلسا، ئېنىق بىلىڭلاركى، مۇھەممەد ۋاپات بولدى، ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلسا، ئۇ ئاللاھ تىرىكتۇر، ئۇ ھازىر ۋە نازىردۇر، دائىما كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ قۇرئاندا خەۋەر بەرگەن:
«ئەي مۇھەممەد سەنمۇ بىر كۈن ئۆلىسەن، بۇرۇنقى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن.»
يەنە ئاللاھ ئېيتىدۇ: «مۇھەممەد ئىنساندىن چىققان پەيغەمبەردۇر، بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن ئىدى. مۇھەممەدنىڭ ئەجىلى يېتىپ ئۆلسە، يا دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە، دىندىن چىقىپ، ئىلگىرىكى يولوڭلارغا قايتمايدىغانسىلەر.» بۇ ئايەتنى دەلىل كەلتۈرگەندىن كېيىن سۇھەيىل يەنە: ئاللاھ ھەققى، مەن ئېنىق بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى، بىزنىڭ بۇ ئىسلام دىنىمىز ئەمدى كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشقا ئوخشايدۇ، كۈنسېرى يۇقىرىغا ئۆرلەپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۈتۈن ئالەمنى يورۇتىدۇ. ئىمانسىز كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئالدانماڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭلار، ئاللا ھەققى، دىنى ئىسلام باشتىن ئاخىر قەد كۆتۈرپ تۇرىدۇ، ئاللاھ سۆزى ـــ قۇرئان ئەلۋەتتە كامالەتگە يېتىدۇ، بۇ دىنغا ياردەم قلغۇچىلارغا ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ، ئىچىمىزدىكى ئەڭ ياخشى كىشىمىز ئەبۇ بەكرى سىددىق، بۇ دىنىمىزغا باش بولدى، بۇندىن كېيىن ئىسلام دىنىمىز كۈندىن – كۈنگە راۋاجلىنىپ، كۈچ – قۇدرەت تاپىدۇ، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر ھەركىم دىندىن قايتىپ، مۇرتەد بولسا، ئۇنىڭغا قىلچە رەھىم قىلماي بېشىنى كېسىپ ئۆلتۈرۈمىز» ــ دەپ سۆزىنى تۆگەتتى.
ئىمان ― ئىسلام ھەقىقىتى قەلبىگە ئورونلاشقان كىشىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلى بۇزۇلۇپ، غەم – قايغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا سۇھەيىلنىڭ بۇ سۆزى دەرتگە دەرمان بولغاندەك ئۇلارنىڭ قايغۇسىنى پەسەيتىشكە سەۋەب بولدى. بۇ مۆجىزىنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، سەككىىز يىل ئىلگىرى بۇ كىشى بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىر ئېلىنغان ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ــ «يا رەسۇلۇللاھ، رۇخسەت قىلىڭ، بۇنىڭ ئۇدۇل چىشلىرىنى سۇغۇرۇپ ئالاي، ئىككىنچى ھېچ بىر جايدا سىزگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆز قىلالمايدىغان بولسۇن» ــ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: ـ «ئى ئۆمەر، بىر كۈنى بۇ كىشىمۇ ئىسلام دىنى ھەققىدە كۆپ پايدىلىق سۆزلەرنى قىلىدۇ» ـ دېگەن ئىدى. سەككىز يىلدىن كېيىن بۇ ۋەزنى سۆزلەپ رەسۇلۇللاھ دېگەن مۆجىزىنى ئىسپاتلىدى.
يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك، مۇقرىز ئىبنى ھەفس دېگەن كىشى يۇقىرىدىكى ۋەزنى سۆزلىگەن سۇھەيىل ئىبنى ئەمرگە فىدىيە مېلى بەرمەكچى بولۇپ، مەدىنىگە كەلدى. ئۇنى ئەسىر تۇتۇپ ساقلىغان كىشى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ كېلىشىم ھاسىل قىلدى. يەنى كەلگەن كىشىنى تۇتقۇن قېلىپ ئەسىر ئېلىپ سۇھەيىلنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى. ئاندىن ئۆزى بېرىپ، مەككىدىن ئېلىپ كەلگەن فىدىيە ماللىرىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىسى قويۇپ بېرىلىپ مەككىگە قايتۇرۇلدى. يەنە ۋەلىد ئىبنى ۋەلىد، بۇ كىشىمۇ ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. ئىككى قېرىندىنشى _ بىرسى، خالىد، ئىككىنچىسى، ھىشام فىدىيە ماللىرىنى ئېلىپ كېلىپ بۇلارنى قۇتقۇزدى. بۇ ئادەم مەككە شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ئىمان كەلتۈردى. ئۇنىڭغا ئېيتتىكى «فىدىيە مالنى بەرمەستىن بۇرۇن ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭ، مېلىڭ ئۆزەڭگەقالمامتى» ـ دېسە، ئۇ ئېيتتىكى: ــ مالنى قىزغىنىپ، مال ئۈچۈن ئىمان كەلتۈردى دېمىسۇن، دېدىم»، ـــــ دېدى. كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قېلىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا قېرىنداشلىر يولدىن توسۇپ قايتۇرۇۋەتتى…
يەنە باشقا ۋەھب ئىبنى ئۇمەيىر، دېگەن كىشىمۇ بەدىردە ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن ئىدى. بۇنىڭ دادىسى قۇرەيش شەيتانلىرىدىن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ مەككىدە تۇرغان چىغىدا بۇنىڭدىن كۆپ زۇلۇم، ئەزىيەت، كۈلپەت چەككەن ئىدى. بىر كۈنى قۇرەيش رەئىسلىرىدىن سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە بىلەن ئولتۇرۇپ، بەدىر ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنى ئەسلەپ يىغلىشىدۇ. شۇ چاغدا ئۇمەيىر:
ھازىر بۇينومدا بىر قانچە قەرزىم بار، بۇنى تۆلەپ، قەرزدىن قۇتۇلاي دېسەم قولومدا پۇلۇم يوق، ئەگەر ئۆزەم ئۆلۈپ كەتسەم، بالا – چاقىلىرىم يوقسۇزلۇقتىن خارو زار بولۇپ قالارمۇ دېگەن قورقونجۇم بار، ئەگەر شۇ قەرزىم بولمىغاندا مەدىنىگە بېرىپ ئاللاھ ھەققى، مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈۋىتەتتىم. ئوغلۇم ئۇلارنىڭ قولىدا ئەسىردە، شۇنى باھانە قېلىپ باراتتىم، ـ دېدى. بۇ سۆز سەفۋاننىڭ تىلەۋاتقان تىلىگى بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا بەكمۇ خوش ياقتى. ئاندىن: سەفۋان دېدىكى: ـ «ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، قەرزىڭنى مەن ئۆز بوينومغا ئالاي، بالا – چاقىلىرىڭنى ئۆز ئايالىم، بالا – چاقىلىرىم قاتارىدا كۆرۈپ باقاي»، دېدى. ئۇمەير: ـ «ئەگەر سەن شۇنداق قىلالىساڭ مەنمۇ ئۆز سۆزۈمدىن يانمايمەن» ـ دېدى.
ھەر ئىككىسى قاتتىق ۋەدە قېلىشتى. بۇ سىرنى ھېچكىمگە دېمەيدىغانغا قەسەم ئىچىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەير شۇ ئىش قەستىدە بولۇپ، قىلىچىنى تاۋلاپ، زەھەر بىلەن سۇغاردى. شۇنىڭ بىلەن يولغا چىقىپ، توغرا مۇھەممەدنىڭ يېنىغا كەلدى. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئۆمەر بىر نەچچە ساھابىلەر بىلەن بەدىر ئۇرۇشىدا ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. قارىسا قىلىچ ئاسقان بىر كىشى مەسجىد ئالدىغا كېلىپ، تۆگىسىنى تىزلاندۇردى. ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال ئۇنى تونۇپ ئېيتتىكى، «بۇ ئاللاھ دۈشمىنى ئۇمەيرگە ئوخشاۋاتىدۇ، بۇنىڭ كېلىشىدىن ياخشىلىق دېرەك بەرمەيدۇ، بىر يامانلىق نىيىتى بىلەن كەلدى» ـ دەپ دەرھال رەسۇلۇللاھقا خەۋەر بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كېلىشىنى بۇيرىدى. ھەزرىتى ئۆمەر بىر قىلىچىنى قولىدا، يەنە بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ ياقىسىنى تۇتۇپ، ئەنسارلار بىلەن ئۇنى چۆرىدەپ ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ قارىغۇدەك بولسا، ھەزرىتى ئۆمەر قىلىچىنىڭ بېغى بىلەن بۇينىدىن بوغۇپ، تۇتۇپ تۇرغىدەك. «ئەي ئۆمەر، ئۇنى قويۇپ بەر يېقىنراق كەلسۇن» ـ دېدى. ئاندىن ئالدىغىراق بېرىپ ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىچە «ئەنئىمۇ ساباھەن» ـ دېدى. بۇ سۆز ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرىكى ئەرەبلەرنىڭ سالامى ئىدى. «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن» ـ دېگەن سۆز ئىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:
بۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق سالامنى بەردى. جەننەت ئەھلى بۇ سۆز بىلەن ئۆز ئارا سالاملىشىدۇ. ئەي ئۇمەير، نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟ ـ دەپ سورىدى. ئاندىن ئۇ دېدى: ـــ «ئوغلۇم ۋەھب بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى، بۇ توغرىدا سىز بىلەن كېلىشكىلى كەلدىم، ئۇنىڭغا ئازراق ياخشىلىق قىلغايسىز» ـ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى، «ئۇنداق بولسا قىلىچ ئېسىپ كېلىشىڭ قائىدىگە ئۇيغۇنمۇ؟» ئۇ ئېيتتى: «قىلىچنى ئاللاھ كۆتەرسۇن، ئۆتكەنكى ئۇرۇشتا بىزگە نېمىگە ئەسقاتتى؟ ئۆز ئادىتىم بويىچە ئېسىپ كەلگەنىدىم» يەنە رەسۇلۇللاھ سورىدى: «توغرا ئېيتتىڭ. توغرا سۆزلىدىڭ. قايسى مەقسەت بىلەن كەلدىڭ؟» ئۇ: «بايا ئېيتقان سۆزۈمدىن باشقا خىيالىم يوق» دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى: «سۆزۈڭ يالغان. بەلكى ئىش مۇنداقتۇر. بىر كۈنى سەن كەئبە ئالدىدا سەفۋان بىلەن بىللە ئولتودۇڭ، بەدىر ئۇرۇشىدا قۇدۇققا تاشلانغان كىشىلەرنى ئەسلەپ، يىغلىدڭ. ئاندىن سەن، ـ بوينۇمدىكى قەرزىم بولمىسا، مەندىن كېيىن قالغان ئائىلەمنىڭ ئاچ قېلىشىنى ئويلىمىسام، مەدىنىگە بېرىپ، مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈپ كېلەتتىم ـ دېدىڭ، سەفۋان سەندىن بۇ سۆزنى ئاڭلىشى بىلەن، ــ ئەگەر بۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، بارلىق قەرزىڭنى مەن بوينومغا ئېلىپ، خوتۇن، بالا – چاقىلىرىڭنى ئاخىرقى نەپسىمگىچە ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن، ـ دېدى. ئەمدى سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە نىيەت قېلىپ كەلدىڭ. ئاللاھ مېنى بۇ ئىشتىن ساقلاپ، بۇنى ماڭا بىلدۈردى» ـ دېدى.
بۇ سۆزنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇمەيرنىڭ كۆڭلى ئېچىلدى. ـ «ئېنىق بىلدىم. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنسەن ـ دەپ دەرھال ئىمان كەلتۈردى ـ سىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىڭگە بۇرۇن ئىشەنمىگەن ئىدىم. سەن كەلتۈرگەن كۆپ خەيرلەرنى يالغان دەپ بىلگەن ئىدىم. ئەمدى گۇۋاھلىق بېرىمەنكى. سەن ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنسەن. بۇ ئىشنى سەفۋان ئىككىمىزدىن باشقا ھېچ كىم بىلمىگەن ئىدى. ئېنىق بىلدىمكى بۇ ئىشنى ساڭا ئاللاھ بىلدۈرۈپتۇ. بولمىسا، بۇنى سەن نەدىن بىلەتتىڭ» دېدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ باشلىق ھەممە ساھابىلەر خوش بولۇشتى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىشنى بۇيرىدى. قۇرئاندىن بىر نەچچە سۈرىنى ئوقۇپ، ياد ئالدى. مۇسۇلمانلار قولىغا چۈشكەن ئوغلى ۋەھبىنى ئازات قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەير: ـ «يا رەسۇلۇللاھ، مەن ئىسلام نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ئەسكىلىكلەرنى قىلدىم. بۇ دىنغا كىرگەن كىشىلەرگە قارشى يامان ئىشلارنى قىلغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئاغرىتتىم. ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز، مەككىگە بېرىپ، خەلقنى دىنغا دەۋەت قىلاي، ئاللاھتىن ئۈمىد شۇكى، ئۇلارمۇ بۇ يولنى تاللىغاي. ئىلگىرى ھەق دىنغا قارشىلىق قېلىپ مۆمىنلەرگە تولا ئازار بەرگەن ئىدىم، ئەمدى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارغا ئازار بېرىشنى لايق تاپتىم» ـ دەپ رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى. شۇنداق قېلىپ ئوغلى ۋەھبىنى بىللە ئېلىپ مەككىگە كەتتى. كەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ھەممە ئادەمگە ئوچۇق بىلدۈردى. ئوغلى ۋەھب ئاتىسىنىڭ ئالدىدا ئىمان كەلتۈردى. ھەمدە پۈتۈن ئائىلىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى.
يەنە ئەبۇ ئەزىز ئىبنى ئۇمەير بەدىر ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن ئەسىرلەردىن ئىدى. بۇ ئادەم ئۇلۇغ ساھابىلەردىن مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى ئىدى. ساھابىلەردىن بىرسى بۇنى ئەسىر ئالغان ئىدى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ئۇنىڭغا ئېيتتى: «سەن بۇ ئەسىرنى زىنھار بوش تۇتمىغىن، يەنى قاچۇرۇپ قويما، بۇنى ياخشى كۆرىدىغان مال دۇنياسى بار ئانىسى بار، فىدىيە ئۈچۈن ھەر قانچە مال تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى بېرەلەيدۇ» ـ بۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ـ «ئەي ئاغا. قېرىنداشلىقنىڭ ھەققى شۇنداق بولامدۇ؟» ـ دېدى. ئاغىسى دېگەندەك ئانىسى تۆت مىڭ تەڭگە پۇل ئەۋەتىپ، ئوغلىنى ئەسىرلىكتىن قۇتغۇزدى.
يەنە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبمۇ بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. قول بوغۇملىرى قاتتىق باغلانغانلىقتىن كېچىسى ئىڭراپ ياتالمايتتى، بۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھنىڭ رەھىمى كېلىپ، شۇ كېچىسى ئۇخلىيالمىدى. ساھابىلەردىن بىرسى، ـ «يا رەسۇلۇللاھ، بۈگۈن نېمە ئۈچۈن ئۇيقىڭىز قېچىپ كېتىدۇ؟» ـ دېگەندە ـ «ئابباسنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ» ـ دېدى، بۇنى ئاڭلىغان مۆمىنلەردىن بىركىشى يوگرەپ بېرىپ، ئابباسنىڭ قولىنى بوشىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەسىرلەرنىڭ قوللىرىنى بوشىتىۋەتتى. پەيغەمبىرىمىز ئۇلاردىن ئىككى كىشىدىن فىدىيە مال بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىرىنچى ئۆزى ئۈچۈن، ئىككىنچىسى ـ تاغىسى ئەبۇتالىپنىڭ ئوغلى ئاقىل ئۈچۈن ئىدى. ئاندىن ئابباس ئېيتتى: «فىدىيە مېلىنى بىزدىن نېمە ئۈچۈن ئالىسىز؟ بىز بۇ ئۇرۇشقا ئۆز ئىختىيارىمىزچە كەلمىدۇق، قانچىلىك خەلق بىزنى بۇ ئۇرۇشقا چىقىشقا مەجبۇرلىدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ دېدى: ـ «شەرىئەت ھەر ئىشنىڭ زاھىرىگە قارايدۇ. كۆرۈنۈشتە بىزگە قارشى تۇرۇپ، دۈشمەن سېپىدە بولدۇڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن فىدىيە مېلى بەرمەسكە ھەددىڭ يوق». ئۇنىڭدىن ئىككى كىشىلىك مال ئالدى. فىدىيە ماللىرىنى تۆلەپ، تۆگەتگەندىن كېيىن ئابباس پەيغەمبرىمىزگە: «قۇرەيش ئىچىدە مېنى ھەممىدىن كەمبەغەل ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇڭ، بۇرۇن باي بولغان بولساممۇ ئەمدى ئۆمۈر بويى نامراتچىلىققا قويدۇڭ» ـ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى: «نەدە كەمبەغەل سەن، خوتۇنۇڭ ئۇممى فەزلىگەتاپشۇرۇپ كەلگەن مال ئېسىڭدىن چىقتىمۇ؟ ئۆيۈڭدىن چىقىدىغان چاغدا، بۇ سەپەردە مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئۆمۈر بۇيى ساڭا يەتكىدەك مال قالدۇردۇم دېمىدىڭمۇ؟» ئاندىن ئابباس ئېيتتى: «ئېنىق بىلىمەن ھەم بىلگەن ئىدىم. سەن راستىنلا ئاللاھنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبىرى ئىكەنسەن. بولمىسا نەدىن بىلدىڭ؟ خوتۇنوم فەزلىدىن باشقا ھېچ كىمگە تۇيدۇرمىغان (بىلدۈرمىگەن) گەپنى سەن بىلىۋاپسەن؟» ـ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاتا بىر تۇغقان قېرىندىشى، ئۆز تاغىسى ئابباسقىمۇ شۇنداق ئادالەت بىلەن ئىش كۆردى. ئىچى تېشى بىلەن دۈشمەنلىك قىلغان باشقا غەنىمەتلەردىن بۇ ئىشتا ئۇنىڭ ھېچ قانداق پىكرى بولمىدى. بولمىسا قۇرەيش تەرىپىدىن مەجبۇرى كەلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئىدى. لېكىن قۇرئان كەرىمنىڭ خەلقئارا تەڭلىك ـ تەكشىلىك بولۇش ھەققىدە كۆرسەتكەن يولى، مۆمىنلەرگە ئۇنىڭ ئۆگەتگەن ئەدەبى شۇ ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا شۇنداق دەيدۇ:
«ئەي مۆمىنلەر، ھەر ئىشتا ئادالەتلىك بولۇڭلار، گۇۋالىقىڭلار خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولسۇن، ئۆزۈڭلەرگە ياكى ئاتا ئاناڭلەرگەياكى قەۋمى قىرىنداىشلىرىڭلەرگەزىيان يىتىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئادالەت يولىدىن چەتنېمەڭلەر.»
رەسۇلۇللاھ ئەسىر ئىچىدىكى كەمبەغەللەردىن فىدىيە مېلى ئالمىدى. ئۇلارنى ئازات قىلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرەيش شائىرلىرىدىن ئەبۇ ئىززە دېگەن بىر كىشى بار ئىدى. بۇ ئادەم ھىجرەتتىن ئىلگىرى مەككىدە رەسۇلۇللاھقا كۆپ زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى، بەدرە ئۇرۇشىدا بەندى بولۇپ بۇمۇ ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەي مۇھەممەد، ئۆزەڭ ياخشى بىلىسەن بالا – چاقىلىرىم كۆپ، فەقىر كىشىلەردىن ئىكەنلىگىمنىمۇ بىلىسەن، كەمبەغەللىكىمنى نەزەرگە ئېلىپ مەندىن فىدفيە مىلى ئالماي قويۇپ بىرىشىڭنى سورايمەن» ــ دېدى. ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ رەھىمى كېلىپ، قىلغان گۇنالىرىدىن ئۆتتى بىر تىيىنمۇ پۇل ئالماي ئۇنىمۇ قويۇۋەتتى. «لېكىن شەرتىم شۇكى: بىزدىن يامانلاپ خەلق ئىچىدە شېئىر توقىمايسەن، بىزگە قارشى سوقوشىمىز دەپ چىققان قوشۇنغا ئەگىشىپ كەلمەيسەن» ـ دېدى. بۇمۇ بۇ شەرتلەرنى تىل ئۇچىدا بولسىمۇ قوبۇل قىلغان بولۇپ بوشۇنۇپ قۇتۇلۇپ كەتتى. مەككىگە بارغاندا«مۇھەممەددىن قانداغ قۇتۇلۇپ كەلدىڭ؟» دەپ سورىسا ،ــــ «ئۇنى تىلىم بىلەن سىھىرلەپ، ئالداپ كەلدىم» دەپ ماختاندى. شۇنىڭ بىلەن قىلغان ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قېلىپ، مۇسۇلمانلار ھەققىدە يەنە بۇرۇنقىدەك يامان شىئىرلەرنى ئوقۇپ يۈردى. ئۇنىڭ بىلەن توختىماي ئۇھۇد ئۇرۇشىدا قۇرەيش ئەسكەرلىرىگە قاتنىشىپ، يەنە كەلدى. لېكىن بۇكېلىشىدە ئۇنى ئەجەل سۈرەپ كەلگەن ئىدى، قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا لايىق جازاسى بېرىلدى.
رەسۇلۇللاھ قىرىق ياشقا كىرگەندە پەيغەمبەرلىك ۋەھيى كەلگەن ئىدى. ئوتتوز پارە قۇرئان يىگىرمە ئۈچ يىلدا تەڭرى تەئالا تەرىپىن چۈشۈپ، تامام بولدى. شۇ مۇددەت ئىچىدە 74 قېتىم غازات قىلدى. شۇ غازاتنىڭ 29 دا ئۆزى باش بولۇپ چىقتى. قالغانلىرىدا ئەسكەرلەرنى بۇيرىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق قىلغان غازاتلىرى ئاللاھ ئەمرى بىلەن ئاللاھ يولىدا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق قىلغان غازاتلىرى ئەڭ ئۇلۇغ دەرىجىدىدۇر. بەدر غازىتى ئەگەر روھانى ـ دىنى تەرپدىن قارالسا ئالىي شان شەرەپگە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇتلۇغ غازات ھەققىدە ئاللاھتەئالا مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈردى:
ئەي مۆمىنلەر بەدرە ئۇرۇشىدا، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياردەم بەردى، بولمىسا سىلەر ھەر تەرەپتىن كۈچسىز ئىدىڭلار، چۈنكى ئەسكەر سانى دۈشمەنلەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاز ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا ياراملىق يۈزدىن ئارتوق يۈگرەك ئاتلىرى، ياراغ جابدۇقاىرى خىل بولۇپ تۇرۇقلۇق، يەنە يەڭدىڭلەر ،ئۇنداق بولمىسا مۆمىنلەردە بارى يوقى بولۇپ، قىرى ياش 313 كىشى، ئىككى تۇياقلا ئات بار ئىدى. يەنە قۇرئاندا ئېيتتى:
«نۈسرەت يالغۇز ئاللاھغىلا خاسدۇر».
ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆز كۆڭلىدە ئەنە شۇنداق ئىشەنجە بىلەن تۇرۇشى لازىم. بۇندىن كېين پۈتۈن قورال ياراغلەرنى دۈشمەنگە قارشى ھالەتدە قويۇپ، ئۇرۇشقا كېرەكلىك قورال ئۈسكۈنىلەرنى يۈزدە يۈز تەييارلاش لازىم. بۇندىن كېيىن تەۋەككۇلنى ئاللاھقا قېلىش لازىم. ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇنچە بولۇشى لازىمدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ بۇ ھايات ئالىمىدە تۈرلۈك ئىشلار تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىش سەۋەبسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ئەگەر شۇ ئالەم ئىچىدە تۇرۇپ، سەۋەبسىز بىر ئىش پەيدا بولدى دېيىلسە، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسى ياكى ئەۋلىيالارنىڭ كارىمىتى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ پەقەت سەۋەب ئالىمىنىڭ سىرتىدىكى ئىلاھىي قۇدرەت ئىشىدۇر. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى دىنى تەرەپتىن قەدرىچە ئىمانغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شارائىتلىرى بىلەن قورال تۇتۇشقا بۇيرۇدى. كىم بولسا بولسۇن، ئەگەر بۇ ئىشنىڭ سەۋەبلىرىنى پۈتۈنلەي توغرىلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا شۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. يەر زېمىندا، ئاسماننىڭ تېگىدە ياشايدىغان بارلىق ئىنسانلەرگە قويولغان ئىلاھى قانۇن ــ شۇدۇر. بۇ قانۇنغا بۇيسۇنمىغانلەرنى، باشقىلار قورال كۈچى بىلەن، ئاياغ ئاستى قېلىپ، بوينۇنى سۇندۇرىدۇ. يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك. بۇ بەدرە غازاتى ئىنسان ئالىمىدە قانداق شان شەرەپگە ئىگە بولغان بولسا، فەرىشتىلەر ئىچىدە ئۇنىڭدىنمۇ دەرىجىسى يۈكسەك بولدى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا جىبرىھىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ سورىدى:
ـ ئەي مۇھەممەد، بەدرە غازىتىغا قاتناشقان مۆمىنلەرنىڭ قەدىر ـ قىممىتى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قانچىلىكدۇ؟ رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى:
ـ ئۇلارنى بىزباشقىلاردىن ھەر تەرەپتىن ئارتۇغراق بىلىمىز، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەرەپلىك مۇسۇلمانلاردىن دەپ ھېساپلايمىز. جىبرىھىل ئەلەيھىسسالام:
ــــــ ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى بىزدىمۇ شۇنداق. بەدرە ئۇرۇشىغا ھازىر بولغان فەرىشتىلەرنىڭ باشقىلاردىن مەرتىۋىسى ئارتۇقتۇرـــــ دېدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن ئۆلىمالەردىن بەدرە ئۇرۇشى ھەققىدە ساھابىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كىتاب قېلىپ يازغۇچىلەر بار. مەشھۇر ھەدىس كىتابلىرىدا، ئۇلارنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرى يېزىلغان. بۇ ئىسىم شەرىفلەرنى داۋا تاپالمىغان بىمارلار ئۈستىگە ئوقىغانلەر ئاندىن شىفا تاپقان. مۈشكۈل ئىش ئىچىدە قالغاندا دۇئا ئىجابىتى ئۈچۈن ۋەسىلە قېلىپ ئوقۇغۇچى ئادەملەر ئىخلاس ـ ئىھتىقادىگە قاراپ، بۇنىڭدىن بەھرە ئالغان. ئۇنىڭدىن قارىغاندا بىزمۇ بۇ كىتابىمىزدا بەدرە غازىلىرىنىڭ قۇتلۇق ناملىرىنى يېزىپ، كېيىنكى مۆمىنلەر ئۈچۈن يادگار قېلىشنى لازىم كۈردۇق. ئۇلارنىڭ خاسىيەتلىرىدىن ئۇمىد قىلىمەنكى، ئاللاھتەئالا بۇ كىتابنى دۇنيا بويىچە بارلىق ئاپەتلەردىن ئۆز ئامانىدا ئاسرىغاي ۋە يەنە بۇ كىتابنى ئوقۇغان ئوقورمەن مۇسۇلمانلارنى بەھرىمەندە قىلغاي! ئامىن! ھەدىس ئۆلىمالىرىدىن ئىبنى سەييىىدىن ـ خاس دېگەن بىر ئۇلۇغ زات «ئۇھيونىئەسەر» ناملىق كىتاۋىدا بەدرە غازىلىرىنى 360گە يەتگۈزۈپ يازىدۇ. ئېھتىيات يۈزىسىدىن بىزمۇ شۇنى راست دەپ بىلدۇق. ئۇلارغا قىلغان مۇھەببىتىمىزدىن باشقا بۇ ئىشقا ھېچ بەئىس تاپمىدۇق. چۈنكى، «ئەلمەرھو مەھە مەن ئەھەب» دېگەن ھەدىسنىڭ رىۋا يىتى سابىتتۇر. يەنە پەيغەمبىرىمىز ئېيتىدۇ:«ھەر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىلەن بىللە بولىدۇ». بۇ دۇنيادا ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۇ دۇنيادىمۇ شۇنىڭ بىلەت بىللە بۇلور دېمەكچى. ئاللاھدىن ئۇمىدىم شۇكى: شۇ مۇھەببىتىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ دىدارىگە مۇشەررەپ بولسام دەيمەن. ئەمدى ئاشۇ 360ئەركەكنىڭ باشلىقى ئاللاھ سايلىغان سەردارى، ئادەم نەسلىنىڭ سەييىدى، رەسۇلۇللاھ لەقەمى، ئابدۇللا ئوغلى مۇھەممەد، سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.
بەدرە غازىتىنىڭ ئىسمى شەرىپلىرى كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئىلاۋە قېلىپ بېرىلدى.
ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھو ئەنھونىڭ خوتۇنى رۇقىيە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى ئىدى. شۇ غازات كۈنلىرىدە كېسىلى ئىغىرلىشىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرىتى ئوسمان بۇغازاتقا بارالماي قالدى. ئەمما، يۇقىرىدا ئىسىم شىرىپلىر يېزىلغان ئەركەكلەر رەسۇلۇللاھ باشچىلىقىدا ئاللاھ ياردىمىدە ئۆزىگە قارشى ئۈچ بارابەر كەلگەن دۈشمەن بىلەن جەڭ قېلىپ يەڭدى. بۇ غازاتدىكى غالىبىيەتلەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى. ئىسلام نۇرى قاراڭغۇلۇقنى يوروتتى. ئىسلام نۇرى پۈتۈن دۇنياغا ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، كەلگۈسى غالىبىيەتنىڭ يولىنى ئاچتى. رەسۇلۇللاھنىڭ نام شەرىپلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەيبىتى پۈتۈن ئەرەبىستاننى قاپلىدى. مەدىنەشەھرىدە ۋە ئەتراپتا پايلاپ تۇرغان دۈشمەنلەرگە قورقونچ چۈشتى. كۆپلىرى دىنغا كىردى. مۇناپىقلار ـ ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ تىلەكداشلىرى تىل ئۇچىدا بولسىمۇ، ئىمان كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئۇرۇشدا مۇسۇلمانلاردىن ھەممىسى بولۇپ 14 كىشى شېھىت بولدى. 6 كىشى مۇھاجىرلاردىن، 8 كىشى ئەنسارلەردىن ئىدى. ئاللاھ ئۇلاردىن، ئۇلار ئاللاھتىن رازىدۇر. بۇ بەدرە غازىتى ھىجرەتتىن 18 ئاي ئۆتكەندە رامىزان ئىيىنىڭ ئۈچىدە بولغان ئىدى. يەنە شۇ ئاينىڭ 17نىجىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قازىنىشى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى. ئىسلام ئەھلى بويىچە بىرىنچى مەرتەبە بولغان بۇ ئۇلۇغ نىھمىتىنى ھەر يىل شۇ كۈن كەلگەندە ئەسگە ئېلىپ قويوشى لازىمدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top