بىر سايلام ئاۋازىنىڭ مۇھىملىقى
1645- يىلى، ئولىۋېر كرومۋېل بىر ئاۋاز پەرق بىلەن پارلامېنتتا دۆلەت قوغدىغۇچىسى بولۇپ سايلىنىپ، ئەنگىلىيىنى ئىدارە قىلغان.
1649- يىلى, بىر ئاۋاز پەرق بىلەن بۈيۈك برېتانىيە پادىشاھى چارلىز I نىڭ كاللىسى ئېلىنغان.
1776- يىلى، ئىنگىلىز تىلى بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلىنىپ، نېمىس تىلى ئەمەلدىن قالغان.
1800- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن زوڭتوڭى ئان لونپو دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا زوڭتوڭ بولالمىغان.
1845- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن تېكساس ئامېرىكىنىڭ بىر شتاتى قىلىپ بېكىتىلگەن.
1850- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئورىگون ئامېرىكىنىڭ بىر شتاتى قىلىپ بېكىتىلگەن.
1859- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ماركوس مورتون ماسسا چوسېتس شتاتىنىڭ شتات باشلىقى بولغان.
1868- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئامېرىكىنىڭ 17- نۆۋەتلىك زوڭتوڭى ئاندرېۋ جۇنسۇن ئەيىبلىنىش بىكار قىلىنىپ، زوڭتوڭلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالغان.
1875- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن فرانسىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈم جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرگەن.
1876 – يىلى بىر ئاۋاز پەرق بىلەن رۇتېرفورد بۇرچارد خايس ئامېرىكىنىڭ زوڭتوڭى بولغان.
1889- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ۋاشىنگتون ئامېرىكىنىڭ بىر شتاتى قىلىپ بېكىتىلگەن.
1890- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئىداخو ئامېرىكىنىڭ بىر شتاتى قىلىپ بېكىتلگەن.
1925- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئادولف گىتلېر گېرمانىيە ناتسىسىتلار پارتىيىسىنى تىزگىنلىگەن.
1941- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى ساقلاپ قىلىنغان.
1960- يىلى، ھەر بىر سايلام رايونىدا بىر ئاۋاز پەرق بىلەن كېننىدى ئامېرىكا زوڭتوڭى بولۇپ سايلىنىپ، نېكسون مەغلۇب بولغان.
1977- يىلى، بىر ئاۋاز پەرق بىلەن ئان ئاربور مىچىگان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
سىزنىڭ ھەممە ئىشنى قىلالىشىڭىز ناتايىن، لېكىن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازراق بىر قىسمىنى چوقۇم قىلالايسىز. بەلكىم «بىر ئاۋاز» ۋاقتى كەلگەندە سىز ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى مۈمكىن.