• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » مالايسىيا ۋە مالايسىيادا ئوقۇش ھەققىدە

مالايسىيا ۋە مالايسىيادا ئوقۇش ھەققىدە

002003i095th0w2vvv0ltpئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

نۆۋەتتە ئارىمىزدا  چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ياشلار ئاز ئەمەس،مالايسىيانىڭ مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقى ھەمدە دىنىمىز بىردەك بولغانلىقى ئۈچۈن مالايسىيانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.شۇڭا كۆپچىلىككە ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالسا دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن
1.مالايسىيا ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت بولغاچ،نەدىلا بولساق ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ.
2.مالايسىيادا نەرسە كېرەكلەر ئانچە قىممەت ئەمەس،ئادەتتە شىنجاڭدا 1يۈەن خەلق پۇلىغا بىر قۇتا مېنىرال سۇ ئېلىپ ئىچىمىز،بۇ يەردە مالاي پۇلى 0.8دىن 1 رېنگىتكىچە،ئادەتتە 10 يۈەن خەلق پۇلى 4.8 رېنگىت ئەتراپىدا بولىدۇ.
3.مۇھىتى ئالاھىدە ياخشى،ئۈرۈمچىدە بولساق 6-ئايلاردا نەنسەنگە بىرمۇنچە چىقىم قىلىپ ئائىلە بويىچە ئوينىغىلى چىقىمىز،بۇ يەردە ئۆيىڭىزدىن تالاغا چىقسىڭىزلا ھەممە يەر نەنسەننىڭ مۇھىتى بىلەن ئوخشاش،بۇنداق دېسەم پۈتۈن تاغلىقلار كۆز ئالدىڭىزغا كېلىپ قالمىسۇن، تەرەققىياتىمۇ خېلى بولۇپ قويىدۇ،شەھەر مەركىزىدىن 15 كىلومېتىرچە چەتنىسىڭىزلا ھەممە يەر يېشىلچىلىققا پۈركەنگەن ھالەتتە ساپ تەبئىي مۇھىتنى كۆرەلەيسىز.
4.جوڭگولۇقلارنىڭ مالايسىياغا قەدەم ئېلىشى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندە خېلىلا ئاسان.
5.تىل ئۆگۈنۈش مۇھىتى ئالاھىدە ياخشى،مالايسىيا ئېنگىلىزتىلىنى ئاساس قىلىدۇ،كوچىلاردا، ئاشخانىلاردا،كىنوخانىلاردا،سودا سارايلاردا….ھەممىسىدە ئېنگىلىزتىلىدا ئالاقە ئېلىپ بارالايسىز… ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەب مىللىتىدىن كەلگەنلەرمۇ خېلى كۆپ ئادەتتە ئەرەبلەر بىلەن بىرلىكتە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇش،ئۇلارنىڭ تىلىنى قوشۇمچە ھالەتتە ئۆگىنىۋېلىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ(ئەسكەرتىش: ئەرەب دەپلا ئۇ نېمە قىلسا شۇنى قىلماي، تىلىنى ئۆگۈنۈڭ،بىلىمىنى ئۆگۈنۈڭ لېكىن يامان تەرەپلىرىنى ھەرگىز ئۆگەنمەڭ!)
6.ھېچقانداق جايدا ناماز چەكلەنمەيدۇ،ھەتتە ھەر بىر ماي قاچىلاش پونكىتى،كىچىك ئادەتتىكى ئاشخانىلاردىمۇ تاھارەت ئالىدىغان ئورۇن،ناماز ئۆتەيدىغان مەسجىدلەر بار.
7.مالايسىيادا قىش پەسلى مەۋجۇت ئەمەس،شۇ سەۋەبلىك كىيىم كېچەك ۋە باشقىلارنىڭ پۇلى ئىقتىساد بولۇپ قالىدۇ
8.ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملاش ۋاقتى بىر قەدەر قىس،دۆلەت ئىچىدە ئېتراپ قىلىدىغان دېپلوم ئالالايسىز.ئادەتتە جوڭگودا 本科دېپلومنى 4-5 يىلدا ئالساق مالايسىيا دا 2-3 يىلغىچە تاماملاپ بولغىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە ئىمتىھاندا ئۆتەلمەي ئويناپ يۈرسىڭىز ئۇنچە ئاسانمۇ توختىمايدۇ.
9.مالايسىيانىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 27% نى جوڭگولۇقلار ئىگىلەيدۇ، ھىندى مىللىتىدىنمۇ خېلى بار….
10.بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۇرسىتى، بۇنداق قىلغىلى بولىدۇ، بىرىنجى ئامىل ئۆزىڭىزنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىغان ياكى تۇتالمىغانلىقىڭىزدا، ئېنگىلىزتىلىنى بىلىشىڭز شەرت،مالاي تىلى ۋە ئەرەب تىلىنى قوشۇمچە ياخشى بىلىپ قالسىڭىز جېنىڭىزنى تامامەن بېقىپ كېتەلەيسسىز
11.مالايسىيا بىر ئارال دۆلەت. ئەتراپى دېڭىز، مۇھىتىمۇ ئىنتايىن گۈزەل، قىش بولمايدۇ، بەك ئىسسىق بولۇپمۇ كەتمەيدۇ(كۆيدۈرگىدەك دەرىجىدە ئەمەس) يامغۇرنىڭ يېغىشى كۆپرەك، 5 مىنۇت يامغۇردا كۈنلۈكسىز قېلىپ قالسىڭىز ھازىر دەريادە سۇغا چۈشۈپ كېتىپ چىققاندىكىدەك ھالەتكە كېلىپ قالىسىز
12.قاتنىشى قولاي، شەھەر ئىچىدە پويزلار ھەممە يەرگە قاتنايدۇ، بىر قېتىملىقىنىڭ باھاسى 1.6 رېنگىتتىن 2.5 رېنگىتكىچە.
——————————————————

تۇرمۇش خىراجەت جەريانى: تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنى مىسال ئالىمەنئەتىگەنلىك تاماق ؛ ئۆيدە ئۆزىڭىز تەييارلاپ يېسىڭىز ئىنتاين ئەرزان توختايدۇ،گاھىدە سىرىتلارغا چىقىپ ھىندىلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىدىن تاماق يەپ قالسام تەخمىنەن 5 رېنگىت ئەتراپىدا
چۈشلۈك تاماق؛ئەرەبلەرنىڭ تامىقىنى يېسىڭىز تەخمىنەن 10 رېنگىت ئەتراپىدا،ھىندىلارنىڭ تامىقىنى يېسىڭىز 7رېنگىت،لەغمەن يەيمەن دېسىڭىز مۇ خۇيزۇلارنىڭ ئاچقان ئاشخانىسى بار،بىر قاچا لەغمەن،سومەن لەرنى 10رېنگىتتىن 12 رېنـىكىچە يەيسىز
كەچلىك تاماق؛ئادەتتە كەچلىك تاماقنى ھىندىلارنىڭ ئەرزان،تېز چىقىدىغان ئاشخانىلىرىدا يەيمەن،تەخمىنەن 5-8رېنگىتكىچە.ھېسابتا كۈنىگە نورمال بولسا 20-30 يۈەن خەلق پۇلى،كۆپرەك بولسا 50 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولىدۇ.ئوقۇشقا چىقىمەن دېگەن ئىكەنسىز ئامال بار ئۆزىڭىز تاماق قىلىپ يېيىشنى ئۆگىنىپ كېلىڭ،ئۆزىمىزنىڭ تائاملىرىغا بۇيەرنىڭ ھېچقايسى تامىقى تەڭ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.گۆش شىنجاڭدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئەرزان.
ئۆي ئىجارىسى: بۇ يەردىكى ئۆيلەر ئادەتتە ئىككى خىل ھالەتتە بولىدۇ،بىرخىلى بىنادا يەنە بىرخىلى داچا شەكلىدە سېلىنغان (خەنزۇچە 排屋دەيدىكەن ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ بىلمىدىم) ئۆيلەر،بىنادا ئولتۇرسىڭىز بىر ياتاق ئۆي تەخمىنەن ئايلىقى 300رېنگىتتىن 600 رېنگىتكىچە،ئىچىدە ئايرىم ھاجەتخانىسى بار ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالسىڭىز 450دىن 600 رېنگىتكىچە كېتىدۇ.
يول كىرا ھەققى،ئاپتوبۇسلار بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى،كورلىدىكى ئابتوبۇسلارغا ئوخشىمايدۇ،خالىغان يېرىدە توختايدۇ.پۇلىمۇ ئادەتتە ئوخشاش بولمايدۇ، بىر بېكەتتە توختاش ۋاقتىمۇ گاھىدا ئوخشاش بولمايدۇ،لېكىن باھاسى 1 رېنگىتتىن 3رېنگىتكىچە بولىدۇ.
تاكسى؛ ئادەتتە باشلىنىش ھەققى 3 رېنگىتتىن باشلىنىدۇ،كېچىسى ئامال بار تاكسىغا چىقمىغان ياخشى،كېچىسى چىقسىڭىز قوش ھەسسىلەپ پۇل ئالىدۇ.
\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\
كەمىنە مالايسىياغا كېلىپ ئوقۇۋاتقىلى 10 ئايلارچە بولۇپ قالدى،ئىلگىرى پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن ھەمدە بۇ توغرىسىدا ماڭا ياردەم بېرىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تارتتىم،نۇرغۇن زىيانلارغىمۇ ئۇچرىدىم،شۇ سەۋەب تۈپەيلى مەندىن كېيىنكىلەرگە ئاز تولا ياردىمىم تېگىپ قالسا دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.كۆپچىلىكنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن ئوقۇش چاقىرىقى ئەكەلتۈرۈش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىشكە تەييارمەن
\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\

002037r3rz8c4rxx4ckcwc
تۆۋەندە كۆپ سورىلىدىغان بىر قانچە سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى قالدۇراي، كۆپچىلىكنىڭ كاللىسىدا بۇ ھەقتىكى ئۇقۇملار ئېنىق بولۇپ قالسۇن

مەن پاسپورت بېجىرمەكچى ئىدىم،ماڭا پاسپورت بېجىرىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
جاۋاب: كەچۈرۈڭ،پاسپورتنى مەن بېجىرىپ بېرىشكە ئامالسىزمەن،پاسپورتنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى(ج خ ج) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن(ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە ياكى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن) ئىلتىماس قىلىسىز.

مالايسىيادىن ئوقۇش چاقىرىقى ئەكەلتۈرۈپ پاسپورت بېجىرىپ باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەت ياكى ئوقۇشقا ياكى خىزمەت ۋە ياكى باشقا ئىشلارغا چىقسام بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ،پاسپورت چىگرىدىن ھالقىش ھوقوقىغا ئېرىشكەنلىك كىملىكى(يەنى خەلقئارالق كىملىك)، پاسپورت بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن باشقا باشقا دۆلەتلەرنى ئىلتىماس قىلىش ۋىزا(يول خېتى، پاسپورتقا چاپلىنىدىغان بىر خەت) ئىلتىماسى دېيىلىدۇ. 

مېنىڭ پاسپورتىم بار، چەتئەلگە قانداق چىقىمەن؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن چىقماقچى بولغان دۆلەتنى بېكىتىڭ
ساياھەتكە چىقامسىز ياكى ئوقۇشقىمۇ ۋە ياكى خىزمەتكىمۇ؟
شۇ دۆلەتنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىسىز،ئاندىن ساياھەت ياكى ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ياكى خىزمەتكىمۇ ۋە ياكى باشقىغىمۇ؟
ساياھەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ساياھەت ۋېزىسىنى پاسپورتىڭىزغا چاپلىتىسىز،بۇ ھەقتە ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرسىڭىزمۇ ياكى بىۋاستە شۇ دۆلەتنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئوقۇشقا چىقماقچى بولسىڭىز ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپ ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىسىز
خىزمەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ئىش ئورنىڭىز ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىسىز
باشقىلارمۇ شۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ،ساياھەت ۋېزىسى نورمال ئەھۋال ئاستىدا بىر ئايلىق چىقىدۇ،ۋېزىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ۋېزا كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرالايدۇ،ۋېزىنى چاپلاپ بولۇپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ساياھەتكە ماڭسىڭىز بولىدۇ دېگەن گەپ…ئوقۇش ۋېزىسى ۋە خىزمەت ۋېزىسىنى مەكتەپ ۋا ياكى خىزمەت ئورنىڭىز بېكىتىپ بېرىدۇ…

مەن پاسپورت بېجىرىش بەك تەس دەپ ئاڭلىدىم،راست شۇنداقمىدۇ؟
جاۋاب: پاسپورت بېجىرىش ئوڭاي ياكى تەس دەپ مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن، بۇھەقتە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە ياكى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەترىتى خەنزۇچە( 国保大队 ) گە بېرىپ مەسئۇل ساقچى خادىملاردىن بۇھەقتە سورىسىڭىز بولىدۇ( دۆلىتىمىز قانۇنىدا دۆلىتىمىز ھەر بىر قانۇنلۇق پۇقراسىنىڭ ھەممىسىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسى بار،بەلگىلەنگەن جىنايى قىلمىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا) ، سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپتىكەن، ساقلاپ ئولتۇرساق بىرەرسى كېلىپ پاسپورتىڭنى بېجىرىۋالغىن دېمەيدۇ ھەرگىز
قىسقىسى- تەۋەككۈل قىلىپ باقمايمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. 

مەن تىجارەت قىلغىلى پاسپورت بېجىرىمەن، ئوقۇش پاسپورتى بېجىرمەيمەن!!
جاۋاب: پاسپورت دېگەن كىملىكتىن ئىبارەت، سىزنىڭ تىجارەت،ساياھەت،ئوقۇش،خىزمەت….قاتارلىق ئىشلىرىڭزنى بەلگىلەيدىغان نەرسە پاسپورت ئەمەس پاسپورت ئىچىگە چاپلانغان ۋىزا! ساياھەت ۋىزىسى چاپلاتسىڭز ساياھەت قىلغىلى چىقىسىز،ئوقۇش ۋىزىسى چاپلاتسىڭى ئوقۇشقا بارىسىز،تىجارەت ۋىزىسى چاپلاتسىڭىز تىجارەت قىلغىلى…. قىسقىسى ئالدى بىلەن پاسپورتنى بېجىرىۋالسىڭىز قالغىنى پاسپورتتەك تەس ئەمەس

پاسپورت بېجىرىش يوللىرى؛
شىنجاڭدا ھازىر پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن مەلۇم ئىش ياكى سەۋەبىنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك(ئىچكىرى نوپۇسىدىكىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشى بىر قەدەر ئوڭاي،ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ جەدۋەلنى تولدۇرۇپ  تاپشۇرىۋەتسىڭىزلا 1 ئاي ئىچىدە كاشىلىسىز قولىڭىزغا تېگىدۇ،ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار 200 كوينىڭ مەرىدىن كېچىپ پاسپورت بېجىرىپ قويۇڭلار)، مەسلەن سىز پاسپورت بېجىرمەكچى بولسىڭىز، ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ ماڭا پاسپورت كېرەك ئوقۇشقا چىقىمەن دېيىشىڭىز مۆمكىن،لېكىن ئۇلار سىزگە قاراپمۇقويماسلىقى مۆمكىن،چۈنكى سىزدە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىق ئىسپاتى قاتارلىق باشقا ماتېرىياللار يوق، ئوقۇش چاقىرىقى دەپ دائىم تىلغا ئېلىشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇ…
چاقىرىقنى ئېلىپ، ئۇنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ تەل قىلىپ ئالدىغا بارىمىز، ئاندىن دەردىمىزنى ئېيتىمىز

تەلەپلەر:
1؛چەتئەلدىكى مەلۇم مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى
2؛مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاشۇ مەكتەپكە تىزىملىتىش ھەققى ۋە ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى
3؛شۇ دۆلەتتىكى جوڭگو كونسۇلىنىڭ مەزكۇر مەكتەپ قانۇنلۇق ھالدا قۇرۇلغان،دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە ياكى شەخسى ئىگىلىكتىكى مەكتەپ دېگەندەك ئىسپات
4؛نوپۇس دەپتىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمىسى، نوپۇس دەپتىرىنىڭ بىرىنجى ۋارىقى ۋە ئۆزىڭىزگە تەۋە ۋارىقى بىر ۋاراق ئۈستىگە چۈشىشى كېرەك،ۋاقتى كەلگەندە ج خ ئورۇنلىرى بۇ تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ

5؛ چەتئەلدىن كەلگەن ھەر بىر ماتېرىيالنىڭ ج خ ئورۇنلىرى بەلگىلىگەن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىگەن ئورۇنلارنىڭ خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ھەمدە تامغىسى
يەنە بىر ئاگاھلاندۇرۇش، يۇقارقى ماتېرىياللارنى چوقۇم بىر ياكى ئىككى پارچە كۆپەيتىۋېلىڭ
پاسپورت ھەققىدىكى مۇھىم دەپ قارىغان نۇقتىلار يۇقارقىدەك.

باشقا سۇئاللار بولسا ياكى ئورتاقلىشىشنى خالىسىڭىز چ چ 297433731 نى قوشۇڭ

مەنبە : بەكتۇر تورى  http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=874

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top