You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىرى گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر ئاخبارات ۋە مېدىياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىرى گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر ئاخبارات ۋە مېدىياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشتى

ئۇيغۇر رادىئو تېلېۋىزىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى سەۋەبى بىلەن، ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن رەئىس دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ۋە مۇئاۋىن رەئىس دوكتور مەمەتىمىن ئابباس ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر رادىئو ـ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە «ئۇيغۇر ئاخبارات ۋە مېدىياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى ۋە ئېچىلىشتا تەبرىك سۆزى قىلدى.

يىغىننىڭ 2-كۈنىدىكى كۈنتەرتىپ بويىچە، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن بىر سائەتلىك نەق مەيدان سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ياۋروپا شۆبىسىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى، ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئاكادېمىيەدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە  تەلىپى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن جەريانىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر رادىئو ــ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بەردى ۋە مۇمكىنچىلىك يار بەرگەن شارائىتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقى ۋە بىرلىكتە پروگرامما ئىشلەش ھەققىدە قارار ئېلىندى. ئۇندىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن زىيالىيلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ئائىت تەكلىپ-پىكىر ۋە كەلگۈسىدىكى خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ياۋروپا تارمىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە بولغان ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كەڭ كۇشادە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى ئاكادېمىيە رەھبەرلىرى باشقا كەلگەن مېھمانلار بىلەن  بىرگە نۆۋەتتىكى زۇلۇم تېما قىلىنغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزنىڭ جەۋھەرلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ھەسرەتلىك نورۇز» ناملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك نورۇز پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top