ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » غوجا بىغەم مازىرى ھەققىدە

غوجا بىغەم مازىرى ھەققىدە

ئابدۇقەييۇم مىجىت

غوجا بىغەم مازىرى خوتەن ناھىيسى لايقا يېزىسىنىڭ كالۋۇي كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ مازارنىڭ غەرب تەرپى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن، شىمال تەرپى خوتەن ناھىيسى ۋە خوتەن شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ ماي يول بىلەن تۇتىشىدۇ. خەلق ئارىسىدا بۇ مازارنىڭ نېمە ئۈچۈن «غوجا بىغەم مازىرى» دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
بۇرۇن ئۇلۇغلىرىمىز خوتەنگە ئىسلام ئاچقىلى غازات قىلىپ كەلگەندە، يەرلىك بۇددىستلار ناھايىتى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئۇرۇش تولىمۇ دەھشەتلىك بۇپتۇكى، يېرىم ئەسىرگە سوزۇلۇپتۇ. ئىسلام ئاچقىلى كەلگەن مۇسۇلمانلارمۇ جان تىكىپ ئېلىشىپتۇ ھەم جەڭ مەيدانىدىمۇ ئۆز دىنى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىشنى تاشلىماپتۇ. بىر كۈنى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئىككى تەرەپ ناھايىتى شىددەتلىك جەڭ قىلىپ كەچ بولۇپ كېتپتۇ. ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىققان ۋاقىتتا ناماز شام ۋاقتى بۇپقاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان قوشۇننىڭ ئاتامانى قوشۇننى ئىككىگە بۆلۈپ بىر قىسمىنى ناماز شام ئوقۇشقا، يەنە بىر قىسمىنى دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرۈپ، ناماز ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتىنى ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى دەپ قاراپ، ناھايىتى كۆپ قوشۇن بىلەن باستۇرۇپ كەپتۇ، مۇسۇلمانلار قوشۇننىڭ يېرىمى ناماز ئوقۇۋاتقان بولغاچقا مۇھاپىزەتتە تۇرغانلار ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەپتۇ. دۈشمەنلەر مۇھاپىزەتتە تۇرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن بىر سەپ بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان 41 مۇسۇلماننىمۇ قىرىپ تاشلاپتۇ. ئەسلىدە ئىمام نامازدا «ئىننا ئەئتەينا»① سۈرىسىنى ئوقۇيمەن، دەپ «ئىننا فەتەھنا» ② سۈرىسىنى باشلاپ ساپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن نامازنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ مۇھاپىزەتتە تۇرۇۋاتقانلار كاپىرلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بىرەلمەپتۇ. ئەسلى ئىمام قىسقىراق سۈرىنى ئوقۇپ نامازنى تىزراق تۈگىتىپ، ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلار مۇھاپىزەتتە تۇرۇۋاتقانلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرەلىگەن بولسا، مۇسۇلمانلار قوشۇنى بۇنچىلىك تالاپەت تارتىپ قىرىلىپ كەتمەسكەن. پۈتۈن بىر سەپ ئادىمى قىرىلىپ كەتسمۇ ئىمامنىڭ ناماز ئوقۇپ جىم تۇرغىنىنى كۆرۈپ بۇددىستلار قوشۇنىنىڭ باشلىقى «ئەجەپ بىر بىغەم غوجىكىنا بۇ؟!» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مازار كېيىن كىشىلەر تەرىپىدىن «غوجا بىغەم مازىرى» دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ.
بۇ رىۋايەتتىن بىز بۇ مازارنىڭ نېمە ئۈچۈن «غوجا بىغەم مازىرى» دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنى بىلەلەيمىز، شۇنداقلا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇدۇن خانلىقى ئوتتۇرسىدىكى ئورۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئېنىق. لېكىن خوتەندىن باشقا جايلاردىمۇ «غوجا بىغەم» دەپ ئاتلىدىغان يەنە بىر مازارنىڭ بارلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئابلىز ئۇرخۇن ئەپەندىنىڭ «مىراس» ژورنىلى 2006- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان «سەمەرقەنتتىن قومۇلغىچە ـــ قومۇلدىكى ‹غۇجام› لار ۋە ‹ئاتا› لار» ناملىق ماقالىسىدە تارىخچى ھاپىز نىيازنىڭ «قومۇل گۈلىستانلىقى» ناملىق تارىخىي ئەسىرىدە 1780- يىلىغىچە قومۇلغا كېلىپ توختىغان ئەۋلىيا ماشايىخلارنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ قەبرىگاھلىرىنىڭ قەيەرلەرگە جايلاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە بۇ مازارلارنى تەرتىپ بۇيىچە بايان قىلىپ كېلىپ «22 – 23. شەھەر ئۈستۈنى قارا دۆۋە ئۇلۇغ يولدىكى غوجا بىغەم مازىرى — بىرىنىڭ ئىسمى موللا ئابدۇل ئەلىم غوجا، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى غوجا ئىسمائىل» ③ دەپ يازىدۇ. بىز بۇ باياندىن خەلق ئارىسىدا «غوجا بىغەم» نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان مازاردىن ئىككىسى بارلىقىنى بىلىمىز. خوتەن ناھىيىسى لايقا يېزىسىدىكى غوجا بىغەم مازىرى ھەققىدىكى يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان رىۋايەتنى يەرلىك خەلقنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلسىمۇ، لېكىن بۇ مازارغا دەپنە قىلىغان تارىخىي شەخىسنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. يۇقاردا بايان قىلىنغان «غوجا بىغەم» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەت قومۇل شەھەر ئۈستۈنى قارا دۆۋە ئۇلۇغ يولدىكى شۇ مازار ئەتراپىدىكى يەرلىك خەلقلەرگىمۇ تونۇشمۇ ؟ ئەگەر بۇ تارىختا راستىنلا يۈز بەرگەن ئىش بولسا قومۇلدا يۈز بەگەنمۇ ـ خوتەندىمۇ؟ «غوجا بىغەم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان غوجامنىڭ جەسىتى زادى خوتەن ناھىيىسىدىكى «غوجا بىغەم» مازىرىغا دەپنە قىلىنغانمۇ ياكى قومۇل شەھەر ئۈستۈنى قارا دۆۋە ئۇلۇغ يولدىكى غوجا بىغەم مازىرىغىمۇ ؟ دېگەن مەسىلىلەر بىزنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ.

ئىزاھات:
«قۇرئان كەرىم» 108- سۈرە كەۋسەر، ئۈچ ئايەت.
«قۇرئان كەرىم» 48- سۈرە فەتىھ، 29 ئايەت.

ئابلىز ئۇرخۇن: «سەمەرقەنتتىن قومۇلغىچە – قومۇلدىكى ‹غۇجام› لار ۋە ‹ئاتا› لار»، «مىراس» ژورنىلى 2006 ـ يىللىق 5- سان، 41- بەت.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش