ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 2-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

2-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

2019-يىلى 4-ئايدا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كەلگۈسى تايانچ كۈچ يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە، مەخسۇس 9 ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن، ماگېستىر- دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 21 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» تېمىسىدا ئىككى كۈنلۈك كۇرۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇ  كۇرۇسقا قاتناشقان ياشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۇرۇستىن كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە  بۇ تۈر كۇرۇسلارنىڭ قەرەرلىق ئېچىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە ھىرا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىنىڭ 2- قېتىملىقى 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 27- ۋە 28- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇل ساپاكۆي ئارىف نىھات ئاسىيا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىنىڭ 2- قېتىملىقىغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن بولۇپ 20 ئوقۇغۇچى تاللاپ قاتناشتۇرۇلدى.

مەزكۇر كۇرۇسنىڭ بىرىنجى كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «خىتاينىڭ ھەقىقىي ئىچكى يۈزىنى تونۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيتى» نامىدا دەرس سۆزلىدى. بۇ دەرستە خىتتايلارنىڭ پىسخىكىسى، پەلسەپەسى ۋە تۈرك تارىخىدىكى ئورنى قاتارلىق تېمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا خىتتايلارنى قانداق تونۇش ۋە قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى سۆزلەندى.

ئاندىن بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ خانىم «تۈركىيە ۋە تۈركلەرنى چۈشىنىش» تېمىسىدا دەرس سۆزلىدى. دەرستە، غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ شۇنداقلا، تۈركىيەدىكى خەلىقلەرنىڭ تارىختىن بۇيان قۇرغان دۆلەتلىرىنى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئۇندىن كېيىن سىپرۇس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيتى» نامىدا دەرس سۆزلىدى. دەرستە ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تاراتقۇ ۋاستىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى سۆزلەندى.

ئۇيغۇرئاكادىمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «رەسمىي سورۇنلاردىكى ئەدەپ- قائىدىلەر (پروتوكول تەربىيەسى) » ۋە «تەشكىلات ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار» تېمىلىرىدا لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ دەرسلەردە رەسمىي سورۇنلاردا دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار سۆزلەندى. ئوقۇغۇچىلارغا تەشكىلات ئۇقۇمىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە تەشكىلاتلارنىڭ قانداق قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

بىرىنجى كۈنلۈك دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كۇرۇسنىڭ ئىككىنچى كۈنى بولسا ئەگە ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» تېمىسىدا دەرس بەردى. دەرستە «نىيو ئۇيغۇر تۈركىزم» تونۇشتۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى «تەشكىلاتچىلىق سەنئىتى» ھەققىدە دەرس بەردى. تەشكىلاتنىڭ  باشقۇرۇلىشى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

بۇراق گۇرۇپ يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم ئەپەندىنىڭ «ئۇچۇر بىخەتەرلىكى» تېمىسىدا بەرگەن لېكسىيەسىدە، بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر- ئالاقە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيەتتە شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تاجاۋۇزغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى چۈشەندۈرۈلدى.

مىمار سىنان ئۇنىۋېرتىتى ئوقۇتقۇچىسى گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مىللىي مەدەنىيەتنى جانلىق تۇتۇشنىڭ ئەھمىيتى» تېمىسىدىكى دەرسىدە، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى «ئوقۇش ۋە خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يوللىرى» قاتارلىق تېمىدا لېكسىيە بەردى. بۇ لېكسىيەسىدە ئوقۇش ھاياتىمىزدا قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە سۆز قىلدى.

ئىككى كۈن بويىچە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ كۇرۇس، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر شەكىلدە ئاخىرلاشتى. ئوقۇغۇچىلار بۇ كۇرۇس ئارقىلىق ئىنتايىن مول بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىنى ۋە قىممەتلىك ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتقان نۇرغۇن سوئاللىرىنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى سۆزلىدى. شۇنداقلا بۇ تۈر كۇرۇسلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېچىلىشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش