• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم قارىشى

بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم قارىشى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Ilim-Igisi[1]ئەشرەپ ئابدۇللا
21 – ئەسىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى . بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە ئۇچۇر كەسىپلىشىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلىنىپ، مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە، ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلىنىدۇ . بۇنىڭدا كومپىيۇتېر پەن- تېخنىكىسى ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ، نەتىجىدە ئۇچۇر جەمئىيىتى بارلىققا كېلىدۇ. بىلىم پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلاپ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق پائالىيىتى بىلىم بىلەن ئورۇندىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ. بىلىملىك كىشىلەرنىڭ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئىقتىساد گۈللىنىپ، ئىنسانلار قۇدرەت تاپىدۇ، ئۇلار بەخت – سائادەتكە ئېرىشىدۇ . پەقەت ئىلىم – پەنلا بارلىق كۈچ سېلىشتۇرمىلاردا غالىب ئورۇندا تۇرىدىغان زور كۈچ بولۇپ قالىدۇ. بىلىمنىڭ بۇنداق غايەت زور كۈچىنى ۋە رولىنى دۇنيادىكى ئالىملار ، مۇتەپەككۇرلار ، ئەدىبلەر ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيىۋى ، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە خېلى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بىلىمگە ھەرخىل تەبىرلەرنى بەرگەنىدى . ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى « قۇتادغۇبىلىك » دە « بىلىم ئىنسانغا بەخت – سائادەت كەلتۈرىدۇ » دېگەن ئەقلىي ھۆكۈمنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بىلىمنىڭ « ئىقتىدار » ھەم « كۈچ » ئىكەنلىكىنى ئوبرازلىق تىل بىلەن شەرھلىگەن ، شۇنداقلا بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى ئۈچۈن رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى .

ئۇ ئالدى بىلەن :

بۇ ئىنسان بايانىن قىلاي ئەمدى مەن ،

قەدىر تاپتى ئەقلى ، بىلىم – ئاڭ بىلەن .

بىلىم بەردى ئىنسان زورايدى بۇ كۈن ،

ئەقىل بەردى ، شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن .

ئەقىل قايدا بولسا ، ئۇلۇغلۇق بولۇر ،

بىلىم كىمدە بولسا ، بۈيۈكلۈك تاپۇر .

دەپ يېزىپ ، بىلىم ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتى، كۈچىنى تونۇشنى خىتاب قىلغان . ئارقىدىنلا بىلىمنىڭ ئادەم بىلەن، ھەرقايسى كەسىپلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي يوسۇندا تەھلىل قىلىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تەربىيىلەنگەن يۇقىرى ساپالىق ئادەملەرنىڭ بولۇشىنى، ئۆزىنىڭ بىلىمگە ۋە بىلىملىكلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن :

كىشىدىن – كىشىنىڭ تولا پەرقى بار ،

بىلىمدۇر بۇ پەرق سۆز شۇ ئۆزرە بارار .

بىلىمسىز بىلەن ھېچ سۆزۈم يوق مېنىڭ ،

ھەي ئالىم ، ئۆزۈم بىر قۇلۇڭ مەن سېنىڭ .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىمنىڭ ئىنساننى ئۆزىگە تونۇتۇش ، قەدىر – قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئادەملەرنى تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئېغىر بېسىملاردىن خالاس قىلىش ، ئۆز كەسىپلىرىدە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتمال ئادەتلەردىن ئازاد قىلىپ ، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئارزۇ – تىلەكلىرىگە يەتكۈزۈش جەھەتلىرىدىكى رولى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

ئەقىلدۇر چىراغتەك قاراڭغۇ تۈنى،

بىلىم ئۇ يورۇقلۇق، يورۇتقاي سېنى .

ئەقىل كىمدە بولسا، بولۇر ئۇ ئېسىل ،

بىلىم كىمدە بولسا ، بولۇر خان ئۇ بىل.

بىلىمنى بۈيۈك بىل ، ئوقۇشنى ئۇلۇغ،

بۇ ئىككىسى يۈكسەلدۈرۈر قۇلنىمۇ تولۇق.

ئەقىللىق ئوقار ئول ، بىلىملىك بىلۇر ،

بىلىملىك ئەقىللىق ، تىلەككە يېتۇر .

بىلىمنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ بۈيۈك ، ئەڭ كۈچلۈك ، ئەڭ ئېسىل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئالىم بىلىمنىڭ ئادەمنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقالايدىغان قۇدرىتىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ھەم كىشىلەرنى بىلىم ئىگىلەپ ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا دەۋەت قىلىدۇ :

ئەقىل ۋە بىلىم ئول ئۇز نەرسىدۇر ئەڭ ،

ئەگەر بولسا ئىشلەت ، ئۇچۇپ كۆككە تەڭ .

كىشى بىلمىگەننى ئۆگەنسە بىلۇر ،

بىلىش بىرلە ئىنسان تىلەككە يېتۇر .

بىلىم بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئالىم بارلىق ئىشلارنى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن بېجىرگەندە ئوڭۇشلۇق ، ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ بەخت- سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى مۇنداق ئۇقتۇرغان :

ئەقىل بىرلە ئۇق ئىش، بىلىم بىرلە بىل ،

كۈنۈڭ بەخت قۇچسۇن ، قۇتادسۇن ئۇ يىل .

كىشى ئۆگىنىش بىرلە ئالىم بولۇر ،

بىلىم بىلسە بارچە ئىشلار ئوڭلىنۇر .

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم ۋە ئۇنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى مېنىڭچە پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتى پائال يولغا قويۇلۇۋاتقان ، دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى دېيىلىۋاتقان 21 – ئەسىردە بىزنىڭ تىرىشىپ ئۈگىنىپ ، ئەتراپلىق تەربىيىلىنىپ ، ئىلىم – پەن بىلەن قوراللىنىپ، بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ كەسكىن رىقابىتىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزغا زور مەدەت بولالايدۇ .

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش