ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» سىدنىدا قۇرۇلدى

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» سىدنىدا قۇرۇلدى

ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى.

2019 – يىلى 08 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سىدنى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تە، ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى ئابۇرىندىكى گاللىپولى مەسچىتى Gallipoli Mosque نىڭ ئابۇرىن جېيمىز Auburn James يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى، ئادىلەيىد ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىي قاتناشتى.

قۇرۇلۇش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن 14 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالار ئارسىدا يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدى. سايلام نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى: دوكتور ئىلھامجان سابىت

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى: شۆھرەت يۈسۈپ

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: سەلىمە كامال، پەرىزات غەيرەت، مەلىكىزات ئەخمەت (يېڭى زىللاندىيە)، دوكتور دىلىيار بارات ۋە ئادەم ئىلھام

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىرى: دوكتور ئىلىياس قاسىم، دوكتور نىجات ئىمىن، بەختىيار بارات، بەختىيار بۆرە، دىلشات ئابدۇۋەلى، نۇرگۇل ساۋۇت، مەستۇرە بۆرە، گۈلشەن زۇنۇن، مەلىكىزات غەيرەت، رەيھان رۇزىھاجى ۋە يۇلتۇز تېيىپجان


سايلامدىن كېيىن باشلانغان ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى ۋە ئاۋىسترالىيە دۆلەت مارشى ئورۇنلاندى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى باشقۇرۇش كومىتېتىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى باش كاتىبى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى دېرىكتورى روشەن ئابباس خانىم ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 10 يىلدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇردى.

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: سەلىمە كامال، پەرىزات غەيرەت، مەلىكىزات ئەخمەت (يېڭى زىللاندىيە)، دوكتور دىلىيار بارات ۋە  ئادەم ئىلھام

ئارقىدىن ئاۋىسترالىيە ئادىلەيىد شەھرىدىن كەلگەن ۋە ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان پەرىزات غەيرەت خانىم ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەبرىك نوتۇقلىرىنى كۆپچىلىككە سۇندى.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزى

ئەسساللامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار،

ئالدى بىلەن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئاكادېمىيەدە ۋەزىپە ئالغان ھەيئەتلەرگە ۋە پىداكار ئەزالارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇلارنى قۇتلۇقلايمەن، ھەم خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

بۇگۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇچۇن يېڭى بىر تارىخى سەھىپە ئېچىلدى. ئاۋىسترالىيەدىكى مىللەتنىڭ دەردىگە مەلھەم ئىزدەۋاتقان ئوت يۈرەك زىيالىيلار ئويۇشتى ۋە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئاتلاندى. مىللىتىمىزنىڭ بىز زىيالىيلاردىن كۈتكەن ئۇمىدى بەكمۇ چوڭ، ئۇيغۇر خەلقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان، مىليۇنلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي ھەم مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر بىر تارىخى شارائىتتا، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئۈمىد چىرىقىنى ئۈچۈرۈپ قويماي يورۇتۇش ۋە تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش تولىمۇ مۇھىم.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا %94 دىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇتلەق ماقۇللانغان ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ۋە رەسمىي ماقۇللۇنۇپ قانۇنغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ كۈنلەردە، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ئۇرغۇپ، ئىشەنچ-ئۈمىدلىرى ھەسسىلەپ كۈچەيدى. ئۇزۇن يىللار قىلىنغان خىزمەتلەر ۋە بېرىلگەن قۇربانلىقلار ئاخىرى مىۋە بېرىشكە باشلىدى. بۇنداق تارىخى شارائىتتا بوشىشىپ قالماي، تېخىمۇ غەيرەت بىلەن مىللەت ئۈچۈن ساپ دىللىق بىلەن ئىزچىل ۋە ساپالىق ھالدا ئەستايىدىل خىزمەت قىلىش ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىدۇر.

كوپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئويۇشۇپ، مىللىي ئويغۇنۇش ھەرىكىتىڭ ئوزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەھمىيەت بەردى ۋە ياش قابىلىيەتلىك ئىز باسارلارنى يېتىشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كورسىتىۋاتىدۇ. بۇ 10 يىللىق مۇساپە تولىمۇ قېيىن شارائىتتا غەلبىلىك داۋام قىلىپ، بۈگۈنكىدەك مۇھاجىرەتتىكى يۈزلىگەن مىللەت سەرخىللىرىنىڭ توپلاشقان جايىغا ئايلاندى.

بۇ كۈنلەردە ئامېرىكىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ماقۇللىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپە تولىمۇ ئېغىردۇر.

بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى شۇكى، ھەر ئىشنى ئەھلىگە ھاۋالە قىلىشىمىز تولىمۇ زورۇر. بىز بىلىمگە تايىنىپ، بىلىمنى كۈچ قىلىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي زۇلۇمىدىن ۋە قاراڭغۇ جاھالەتتىن قۇتۇلۇپ ئۈمىتكە ۋە ھۆرلىككە تولغان كېلەچەكنى بەرپا قىلالايمىز. بۇ ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىغىر. شۇڭا مەن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقىمىزنى بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن قۇتقۇزۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا، مەن بۈگۈن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى قۇرغۇچى پىداكار ئەزىمەتلەرگە، ئاكادېمىيە ئەزالىرىغا ۋە قىممەتلىك ۋاقتىلىرىنى چىقىرىپ بۇ مۇراسىمغا كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

–  ھورمەت بىلەن دوكتور رىشات ئابباس

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى


ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.

ئەزىز قېرىنداشلار،

ئالدى بىلەن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالامىمنى ۋە ئالى ئىھتىرامىمنى يوللايمەن.

خەلقىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، شۇنداقلا زىيالىيلىرىمىز، ئاكادېمىكلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋە ئەدىب-سەنئەتچىلىرىمىز ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ بىر ۋەقە دەپ قارايمەن.

خەلقىمىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىيلىرى،

ئىلىم ساھەسى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتمۇ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئەڭ مۇھىم ۋە ئۆنۈملۈك ۋاستىلارنىڭ بىرى. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغاندەك، زىيالىيلارنىڭ ھاكىمىيەتلەر يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى، مەقسەت ۋە ئستراتېگىيىلىك نىشانلىرىنى ۋە ھىلە-مىكىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تونۇش شۇنداقلا بۇنى خەلققە بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئىلمىي يوسۇن ۋە دەلىللەر ئارقىلىق پاش قىلىش ۋە خەلقىمىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئىلىم ساھەسىدىمۇ تەشكىلىي ھەرىكەت قىلىشقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ياشاۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنى تەشكىللەشكە، نىشانلىق، پىلانلىق ۋە سېستىمىلىق ھەرىكەت قىلىشقا ئىھتىياج بار. ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئاۋىسترالىيەدىكى زىيالىيلىرىمىزنى ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىمەن. ئاخىرىدا ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ مىللىتىمىزگە خەيرلىك ۋە پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمەن.

– ھۆرمەت بىلەن پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

2019-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى


ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى قۇرۇلتاي نامىدىن ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» نى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئاكادېمىيەدە ۋەزىپە ئالغان پىداكار زىيالىيلارغا خىزمەتلىرىدە ئۇتۇق تىلىدى.

ئاخىرىدا قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرى، ئەزالار ۋە ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلار يېڭى قۇرۇلغان ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئاۋىسترالىيەدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاكادېمىيەنىڭ ئاۋىسترالىيەدىكى يېقىن كەلگۈسى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە مىللەت ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى»، ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، مىللىي ئاقارتىش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا تارماقلىرىنى قۇرغان ئىدى. ئاللاھ بۇيرىسا يېقىن كەلگۈسىدە كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ۋە ھۆرلۈكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تېرىشىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش