ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرىنىڭ كۈز مەۋسۈملۈكى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن باشلىدى

ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرىنىڭ كۈز مەۋسۈملۈكى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن باشلىدى

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى دېرىكتۇرى روشەن ئابباس خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستانبولدىكى ئىشخانىسىدا ئۇچرۇشۇپ 2019-يىللىق كۈز مەۋسۈمىدە ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرىنىڭ تۇنجىسىنى باشلىدى.

ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرى ھەر 15 كۈندە بىر تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىينىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان بىر ئىلمىي سورۇندۇر.

ئالدى بىلەن دوكتور رىشات ئابباس قىسقىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، ئاندىن ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بويايمەن دەۋاتقان كۈنلەردە، بۇلتۇر 11- ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستېرلىكى ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىردا ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەنلىكىنى، بۇ يىل 5- ئايدا ئامېرىكا مۇداپىيە مېنىستېرلىكىنىڭ بۇ ساننىڭ ئۈچ مىليون ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىمىزدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈدى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى لېكسىيەسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر قايسى دۆلەتلەردە نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى:

1- ئۇيغۇرلار تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى ھۆكۈمەتكە خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە دوكلات سۇنۇش.

2- خىتاي جازا لاگىرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىش.

3- ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش، ئىمكانىيەت بولسا شۇ مەكتەپتىكى ھەر قايسى كەسىپلەرگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش.

ئىككىنجى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ نىزامنامىسى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. شۇنداقلا، يېقىنقى زاماندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادىكى 10 چوڭ مەسىلىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشكە باشلىغانلىقى، بۇندىن كېيىن بىزگە تېخىمۇ قابىلىيەتلىك، تالانتلىق ياشلارنىڭ كېرەكلىكى، ئىلىم – مەرىپەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغان ياشلارغا ئېھتىياجىمىز بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياراملىق ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش ئىشىنى چىڭ تۇتىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى.

ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى دېرىكتۇرى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر دەۋاسىنى قانداق داۋام قىلدۇرۇش ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنۇلارنى دېدى: بىزنىڭ مەسىلىمىزدە ئامېرىكىغا ئوخشاش تۈركىيەمۇ بەكلا مۇھىم ئورۇندا، خىتاي ئىقتىساد ئارقىلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى سېتىۋالدى. بۇنداق ۋاقىتتا بىز دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە كىرمەستىن، ھەر قايسى پارتىيەلەرگە تەڭپۇڭ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، بۇنداق بولمىغاندا كېيىن پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن. قاراپ باقىدىغان بولساق دەۋايىمىز، ئۈستىدىن ئاستىغا چۈشىۋاتقان دەۋا يەنى ھۆكۈمەت بىلىدۇ خەلق بىلمەيدۇ. تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى دەۋايىمىزنى خەلىققە بىلدۈرۈش. ئۇنىۋېرسىتىتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاڭلىتىلىشى بەك مۇھىم دېدى.

سۆھبەت تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئىككى سائەت داۋام قىلدى، ئوقۇغۇچى ۋە زىياليلارنىڭ سوئال سورىشى ۋە قىزغىن پىكىر قاتناشتۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەتلىرىدىن دوتسېنت دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ۋە دوختور مەمەتئېلى ھافىز ئەپەندىلەر ئاكادېمىيە نامىدىن پەخىرى رەئىسىمىز دوكتور رىشات ئابباسقا رەھمەت ئېيتىپ، دوپپا ۋە كىتاب سوۋغا قىلدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش