ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بەش بالاڭنى ئېلىپ بار

بەش بالاڭنى ئېلىپ بار

دوكتور قاھار بارات

بىزدە «تويغا بارساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار» دەيدىغان بىر گەپ بار. چەتئەلدە ئۇنى «بەش بالاڭنى ئىلپ بار» غا ئوزگەرتمىسەك بولمىدى. بىزنىڭ بالىلىق دەۋىرلىرىمىز قويۇق ئۇيغۇر مۇھىتىدا ئوتتى. تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ ئۇيغۇرچە ۋاقىرىشىپ-چۇقۇرۇشۇپ چوڭ بولدۇق. ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىزنى ئەسلىسەك بىرەر ساۋاقداش ياكى دوستىمىز بىلەن گەپلەشمەي ئۇتكەن بىرەر كۇننى كوز ئالدىمىزغا كەلتۇرەلمەيمىز. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇگۇنكىدەك ئۇيغۇر بولىشىمىز ئۇچۇن ئىنتايىن نورمال بولغان ھايات مۇساپىمىز ئىدى. ئەمما چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىزلەرنىڭ بالىلىرىمىزچۇ؟ ئۇلار كۇنلەپ، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن گەپلەشمەي ياشاۋاتىدۇ. ئۇلاردا بىز ياشىغاندىكىدەك قويۇق ئۇيغۇر مۇھىتىنىڭ ئوندىن بىرىمۇ يوق. ئاتا-ئانا بولغۇچى بىزلەر بولساق بالىلىرىمىزغا نورمال ئۇيغۇرلۇق ھاياتىنىڭ ھەپتىدە بىر كۇن ياكى يىرىم كۇنىنىمۇ يەتكۇزۇپ بىرەلمەيۋاتىمىز. بەك كۇچىدۇق دىگەندىمۇ ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىمىز. بالىمىزنى بىر تولۇق ئ‍ۇيغۇر قىلىپ چىقىش پەقەت ئانا تىلىنى چىقىرىپ قويۇش بىلەنلا پۇتۇدىغان ئىش ئەمەس. ئۇلار ئ‍ۇچۇن بىر يىتەرلىك ئۇيغۇرچە جەمىئىيەت ھاياتى، ئوقۇش-يىزىش پائالىيەتلىرى لازىم. مۇشۇ دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بالا 15 ياشقا كىرگىچە ئۆگۈنىدىغان ۋە پراكتىكا قىلىپ بولىدىغان ۋەزىپىلەر.

ھازىر بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتا يابانچە تىل ۋە ئانا تىلدىن ئىبارەت ئىككى تىلنى ئوگۇنۇۋاتىدۇ. بالىلارنى قوش تىلغا زورلاش پەقەت بىزنىڭلا بىشىمىزغا چۇشكەن بىر زۇلۇم ئەمەس. ھازىر دۇنيادا قوش تىللىق بالىلار بىلەن يالاڭ تىللىق بالىلارنىڭ سانى ئاساسەن تەڭلەشتى. جەمىئىيەتشۇناسلىقتا قوش تىللىقلارنى ئۇچىنچى مەدەنىيەتتىكى بالىلار دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن ئ‍ىنىگلىز تىلىنى ئىلىپ ئىيتىدىغان بولساق، تۇغما ئىنگلىزلار 80-يىللاردىلا ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ بولغان ئىدى. ئىنگلىزلار نىمە دىگەن تەلەيلىك، چەت تىل ئۇگەنمىسىمۇ بولىدۇ دىگەندەك گەپلەر ھازىر مودىدىن قالدى. ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق بالىلارنىڭ يالاڭ تىللىق بالىلاردىن جىق ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئىكەنلىكى ئ‍سپاتلاندى. بىر چەت تىلنى ئوگۇنۇش شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دۇنياسىغا ئىشىك ئىچىش دىمەكتۇر. بىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر دۇنياسىغا كىرەلەيمىز ۋە شۇنىڭدەك ئىنگلىز تىلى بىلەن غەرب دۇنياسىنىمۇ كورەلەيمىز‪. بىزنىڭ ئىنگلىزچە ئوگۇنۇشىمىزگە بىر خىل يۇقۇرغا ئىنتىلىش رۇھى سىڭگەن ئەمما ئىنگلىزلارنىڭ بالىلىرى باشقا بىر تىلنى ئوگۇنۇش ئۇچۇن خىلى ئىگىلىشكە مەجبۇر. بولمىسا ئوزەمنىڭ راس دەپ يۇرىۋىرىدۇ.

ئامىرىكادا بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى تەرەققىياتى تەخمىنەن توۋەندىكىچە:

بىر يىرىم ياشتا 50 سوز بىلەن تىلى چىقىدۇ.

بالىلار 4 ياشقا كىرگىچە 1000 سوز ئۆگىنىپ بولىدۇ.

بالىلار 5 ياشقا كىرگەندە 2000 مىڭدىن ئارتۇق سوز ئۆگىنىپ بولىدۇ.

باشلانغۇچقا 5000 سوز ئۆگىنىپ كىرىدۇ.

ئىككىنچى سىنىپتا 6000 سوز ئۆگىنىپ بولىدۇ.

ئ‍ۇچىنچى سىنىپتىن باشلاپ ھەر يىلى 3000 سوز ئۆگىنىپ ماڭىدۇ.

بالىلار 12 ياشتا 50000 سوز ئۆگىنىپ بولىدۇ.

ئۇلار 15 ياشقا كىرگىچە 60000 سوز ئۆگىنىپ بولىدۇ.

دىمەك، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە باشقا بىر يابانچى تىلدا بىزدىن ھىچ ياردەمگە ئىھتىياجى يوق. بىز چالا-پۇچۇق يابانچى تىللىرىمىز بىلەن بالىلىرىمىزغا گەپ قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماي ئۇيغۇرچىدە چىڭ تۇرغىنىمىز تۈزۈك.

1990 ‫-يىلى چىققان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» گە 60000 سۆز كىرگۇزۇلگەن. ئىنگلىزلار ئۇچۇن ئىيتقاندا بۇ بالىلىرى 15 ياشقا كىرگىچە ئۆگىنىپ بولۇدىغان بىر نورمال سەۋىيە. ئەگەر بۇنىڭغا ئۇيغۇرچىنى قوشساق، تىلى ياخشى چىققان بالىلىرىمىز 15 ياشقا كىرگىچە جەمىئى 120000 سۆز ئۆگىنىپ بولۇشى كېرەك. كۆرۈۋاتىمىزكى بالىلىرىمىزنىڭ يۈكى ۋە بىزنىڭ يۈكىمىىز مانا شۇ قەدەر ئىغىر. بالىلىرىمىزغا ئۇيغۇرچە 60000 سوز ئۆگىتىپ بولۇش ئۇچۇن بالىلار تولۇقسىزنى پۇتتۇرگىچە شۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەكتەبلىرىدە ئوتۇلۇدىغان بارلىق «ئېلىپبە»، «گرامماتىكا» ۋە «تىل-ئەدەبىيات» دىگەندەك دەرسلەرنى ئويدە ئۆگىتىپ بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداقتىمۇ ئۇ كىتابلاردا 60000 سوزلۇك بولۇشى ناتايىن.

بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئاسىملاتسيە بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز. كوز ئالدىمىزدا ئىچىلىۋاتقان ئانا تىل سىنپلىرى ئ‍اساسەن باشلانغۇچ مەكتەب سەۋىيەدىن يۇقۇرىغا چىقالىغىنى يوق. بىزدە بالىلىرىمىز زادى قانچىلىك ئۇيغۇرچە ئوگەنسە بولۇدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئىنىق باشلانغۇچ، ئورتا ۋە ئالى ئولچەملەر يوق. مەنچە كوز ئالدىمىزدا  بالىلىرىمىز 15 ياشقا كىرگىچە ئەڭ ئاز دىگەندە 10000 سوز ئۆگىنىپ بولۇشى، ئىغىز تىلى راۋانلىقى 3- دەرىجىگە يەنى ئابستراكىت ئۇقۇملار بىلەن سۇئال-جاۋاب بىرەلەيدىغان بولۇشى، ئۇيغۇرچە دۇنيا كىلاسسىكلىرىدىن 100 نى ئوقۇپ بولۇشى، فىسبۇك ۋە ئىلخەتلەرنى راۋان يازالايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇنداق شەرتلەرنى ئورۇنلاپ بولالايدىغان ئ‍ابدۇۋەلى ئايۇپتەك ئائىلىلەر ناھايىتى ئاز. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات خادىملىرىنىڭ ئالدىدىكى بىر جىددى ۋەزىپە 5 ياشتىن 15 ياشقا مولجەللەنگەن 10 قىسىملىق كۇنۇكمە، تاپشۇرۇق، دەرسلىك، ئىمتىھان، مۇئەللىملەر قوللانمىسى ۋە دىجىتال فورماتلىرى تولۇق بىر يۇرۇش ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئىشلەپ چىقىش. شۇنداقتا ئاتا-ئانىلاردا نىمىنى ئوگۇتۇش ۋە ئۆگىتىپ بولۇش ھەققىدە بىر ئىنىق ۋەزىپە ھاسىل بولىدۇ. ھازىر ئارسىمىزدا ۋە ئورتا ئاسىيادا بۇنچىلىك دەرسلىكلەرنى تۇزەلەيدىغان مۇئاللىم ۋە مائارىپ تەشكىلاتلىرى يىتەرلىك، گەپ بۇ ئ‍ىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش ۋە ئىشلەشكە بەل باغلاش. تولۇقسىز ئورتا ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ بوشۇكى. ئۇلارنى تۇزگەندە ئورخون تۇرك، قەدىمقى ئۇيغۇر، قاراخانى، چاغاتاي، كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تارىخى ئارقا كورۇنۇش ۋە ئەدىبلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇ قاتاردا مەدەنى يادىكارلىق ۋە گۇزەل سەنئەت بايلىقلىرىمىزنى سىستىمىلىق چۇشەندۇرۇشىمىز زورور. ياشلىرىمىز 12 مۇقام، خەلق ناخشىلىرى ۋە داڭلىق سەنئەتچىلىرىمىزدىن خەۋەردار بولسۇن. بالىلىرىمىز مىللى چالغۇلىرىمىزنى قولىغا ئالسۇن. ئ‍وغۇل-قىزلارنىڭ تۇرلۇك ئۇسوللىرىنى ھەركەت ۋە ئىسىملىرى بىلەن ۋىدىيولاردا ئوگۇتۇشىمىز كېرەك. 20- ئەسىردىكى توختاۋسىز يىزىق ئىسلاھاتلىرى ۋە ھەر-تۇرلۇك ئۇرۇس، خىتاي مەكتەبلىرى خەلقىمىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات سەۋىيەسىنى چۇشۇرۋەتتى. نۇرغۇنلىرىمىز ئۇ يىزىقنى بىلسەك بۇ يىزىقنى بىلمەيمىز. ئوزىمىزنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە داڭلىق شەخسلىرىمىزدىن بىخەۋەر. بۇ ئون توملۇق «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى» دەرسلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويلىرىدە كام بولسا بولمايدىغان بىر قامۇس بولۇپ قالسۇن. بالىلارنى ئۇيغۇرچە رومانلارغا جەلىپ قىلىش 60000 سوزنى ئۆگىنىپ كىتىشنىڭ شەرتى. قولىمىزدىكى «ئىز»، «ئانا يۇرت» دىگەندەك رومانلار بۇنىڭ بىر ياخشى باشلىنىشى. ئۇنىڭ نىرىسىغا 300 كىتابتىن كام دىگەندە 100 كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى چىقىرالىساق بۇ مەسىلە ھەل بولغان بولاتتى. «ئۇيغۇر ئالى تەربىيەسى پروگراممىسى » بىزنىڭ ساپايىمىزنى ئوزگەرتىپ، ئاتسىملاتسيەگە تاقابىل تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇستۇن مەدەنىيەت سەكىسى قىلىپ تىكلەيدىغان بىردىن-بىر يول. بالىلىرىمىزنى مۇكەممەل ئۇيغۇر زىيالىسى قىلىپ چىقىش بىر ئائىلىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۇتۇدىغان ئىش ئەمەس. ئالى تەربىيە پائالىيىتى ھەر-بىر شەخس ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئ‍ككىلەنمەيدىغان بىر بۇرچىغا ئايلانسۇن. ئۇنىڭ ئۇچۇن دەرھال تۇتۇش قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىككى مۇھىم ئىش ئۇيغۇر ئاراللىرىنى قۇرۇش ۋە 300 كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىش. كوز ئالدىمىزدىكى 40- يىللاردا كەلگەن بىرىنچى ئ‍ەۋلات، 90- يىللاردا كەلگەن ئىككىنچى ئەۋلات ۋە ھازىرقى ئۇچىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلىرىمىزنڭ ئاقىۋىتىگە قارايدىغان بولساق بالىلىرىمىزنىڭ ھەر يىلى تۇركۇم-تۇركۇملەپ يابانچى بولۇپ كىتىۋاتقانلىقى بىر ئىچىنىشلىق پاكىت. ئەگەت بالىلار 15 ياشقىچە تىلى تولۇق چىقمىسا قالغىنى تەس. ئ‍ەگەر تەدبىر قوللانماي مۇشۇ پىتى كىتىۋەرسەك مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىچىدىلا ھەممىمىز پارغا ئايلىنىپ تۇگەيمىز ۋە تۇگەۋاتىمىز.

بىز چەتئەلدە ياشاپ قالغىنىمىز ئۇچۇن ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىىزدە بىر نەچچە خىل ئوزگۇرۇش ۋە ئىسلاھاتلارنى ئىلىپ بىرىشىمىزگە توغرا كىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر بالىلار پائالىيەتلىرىنى ھەسسىلەپ كوپەيتىش. بالىلارنى ئاپىرىپ ئوينۇتۇش ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى. لىكىن بالىلار ئاپىرىپ قۇشۇپ قويسىلا بولىۋىرىدىغان قوي ئەمەس، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى پىلانلىق ۋە سەۋىيەلىك بولۇشى كېرەك. ئاران تەسلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇ پائالىيەتلەردا بالىلار يەنە بىر-بىرسى بىلەن يابانچە گەپلەشسە، تىرىشچانلىقىمىز نولگە تەڭ بولىدۇ. شۇنداق چايلاردە ۋە ئۇيلەردە بالىلارغا مۇتلەق يابانچە گەپلىشىشكە يول قويماسلىقىمىز، يابانچە تىلىۋىزۇرلارنى ئوچۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇ ئىككى تۇزۇمدە مەغلۇب بولساق بالىلارنىڭ ئاسىملاتسيە بولۇپ كىتىشى مۇقەررەر. بىز ئولتۇرۇش، چاي ۋە نەزىرلەرنى چوڭلارغا تەييارلايمىز. بالىلىرىمىز ئويدە قالىدۇ. ئەندى بالىلىىرىمىزنى ئاپىرىشىقا توغرا كىلىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيەت ھاياتىغا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز. بالىلارغا دائىم ئۇيغۇرچە سوزلۇشۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۇشەندۇرۇپ تۇرۇشىمىز، رىغبەتلەندۇرۇشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئارسىغا چوقۇم تىل ساقچىلىرىنى قويۇشىمىز كېرەك.

چەتئەلدە بىزنىڭ بالىلىرىىمىز يىتىم ئوغلاق. يابانچىلارنىڭ بالىلىرى ئويدە ئاتا-ئانىسى ئوگەتكەن تىل بىلەن شۇ پىتى تالاغا چىقىپ بالىلار بىلەن گەپلىشىدۇ، ئوينايدۇ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ جىق يىڭى-يىڭى گەپ-سوزلەرنى ئۆگىنىپ كىرىدۇ. بىزنىڭ بالىلىرىمىز بولسا يابانچىلارنىڭ ئارسىدا شۇلاردىن ئوگۇنۇۋالغان يات بىر تىل بىلەن قىينىلىپ تۇرۇپ گەپلىشىپ ئويناشقا مەجبۇر. بىز ئويدە ئوگەتگەن ئۇيغۇر تىلى تالادا ئاقمايدۇ. كورۇپ تۇرۇپتىمىزكى يىلدا ئ‍ايدا بىر بولۇپ قالىدىغان ئۇيغۇر يىغىلىشلىرىدا بىچارە بالىلىرىمىز بىر-بىرسىنى كورسە خوشال بولۇپ پارتلاپ كىتىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا ئۇيغۇر تىلى بىلەن، ئوز ئانا تىلى بىلەنمۇ ئوينىغىلى بولۇدىغان ئاجايىپ بىر ھاياتنىڭ بارلىقىنى كورۇپ ھاياجانلىنىدۇ ۋە ئوزلىرىنىڭ توپلاردا يوق يىتىم-يىسىرلار ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەپسۇسكى بالىلىرىمىز خوشاللىققا چىققان بۇنداق يىغىلىشلار نەچچە سائەتكە بارماي تارقايدۇ. ئەمما بالىلىرىمىزنىڭ ھاياجىنى كەچكىچە ۋە ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. بالىلارنىڭ ئويدە ئوگەنگەن ئانا تىلى ئۇچۇن تالادا بىر يىتەرلىك پراكتىكا ھاياتى لازىم. بىزمۇ شۇنداق، بىر چەت تىلنى ئوگۇنۇمىز، ئىشلەتمىسەك ئۇنتۇپ كىتىمىز. بالىلىرىمىز ئويدە ئانا تىلنى ئوگەنسە سىرتتا ئۇيغۇرلارغا ئارىلشىپ ئۇيغۇر بولۇشنى ئوگۇنۇدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ ئويدە ئوگۇنىدىغان نەرسىلىرى بىر يۇرۇش، بالىلار ئارسىدا ئوگۇنىدىغان نەرسىلىرى بىر يۇرۇش ۋە چوڭلارغا ئارىلىشىپ ئوگۇنۇدىغان نەرسىلىرى يەنە بىر يۇرۇش. ئەپسۇسكى بىز بالىلار تەلەپ قىلۋاتقان ئۇنداق شارائىتلارنىڭ ھىچقايسىسىنى تەمىنلەپ بىرەلمەيۋاتىمىز. بۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر مەكتەبلىرى ئ‍ىچىلىپ بولغىچە، ئۇيغۇر ئويلىرى ئىلىنىپ بولغىچە ۋە ئۇيغۇر مەھەللىلىرى قۇرۇلۇپ بولغىچە بالىلىرىمىزنىڭ بويى بىز بىلەن تەڭ بولۇپ كىتىپ بارىدۇ. ئۇلارنى ساقلاپ ياتساق بالىلىرىمىزدىن ئايرىلىمىز. چەتئەلدىكى بۇنداق تارقاق شارائىتتا بىز چوڭلار مەقسەتلىك ھالدا بالىلىرىمىزنى ئارسىمىزغا ئىلىشىمىز كېرەك. ۋەتەندە بالىلارنى چوڭلارغا قاتسا بىر بىئەدەبلىك ھىسابلانسا، چەتئەلدە بۇ بىر ۋەزىپە. بىز مۇشۇ يوللار ئارقىلىق كام يەرلەرنى تولدۇرمىساق باشقا ئامالىمىز يوق.

چايلارغا بالىلارنى ئىلىپ بىرىشنىڭ بالىلار پائالىيەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان بىر چوڭ پەرق شۇكى بالىلار بالىلار ئارسىدا بىر خىل نەرسىلەرنى ئوگەنسە، بالىلار چوڭلار ئارسىدا ئۇيغۇرنىڭ بىر يۇرۇش ئورپ-ئادەتلىرىنى ئوگۇنۇدۇ. قىزلىرىمىز ئاياللار ئارسىدا بىللە ئولتۇرۇپ گەپلىرىمىزنى تىڭشايدۇ، تىزغانلارغا قارايدۇ، ياسىنىشلىرىمىزنى دۇرايدۇ ھەتتا غەيۋەتلىرىمىزنىمۇ ئاڭلاپ سىپى ئوزىدىن ئۇيغۇر خانقىز بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئوغۇللىرىمىزمۇ مەشرەپ كورمىگىچە ئادەم بولمايدۇ. ئەپسۇسكى بىز پارچە-پارچە ياشايمىز ۋە بالىلىرىمىز ئۇيغۇر مەھەللىۋى ھاياتىدىن مەھرۇم. بىز بۇ يوچۇقنى سەزمەيۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە تىلى خىلى ياخشى چىقىپ بولغان بالىلىرىمىزدىمۇ قانداقتۇ بىر نەرسىلەرنىڭ كام ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرۇىدۇ.  چوڭ-كىچىكلەر بىرگە ئولتۇرۇش ھىچ بىر نۇمۇس ئىش ئەمەس. قازاق، قىرغىز ۋە موڭغۇللار ئەر-ئايال، قىرى-ياش ئ‍ايرىماي ھەممىسى بىرگە ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇش ۋە ئولەڭلىرى بەك قىزىيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى بويىغا يەتمەي تۇرۇپ تىلغا ۋە قوشاققا ئاجايىپ باي بولۇپ كىتىدۇ. بىزنىڭ ئۇ ياشتىكى بالىلىرىمىز دۇدۇقلاپ ئىككى ئىغىز مۇھەببەت ئىزھارلاشنىمۇ بىلمەيدۇ.

خىتايدىكى ئەللىك نەچچە مىللەت بىر چەتتە تۇرسۇن، چەتئەلدىكى ھەر ئامىرىكا، ئەنگىليە، ئەرەب ۋە تۇرك دىگەنلەرنىمۇ كوردۇق، بىزدەك ئ‍ەدەبلىك، رەتلىك باردى-كەلدى قىلىشىدىغان خەلق يوق. بىز سولۇنۇپ قالغاچقا مىللىى ئورپ-ئادەتلىرىمىز بۇزۇلمىغان. ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى چىرايلىق، ئوينى ئوبدان تۇتۇدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئەرلىرىدە باشقىلاردەك بەتقىلىقلار ئاز. بۇ جاھاندىكى بىر خىل بۇزۇلۇپ كەتكەن خەلىقلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار كوپ ياخشى، پەدە-شەپىلىك، ئىمانلىق، مىھمادۇس ۋە مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇيغۇرنىڭ توپى پاسكىنا ئەمەس. بالىلارنى قوشۇۋالساق بىزدىن ياخشى نەرسىلەرنى ئوگۇنۇدۇكى يامان يولغا ماڭمايدۇ. ھازىر قىسمەن بالىلىرىمىز تۇرلۇك جىنايەت ۋە خاتا يوللارغا مىڭىۋاتىدۇ، بۇنىڭ مەسئۇلىيتى ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسىدا. ئۇلارنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىكى كونكرىت سەۋەبلەر ھەر خىل بولسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئورتاق ئەھۋال يالغۇزلۇق. ئۇلارنىڭ چوقۇم تەڭتۇشلىرىدىن ۋە چوڭلاردىن دوستلىرى بولۇشى كېرەك. ئۇلار بىلەن مۇڭدۇشىدىغان، ھاياتىدىكى مۇرەككەپ ئىشلارغا ھەمدەم بولۇدىغان، بولۇپمۇ يامان يوللاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۇزۇتۇپ تۇرۇدىغان كوزلەر بولۇشى كېرەك. بالىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇش خەتەرلىك. ئەمما ھەر قانداق توپتا يۇرت بۇزۇقىدىن بىر-ئىككىسى چىقىپ تۇرىدۇ. بىر يامان ئوننى بۇزۇدۇ. ئۇنداقلارنى ئۇچۇغداپ تۇرۇش ئوزىگە ۋە جامائەتكە پايدىلق. سەن بالاڭنىڭ قانداق بالىلار بىلەن ئارىلىشۋاتقانلىقىنى ۋە نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ماراپ تۇر.

بىزدە بالا تەربىيەلەش ئانىلارنىڭ ئىشى. بىز ئەرلەر بولساق بىر ئ‍ويۇپ قويغان ھەيكەل. بىز تاپشۇرۇقلارغا قاراشنى، بالىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىشنى، قىسقىسى ئۇلار بىلەن تۇزۇك پاراڭلىشىشنىمۇ بىلەيمىز. بىر نەچچە يىل ئوتكەندىن كىيىن بالىلار گىپى بولسا ئاپىسىغىلا دەپ، بىزگە دىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىز بۇ ئويدە تالاغا چىقىپ پۇل تىپىپ كىرىشتىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان بىر ئىشچى. ياخشى ئەر ئويدە ئايالى بىلەن بالىلىرىنى بىشىغا ئالىدۇ. تالادا يارامسىز ئەرلەر ئويگە كىرىپ ھوكۇرەيدۇ. بىر ئوينىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكى ئانا ۋە بالىلارنىڭ كۇلكە ئاۋازىدىن مەلۇم بولىدۇ.

ھەر ھەپتىدە بالىلارنى پائالىيەتكە ئاپىرىدىغانغا ھىچكىمنىڭ ۋاقتى يوق. ئەمما بالىلىرىمىز ھەپتىدە بىر ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ جىق پائالىيەتكە مۇھتاج تۇرۇپتۇ. بۇ يۇچۇقلارنى تولدۇرۇش ئۇچۇن قولىمىزدىن كىلىدىغان چارىلارنى ئىستەپ تاپماي بولمايدۇ. مەسىلەن، ھازىر سىبەر دۇنياسى بالىلار ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. تورلاردا بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر دوستلىرىغا باغلاش بەك مۇھىم. چوڭلاردا ئورتاق تىل خىلى مۇقىم تۇرىدۇ. بالىلاردا ئورتاق تىل ھەر ئىككى يىلدا بىر ئالمىشىپ تۇرىدۇ. 5 ياشلىقلار، 7 ياشلىقلار، 9 ياشلىقلار، 11 ياشلىقلار، 13 ياشلىقلار ۋە 15 ياشلىقلارنىڭ ئورتاق تىللىرى ئوزگىچە بولۇپ، ئۇلارنى بىر يەرگە ئىلىپ كىلىش تەس. مۇشۇ ئولچەم بويىچە ئايرىغاندا بىزگە 6 يۇرۇش مۇئارىپ پروگراممىسى كېرەك. بالىلار تىلىۋىزىيەسى ئاچقاندا كام دىگەندە ئوسمۇرلەر، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئورتا دەپ 4 خىل تىلىۋىزىيە ئ‍ىستانسلىرىنى ئىچىش بالىلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجى. بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا زىيالىلىرىمىز تولۇق ۋە پۇل چىقىرىدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز تەييار. تىلىۋىزور توغۇرلۇق بىر مەخسۇس ئوگۇنۇش كۇرسى ئىچىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا، تەرجىمانلارغا، مۇئاللىملارغا، كىتابخانىلارغا، تىلىۋىزىيە ۋە رادىيولارغا ئىئانە بىرىپ تۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ياخشى مەدەنىيەتلىك ئادىتى بولۇپ قالسۇن. ياۋروپالىقلار شۇنداق، ياپونلار شۇنداق، تۇركلەر شۇنداق ۋە بىزمۇ شۇنداق بولىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت خادىملىرىنى تەقدىرلەپ تۇرايلى. ئۇلار مىللەت ئۇچۇن ئىشلەۋاتىدۇ. ئىئانە سوراش ھەرگىز ئ‍ىيىپ ئىش ئەمەس. رىياسەتچىلەر خەلىقتىن يۇز سوم كەلسىمۇ ئىسمنى ئاتاپ رەخمەت ئىيتىشنى ئۇنتۇمايلى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئويلىرى ئۇيغۇرچە كىتابلار بىلەن، مونىتورلىرىمىز ئۇيغۇرچە كاناللار بىلەن توشۇپ كەتسۇن. تاپقان پۇلىمىزنىڭ بىر قىسمىنى زاكاتقا بەرسەك جىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلۇدۇ.

چوڭلاردىن مەيلى بالىمىز بولسۇن بولمىسۇن مۇشۇ كۇنلەردە جامائەتكە قىلىپ بىرەلەيدىغان يەنە بىر ئىشىمىز تونۇشلىرىمىز ياكى تۇققانلىرىمىزنىڭ بىر نەچچە بالىسىغا خالىسانە ئۇيغۇر تىلى تەربىيەچىسى بولۇپ بەرسەك. ئۇ ئويدە بالىلارنىڭ تىلى قانداق چىقىۋاتىدۇ، ئوقۇش نەتىجىلىرى قانداق دىگەندەك مەسىلىلەرگە كوز-قۇلاق بولۇپ تۇرساق. بالىنى قانداق تەربىيەلەش ھەممە ئوينىڭ بىرىنچى غىمى. بىزدە تەجىربە يوق ۋە ئۇلارنى چۇشۇنۇپ بولغىچە بالىلار چوڭ بولۇپ كىتىپ بارماقتا. بۇ خىل خالىسانە يىتەكچىلىك بالىلارغا ۋە ئاتا-ئانىسىغا قوشۇمچە بىر مەدەت، نازارەت ۋەكاپالەت بولاتتى.

بىز ئۇيغۇر ئاراللىرىنى بەرپا قىلىش مۇھىم دەۋاتىمىز. كاشكى ئۇچ ئائىلىنىڭ بىر بىنادا ياشىغىنىنى كورمەيمىز. جىگدە قاققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق. ئىسىل ئويگە كىرىمەن دەپ توزۇپ كەتكەندىن ئ‍اددى بىنالاردا خوشىنا بولۇپ ياشىغان ياخشى ئەمەسمۇ؟! ئۇيغۇر ئاراللىرىنىڭ ئەڭ توۋەن ئولچىمى ئۇيغۇر بالىلار توپى. مەيلى قانچە ئائىلە بىرگە بولمايلى، بالىلىرىمىز يۇگرەپ چىقىپ تالادا بىرگە ئ‍وينىيالىسا ھىساب.

بىز تۇغۇلغان كۇنلىرىمىزدە شام پۇدىمەي چوڭ بولدۇق. بىر كۇنى پالانى يۇلتۇزلۇق بىر مىھمانخانىدا بىركىملەر قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئوتكۇزۋىتىپتۇ. قارىسام 11 ياشلىق قىزىنىڭ رەسىمىنى 3 قەۋەت بىنا بىلەن تەڭ ئىكرانغا چىقىرىپ قويۇپتۇ. باشتا ئۇلارنى بايلىقىنى كوز-كوز قىلۋاتقان مافىيالار دەپ ئويلىغان ئىدىم. كىيىن ئويلىسام ئۇنداق ھەشەمەت قىلغاننىڭ ھەقىقى مەزمۇنى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر ئىكەن. ياۋروپالىقلار نىمە ئۇچۇن بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۇنلىرىنى ئوكسۇتمەي ئوتكۇزۇدىغانلىقىنىڭ  ئەھمىيىتىنى ئاستا-ئاستا چۇشۇنۇشكە باشلىدىم. تۇغۇلغان كۇنلىرىنى تولۇق ئوتكۇزگەن بالىلارنىڭ ھاياتقا ئىنتىلىشى يۇقۇرى بولىدىكەن. ئوزىنى ئ‍ىسىل چاغلىغان بالىلار چوڭ بولغاندا قارا ئىشقا كونمەيدۇ ۋە تىرىشىدۇ. مەسىلەن بىزدىن بەزىلەر كىلىپ تىل ئۆگىنىپ ئاشخانىدا يىرىم يىل ئىشلەپ ئوز يولىنى تىپىپ كىتىدۇ. ئەمما بەزىلەر شۇ پىتى ئىشلەۋىرىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن بىز ئويدىكى مەلىكىلىرىمىزنىڭ، شاھزادىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنلىرىنى ئوكسۇتمەي چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك قىلىپ بىرىشىمىز كېرەك ئىكەن. ئۇچ ياشتىن يىگىرمە ياشتىكى بالىلىرىمىزغا داۋاملىق قاتار چاي، ۋىچىر، پىكنىك، تەتىل لاگىرى ۋە ساياھەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ بىرىش بالا تاپقان ئاتا-ئانىنىڭ بىر بۇرچى. ئوغۇل-قىزلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ بىر-بىرسى بىلەن تونۇشسۇن، ئ‍اداش بولسۇن ۋە ئويلۇك بولۇپ جىق بالا تاپسۇن. بىر ئويدە بالا ئۇچتىن كام بولسا پىسخولوگىيەدە تولۇق بولمايدۇ.

يات مىللەت بىلەن توي قىلىشقا بولمايدۇ ۋە بەرىبىر ئاخىرى چىقمايدۇ. قاش-كوزىنى دەپ يابانچىلار بىلەن توي قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كوپى ئاجىرشىپ بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى جىق مۇرەككەپ تىل، مىللى ئورپ-ئادەت، دىننى ئىىتقاد، مىللى پسخولوگىيە، ئۇرۇق-تۇققانچىلىق، ئ‍ۇلپەتچىلىك ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ياتىدىغان سەۋەب ۋە ئامىللار بولۇپ نۇرغۇنلىرىنىڭ تىگىگە يىشىمىز ئەللىككە كىرىپمۇ يىتىپ بولالمايمىز. بىر يوتقاندا يىتىش پەقەت يۇز خىل ئورتاقلىق ئىچىدىكى ئەڭ ئاددى بىر جىنسى ئورتاقلىق. بىر ئوينى ئوي قىلىدىغان قالغان 99 شەرتنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ئەتىدىن كەچكىچە جىدەللىشىش ياكى يىللاپ يىللاپ مۇرەسسە ئىچىدە ياشاش بىر تەس ئىش. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يا تەقدىرگە تەسلىم بولۇپ بۇرۇقتۇم ئىچىدە ياشاش ياكى يۇرەكنى زىدە قىلىپ بالىلارنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىش. بۇنداق ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى قايتا قايتا ئىسپاتلىنىپ بولغان بىر پاكىت. ئۇنىڭغا قارشى تەلۋىلىك قىلىپ دۇنيادا ئاران بىرلا قىتىم كىلىدىغان قىممەتلىك ھاياتىمىزنى تەجىربە چاشقىنى قىلىش ئوزىمىزنى ھاجەتخانىغا تاشلىۋىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار چەت ئەلچىلىكتە بىر-بىرىمىزگە يۇرتىمىزدىكى ئالى شەرتلەرنى قويغىلى تۇرساق بولمايدۇ. ئوي تۇتۇشقا تەييار قىزلىرىمىز، چوكانلىرىمىز ساقلاپ-ساقلاپ ئاخىرى تۇركلەرگە، ئەرەبلەرگە تىگىپ كىتىپ بارىدۇ.

ھازىر ئەر-ئاياللار ئايرىم چاي ئوينايدىغان بىر قالاقلىق مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئاياللارنى جەمىيەتتىن چەكلەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ۋە غەربىي ئاسىيلىقلارنىڭ ئىشى. ئاياللارنىڭ ئورنى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئولچەيدىغان بىر بارومىتىر. بىز ئۇيغۇرلار ئۇ قەدەر زىنادىن چەكلەپ تۇرمىسا بۇزۇلۇپ كىتىدىغان بىر ئەخلاقسىز خەلق ئەمەس. ئۇنداق خۇراپىي ئولتۇرۇشلاردا ئەرلەر تىخىمۇ جىق سەت گەپ قىلىشىدىغان، ئاياللار غەيۋەت-شىكايەتنى ياغدۇرۋىتدىغان بىر چەكلىمىسىز، پەدە-شەپىسىز مۇھىت پەيدا بولىدۇ. مىللەت ئارسىدىكى دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىق سۇيۇقلۇشىدۇ. بۇرۇن ئۇيغۇرلار مەشرەپلەردە ئەر-ئايال چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم بىر ھويلىغا يىغىلىپ چىرايلىق ناخشا-ئۇسوللار، لەرزان سازلار ۋە قوشاقلارنى قوشاتتى. ئ‍ىسىمنى بىلسەم كىچىكىمدە غۇلجىدا ھەتتا مازۇركا، چارداش ۋە بالماسكرات دىگەندەك ياۋروپانىڭ ئوردا تانسىلىرىمۇ بار ئىدى. ئەمما سەھرالىقلار بەرىبىر ئوزلىرىنىڭ يومۇر ۋە سەت گەپلىرىنى ئازادە دەۋىلىش ئۇچۇن ئوتتۇز ئوغۇل بىر ئويگە كىرۋىلىپ مەشرەپ قىلاتتى. ئەر-ئايال بىرگە ئولتۇرغاندا ئاغزىنى بۇزماي كۇلكە چاقچاق قىلىش بىر ئاز تەس. پاكىت ئىسپاتلىدىكى ئەر-ئاياللار توپ بولسا يۇرت تۇزۇلۇپ ئايرىم بولسا يۇرت بۇزۇلىدىكەن. ئۇنداق چوڭ توپتا كىچىكلەر چوڭلاردىن ئوگۇنۇدىغان، چوڭلارمۇ گەپ-سوز، يۇرۇش-تۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىدىغان بىر خىل ئەدەبلىك مۇھىت پەيدا بولۇپ، ئەخلاقسىزلىق ۋە پىتنە-پاساتلارغا پۇرسەت بولمايدۇ. ئەرەبلەرنىڭ ئولتۇرۇشلىرىنى ۋىدىيولاردا كۆرۈۋاتىمىز. قىلىقلىرىنىڭ سەتلىكىگە ئادەمنىڭ ئىچى ئىلىشىدۇ. ئۇلار خوتۇنلىرىنى ئويگە سولاپ قويۇپ ئەرلەر ئايرىم ئولتۇرغىنى بىلەن يەنە بەرىبىر تالادىن بىر نەچچە ئايالنى تىپىپ كىرىدىكەن. ئافغاندىمۇ ئەرلەر ئايرىم ئولتۇرۇپ، نارسىدە ئوغۇللارنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ قويوپ ئاياللارچە ئوينۇتۇپ شۇنىڭدىن ئوزلىرى بىلىدىغان بىر خىل ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇدىكەن. ئۇنداق بازارلىرى ئەرلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن دولەتلەردە ئاياللار ئوينىڭ قۇلى. ئۇلارنىڭ مۇتەئەسسىپلىك ئىچىدە چوڭ بولغان خانىم-قىزلىرىمۇ شۇ خىل ھاياتقا كونۇپ كىتىپتۇ. ئازاتلىققا يىتىلىسىڭىز بىشىڭىزغا تاش ئاتىدۇ.

ئاتسىملاتسيەنىڭ بىرىنچى قەدىمى تارقىلىپ كىتىش. ئۇيغۇرلار ھازىر بەك تارقاق، ھەتتا بايراملارغىمۇ يىرىمى كەلمەيدۇ. بۇ بىر خەتەرلىك باشلىنىش. ئەگەر بىز قايتىدىن ئوملەشمەكچى بولساق بىر يۇرتلۇق، مىنكاۋخەن، دىنچى ۋە چوك-كىچىك دەيدىغان گۇرۇپپلىرىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويمىساق بولمايدۇ. بۇ چەتئەلچىلىكتە ئوز يۇرتىمىزدا بولغان بولساق قارار كوزىمىز يوق بىر نەرسىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشقا كونۇشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىشايلى دىگەن بۇ چىرايلىق شۇئارنىڭ تىگىدە مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپلىكلەر ۋە تىرىشچانلىقلار يىتىپتۇ.  ھازىر كوپ ساندىكى ئۇيغۇرلار توپتا يوق. مۇشۇنداق چوڭ بىر كىرزىس ئاستىدا ياتساق يەنە يۇرتۋازلىق قىلىدىغانلانىڭ بۇزغۇنچۇلۇقىنى جاسۇستىن كام ئەمەس دىسەكمۇ بولۇدۇ.

ياخشى جامائەت باشلىقلىرى ئالدى باشلاپ بالىلارنىڭ مائارىپىغا كوڭۇل بولۇدىغان، ياشلارنى يىغىدىغان، كىشىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇدىغان، ئىلمى دوكلادلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدىغان، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرىدىغان ۋە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان بىر خىل كارىزماتىك زىيالى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ لىدىرلىرىمىز شەرقى تۇركىستاننى ئازاد قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ بىرسىدىكى ئ‍ىشلارغا چولىسى تەگمەيۋاتىدۇ. چۇشەنسەك ئۇيغۇر جامائەتلىرى ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى، مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىسى، بالىلىرىمىزنىڭ مەكتىۋى. ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ دۇشمەنلىرى جاسۇسلار، شوھرەتپەرەسلەر، شەخسىيەتچىلەر‪, يۇرتۋازلار ۋە پىتنە-پاساتچىلار بولۇپ ئۇلارنىڭ كەلتۇرگەن ۋە كەلتۇرۋاتقان زىيانلىرى يۇركىمىزنى زىدە قىلىپ، ئەۋلاتلىرىمىزنى ۋەيران قىلماقتا. جامائەتلىرىمىزنىڭ پاكلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەر-بىر ئاقكوڭۇل، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولماس بىر بۇرچى.

ئادەم بۇ دۇنياغا بىرلا قىتىم كىلىدۇ. بۇ چەتئەلدە مۇساپىر بولۇپ قالغىنىمزنى ئاز دەپ نۇرغۇنلىرىمىز جامائەتكە ئارىلاشمايدىغان، ئۇيغۇرلاردىن يىراق تۇرۇدىغان، ئەڭ قىممەتلىك ئۇيغۇرلۇق ھاياتىمىزنى قۇربان قىلۋىتىدىغان بىر ئىچىنىشلىق يولنى تاللاۋاتىمىز. توغرا، جامائەتلا بولۇدىكەن ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر-خىل ئشلار بولۇدۇ. بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلاردا يەھۇدىلاردەك، كورىيەلىكلەردەك ئىناق، بىر-بىرسىنى يولەيدىغان جامائەت قۇرماق تەس. ھەممىمىز جامائەتتىن ياردەم تاما قىلىمىز، ھىچقايسىمىز جامائەتكە توھپە قوشمايمىز. بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار چوڭ مەنىدىن ئىيتقاندا يۇرتتىن ئايرىلغان مۇساپىرلار ۋە كىچىك مەنىدىن ئىيتقاندا ئوزىمىزنىڭ ئەڭ كىچىك مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىدىنمۇ ئايرىلغان يىتىملار. جامائەتتىن ئوزىنى تارتقانلارنىڭ كوپىنچىسى ئۇيغۇردىن بىزار بولغانلار ئەمەس بەلكى ئوزلىرىنىڭ كىچىك مەدەنىيەت چەمبرىكىنى تاپالمىغانلار. ئۇلار بىزگە ئارلاشماي ئىزىپ-تىزىپ كىتىشكە رازىكى ئوزىگە سەل ئوخشىمايدىغانلار بىلەن ئارىلشىشنى خاھلىمايدۇ ياكى ئارىلشىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ماھىيەتتە بىر غىرىپ ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئادەملەر. ئۇلارغا بۇ پىتنە-پاسات جامائەتلىرىمىزنى چىرايلىق كورسۇتۇپ تارتىپ ئەكىرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. شۇنى چۇشەندۇرۇشىمىز كېرەككى جامائەتتىن ئوزىنى تارتقانلار ئەتىسىلا ئەدىۋىنى بالىسىدىن كورىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى بالىلىرىغا ئوگەتمەيدىغان، ئۇيغۇر تىلى يارىماس تىل دەيدىغان ۋە ئاتسىملاتسيە بولۇپ كىتىشنى قوبۇل قىلغان ئاتا-ئانىلارنى تەنقىدلىمەي بولمايدۇ. بۇنداق ئاتا-ئانىلار بالىلىرى كىچىك ۋاقىتلىرىدا چالا پۇچۇق يابانچىسى بىلەن گەپلەشكىنى بىلەن 15 ياشتىن ئاشقاندىن كىىيىن ئۇنداق ئورتاق تىللىرى تۇگەيدۇ. ئ‍ۇ چاققا بارغاندا ئوينىڭ ئىچىدىكى بۇ بىئەپلىككە ئادەم چىداپ بولمايدۇ. ئۇرۇشسىز ئۇرۇش، جىدەلسىز جىدەلگە ئايلىنىپ قالغان بۇ ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى كىلىشىم ۋە مۇرەسسەلەر ئىچىدە ئاران 3-4 يىل داۋاملىشىدۇ. ئاتا-ئانىغا مىھرى يوق، ئۇيغۇر مىللىتىگە ھورمىتى يوق ھالدا توگىدەك بولۇپ قالغان بالىلار بىلەن بىر ئۇستەلدە يامانلاشقاندەك ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش ئاتا-ئانا ئۇچۇن بىر خورلۇق ۋە نۇمۇس. ئۇنداق يابانچى بولۇپ كەتكەن بالىلار ئوزلىرىمۇ 20 ياشقا كىرىپ ئالى مەكتەبكە كەتكىچە ئاران چىدايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئ‍ۇيغۇرنى ئەسلەپمۇ قويمايدۇ. ئۇ ياشقا يەتكەندە ئۇلارنىڭ ئارقىدىن يۇگۇرەپ بىرىپ دىۋان لۇغەت تۇرك بىلەن 12 مۇقامنى تەڭلىگىنىمىز بىكار. 15 يىل بەك قىسقا ۋاقىت. بىزدە تىلسىز چوڭ بولۇپ كەتكەن بالىلارنى داۋالايدىغان ئۇيغۇر دوختۇرخانىسى يوق.

ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى ئۇنداق مالىماتاڭلاردىن يىراق، پەقەت تىللا ئوگۇتۇدىغان بىر نارسىدە بالىلارنىڭ دۇنياسى. خالايىق، ئەڭ ئەقەللىسى بالىلىرىمىزنى تىل مەكتىۋىگە ئ‍اپىرىشتىن باش تارتمايلى! تىل مەكتىۋىنىڭ تىل ئوگۇتۇشتىن باشقا مەقسىدى يوق. سەن ئوزەڭچە ئۇيغۇردىن يىراق خاتىرجەم ياشاۋاتىمەن دەمسەن؟ ھەممە ئۇيغۇردىن ئەۋۋەل ئوزەڭ يوقۇلۇۋاتىسەن. بىز شۇنچە تىرىشىپ بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلالمايۋاتقان يەردە سەن ئۇلارنى ئەپقىچىپ نەگە بارماقچى؟ تويلاردا ۋە چايلاردا بەزى يۇزلۇك-ئابرويلۇق خانىملار ۋە ئەپەندىملەرنىڭ بالىلىرىنى كورمەيمىز. بەلكىم كىلەر يىلىمۇ كورمەيمىز. ئۇلار ئەندى كەلمەيدۇ. 20 يىل ئوتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئويىدىن ئۇيغۇرچە ئاۋاز ئوچۇدۇ. بالىلىرىمىز ئاشۇنداق يابانچى بولۇپ كەتكەن چوڭلار مىللەتكە بۇ ئىبرەتلىرىمىزنىمۇ كورسۇتۇشىمىز كېرەك.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

Pollock, D.C., & Van Reken, R.E. (2009). Third culture kids: The experience of growing up among worlds. Boston: Nicholas Brealy.

Useem, Ruth Hill; Downie, Richard D. “Third-Culture Kids”. Today’s Education.

Moore, A.M.; Barker, G.G. (2012). “Confused or multicultural: Third culture individuals’ cultural identity”. International Journal of Intercultural Relations. 36 (4): 553–562. doi:10.1016/j.ijintrel.2011.11.002.
Melles, E.A.; Schwartz, J. (2013). “Does the third culture kid experience predict levels of prejudice?”. International Journal of Intercultural Relations. 37 (2): 260–267. doi:10.1016/j.ijintrel.2012.08.001.

Lyttle, A.D.; Barker, G.G.; Cornwell, T.L. (2011). “Adept through adaptation: Third culture individuals’ interpersonal sensitivity”. International Journal of Intercultural Relations. 35 (5): 686–694. doi:10.1016/j.ijintrel.2011.02.015.

Useem, J.; Useem, R.; Donoghue, J. (1963). “Men in the middle of the third culture: The roles of American and non-western people in cross-cultural administration”. Human Organization. 22 (3): 169–179. doi:10.17730/humo.22.3.5470n44338kk6733.

Paradis, J., Genesee, F., & Crago, M. (2011). Dual Language Development and Disorders: A handbook on bilingualism & second language learning. Baltimore, MD: Paul H. Brookes Publishing.

Dr. Mary E. Dahlgren/« Oral Language and Vocabulary Development – Kindergarten & First Grade » Reading First National Conference, 2008

Nashville, TN ‫)https://www2.ed.gov/programs/readingfirst/2008conferences/language.pdf‫(

  1. 6 Calgary

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش