• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » دىن ۋە دۇنيا

دىن ۋە دۇنيا

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: باشقا جانلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئىنساننىڭ نەقەدەر پەرقلىق ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بىر مەسىلە. ھەقىقەتەنمۇ، جانابى ئاللاھ ئىنساننى، ھەممە جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى. باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىق بولغان ئىنسان تەپەككۇر قىلىدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، يارىتىلىشىنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان ۋە تۇرمۇش قۇرۇپ، ئائىلە بەرپا قىلىدىغان يىگانە جانلىقتۇر. ئىنسانلارنىڭ باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىق ھالدا، تۇرمۇش قۇرۇشنى بىر ئورگان ھالىغا كەلتۈرىشى، ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ تەتقىق قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلىدۇر.
ئالدى بىلەن شۇنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەككى، ئىنساننىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ، ئائىلە بەرپا قىلىش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ يارىتىلىشىدىن كەلگەن بىر خىل ئەھۋالدۇر. ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇش شەرتلىرى ئۇنىڭ بىر ئائىلە بولۇپ ياشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. جانابى ئاللاھ، ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەزرىتى ھەۋۋا ئوتتۇرىسىغا بىر مەنىۋىي سۆيگۈ ۋە مېھرى- شەپقەت مۇناسىۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ رۇم سۈرىسىدە مۇنۇ شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.»- 21-ئايەت.
ئايال كىشى بىلەن ئەر كىشى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆيگۈ ۋە ھېسداشلىقلاردىن، ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇش ئىستىكى ئاپىرىدە بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسمىغا ‹ئائىلە› دەپ نام بېرىلگەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئورگان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئۇمۇملاشقان مەنىسىدە ئائىلە، نەسەب ۋە نىگاھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان، بىر بايراق ئاستىغا توپلانغان كىشىلەر توپلىمى، دېمەكتور. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئائىلە جەمئىيەتنىڭ نىگىزىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى، ھۇزۇر- ھالاۋىتى، تىنچلىقى ۋە ئىنتىزامى، ئائىلىدىكى ھۇزۇر- ھالاۋەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىنتىزامىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، بىر جەمئىيەتتە ئائىلىلەر خوشال- خورام، خاتىرجەم ۋە تەرتىپ- ئىنتىزام ئىچىدە بولسا، جەمئىيەتمۇ خوشال- خورام، خاتىرجەم ۋە تەرتىپ- ئىنتىزام ئىچىدە دېگەنلىك بولىدۇ.
مىللەتلەرنىڭ بىرلىكى، پۈتۈنلىكى ۋە ساغلاملىقىمۇ، ئۇ مىللەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئائىلىلەرنىڭ پۈتۈنلىگى ۋە ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئائىلىنىڭ نىگىزى قانچىلىك ساغلام ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلسا، جەمئىيەتمۇ شۇنچىلىك ساغلام ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك مىللەتلەرنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلىكىنىڭ پارچىلىنىش جەريانى، ئائىلىدىكى خوشاللىق ۋە ئىنتىزامنىڭ ئوخشاش بولمىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى بوزۇلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. چۈنكى، ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلىشى دېگەنلىك، بىر مەنىدە، مىللەتنىڭ بىرلىكىنىڭ پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، دېگەنلىك بولىدۇ. نەسلى بۇزۇلغان، ياشلىرى مىللىي ۋە مەنىۋىي تايانچلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ چىرىش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر.
ئىنساننىڭ بەخت- سائادىتىنى غايە قىلغان ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ، ئائىلىگە ئىنتايىن كۈچلۈك شەكىلدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق رىئاللىقتۇر. چۈنكى، يەككە- يەككە ئىنسانلارنىڭ بەخت- سائادىتى ئائىلىدىن باشلانغىنىغا ئوخشاشلا، جەمئىيەتلەرنىڭ ھۇزۇر- ھالاۋىتىمۇ، پەقەت ئائىلە ئارقىلىقلا داۋاملىشىدۇ. شۇڭا ئائىلە، ھەم شەخسى، ھەمدە جەمئىيەت ھاياتىنىڭ ئەڭ ساغلام كاپالەتچىسى رولىنى ئوينايدۇ. ۋەتەن سۆيگۈسىنى، دىنىي ۋە مىللىي ھېس- تۇيغۇلارنى پەرزەنتلەرگە ساغلام شەكىلدە ئۆگەتكىلى بولىدىغان تۇنجى ئورگان ئائىلىدۇر.
ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنلىرىمىز تۇنجى قېتىم ئائىلىدە ئۆگىتىلىدۇ. كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى تەلىم- تەربىيە ئورنىمۇ ئائىلىدۇر. ئائىلىدە ئىگەللىگەن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرلىرىنى زىھىندىن چىقىرىپ تاشلاش ئاسانغا توختىمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى كۆپ ھۆكۈملەر بار؛ مەسىلەن، ئۆيلىنىشكە ئائىت ھۆكۈملەر، ئۆيلىنىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆز- ئارا ھەق- ھۇقۇق، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلەر، نەسەب، مىراس، نىكاھ قىلىش بىلەن ھاسىل بولغان توققانچىلىقلار ۋە بۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەر قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان.
ئائىلە، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن مۇھىم بىر ئورگاننىڭ ئورنىدىدۇر. ئۆيلەنمەستىن بىرلىكتە بولۇشلار بىلەن ئائىلىنىڭ قۇرۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئەخلاقىي بولمىغان مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق خوشال- خورام ياشىشى ۋە بەخىتلىك بولۇشى، مەۋجۇت بولۇشنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. دىنىمىز ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، ‹زىنا ۋە پاشىۋازلىق› دەپ ئاتىغان نىكاھ سىرتى مۇناسىۋەتلەرنى قاتتىق مەنئىي قىلغان. پەيغەمبىرىمىز بىر ھەدىسىدە، «ياشلار، ئىچىڭلاردىكى قۇدرىتى يېتىدىغانلار ئۆيلەنسۇن، چۈنكى، ئىپپەت ۋە نۇمۇسنى قوغداشنىڭ، ئەخلاققا ئۇيغۇن ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۆيلىنىشتۇر» دېگەن بولسا، يەنە بىر ھەدىسىدە، «نىكاھ مېنىڭ سۈننىتىمدۇر، سۈننىتىمگە ئۇيغۇن ھالدا ھەرىكەت قىلمىغانلار مەندىن ئەمەستۇر» دېيىش ئارقىلىق، ئۆيلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان.
شەخسلەرنىڭ بەختلىك بولۇشى ئائىلىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، جەمئىيەتنىڭ ھۇزۇر- ھالاۋىتىمۇ ئائىلىلەرنىڭ ھۇزۇر- ھالاۋىتىگە باغلىق بولىدۇ. باياشات ۋە بەخىتلىك جەمئىيەتلەرنىڭ، بەخىتلىك ئائىلىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ناھايىتى ئايدىڭ ھەقىقەتتۇر. بىر ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىشەنچىسى ۋە ئىزچىل داۋاملىشىشى بولسا، ئۇ ئائىلىگە مەنسۇپ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ، ھۆرمەت، ساداقەت ۋە خوش پىئىللىققا باغلىقتۇر. ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل سۆيگۈدۇر. ئائىلە ھاياتى پەقەت سۆيگۈ بىلەنلا داۋاملىشالايدۇ.
ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئىزچىللىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئۆز- ئارا چۈشىنىش ۋە پىداكارلىقتۇر. دەرۋەقە، ئۆز- ئارا پىداكارلىق، نىكاھ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان شەرتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ھاياتتا ھېچكىم كەم- كۆتىسىز ئەمەس. بۇ، ھېچكىمنىڭ ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلالمايدىغانلىقى دېگەنلىك بولىدۇ. ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ باشقا بىرىسىگە قارىغاندا، بىر قاتار ئەۋزەللىكلىرى بولۇشى مۇمكىن بولغىنىدەك، يەنە بىر قاتار كەمچىللىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىمۇ بار بولىدۇ. بەزىدە قىزىقىشلار ئوخشاش بولسىمۇ، ئادەتلەر ئوخشاش بولماي قېلىشى مۇمكىن. تۇرمۇش قۇرغان ئىككى ئىنساننىڭ، يىللار جەريانىدا شەكىللەنگەن ئادەتلەرنىمۇ بىرلىكتە ھەل قىلىشى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئەھۋالدۇر. بەخىتلىك تۇرمۇش؛ پەرقلىق قىزىقىش ۋە ئوخشاش بولمىغان ئادەتلەرگە قارىتا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقان ئىككى ئىنساننىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئىشقا ئاشىدۇ.
ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدا تەۋرەنمەس ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەتنىڭ بولۇشىمۇ، ئائىلىنىڭ ئاساسىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان نىگىزلىك ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۆز- ئارا ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت بولمىغان بىر ئائىلىدە، سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇلىرىنىڭ تېپىلىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! پەيغەمبىرىمىز: «ھەممىڭلارنىڭ پادىچى سىلەر ۋە باشقۇرىشىڭلارغا تاپشۇرۇلغانلار نەرسىلەرگە مەسئۇلسىلەر. دۆلەت رەئىسى مىللىتىگە، ئائىلە باشلىقى ئائىلە كىشىلىرىگە مەسئۇلدۇر» دېگەن. ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدىكى ئاگاھلاندۇرۇش بولسا مۇنداق: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار.»- تەھرىم سۈرىسى، 6-ئايەت.
ئەسلى مەنبەسى: http://www.trt.net.tr/international/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top