ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يىغىنىدا “ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى” قۇرۇلدى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يىغىنىدا “ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى” قۇرۇلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ماددى ياردىمى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 2019-يىلى 23- ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇل چاپا گولدىن خىل مېھمانخانىسىدا “ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى” ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى-مۇتەخەسىسلەر، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى.  يىغىندا ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان قېيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئورتاق ئەقىل بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش مەقسەت قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلار خىتايچە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدىمۇ ئانا تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاش ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن نۆۋەتتىكى جىددى ۋە مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالىلارنى بېرىشكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك تازا يىتەرلىك بولمايۋاتقان ۋەزىيەتتە، بۇ يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مەلۇم جەھەتتىن ئىجابى رول ئوينايدىغانلىقى يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن بىردەك تىلغا ئېلىندى.

يىغىنغا، ئ‍ۇيغۇر ئ‍اكادېمىيىسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئ‍الىمجان ئ‍ىنايەت، دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئ‍ۇيغۇر تەتقىقات ئ‍ىنىستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئ‍ەركىن ئ‍ەكرەم ۋە ئ‍ۇيغۇر ئ‍اكادېمىيىسى ئ‍ىجرائىيە رەئىسى ئ‍ابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلدى.

“ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى” ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنغان كونكىرىتنى مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدەك بولدى:

1) ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى باھانىسىدا خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى قىلالايدىغان خىزمەتلەر

2) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مائارىپىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى

3) مۇھاجىرەتتىكى ئائىلە مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى

4) مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل كۇرسلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى

5) ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش

6) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئانا تىل دەرسلىكى تۈزۈش

7) ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ۋە شەھەرلەردە يىتەرلىك ساندا ئانا تىل كۇرسلىرىنى ئېچىش تەشكىلىي خىزمەتلىرى

ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقارىقى مەسىلىلەر بىرمۇ بىر مۇزاكىرە قىلىندى. تەكلىپ-پىكىرلەر ئەركىن ۋە تەرتىپلىك يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە خاتىرىلەندى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئىلمىي خىزمەت قىلىنىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكى يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رەسىمدە ئامېرىكا جۈرەكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتىتىدىن دوتسېنت دوكتور رىبەككا كىلوزېي خانىم يىغىن ئەھلىگە «يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان تىللار ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى» ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەرمەكتە.

ئەمەلىي خىزمەت بىلەن، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە يىغىنغا قاتناشقان ۋە قاتنىشالمىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن مۇۋاپىق دەپ قارالغان 35 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم شۇنداقلا ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان يېڭى بىر “كومىتېت” قۇرۇش قارار قىلىندى. ئۇزۇن تالاش تارتىش نەتىجىسىدە، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

كومىتېت باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىقىغا، تۈركىيەدىن دوكتور مەغپىرەت كامال، ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە دوتسېنت دوكتور بورھان سېتى، ياۋرۇپادىن زۇلھايات ئۆتكۈر، ئاۋىسترالىيەدىن سەلىمە كامال، ياپۇنىيەدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، قازاقىستاندىن دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا ۋە قىرغىزىستاندىن پروفېسسور دوكتور سەيپۇللاھ ئابدۇللايىۋ قاتارلىقلار كومىتېت رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تەرىپىدىن تەيىنلەندى.

يەنە، كومىتېتتا «ئانا تىل دەرسلىك تۈزۈش بۆلۈمى»، «ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى يىتىشتۈرۈش ۋە ئانا تىل كۇرسى ئېچىش بۆلۈمى» ۋە «ئانا تىل فوندى» قۇرۇلۇپ، بۇ بۆلۈملەرگە مەسئۇل 30 غا يېقىن ئۇيغۇر زىيالىي يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ بىكىتىلدى.

يېڭى سايلانغان كومىتېت رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يىغىندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇندىن كېيىن ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىلدا دەرسلىك كىتابلىرى تۈزىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھازىرقىدەك پاجىئەلىك ۋەزىيىتىمىزدە، بۇ يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ۋە كېيىنكى باسقۇچلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 50 ئۇيغۇر زىيالىي ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئىچىدە يىغىن رىياسەتچىلىرىدىن پروفېسسور دوكتور ئ‍الىمجان ئ‍ىنايەت ۋە دوتسېنت دوكتور ئ‍ەركىن ئ‍ەكرەمدىن باشقا يەنە، قازاقىستاندىن دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا ۋە دوتسېنت دوكتور رىفات باۋىدىنوۋ، قىرغىزىستاندىن پروفېسسور دوكتور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ، ئامېرىكىدىن دوتسېنت دوكتور رىبەككا كىلوزېي، دوكتور قاھار بارات ۋە دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا، ياپۇنىيەدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، تۈركىيەدىن دوكتور مەغپىرەت كامال، دوتسنېت دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، دوتسېنت دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان، دوتسېنت دوكتور بۇرھان سېتى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا ۋە دوكتور ئالىمجان يۈسۈپ قاتارلىقلار قاتناشتى.

يېتىلىۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلاردىن كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرېھىم دۆلەت، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنشۇناسلىق بۆلۈمى دوكتور ئوقۇغۇچىسى رازىيە مەمەتتۇرسۇن، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد بۆلۈمى ماگېستىر ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەت ئىلھام ۋە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنشۇناسلىق بۆلۈمى ماگېستىر ئوقۇغۇچىسى شاتگۈل ساۋۇر قاتارلىق دوكتور ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشتى.

يىغىنغا ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسلىرىدىن نۇرۋىگىيە تاش ئالما دەرسخانىسىدىن گۈلنار ئىمام، شىۋىتسىيە ئانا تىل كۇرسىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر، ئەنگىلىيە لوندون ئانا تىل كۇرسىدىن قۇربان قاسىم، تۈركىيەدىكى ئانا تىل كۇرسلىرىدىن ئايخان ئانا تىل كۇرسىدىن مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەت خەندان، ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەخمۇتجان لىتىپ، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىن ئابدۇرېشىت نىياز ۋە شەمشىنۇر ئۇيغۇر، ھىرا تەلىم-تەربىيە ۋەخپىسىدىن لوقمان ھىرا، ئەۋلات كارتون ۋە سىيرەت ژورنىلى مەسئۇلى ئابدۇللاھ قاراقاش، ئەنقەرە ئانا تىل كۇرسىدىن رەنا قاراخان، قەيسەرى ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسىدىن ئابدۇغوپۇر جېلىل ۋە كونيا ئانا تىل كۇرسىدىن شىرىنگۈل ياسىن قاتارلىق ئانا تىل كۇرسى مەسئۇللىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشتى.

يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان تەشكلات مەسئۇللىرىدىن دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئ‍ۇيغۇر تەتقىقات ئ‍ىنىستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئ‍ەركىن ئ‍ەكرەم، ئ‍ۇيغۇر ئ‍اكادېمىيىسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئ‍الىمجان ئ‍ىنايەت ۋە ئ‍ۇيغۇر ئ‍اكادېمىيىسى ئ‍ىجرائىيە رەئىسى ئ‍ابدۇلھەمىت قاراخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسنېت دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ئابلەت ئۇچقۇن، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىپى  زۇلھايات ئۆتكۈر، تەكلىماكان نەشىرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، فارابى تەلىم-تەربىيە جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ قاراقاش، ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەبىبۇللا كۆسەنى ۋە كاشىغەر ئىلىم ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ئابدۇراھمان كاشىغەرى قاتارلىق مۇھىم كىشىلەر قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى جۈرەكسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەخسۇس ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، 2019-يىلى 26-فېۋرال

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش