• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » 3 مىليون خەجلەپ ھەقسىز كىتابخانا ئاچقان ئۇيغۇر تىجارەتچى

3 مىليون خەجلەپ ھەقسىز كىتابخانا ئاچقان ئۇيغۇر تىجارەتچى

يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگراممىسىنىڭ بىر ئالاھىدە سانىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ساندا خوتەن دىيارىدىكى پۇل تاپقاندا كۈتۈپخانا قۇرۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان بىر ساخاۋەت ئىگىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا سالدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئويلىنىش تەپەككۇرىنى ئويغىتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشنى لايىق تاپتىم.
فىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر بولۇپ، ئۇ 24 يېشىدىن باشلاپ بېيجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە يىپەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇلللانغان ۋە تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىپەك مال ئېكىسپورت قىلغان. تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.
فىرانسىيەنىڭ بىر كوچىسىدا يۈز بەرگەن بىر كىچىك ۋەقە ۋە مېترودىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ھەمدە ئۇنى چوڭقۇر ئويغا سالغان. ئاخىرى ئۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى، يەنى، ئىنساننىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش يارىتىلىدىغانلىقى، پەقەت مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك مەدەنىيەت ساپا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئارقىلىقلا ئىنساندا مەدەنىيەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئەستايىدىل ئويلىنىش نەتىجىسىدە ئۇ بىر كۈتۈپخانا قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە ئون يىل پۇختا تەييارلىقتىن كېيىن 2012-يىلى خوتەن شەھىرى گۈلباغ سودا سارىيىغا 350 كىۋادرات مېتىرلىق «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. كۈتۈپخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
كۆزىتىش ئارقىلىق، تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ئىشتىياقى بارلىقىنى ، لېكىن كىتاب سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىدا ئەركىن ئازادە كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا چاي ئېلىش ئورنى بەرپا قىلغان. كېيىن بىر ياشانغان كىشىنىڭ قاتتىق ناننى چاي بىلەن يەپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچى سىيرىلغان ۋە ئۆز ئاشخانىسىدىن بىر قاچا تاماق ئېلىپ چىقىپ بۇ كىشىگە سۇنغان، بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈتۈپخانا خېرىدارلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى ھەر كۈنى كۈتۈپخانىغا كېلىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇغان ئادەمگە بىر ۋاق ھەقسىز تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ خالىسانە روھى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندى خوتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قول يازما ۋە باشقا قەدىمكى ئەسەرلەرنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ، كۈتۈپخانىغا جۇغلىغان ۋە خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان ھازىر كۈتۈپخانىدىكى كونا قول يازمىلارنىڭ سانى ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، يېڭى كىتابلارنىڭ سانىمۇ بەش مىڭ پارچىدىن ئاشقان. ئۇنىڭ كۈتۈپخانا قۇرۇش ۋە قول يازمىلارنى جۇغلاشقا سالغان مەبلىغى تۆت مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان تاماق بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە.
خوتەن «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كۈتۈپخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەر كەسپ كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ئەپەندىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. يېقىندا خوتەنگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن بارلىق يازغۇچى-شائىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ كۈتۈپخانىىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتى.
بۇ كۈتۈپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى، يەنە خېرىدارلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىشى خەلقنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، كىتاب ئوقۇش ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، قول يازمىلارنىڭ توپلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق شەرت-شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (1)

  • باش تۇر

    پەرىشتە سۈپەت ئادەملىرىمىزمۇ كۆپكەن،ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خۇشھاللىق،تەنلىرىگە ئامانلىق ئاتا قىلسۇن.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top