ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » خەلقئارالىق ئالىي كېڭەش قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ

خەلقئارالىق ئالىي كېڭەش قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا،

مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش سەۋەبلىرى

1. مەلۇمكى، ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە يامانلاشماقتا. خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سۇلاپ زىيانكەشلىك قىلماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە. بولۇپمۇ، مىللىتىمىزنىڭ ھەر ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سەرخىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆزدىن يوقىتىلماقتا، مىللىتىمىزنىڭ ئومۇرتقىسى ئېزىپ تاشلانماقتا. دىنىمىزنى، تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى چەكلەش، يوقىتىش، خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى كۈندىن كۈنگە تېزلەتمەكتە. نۆۋەتتە مىللىتىمىز ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. بۇ ھال بىزدىن ئۆزئارا ئىتتىپاق بولۇشنى، تەشكىلاتلىرىمىزدىن ھەمكارلىشىپ خەلقئارالىق بىرلىك سەپ تۈزۈشنى، جىددىي پەيتلەردە باش قوشۇپ، پۇختا تۈزۈلگەن پىلان بىلەن بىر بىرىگە ماسلاشقان ھالدا تەڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

2. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى شارائىت ۋە ئىمكانىيەت ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارماقتا.گەرچە بەزى تەشكىلاتلار رايون خاراكتېرلىك بىرلىكسەپ ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، زۆرۈر تېپىلغان جىددىي پەيتلەردە دۆلەتلەر ئارا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىيىتى، خۇلاسە كونتروللۇقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىدە قەدەملىرىمىز بىردەك بولمايۋاتىدۇ، ئاۋازىمىز تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچلۈك چىقمايۋاتىدۇ، جىددىي پەيتلەردە بىر-بىرىگە ئاۋاز قوشمايۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز، بىر قېتىملىق پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى دەۋا ئىشىمىزنى قانچە ئون يىل ئارقىغا سۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. تارىخى ساۋاقلار بۇنى ئىسپاتلىدى. نۇرغۇن جەھەتلەردە ئاجىزلىقىمىز بىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېھتىياجلىق. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە پۇرسەتنى بىلىش ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. بەزىدە ئاجىزلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۈچلۈكلەردىن غالىب كېلىدۇ. ھازىر كۆز ئالدىمىزدىكى مۇھىم مەسىلە دۇنيا خەلقىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقئارالىق دىپلوماتىك بېسىم، جازالاش ۋە چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتاينى جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە پۇختا تەييارلانغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە ھالقىلىق مەزگىللەرگە توغرىلانغان دۇنيا خاراكتېرلىك ھەرىكەت پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىيىتى، خۇلاسىسى بولۇش لازىم. بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ ئىشلارنى ھۆددىلەش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا، تەشكىلاتلار يۆنىلىشى بىردەك تۇرۇپ، ئايرىم كۆزقاراشتىكى پەرقلەر تۈپەيلى بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان، بىر – بىرىگە زەربە بېرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە چەك قويۇش لازىم.

«بىردىن-بىر نوپۇزلۇق ئورگان»، «مەركىزىي تەشكىلات»، «دۇنيا خاراكتېرلىك تەشكىلات»- دېگەندەك ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆزقاراشلارنى تاشلاپ، ھەممە تەشكىلاتلار ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ، ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، پاراللېل يوللار بىلەن ئورتاق نىشانغا ماڭالايدىغان بىرلىك سەپ تۈزۈپ، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان، ئۆز ئەھۋالىمىزغا ماس كېلىدىغان يېڭى بىر سىستېما ھاسىل قىلىشىمىز لازىم ۋە بۇ ئارقىلىق كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىدىغان ئادالەت ۋە باراۋەرلىك پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېچىلاڭغۇ، تارقاق، زىددىيەتلىك ھالەتكە خاتىمە بېرىش زۆرۈر. دېمەك، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن ئىتتىپاقلىشىپ ، ھەمكارلاشقان ئاساستا دۇنياۋى بىرلىك سەپ تۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

3. قارشىمىزدىكى دۈشمەن بىزدىن ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك، رەھمىسىزلىكتە چېكىدىن ئاشقان، ھىيلىگەرلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقتا ئۇچىغا چىققان، ناھايىتى پۇختا پىلانلار بىلەن ئىش قىلىدىغان ئۈستۈنلۈككە ئىگە. يىللاردىن بېرى كۆكىمىزنى قىرقىپ، قېرىپ بولۇپ ئازراق دەم بېرىپ، ياخشىچاق بولۇپ كەلدى. شۇڭا ئارىمىزدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر ”بۇ دولقۇن ئۆتۈپ كەتسە، ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ قالىدۇ، “ دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى ۋە بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى. بىراق، خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ناھايىتى پۇختا تۈزۈلگەن ئۇزۇن يىللىق پىلانلار ئاساسىدا يولغا قويۇلغان، ئۇنىڭ ياۋۇز تەبىئىتى، مۇستەملىكە سىياسىتى ئۆزگەرمەستۇر. مەقسىتى : شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈككە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، بۇ زېمىندىن بىزنى يوقۇتۇشتۇر. بىز بۇ كۈچلۈك، ھىيلىگەر دۈشمەننى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىشى رەزىل مەقسىتىنى توغرا تونۇشىمىز بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى ھەم توغرا تونۇشىمىز لازىم .

بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارقاق، زىددىيەتلىك، تايانچىسىز، ھىمايىسىز ۋە جامائەتسىز، تەشكىلاتچانلىقىمىز ئاجىز ھالەتتە ئوخشىمىغان شارائىتتا تۇرۇۋاتىمىز. بۇنداق ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن خەلقئارادا دۈشمىنىمىزگە بېسىم ۋە كۈچ ئىشلىتەلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھال بىزدىن دۇنياۋى خاراكتېرلىك قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنياۋى خاراكتېرلىك بىرلىك سەپ تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

دېمەك، ۋەتەننىڭ خەۋپلىك ۋەزىيىتى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ تارقاق ھالىتى، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئاجىزلىقىلىرىمىز بىزدىن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە يېڭى بۇرۇلۇش، يېڭى يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان يېڭى سىستېما بارلىققا كەلتۈرۈشنى، دۇنياۋى خاراكتېرلىك مۇكەممەل قۇرۇلما يېتەكچىلىكىدە كۈرەش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا .

شۇڭلاشقا، تەشكىلاتلىرىمىز ھازىرقى يەككە گەۋدىلىنىش ۋە ھەركىم ئۆزى بىلگەننى قىلىشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا، ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان بىر يېڭى سىستېما —شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭەش (قىسقارتىپ: شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى، ش ت ئا، SHTA) سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈر. بۇنداق ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىرلىشىش كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن يېڭى ھاياتى كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي ئېتىراپ قىلغان يېڭى قۇرۇلمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ۋەزىيىتىمىزدە يېڭى بۇرۇلۇش، يېڭى يۈكسىلىش بارلىققا كېلىدۇ .

ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭىشىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەسىس قىلىش كېرەك؟

1. بۇ ئىشنى قوللايدىغان تەشكىلاتلار، شەخسلەر بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك جامائەت پىكىرى ھازىرلاش، بۇ ھەقتىكى ئىجابى پىكىرلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
2. ئالدى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلاردىن 3تىن 5 كىچە تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان تەييارلىق كومتېتىنى قۇرۇپ، كېڭەش ئېچىلىشتىن بۇرۇن زۆرۈر بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەش لازىم.كېڭەشكە قاتنىشىدىغان نامزاتلار ئالدىن كۆرسىتىلگەندىن كېيىن نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلىشى لازىم. ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرگە چەك قويماسلىق، بىرمۇ خائىن، جاسۇسلارنىڭ كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش زۆرۈر.
3. تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ پۈتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالار، زىيالىيلار، مۇستەقىل پائالىيەتچىلەرنىڭ سايلام بىلەن كۆرسىتىلگەن ۋەكىللىرى قاتناشقان ھالدا يىغىن چاقىرىش ۋە بۇ يىغىندا كېڭەشكەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىنى تەسىس قىلىش؛ ئالىي كېڭەشنىڭ نىزامنامىسىنى ماقۇللاش، شۇ ئاساستا تەشكىلى پىرىنسىپى، خىزمەت تەرتىپى، قائىدە-تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش؛ ئالىي كېڭەش تەشكىلى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە تەستىقلاش.
4. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك كۈرەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش، ياكى تۈزۈلگەن پىلان بولسا مۇھاكىمە قىلىپ تەستىقلاش.
5. ئالىي كېڭەشكە قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۈزگەن خىزمەت پىلانلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا نۆۋەتتىكى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈش ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەش، تەقسىم قىلىش؛ ئىجرائىيە باسقۇچلىرى، خۇلاسە كونتروللۇقىنى تىكلەش.
6. يەنە باشقا مۇھىم نۇقتىلار…
يۇقىرىدا شەخسى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى، خاتالىرىنى تۈزىتىپ، كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلىشىنى، بىر-بىرىگە يەتكۈزۈپ كەڭ دائىرىدە جامائەت پىكىرى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى؛ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېلىپ، كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن: -ئالماس ھاجى
2019-يىلى 13-ماي

ئەسكەرتىش: بۇ تەكلىپ ئالماس ھاجى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۆز قاراشلار ۋە مەسئۇلىيەت قەلەم ئىگىسىگە ئائىتتۇر.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش