ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئىستانبۇلدا “شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مۇزاكىرە يىغىنى” ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدا “شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مۇزاكىرە يىغىنى” ئۆتكۈزۈلدى.

2019-يىلى 16-مارت شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00’دە ئىستانبۇلدا ئۇنىۋېرسىتېتتلاردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار، ھەر قايسى گىزىت-ژۇرنال ۋە تېلۋۇزۇرلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 21 كىشىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن “شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مۇزاكىرە يىغىنى” ئۆتكۈزۈلدى.
ئىستانبۇلدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار، ھەر قايسى گىزىت-ژۇرنال ۋە تېلۋۇزۇرلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 21 كىشى قاتناشتى.
يىغىن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان، تۈركىيە، تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئۆز ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتلەرگە بىر مىنۇتلۇق ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلدى.
ئېچىلىش قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتكە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئاكادېميىىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى. ئۇ نوتۇقىدا قىسقىچە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ۋە جازا لاگىرلىرى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە بىگۇناھ سولانغان ۋەكىل خارەكتىرلىك ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات سۇندى.
يىغىنغا قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار ۋە تۈركىيەلىك مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ۋە جازا لاگىرلىرى ھەققىدە بەس-بەستە سوئال سوراشتى ۋە ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەسئۇللىرى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى سۇندى. يىغىندا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تۈركىيە ۋە شۇنداقلا تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان يىقىن كەلگۈسى ئىستىلا پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تېخىمۇ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنىڭ پەرقلىق يوللىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللاپ مەتبۇئاتلاردا ھەرخىل ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەلىك مۇخبىرلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەسىرى خېلىلا كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللىغان مۇخبىر ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى تېخىمۇ توغرا ۋە كەڭ مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش ۋە مەتبۇئاتلاردا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇندا ماقالە ۋە خەۋەرلەرنىڭ ئىلان قىلىنىپ تۇرىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەد قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئورۇنلاشتۇردى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش