ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىدە زىيارەتتە بولدى.
20-سىنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىدا يىغىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئاكادېمىيەنىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش، ئەنقەرەدە لوبىجىلىك پائالىيىتى قىلىش ۋە ئاكادېمىيەگە ياش ئەزالارنى تولۇقلاش ۋە ئاكادېمىيە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى خىزمەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تارماقلىرىغا ئۈلگە بولىۋاتقانلىقىنى، ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىكى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنى ئاكادېمىيە سېپىغا ئەكىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا تەشكىللىنىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا تەربىيەلىنىۋاتقان جەڭگىۋار ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە داۋاملىشىدىغان كۇرس ھەققىدە مۇزاكىرە بولدى.
مۇزاكىرەدە ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئاكادېمىيەنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپ – پىكىرلەرگە قارىتا ئاكادېمىيەنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش خىزمەتلىرى ھەققىدە يېڭى لاھىيە ۋە پىلانلار مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ خىزمەتلەر يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ يېڭىچە يول ئېچىپ ئىلگىرلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينۇغۇسى!
