ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تۇنجى نۆۋەتلىك «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» كۇرسى ئىستانبولدا ئېچىلدى

تۇنجى نۆۋەتلىك «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» كۇرسى ئىستانبولدا ئېچىلدى

تۇنجى نۆۋەتلىك «تاراتقۇ ۋە تەشكىلات كۇرسى» 2019- يىلى 27- 28 ئىيۇل كۈنلىرى ھىرا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ تېمىلىرى بىرىنجى نۆۋەتلىك «مىللى مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرى ئاساسىدا ئۇستازلار تەرىپىدىن قاراپ چىقىلغان ئىدى.

كۇرسنىڭ بىرىنجى دەرسىدە، ئىستانبول شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بەختىيار قەلەندەر ئەپەندى ئايرىم-ئايرىم  ھالدا رەسىمگە تارتقاندا ۋە سىنغا ئالغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تېمىسىدا دەرس سۆزلىدى. رەسىمنىڭ ۋە سىننىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تېىنىكىلىق ئامىللارنى ۋە ئۇلارنى توغرا تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى.

ئاندىن سىپروس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «خەۋەر ۋە پائالىيەت  دوكىلاتىدا سۆز جۈملىلەرنى توغرا ئىپادىلەش ۋە ئىملا مەسىلىسى» تېمىسىدا  دەرس سۆزلەپ  بەردى. ئەركىن مۇنازىرە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ دەرستە خەۋەرلەرنى قانداق قىلغاندا دىققەت تارتىدىغان ۋە تەسىر كۈچى كۈچكۈك قىلىپ يازىدىغانلىقىمىزنى تونۇشتۇردى.

ھىرا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپى كومپىيوتېر ئوقۇتقۇچىسى نىجات ئۈمىدۋار «ئاددى تەشۋىقات لاھىيەلەش تېخنىكىسى »تېمىسىدا دەرس سۆزلەپ، Paint, Photoshop ۋە Vector قاتارلىق لاھىيەلەش قۇراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى مېغىزلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. نىجات مۇئەللىم كېيىنكى دەرسلىرىدە Movie Maker، Movie Editor قاتارلىق پروگراممىلارنىمۇ تونۇشتۇردى.

كۇرسنىڭ ئىككىنجى كۈنىدە بولسا،  تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىيە ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان «سۇنۇم سۇنۇش تېخنىكىلىرى» تېمىسىدا دەرس سۆزلەپ، سۇنۇمدا PPT نىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ئىنچىكە نوختىلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇراق گۇرۇپ يۇمشاق دېتال ئىنژىنىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت ئەزاسى دىلمۇرات ئابدۇقېيۇم تور بېكەت ئېچىش ۋە باشقۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ئەمەلى مەشخۇلاتى بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.

ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ۋە تاراتقۇ ئانونۇم شىركىتىدە ئىشلەيدىغان مۇھەممەت ئۆزەن ئەپەندى Facebook, Twitter, Instagram، Youtube, Whatsapp قاتارلىق ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن قانداق قىلغاندا ئەڭ ئۆنۈملۈك پايدىلىنالايدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ بەردى. ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائى تاراتقۇنى دەۋادا ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى سوراپ ئايدىڭلاشتۇرىۋالدى.

ئاخىرىدا بۇ ئىككى كۈنلۈك دەرس ھەققىدە خۇلاسە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا  شاھادەتنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى كۈنلۈك دەرىس جەريانىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋاغانلىقىنى بىلدۇرۇشتى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى  دەرھال ئەمەلى شەكىلدە ئىشلىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ ئايرىلىشتى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش