You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » سىياسىي سەھنىدىكى تەدبىر ۋە ئۇسۇل

سىياسىي سەھنىدىكى تەدبىر ۋە ئۇسۇل

نۇرانىيە قەشقىرى

     ۋەتەندىن چىققىۋاتقان ئىچىنىشلىق خەۋەرلەر، قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاچچىق ئىڭراشلىرى يۈرەكلىرىمىزنى لەختە لەختە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرۇمنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت ئىلىپ بىرىشى ھەممىمىزنى قايتىدىن ئۈمىدكە چۆمدۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تىخىمۇ ئاشۇردى. ھەر بىر ئۇيغۇر ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھىساپلاپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلىدىغان ھەر بىر پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەرگە ئاكىتىپ ئاۋاز قوشماقتا، بۇ ھال ھەر بىرىمىزنى سۆيۈندۈرمەي تۇرالمايدۇ.

ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى ئىغىرلاشقانسىرى بىزنىڭ ئىلىپ بارىدىغان ۋە ئىلىپ بىرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز ئىشىۋاتىدۇ، ۋەتەندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىۋاتىمىز، بۇندىن كىيىنمۇ تىخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز ئىنشائاللاھ.

مەن بۈگۈن سىياسىي پائالىيەتلەردە، مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنپەرۋەر خەلقىمنىڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ موھىم بىر تەرىپىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. بىز ھىچبىر يۆلەنچۈكسىز ھالدا بىر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ بۇ يولغا ئاتلىنىۋاتىمىز. ئۆزىمىز تۇرۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ قوللىشى بىز ئۈچۈن بەك موھىم ،بىر ئىشنى بەكرەك تەكىتلەيمەنكى خەلقنىڭ مايىللىقى، خەلقنىڭ قوللىشى كىيىن تىخىمۇ موھىم ئورۇندا تۇرىشى كىرەك، چۈنكى دىموكىراتىك ئەللەرنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى خەلق ھۆكىمەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ھەم بىسىم شەكىللەندۈرەلەيدۇ، دۆلەت رەھبەرلىرى ئالمىشىپ تۇرىدۇ بىراق خەلق ئالماشمايدۇ.

بۇ تەكىتلەيدىغان بىرىنجى نۇقتام .

ئىككىنجى نۇقتا بىز سىياسىي پائالىيەتتە ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق ،يەنى بىتەرەپ ھالەتتە تۇرۇشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك. ھازىر بىزنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولمىغىنى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر پارتىيە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە مۇھاجىرەتتە قۇرۇلغان ئۇيغۇر  جەمىيەتلىرى بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ جەمىيەتلەرنىڭ شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا ئومومنىڭ مەنپەتى بىلەن شەخسى مەنپەتنى ئايرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر مۇستەقىللىق ئىلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ دۆلەتكە ۋە بارار يىرى يوق مەزلۇم مۇھاجىر خەلقىگە ئىگە چىققان ئاساستا ئىش تۇتىشى كىرەك. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ جەمىيەتلەرنى شەخسى مەنپەتنى كۆزلىدى دىمەكچى ئەمەسمەن، بەزى ئۇششا ھالقىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك دىمەكچى، ئوقۇرمەنلەر توغرا چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئاخىرغىچە ئاچچىقلانماي ئىغىر بىسىقلىق بىلەن ئوقۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.

ھازىر شەرقىي تۈركىستان جەمىيەتلىرى ئۆزى تۇرۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسى تەكلىپ قىلىنغان سىياسىي پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلىنىپ قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇ يەردە بىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق لەپىلدەۋاتىدۇ، خەلققە كۈچ بىرىدىغان، خەلقنى قوللايدىغان، شۇ دۆلەتكە ھۆرمىتىمىزنى، سۆيگىمىزنى بىلدۈردىغان ھەرقانداق ئىشتا بۇ بايراق كام بولسا بولمايدۇ، بىراق ھۆكىمەتنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىغان، پارتىيەلەر رىقابەتلىشىدىغان، سايلام ئىلىپ بىرىلىدىغان بۇنداق سورۇندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ سورۇندا ھازىر بولىشى كىرەك بىراق بۇ خىل سورۇندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى ئەمەس ئۆزى تۇرۋاتقان دۆلەتنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىش كىرەك، سىز بىر دۆلەت ئىچىدىكى بىر پارتىيەنى قوللاپ يەنە بىر پارتىيەگە قارشى ئاۋاز بەرگەندە بۇ بايراق ئوتتۇرغا چىقسا بۇ شەرقىي تۈركىستاندىن مۇھاجىر بولۇپ شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەلق ئۈچۈن ناھايىتى پايدىسىز بولغان بىر ئامىل. بىزنىڭ رەھمەت ئىيتىدىغىنىمىز شۇ دۆلەت، شۇ ھۆكىمەت، شۇ دۆلەت خەلقى. بىزگە ياخشىلىق قىلغان پارتىيەلەرگە بۇنداق سورۇندا ئەمەس ئايرىم سورۇندا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەممە جايدا قىنىمىزنى ئۇرغۇتۇپ بايراقنى لەپىلدىتىپ چىقىش بىزدەك ماكانسىز بىر مىللەت ئۈچۈن خەتەر ئىلىپ كىلىدۇ. شۇ دۆلەتتىكى بىزگە ياخشىلىق قىلغانلارنى قوللىماقچى بولغاندا ئۇسۇلغا ئالاھىدە دىققەت قىلايلى، ئاممىۋى سورۇن، ياكى رىقابەت سورۇنىغا بارغىنىمىزدا قولىمىزغا شۇ دۆلەتنىڭ بايرىقىنى ئىلىپ بىشىمىزغا ئۇيغۇرلۇقىمىزنى بىلدۈردىغان بىرەر نەرسە كىيىپ چىقساق بولىدۇ، يەنى شەخسى نامىمىز بىلەن قوللايمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى بۇنداق دۆلەتلەرنىڭ ئىنچىكە مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە ئاپىرىپ سوقۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھەرقانداق بىر ھوقۇقدار ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى قىتىم رەئىس بولالايدۇ،پارتىيەلەر ئالمىشىپ تۇرىدۇ، سىز بۇخىل دىموكىراتىك ھەرىكەتكە شەرقىي تۈركىستاندەك بىر دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى ئوتتۇرغا چىقارسىڭىز، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ كىيىنكى دەۋىرلەردىكى ياشىشى ۋە ياخشى سىياسەتلەرگە ئىرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشىڭىز مۇمكىن،ھەم شۇ دۆلەتتىكى بىر خەلقنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئاداۋەت ئۇرىقىنى تىرىۋىتىسىز، شۇڭا سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغاندا بۇ خىل ئۇششاق ھالقىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك!!!

 

بىزنىڭ مۇستەقىل ۋەتىنىمىز بولسا ئىدى، جەمىيەتلەر قانداق شەكىلدە ھەرىكەت قىلسا ئاخىرىنى دۆلىتىمىز كەينىدە تۇرۇپ يۇغۇشتۇرۇپ بىرەتتى،بىراق بىز ۋەتەنسىز، ماكانسىز خەلق، كەينىمىزدە تۈۋرۈك بولىدىغان ۋەتەن يوق، ۋەكىللەرنىڭ ھەر بىر سۆز ھەركىتى 35 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،ھىسياتنى سىياسىغا قانداق سىڭدۈرۈشنى ئۈگىنىش تىخنىكا تەلەپ قىلىدىغان موھىم ئىش، سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھازىرقى مەنپەت بىلەن كەلگۈسىنى قانداق باغلاشنى ئۈگنمىسە بولمايدۇ. بۈگۈننى ھەل قىلىش موھىم، ئەمما بۈگۈننى ھەل قىلىش بىلەن بۇنى كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل قىلىش تىخىمۇ موھىم.

ھەربىر جەمىيەت ۋەكىللىرىمىز بايانات بەرگەندە ھىچ بىر كىشىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ئۇيغۇرغا قارىتىش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرۇپ قويمىغان ئاساستا، باشقىلارنىڭ ئوچۇق ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشى، باشقىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن تەقدىردىمۇ قارشىلىقىنى قوزغىۋەتمەسلىكى كىرەك. بۇ ۋەكىللىرىمىزنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتى 35 مىليون خەلقنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت بۇلار ئۆزىنى كەينىدە 35 مىليون خەلق قوللاۋاتقان، شۇ 35 مىليون ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھالەتتە ساقلاپ سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنىشى زۆرۈر.

بۇلاردىن باشقا بىزنىڭ ئۆز ۋەتىنىمىز تىخى خىتاينىڭ تاپىنى ئاستىدا، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتتىكى سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز شۇ دۆلەتكە نىسبەتەن بىتەرەپ ھالەتنى ساقلىشى زۆرۈر. قايسى سورۇنغا قايسى سالاھىيەت بىلەن بىرىشنى، قايسى كىيىمنى كىيىپ بىرىشنى ئۈگىنىشىمىز كىرەك. بىز بىزگە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاپ قايتۇرىمىز، ھەمدە چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىمىز، ئەمما مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرىمىز، شۇڭا ئۇسۇلنى ئۈگىنىش بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان موھىم ئىش، ئۇسۇلدا كەتكۈزۈپ قويساق بىر جەمىيەت ياكى بىرەر شەخىسنىڭ ئەمەس بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان مىڭلارچە مەزلۇم ماكانسىز خەلقىمنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىپ قالىدىغىنىڭىزنى ياخشى ئويلاپ قەدەم بىسىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ نۇقتىلار توغۇرلۇق ھەممىڭلارنىڭ پىكىر تۈرگۈزۈپ، تەپەككۈر قىلىپ بىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2018-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبول

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top