• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » مەككە دەۋرى

مەككە دەۋرى

مىلادىيە 610-يىلى ئاللادىن تۇنجى قېتىم «ۋەھىي» چۈشۈپ، 622-يىلى مەدىنىگە «ھىجىرەت» قىلغانغا قەدەر ئۆتكەن 13يىل ئىسلام دىنىدا«مەككە دەۋرى» دىيىلىدۇ. بۇ دەۋر ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، 3يىللىق يوشۇرۇن دەۋەت قىلىش باسقۇچى. (مىلادىيە 610-612يىللار)، ئىككىنچىسى، ئون يىللىق ئاشكارا دەۋەت قىلىش باسقۇچى (مىلادىيە 612-622يىللار). مەككە دەۋرىدە مۇھەممەد پەيغەمبەر ئاساسلىقى، ئاللانىڭ بىرلىكى، ئاخىر زاماندىكى ھۆكۈم، ياخشىلىقلارنىڭ مۇكاپاتلىنىپ، يامانلىقلارنىڭ جازالىندىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ئەقىدىلىرىنى، ئاللانىڭ شېرىكى يوق، بىرلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.
1. يوشۇرۇن دەۋەت قىلىش
مىلادىيە 610-يىلدىن 612-يىلغا قەدەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە دىنىغا كىرىش ئۈچۈن يوشۇرۇن دەۋەت قىلىش باسقۇچى بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن ئائىلسىدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدا دىنىغا كىرىشكە يوشۇرۇن دەۋەت ئېلىپ باردى. ئەينى چاغدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەشۋىق قىلغان ئاساسى ئەقىدىلەر: بىرىنچى، ئاللانىڭ بىردىنبىر ياراتقۇچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئالەم ۋە ئىنسانلارنى ياراتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش، ئىككىنىچىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. بۇ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئىمان ئېيتىش دەپ ئاتايدىغان«ئىمان جۈملىسى»-«لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممۇدۇن رەسۇلىلا» دىن ئىبارەت. ئەينى چاغدا، كىشلەر پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئاشۇ سۆزلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇسىلا، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان ھېساپلىنىپ مۇسۇلمان بولغان.
ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئائىلىسىدىكىلەردىن ئىسلام دىنىنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايىلى خەدىچە، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازاد گەردىسى زەيىد قاتارلىق ئاز ساندىكى كىشلەر ئىدى. ئەبۇ. بەكرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن دوستى ئىدى. ئۇ قۇرەيىش قەبىلىسى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر، نوپۇزلۇق سودىگەر ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى دىنىغا دەۋەت قىلغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي قوشۇلۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دىن تارقىتىش ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى بىلەن قوللاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى كۈچلىرىدىن بولۇپ قالغان. دىن تارقىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلار چىقتى. ئىسلام دىنى قۇللارنى ئازاد قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاللا ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلغاچقا، بىر قىسىم نامراتلار، قۇللار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاجىز توپلارنى جەلپ قىلدى. ۋاھالەنكى، ئىسلام دىنى بىر خىل ئېتىقاد سىستېمىسى، يېڭى بىر قىممەت قارشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلاملىرىدىكى كىشلەرنىمۇ جەلپ قىلدى. ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئادەملەر جەمئىي 60نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئاتاقلىق ئادەملەر 31نەپەر، باشقا قەبىلىلەردىن 3 نەپەر، ئاياللار 12نەپەر، قۇللار 14نەپەر ئىدى.
ئەڭ دەسلەپتە ئىسلام دىنىغا كىرگەن مەشھۇر شەخىسلەردىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرىدىن باشقا، يەنە ئوسمان. ئىبىنى ئەففان، ئابدۇراخمان ئىبىنى ئەۋف، تەلھە. ئىبىنى ئۇبەيدۇللا، سەئىد. ئىبىنى. ئەبۇۋاققاس، زۇبەيىر. ئىبىنى ئاۋۋام قاتارلىقلار بولۇپ بۇلار ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى ئاتاقلىق پىشۋالىرى ھېساپلىنىدۇ.
2. ئاشكارا دەۋەت قىلىش
مىلادىيە 612-يىلدىن 622-يىلغىچە بولغان 10يىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەن دەۋرى ھېساپلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللادىن ئاشكارا دەۋەت قىلىش توغرىسىدىكى «ۋەھىي» نى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، مەككىدە ئاشكارا دەۋەت قىلىشنى باشلىدى. ئۇ: «ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قوي،» دېگەن ۋەھىينى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، سافا تېغىغا چىقىپ: «ھەي قۇرەيىش جەمەتى! ھەي فىھىر جەمەتى! ھەي ئىدى جەمەتى!» دەپ پۈتۈن ئايماقلىرىنى چاقىردى. كېلەلمىگەنلەر ئەھۋالنى ئوقۇپ كېلىش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتتى. قۇرەيىش خەلقى يىغىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئەگەر مەن سىلەرگە، تاغ ئارقىسىدا ئاتلىق قوشۇن بار، دېسەم چۈمپۈتەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە چۈمپۈتىمىز، چۈنكى، سېنىڭ يالغان سۆزلىگىنىڭنى ئاڭلىغىنىمىز يوق» دېيىشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «مەن سىلەرنى ئاللانىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر مەن. سىلەر پەقەت ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن روسۇلىللا› دىسەڭلار بولىدۇ. بولمىسا مەن سىلەرگە بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا ياردەم قىلالمايمەن» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تاغىسى ئەبۇ لەھەب: «ئۆلگۈر، سەن بىزنى موشۇ ئىش ئۈچۈن يىغدىڭمۇ!؟» دېدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. بۇ ھەقتە ئاللا قۇرئاندا تەببەت سۈرىسىنى نازىل قىلىپ، ئەبۇ لەھەبنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئاشكارا دەۋەت قىلىشى مەككىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
ئالدى بىلەن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەھدىت سالدى. قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ كاتتىلىرى كۆپ قېتىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھامىيسى ئەبۇ. تالىپنى ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن جىيەنىگە نەسىھەت قىلىپ توسۇشنى تەلەپ قىلدى. قۇرەيىش كاتتىلىرىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئەبۇ. تالپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەك «ئالدىراپ كەتمە» دەپ نەسىھەت قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ تاغىسىنى بەك ھۆرمەتلەيتتى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىغا قەتئى ئىشەنگەچكە تاغىسىغا: «ئۇ ئىشنى تاشلىشىم ئۈچۈن ئۇلار ئوڭ تەرپىگە قۇياشنى، سول تەرپىگە ئاينى قويسىمۇ، ئۇ ئىشىمنى توختاتمايمەن»، دېدى. ئەبۇ. تالىپ ئۇنىڭغا: «بارغىن ئوغلۇم، خالىغىنىڭنى قىلۋەرگىن!» دېدى.
ئاندىن كېيىن، قارشى تۇرغۇچىلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەنپەئەت بىلەن ئازدۇرماقچى بولدى. ئۇلار: «ھەي! مۇھەممەد ئەگەردە سەن پۇل دېسەڭ بىز ساڭا ياردەم قىلىپ سېنى ئارىمىزدىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلاندۇرىمىز، ئەگەردە مەرتىۋە دېسەڭ، سىنى باشلىق قىلايلى»، دېيىشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى قىرائەت قىلىپ ئوقۇپ، ئۇلارنى بۇتقا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئاللانىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىشكە چاقىردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قارشى تۇرغۇچىلار ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىمۇ كۈنسايىن كۈچەيتتى. ھەر بىر ئائىلە ئالدى بىلەن ئۆز جەمەتى ئىچىدىكى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغانلارنى، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتشىكە مەجبۇرلىدى. ئەينى چاغدا، بىلال ئىبىنى رەجاھ دېگەن بىر نېگىر قۇل بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۇ قۇلنىڭ ئىگىسى قۇرەيىشلىك ئۇمەييە ئىبىنى خەلەفىل جۈمەھى بولۇپ، ئۇ بىلالنى چىڭ چۈشتە ئىسسىق قۇمنىڭ ئۈستىگە باغلاپ ياتقۇزۇپ مەيدىسىگە يوغان بىر تاشنى باستۇرۇپ قويۇپ: «مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن يانمىساڭ، موشۇنداق قىيناپ ئۆلتۈرۋېتىمەن!» دېگەن. بىلال بولسا: «ئاللا بىر! ئاللا بىر!» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، بىلالنى ئۇمەييەدىن سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلىۋەتتى. كېيىن ئۇ ئىسلام دىنى تارىخىدىكى تۇنجى مۇئەززىن بولۇپ قالدى. ئۇندىن باشقا، ئامىرنىڭ ئانىسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەبۇ جەھىلنىڭ خوتۇنى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ ئۆلتۈرۋېتىلگەن. ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن ئادەملەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىنى قوللايتتى. ئۇنىڭ تاغىسى ئەبۇ. لەھەب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەتلەپ تىللىغاندا، ئۇنىڭ يەنە بىر تاغىسى ھەمزە مەيدانغا چىقىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغدىدى. ئۇ ئەبۇ جەھىلنى غەزەپ بىلەن تىللاپ، كامان بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ، خاتالىقىغا ئىقرار قىلدۇردى. ئاندىن كېيىن، مەن بولسام، مۇھەممەدنىڭ دىنىدا، دەپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەمزە ئۆزىنىڭ چەكسىز سادىقلىقى ۋە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان ماھارىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوغداپ، ئەسەدۇللا (ئاللانىڭ يولۋىسى) دەپ ئاتالدى.
3. ئەزىيەت تارتىش
ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار قارشى تەرەپنىڭ توختىماي زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراپ تۇردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارنى قوغداشقا ئاجىزلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، باشقا جايغا بېرىپ پاناھلىنىشىنى قارار قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خوشنىلىرىنى كۆزىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىم ئارال بىلەن دېڭىز ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئىفوپىيە (ئابىشنىيە، ئەرەبلەر ھەبەش دەپ ئاتايدۇ) نى تاللىدى. ئىفوپىيە مەككە بىلەن قىزىل دېڭىز ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىغان خىرستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت ئىدى، ئىسلام دىنى بىلەن خىرستىيان دىنى بىر خۇدالىق دىنلاردىن بولۇپ، ئەقىدىلىرى ئوخشاش، تومۇرداش دىنلاردىن ئىدى. ئىسلام دىنى خىرستىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ئىنجىلنى ۋە پەيغەمبىرى ئەيسانى ئېتىراپ قىلاتتى. دىنىي جەھەتتىكى موشۇ خىل مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىفوپىيەنى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھگاھى قىلىپ تاللىغانىدى. مىلادىيە 615-يىلى ۋە 617-يىلى مەككىدىكى موسۇلمانلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئىفوپىيەگە بېرىپ پاناھلاندى. بىرىنچى قېتىم، 11ئەر (بەزىلەر 10ئەر دەيدۇ) 4ئايال باردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمان ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى رۇقىيەمۇ بار ئىدى. ئۇلار سالغا ئولتۇرۇپ، دېڭىز دۇلقۇنلىرى ئىچىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يولغا چىقىپ، ئاخىرى كۆزلىگەن يېرىگە ئامان-ئىسەن يېتىپ باردى. ئىككىنچى قېتىم ھىجىرەت قىلغانلار 80ئەر ۋە 11ئايال ئىدى. ئۇلار ئىفوپىيەدە پاناھلىققا ئېرىشتى.
قۇرەيىشنىڭ كاتتىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى. ئۇ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانات-قۇيرۇقى يېتىلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆمەر ئىبىنى ئاس (مىلادىيە 572-663يىللار) ۋە ئابدۇللا ئەبۇ رەبھەنى ۋەكىل قىلىپ، سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەۋەتىپ، ھەبەشىستان پادىشاھىدىن مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھەبەشىستان پادىشاھى قۇرەيىشلەرنىڭ، ئۆزىدىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن مۇسۇلمانلارغا پاناھلىق بېرىشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاتتىق رەددىيە بەردى. قۇرەيىش ئەلچىلىرى مەقسىتىگە يىتەلمەي قايتىپ كەتتى.
ھەبەشىستانغا ھىجىرەت قىلغان مۇسۇلمانلار گەرچە پاناھلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ياقا يۇرتتا زېرىكىپ، ئۆز يۇرتىنى، تۇغقانلىرىنى سېغىندى. ئۇلار دىنىغا قارشى تۇرىدىغان قۇرەيىشلەرنىڭمۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتقۇسى كېلىپ ئاران تۇرغان مۇسۇلمانلاردىن 30ئادەم مەككىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار مەككىنىڭ شەھەر ئەتىراپىغا كەلگەندە، ئەھۋالنى تىڭتىڭلاپ، ھېلىقى خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دەرھال يەنە ئىفوپىيەگە قايتىپ كەتتى. يەنە بىر قىسمى بولسا مەككىدە قېلىپ يۇشۇرنىۋالدى. قېپقالغانلار ئوسمان، رۇقىيە ئەر-خوتۇن، ئابدۇراخمان ئىبىنى ئەۋف ۋە زۇبەيىر ئىبىنى ئەۋۋاملار ئىدى. ئىفوپىيەدە پاناھلانغان مۇسۇلمانلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى زورايغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىلگىرى-كېيىن مەدىنىگە قايتىپ كېلىشىتى.
بىر يېڭى ئېتقادنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ھەرگىزمۇ بىر كېچىدىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. دىن تارقىتىش ئىشى ئۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭغان يولىمۇ نۇرغۇنلىغان ئەگىرى-توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئەمما، ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت، ئىسلام دىنى ھەقىقىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، نادانلىق ۋە جاھالەت ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. ئۆمەر (مىلادىيە 584-644يىللار) نىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. ئەينى چاغدا ئۆمەر 30نەچچە ياشتا بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك، مىجەزى چۇس، ئاچچىقى يامان، ھاراق دېسە جېنىنى بېرىدىغان بولۇپ، مەككىدە خېلى تەسىرى بار ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدى. كىشلەر ئۇنىڭدىن بەك تەپتارتاتتى. بۇرۇن ئۇمۇ مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن بولۇپ، قاتتىق ئازار بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن تارقىتىشقا باشلىغانلىقىغا 6يىل بولغان بىر كۈنى، ئۆمەر، مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ بىرسىنىڭ ئۆيىدە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ باقماقچى بولۇپ يولغا چىقىدۇ. يولدا بىرەيلەن ئۇچراپ، ئۆيىڭلەردە ئىش چىقىپتۇ، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئالدىراپ ئۆيىگە قايتىدۇ. ئۇ ئۆيىگە كېلىپ ئاچىسى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ يۈزلىرىنى كۆكەرتىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا، ئەسلىدە قورقۇنچاق، ياۋاش ئاچىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ ئېرى ئۆمەرگە: «ھە-شۇنداق! بىز ئىسلام دىنىغا كىردۇق، سەن نېمە قىلماقچى!؟» دەپ ۋاقىرايدۇ. ئاچىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ ئېرىنىڭ بۇ باتۇرلۇقى ئۆمەرنى چۆچىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە زور داۋالغۇش بولىدۇ. ئۇ ئاچىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ ئېرىغا قۇرئاننى يەنە بىر قېتىم ئوقۇتۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇدۇل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يالغۇز ئېتقادى ئىنتايىن مۇستەھكەم مۇسۇلمان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەبۇ. بەكرى بىلەن بىرگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنى، مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، كېيىن ئەبۇ. بەكرىدىن كېيىن 2-قېتىملىق خەلىپە بولىدۇ.
ئۆمەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى. ئۇلار مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ ئۆچلۈك قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئۇلار «مەككە قارارنامىسى» دەپ مۇسۇلمانلارنى چەكلەيدىغان قارارنامە ماقۇللاپ ئۇنى كەئبىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئېسىپ قويدى. قارارنامىدە: ھەر قانداق ئادەم ۋە ھەر قانداق قەبىلىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە قىلماسلىقى، نىكاھ مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈش، ئۇلارنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىمەسلىك، قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى. مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە، ئەبۇ. تالىپ قاتارلىق مۇسۇلمان بولمىغانلار ۋە ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلدىغانلارنىڭ ھەممىسى تاققا قامال قىلىندى. قامال 3يىل داۋاملىشىپ، نۇرغۇن ئادەم ئاچارچىلىقتا قالدى. بەزىلەر ھەتتا ئاچلىقتا قىينىلىپ ئۆلۈپ كەتتى.
نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا-كىچىك جەمەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى، ھەمدە قامال قىلىشنىڭ ھېچقانچە ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن 2يىلدىن كېيىن، يەنى مىلادىيە 619-يىلى «مەككە قارارنامسى» ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قالدى. ئەمما، بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قاتتىق ئازابلىغان ئىككى ئىش يۈز بەردى. يەنى ئەبۇ. تالىپ بىلەن خەدىچە ئارقا-ئارقىدىن تۈگەپ كەتتى. ئەبۇ. تالىپ گەرچە ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن-ئاخىرغىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىمايىچىسى بولۇپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ھىمايىسى بولغاچقا، دۈشمەنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى. ئەبۇ. تالىپنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. خەدىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن 28يىلنى بىرگە ئۆتكۈزگەن، جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ تارتقان ھەمرىيى ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سادىق ھەمرىيىدىن ۋە ئىشەنچلىك ياردەمچىسىدىن ئايرىدى. شۇڭا شۇ يىل ئىسلام تارىخىدا «قايغۇلۇق يىل» دەپ ئاتالدى.
يېڭى قوللىغۇچىلارنى تېپىش ئۈچۈن، مىلادىيە 619-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن 75كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تايىفقا باردى. تايىفتىكىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئۇنچە چوڭ ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيلىرىگە كىرگۈزمەي، مەدىنىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 50ياشقا كىرگەندە، خەدىچىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن يالغۇز قالدى. خەدىچەنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قايتا ئۆيلەنمەكچى بولدى. ئالدى بىلەن ئۇ تۇل قالغان سەۋدىگە (مىلادىيە؟-674يىللار) ئۆيلەندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسى كۈچلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئائىشەنى (مىلادىيە 613-678يىللار) نىكاھىغا ئالدى. ئائىشە ئۇ چاغدا تېخى كىچىك بولغاچقا، بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، مەدىنىگە ھىجىرەت قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئائىشە بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى. ئائىشە ئەقىللىق ۋە چېچەن بولغاچقا، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، نۇرغۇن «ھەدىس» لەرنى يادلىۋالغان ئىدى. كېيىن ئۇ «ئۇممۇ. مۇنەيمىنەل» دېگەن ئاتاققا ئېرىشتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئاللا بىردىنبىر ھەقىقى ئىلاھ، بارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ ھەممىسى خاتا» دەپ قارايتتى، ئەمما ئۇ بۇتقا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلغان ئەمەس. «ئى، كاپىرلار، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن، سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاغا ئىبادەت قىلمايسىلەر، سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مىنىڭ چوقۇنغىنىم يوق، سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاغا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق. سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈن،» (109: 1-6) دېگەن سۈرە قۇرئاندا نازىل قىلىنغان. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ تەدىرىجى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئىستىراتىگىيمۇ ئۆزگەردى.
مەككىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كۆپ خۇدالىق دىنىنىڭ مۇرتلىرى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى سودىگەرلەر ۋە جازانىخورلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرغىب قىلغان «ئاللا بىر» دېگەن ئىدىيىنى قوبۇل قىلالمايتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سىغىشالمايتتى. مەككىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى كۆپرەك ئىقتىسادى سەۋەپتىن ئىدى. بىرىنچىدىن، ئۇلار ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى تۈپەيلىدىن مەككىنىڭ تاۋاپ قىلىش ۋە سودا پائالىيەتلىرى مەركىزى بولۇشتەك پايدىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئىككىنچىدىن، مەككىلىكلەر ھوقۇق-ئىمتىيازى يوق بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە دىنى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا چىداپ تۇرالمايتتى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىن تارقىتىشىغا قارشى تۇرۇشى بىر خىل سىياسى خاراكتىرلىك ھەرىكەت ئىدى. مەككىدىكى بۇتپەرەسلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى «جۆيلىگەنلىك» دەپ قاراپ، مەسخىرە، تىل-ھاقارەت ۋە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلاتتى. دېمەك، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇتپەرەسلەر بىلەن بولغان كۆرىشى كەسكىنلىشىپ كەتتى.
ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، تىرىشىپ ئەتىراپتىكى قەبىلىلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. ئەمما، مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى. بەزى قەبىلىلەر ئۇنىڭ تەلپىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدى. يەنە بەزى قەبىلىلەر بولسا مەككىدىكى كاتتىلارنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بۇ تەھدىتلەر ئاستىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئالدىدا، مەككىدىن ئايرىلىشىتىن باشقا يول قالمىدى. ئۇلار مەككىدىن ئايرىلىش پىلانىنى تەپسىلىي تۈزۈپ چىقىتى. مىلادىيە 621-يىلى، ئاللانىڭ يىتەكلىشى بىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسرا ۋە مىراجنى تاماملىدى. بىر كېچىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرىشتە جىبىرئىلنىڭ ھەمراھلىقىدا، بىر ئاق دۇلدۇلغا مىنىپ، مەككىدىكى مەسچىدى ھەرەمدىن بىردەمدىلا ئىرو سالىمدىكى بەيتۇل مۇقەددەسكە ئۇچۇپ بېرىپ، يەتتە قات ئاسماننى، دوزاخ ۋە جەننەتنى سەيلە قىلدى. ھەمدە ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. ئۇ يەردە ئاللا بىزگە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، ئىروسالىم ئىسلام دىنىنىڭ 3-چوڭ مۇقەددەس جايى، دەپ ئاتالدى. ھەمدە ھەر يىلى ھىجىرىيە 7-ئاينىڭ 27-كۈنىنى مىراج كېچىسى قىلىپ بەلگىلدى. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى بۇ بايرامنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىشى كېرەك. مۇشۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنى تۈركۈمگە بۈلۈنۈپ مەككىدىن ئايرىلىشقا بۇيرىدى. بارلىق مۇسۇلمانلار مەككىدىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەبۇ. بەكرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، 9-ئاينىڭ بىر كۈنى ئاخشىمى مەككىدىن جىم-جىت ئايرىلدى. نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، مىلادىيە 622-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يىتىپ باردى ۋە شۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئاجايىپ دىنى كەچۈرمىشى پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنىدا ئىنتايىن زور تارىخى ئۆزگىرشىنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top