ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئابدۇرېشىد ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بىلەن «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىقتىساد سىياسىتى» ھەققىدە سۆھبەت ئ‍ۆتكۈزۈلدى.

ئابدۇرېشىد ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بىلەن «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىقتىساد سىياسىتى» ھەققىدە سۆھبەت ئ‍ۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق ئاكادېمىيە سۆھبىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋەكىلى ئابدۇرېشىد ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بىلەن ئىستانبۇلدىكى 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ قاتنىشىشىدا «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىقتىساد سىياسىتى» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئابدۇرېشىد ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىشغال قىلنىش تارىخىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈپ مىللىي ئىقتىسادنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئىقتىسادى بولىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلنغان ۋاقىتتىن بۇيانقى نوپۇس ئۆزگىرىش ۋە تارقىلىش ئەھۋالى، ساقلانغان تەبئىي بايلىقلار ھەققىدە توختالغان ئابدۇرېشىد ئەپەندى رايونلار بويىچە كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ياشايدىغان رايونلاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتىنىڭ يىلدىن – يىلغا تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى يېزا-ئىگىلىكى بىلەن چەكلەپ قويۇش، پۇرسەت بەرمەسلىكتەك يەكلەش خاراكتېرلىك ئىقتىسادى سىياسىتىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن چۈشەندۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت ئابدۇرېشىد ئەپەندى يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ئ‍ۆگىنىۋاتقان كەسپى ياكى ھەرقانداق بىر ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەڭ ياخشى ھالەتتە قىلىش كېرەكلىكىنى، تىرىشماي تۇرۇپ نەتىجە قازىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلىقىنى شۇڭا چوقۇم تىرىشىپ سىناب بېقىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
سۆھبەتنىڭ كېينكى قىسمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرى بىلەن داۋاملاشتى.
سوئال: خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنشىدا بىز قانداق رول ئوينىيالايمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاب: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىراتېگىيلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن جان ئالغۇچى بىر نۇقتىدا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ خىتاي تەھدىتىدىن قۇتۇلىشى ۋە خىتاينىڭ غەربكە ئ‍ېچىلىدىغان ئىشىكىنىڭ ئېتىلىشى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم. خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان ئىشىكىنىڭ ئېتىلىشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تومۇرى كېسىلگەنلىكدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېركىمۇ بۇنى بىلىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بىۋاستە بولمىسىمۇ دۆلەت كونتروللىقىدىكى بەزى ياردەملەر بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇلارغا ماتېرىيال ۋە پىكىرلەرنى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى تەمىنلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز تەمنىلىگەن ماتېرىياللار ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
سوئال: شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبئىي بايلىقلىرى بىلەن خەلقئارادا بىزگە تېخىمۇ پايدىلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش مۇمكىنمۇ؟ ياشلار ئويلىغان پىكىر ياكى پىلانلىرىنى تەشكىلات ياكى خەلقئارادا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش كېرەك؟
جاۋاب: خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندا ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ قوبۇل قىلغاچقا، بىز ھەرقانچە ئۆزىمىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتساقمۇ خەلقئارادا قانۇن بويىچە بۇ بايلىقلار خىتاينىڭ ھېسابلىنىدۇ. ھەممە كىشىنىڭ كۆز-قاراشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ پىكىرىگە يېقىن بولغان تەشكىلاتلارغا ئەزا بولىدۇ. ھەممە كىشىنىڭ خەلقئارادا ئ‍ۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىش ئىمكانى يوق. خەلقئارادا ئۆز ئالدىغا باشقىلارغا تەسىرى كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىدىغان دەرىجىگە كېلىش ئۈچۈن ناھايىتى نوپۇزلۇق شەخىس ياكى نوپۇزلۇق بىر تەشكىلات ھالىتىگە كېلىش كېرەك.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىقتىساد سىياسىتى» ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش