ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » رۈشەن ئابباس خانىم ۋىيئانا شەھرىدە «ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئۈنسىز دۇنيادا» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى

رۈشەن ئابباس خانىم ۋىيئانا شەھرىدە «ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئۈنسىز دۇنيادا» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۈشەن ئابباس خانىم 2019-يىلى 28-ماي كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيئانادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋىيئانا شەھرىدىكى «ئامېرىكا مەدەنىيەت سارىيى» دا «ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئۈنسىز دۇنيادا» دېگەن تېمىدا دوكلات بەر دوكلات بەردى.

دوكلاتقا ئاۋىسترىيەلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 نەپەرگىچە كىشى قاتناشتى. سۇئال جاۋاپ قىسىمدا، دوكلاتقا ئىشتىراك قلغان ھەر ساھە كىشىلىرى روشەن ئابباس خانىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە خەلىقارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسلىگە تۇتۇتقان پوزۇتسىيىسى ھەققىدە سۇئاللارنى سورىدى. بۇ باسقۇچتا دوكىلاتقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان نوقتا، بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ئەپسۇسلىندىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى بولدى.

رۈشەن ئابباس خانىم دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسسىز تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل ۋەزىيەتكە چوقۇم بىر كونكرېت تەدبىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىملىقى ھەققىدە نوقتىلىق توختالدى.

29-ماي ئاۋستىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتىر بېتىدە بۇ قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس تۈنۈگۈن كەچتە ئاۋستىرىيەدىكى ‹ئامېرىكا مەدەنىيەت سارىيى› دا سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى» دەپ يېزىلغان.

روشەن ئابباس خانىم يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارادا تولۇق كۈنتەرتىپكە كېلەلمىگەنلىكنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەرخىل سوئاللارنى سورىغانلىقىنى دېدى.

بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان «ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن تۇرغۇن ھاجىم، غۇپۇرجان ئالىم، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى مەۋلان دىلشات ۋە ئاۋىسترىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ يىغىنغا قاتناشتى. مەۋلان دىلشات ئەپەندىم، يىغىنغا قاتناشقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلان دىلشات ئەپەندى، يىغىنغا قاتناشقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، دوكلات يىغىنىنىڭ سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا بىر-ئىككى خىتاي مەيدانغا كىرىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە سولىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق، روشەن ئابباس خانىمنىڭ سۆزلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ رۈشەن ئابباس خانىمنىڭ ئىسپاتلىق سۆزلىرى ئالدىدا مات بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

روشەن ئابباس خانىم يەنە 30-ماي چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش