ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان كېڭەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان كېڭەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2019-يىلى 6-ئىيۇل شەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10.00 دا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋەخپىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا “5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان كېڭەش يىغىنى” ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋەخپىسىنىڭ ساماۋەر چايخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كېڭەش يىغىنىغا يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈرك تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار ھەمدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 20 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

كېڭەش يىغىنى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن شېھىت بولغان ئەزىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىنىغا پىروفېسسور دوكتور ئالىجان ئىنايەت رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ نوتۇقىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگىرى ھەققىدە نوختىلىق توختالدى.

يىغىنغا قاتناشقان تۈركىيەلىك ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلىمىغا قارشى تۈركىيەدە قىلالايدىغان ئەمەلىي ئىشلار ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەردى. شۇنداقلا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدىمۇ ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ۋە كونكېرت-ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت تۈرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋەخپى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، ھىرا تەلىم-تەربىيە ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋەخپى ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك مەسىلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى سۇندى.

كېڭەشتە كونكىرىت شەكىلدە تۆۋەندىكى تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

1) شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى قەرەللىك ھالدا تۈركىيەلىك ئاكادېمىك-تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار ۋە تۈرك تەشكىلات مەسئۇللىرىنى يىغىپ مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ تۇرىشنىڭ زۆرۈرلىكى

2) شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاكادېمىك مەلۇماتنىڭ ئاز بولۇش بوشلۇقىنىڭ جىددى تولدۇرۇلۇشى

3) شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى كۆپۈكلەرنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن توغرا ۋە ئىشنچلىك مەلۇماتلارنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش

4) مۇھىم يېڭىلىقلار ۋە ۋەقەلەر بولغاندا تىزدىن تۈركىيەلىك ئاكادېمىك-تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار ۋە تۈرك تەشكىلات مەسئۇللىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكى

5) شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاكادېمىك ئىلمىي ماقالىلارنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولۇش

6) شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچلىك خەۋەر ۋە ئانالىزلارنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقى

7) تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئىلان قىلىنىشى ئۈچۈن تۈرك مۇخبىر ۋە يازغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئۇلارغا مەلۇمات تەمىنلەشنىڭ زۆزۈرلۈكى

8) خىتاي خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ ئىشخالچى دۈشمەن كۈچ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش كىرەكلىكى

9) خىتايدىكى تۇڭگان ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى تۇتۇش ۋە خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى

10) خىتايغا قارشى دېمۇگراتىك خىتايلار بىلەنمۇ ئالاقە قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى

11) ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈستىگە قويۇلماسلىقى

12) ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلىشى

13) كېيىنكى 5 يىلدا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن تەخمىنەن 20 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق بىلەن بىر-بىر ئالاقە ئورنۇتۇپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا لاھىيە شەكلىدە سۇنۇپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەمەلىي قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش

14) ئائىلەسى پارچىلانغانلارغا پىسخولوگىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش، تەسەللى بېرىش ۋە ئۇلارغا ئالدىن ياردەم قىلىش

15) شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى پىسخولوگىيەلىك ۋە جەمىئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش

16) ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى ئۇتۇقلارنى كۆپلەپ يېيىش ۋە شەرقىي تۈركستانلىقلاردىكى ئىلھام – ئۈمىد چىرىقىنى يۇرۇتۇش

17) ئالىي مائارىپتا ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش

18) تۈركىيەدە ئىسلام تەتقىقاتى بۆلۈمىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تارىخى ۋە مىللىي داۋا ھەققىدە كۆپلەپ لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش

19) تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەققىدە كۆپلەپ لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش

20) شەرقىي تۈركىستان تەشكلاتلىرى ئۆز ئارىسىدا ۋەزىپە تەقسىماتىنى ئېنىق قىلىۋېلىشى ۋە قەرەللىك بىر يەرگە كېلىپ مەسلىھەتلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى

ئورتاق ئەقىلگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىش، باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن ئويلاش ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇشتەك ئەمەلىي قېيىنچىلىقلار ئۈستىدە بولغان بۇ كېڭەش يىغىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولدى.

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللاپ مەتبۇئاتلاردا ھەرخىل ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەلىك مۇخبىرلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەسىرى خېلىلا كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللىغان مۇخبىر ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى تېخىمۇ توغرا ۋە كەڭ مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش ۋە مەتبۇئاتلاردا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇندا ماقالە ۋەخەۋەرلەرنىڭ ئىلان قىلىنىپ تۇرىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەد قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ تۈرلۈك يىغىنلارنى قەرەرلىك داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيەلىك مۇخبىرلار، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار ۋە تۈرك تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئېچىلغان بۇ تۈر كېڭەش يىغىنىنىڭ تۇنجىسى 2019-يىلى 16-مارت ئىستانبۇلدىكى گۈزەل ھايات ئۇيغۇر رېستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش