ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » شىۋىتسارىيەلىكلەرگە «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

شىۋىتسارىيەلىكلەرگە «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

قەلەمگە ئالغۇچى: ھەبىبۇللا ئىزچى

25-نويابىر شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە شىۋىتسارىيەلىكلەرگە دوكلات بېرىلدى.

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت ۋە خانىمى گۈلنار مەمتىمىن 25-نويابىر ئاخشام ھەر ساھەدىن تەشكىل تاپقان شىۋىتسارىيەلىك كىشىلەرگە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.

يىغىنغا شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتى ۋە شىۋىتسارىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ كېلىپ پائالىيەتنى جانلاندۇردى.

يىغىن، پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار كىم ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تارىخىغا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئابدۇررەھىم ئۆتكۈرنى تونۇشتۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەشرىپى ۋە ئۇيغۇر يېمەك ئىچمەكلەرنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلار بىلەن ئەتراپلىق ۋە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچى گۈلنار خانىم ئالدى بىلەن پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە پائالىيەت كۈنتەرتىپىنى تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتىغان ئىشغال ئالتىندىكى زېمىندا ياشايدىغان تۈرك تىللىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، يېمەك ئىچمەك ئادىتى، يۇرتلىرى ۋە ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە جەننەت كەبى باغۇ – بوستانلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئەمەس ئەسلى شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پەرقلىق بىر مىللەت بولۇپ ئەزەلدىن مۇستەقىل ئەركىن ياشاپ كەلگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى  تونۇشتۇردى.

ئۇ يەنە، پائالىيەت ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى قاتارلىق بايراملىرى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بۇ باسقۇچتا مەھمۇد قەشقەرى ۋە دۇنياۋى ئەسىرى تۈركى تىللار دىۋانى ھەققىدە قىسقا مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە، خىتاينىڭ ناتسىست لاگېرلىرى ھەققىدە، لاگېردا ئۈچ مىليۇندىن بەش مىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەمدە گۈلنار خانىمنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ۋەتەندىكى ئورۇق تۇققاننلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى ۋە بۇ كۈلپەتلەر پەقەت بۇ ئائىلىنىڭلا ئەمەس بۇ يەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش ئازاپ ئۇقۇبەتلەرنى ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ دۇنيانىڭ ۋىجدانىنى تارازىسىغا قويۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى شىۋىتسارىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەققانى مەيداندا تۇرغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بۇ مەيدانىنى ساقلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى سۆزىنى پائالىيەت ئ‍ىشتىراكچىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالايدىغانلىقى ۋە قايسى ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ئارىدا پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى ئېكراندا كۆرگەن مەنزىرە ۋە شەخسلەر ھەققىدە سوئاللار سوراشتى.

ئارقىدىن گۈلنار خانىم ئابدۇررەھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۇنۇشتۇردى، گۈلنار خانىمنىڭ نېمىسچە ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ئابدۇررەھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز شېئىرلىرى قىزغىن چاۋاكلار بىلەن قارشى ئېلىنسا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئويغان شېئىرى بىلەن سالوننى سۈكۈناتقا چۆمدۈردى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شېئىرلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن تۈگىمىگەن ئاچچىق قىسمەتلىرىنى، رىئال ھاياتىنى ۋە تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر توختىماي تىز پۈكمەستىن كۈرەش قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋىتسارىيەدىكى دوستى مونىكا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتنى يېقىندىن كۈزىتىپ كەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىيەتتە شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  بىرى بىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بىرى بىرىگە تەسەللى بېرىشى كېرەكلىكىنى سۆزلەپ كۆپچىلىكنىڭ روھلۇق كەيپىياتلىق يۈرۈشىنى، ئازاپ بىلەن بىرگە تەڭ چۈشكۈنلۈككە پېتىپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۆيىدە تەييارلاپ كەلگەن ساڭزا، قۇيماق، نان، باقالىلار بىلەن ھېيت داستىخىنىدەك ھازىرلانغان ئۇيغۇر داستىخىنىغا ئولتۇرغان مېھمانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى، تۈگىمىگەن كۆز ياشلىرى، خىتاينىڭ قىلمىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى سۈزلەشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، يالغۇز ھېسداشلىق قىلىپ قويۇش بىلەنلا قالماي پارلامېنت ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىشتى.

ئاخىرىدا شىۋىتسارىيەلىك مېھمانلارنىڭ تەلىپى بىلەن گۈلنار خانىم يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرچە ۋە نېمىسچە ئوقۇغان ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق دېگەن ناخشا قويۇلۇپ مېھمانلار ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ئويناپ، مەشرەپ ناۋاسى بىلەن پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى يوقۇرى كۆتۈردى.

قىزغىن كەيپىيات، يۇقۇرى سەۋىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتىن مېھمانلار خوشلىشىشقا قىيمىغان بىر كەيپىيات بىلەن بۇ ھەققانى بىر داۋانىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ۋە ھەر زامان ئۇيغۇرلانىڭ تەقدىرى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەركەت قىلىدىغانلىنى ئېيتىشىپ خوشلاشتى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش