ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى سەنئەت پائالىيىتى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى سەنئەت پائالىيىتى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا 2019-يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى شەنبە كەچ سائەت 7:00 دە ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيەسى كازلىچەشمە نىكاھ دائىرىسى ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئاتا-ئانىلار بولۇپ 350 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلاندى. ئاندىن ئۇيغۇر ئاكادېمىسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئۇيغۇر ئاكادېمىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال، تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزى مۇدىرى ئابدۇرېشىت نىياز ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە نۇرۋىگىيەدىن گۈلنار ئىمام ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، مىھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. پائالىيەتكە كۈچ چىقارغانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە پائالىيىتنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە نەتىنجىلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

پائالىيەتكە مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان يۇرۇق يۇلتۇزلاردىن قىرغىزىستاندىن كەلگەن پروفېسسور دوكتور سەيپۇللاھ ئابدۇللايىۋ، قازاقىستاندىن كەلگەن دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا ۋە دوتسېنت دوكتور رىفات باۋىدىنوۋ، ئامېرىكادىن مائارىپشۇناس دوتسېنت دوكتور رىبەككا كىلوزې، دوكتور قاھار بارات، دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا، شىۋىتسىيەدىن زۇلھايات ئۆتكۈر ۋە ئۇيغۇر خەلق سەنئەتچىسى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز، تۈركىيەدىن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دوتسېنت دوكتور بورھان سېتى، دوختور ئەخمەتجان پولات قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نۇرۋىگىيەدىن گۈلنار ئىمام، ئەنگىلىيەدىن قۇربانجان قاسىم ۋە تۈركىيەدىن مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

شىۋىتسىيەدىن كەلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دۇتار ئۇستىسى ۋە ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ شاگىرتى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان مۇڭلۇق ناخشىلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.


تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزىدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر، ئايخان ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە ئىھسان مۇھەممەد، يەھيا مۇھەممەد، سۇتۇق بۇغرا قاراخان، نوزۇگۇم قاراخان، نۇرفىرە ئابدۇراخمان قاتارلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرسەتكەن نۇمۇرلىرى بىلەن بۇ قېتىمقى ئانا تىل پائالىيىتى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ تەييارلىغان نۇمۇرلىرى پائالىيەتكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھاياجانلاندۇرۇپ، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمۈدى بولغان پەرزەنتلىىمىزنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى بىلەن ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا بولغان مۇھەببىتى سورۇن ئەھلىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتىشى كىرەكلىكىنى يەنە بىر قىتىم چۇڭقۇر ھىس قىلدۇردى.

ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ قېتىمقى پائالىيەتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارغا، سەنئەتكارلارغا ۋە ھەمكارلاشقان تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى بىلەن ئايخان ئانا تىل مەكتىپى قاتارلىق ئورگانلارغا ھەم شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنى قوللىغان ئاتا – ئانىلارغا ۋە قاتنىشىپ بەگەن ئەزىز مىھمانلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتتى.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
2019-يىلى 23-فېۋرال، ئىستانبۇل

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش