ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر نۇپۇس سانى» نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر نۇپۇس سانى» نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مۇراجىئەت

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر نوپۇسى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپنىڭ بىر تەرەپلىمە مەلۇماتلىرى، ياكى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان نوپۇس مەلۇماتلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش، ھېچ بولمىسا يېڭى بىر مەنبە ھازىرلاش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، چەتئەل ۋە ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىغا بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر نوپۇسى مەلۇماتىنى سۇنۇش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

2013-يىلى ۋەتەندە ئېلان قىلىنغان «ياشلار ئاۋازى» تورىدىن ئېلىنغان ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى 255 ئۇيغۇر پىدائىنىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ 3 يىللىق جاپالىق تېرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ۋە بىر قەدەر ئىلمىي بولغان مەلۇماتلارنى ئىسىتاتىستىكا قىلىپ چىققان. بۇ ئىسىتاتىستىكا ۋەتەن ئىچىدىكى 255 كىشىدىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى قول ياكى ئىشەنچلىك ۋاستىلىق مەلۇماتلىرى بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە بازارلاردا ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلار، مەھەللىلەرگە بېرىپ مەلۇمات ئىگەللىگەن. [1]

تېخىمۇ تەپسىلىرەك ئېيىتقاندا، ۋەتەن ئىچىدىكى ئەزالار ئۆز شارائىتىغا ماس ھالدا بىرىنچى قول نەق مەيدان مەلۇماتلارنى ئۆزىگە بۆلۈنگەن رايونلارنىڭ ھەرقايسى ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئىنسانلاردىن بىۋاستە ئىگەللىگەن. ئەزالار بىۋاستە بارالمىغان رايونلاردا بولسا ئەزالارنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ بېرىشى ئارقىلىق مەلۇمات ئېلىنغان بولۇپ، مەلۇمات ئېلىشقا قاتناشقان ئىككىنچى شەخس گۇرۇپپا ئەزاسىدىن مەلۇمات ئېلىش پىرىنسىپلىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىگەن. گۇرۇپپا ئەزاسى ئىككىنچى كىشىدىن ئالغان مەلۇماتلارنىڭ ئىلمىيلىكىنى تەكشۈرگەن ۋە تەپتىشلىگەن.

مەلۇمات رەتلەش ۋە ھىسابلاش خىزمىتىدە، ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى رەتلىگەن ۋە ھىسابلىغان. رەتلەش ۋە ھىسابلاش خىزمىتى تەكشۈرۈش ۋە تەپتىش قىلىش خىزمىتى بىلەن پارالىل ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەلۇماتلار ئىككىدىن ئارتۇق مۇستەقىل گۇرۇپپىلاردا ئايرىم ئايرىم ھىسابلانغان ۋە نەتىجە سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، توغرىلىقى ماقۇللانغانلار ساقلانغان، گۇمانلىق ياكى ئىككى گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسى ئوخشىماي چىققانلىرى قايتا ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككى گۇرۇپپىدا ھىسابلانغان.

ئۈچ يىللىق مەخپى ۋە جاپالىق نۇپۇس مەلۇماتى ئېگەللەش نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2013-يىلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 18,838,470 (ئون سەككىز مىلىيون سەككىز يۈز ئوتتۇز سەككىز مىڭ تۆت يۈز يەتمىش) بولغانلىقى ئېنىقلانغان.

ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ رايوندىكى تارقىلىشى: ئۈرۈمچى (1,056,239 يەتتى رايون، بىر ناھىيە) قەشقەر (5,946,210 بىر شەھەر، ئونبىر ناھىيە)، خوتەن (3,620,958 بىر شەھەر، يەتتى ناھىيە)، ئاقسۇ (2,003,642 بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە)، تۇرپان (1,600,325 بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە)، قۇمۇل (1,053,049 بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە)، ئاتۇش (1,003,627 بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە)، كورلا (982,635 بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە)، ئىلى (803,624 ئىككى شەھەر)، بۆرتالا (442,560 بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە)، قاراماي (325,601 تۆت رايون).

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسىنى ھەر زامان ئاز كۆرسىتىپ كەلگەن. مەسىلەن، 2015 – يىلى خىتاي نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نۇپۇسىنى 11,303,300 (11 مىلىيون ئۈچ يۈز ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز)، قازاق نۇپۇسىنى 1,591,200 (بىر مىلىيۇن بەش يۈز توقسان بىر مىڭ ئىككى يۈز)، قىرغىز نۇپۇسىنى 202,200 (ئىككى يۈز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز)، ئۆزبەك نۇپۇسىنى 18,700 (ئون سەككىز مىڭ يەتتە يۈز)، تاتار نۇپۇسىنى 5100 (بەش مىڭ بىر يۈز) ۋە مۇڭغۇل نۇپۇسىنى 180,600 (يۈز سەكسەن مىڭ ئالتە يۈز) دەپ ئىلان قىلغان. [2]

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقان چەتئەللىكلەرنى سەمىمىيىتىمىزگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن مۇقىم بىر نۇپۇس مەلۇماتىنى دېيىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. يىللاردىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئۇيغۇر نۇپۇسى ھەققىدە دېيىلىپ كېلىۋاتقان 40 مىلىيۇن، 30 مىلىيۇن، 25 مىلىيۇن ياكى 20 مىلىيۇن دىگەندەك ئاساسسىز قىياسلارغا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك.

ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھوقۇقلۇق مۇستەقىل نۇپۇس ئىستاتىستىكا ئورگىنىمىز بولمىغاچقا، ھازىرچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ۋەكىللىك ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر نۇپۇسى» نى تەخمىنەن 20 مىلىيۇن دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدى. مەسىلىنى بۇ شەكىلدە ھەل قىلىش ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى ئىدى.

ئاخىرىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر نۇپۇسى» نى تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىشلەتكەندە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نۇپۇسى تەخمىنەن 20 مىلىيۇن» دەپ مەلۇمات بېرىشىنى، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە چەتئەل مەتبۇئات – تاراتقۇلىرىدا بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەش ۋە تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار كېڭىشى

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىستانبۇل

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] 2013 ئۇيغۇر نۇپۇسى، «ياشلار ئاۋازى تورى» http://yashlarawazi.com/2013/10/11/%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1-%D9%86%D9%88%D9%BE%DB%87%D8%B3%D9%89-2013/ [ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىدا (http://www.akademiye.org/ug/?p=3509) ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2013-يىلى 13-ئۆكتەبىر]

[2] ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇپۇس ئىستاتىكىسى (خىتايچە) «سوخۇ تورى» http://www.sohu.com/a/209303440_810287 (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 12-ئىيۇن)

JPEG ھۆججىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر نۇپۇس سانى» نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1181

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش