• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئىستانبۇلدىكى ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى زىيالىيلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى 2020-يىلى 23-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ئېچىلدى.

ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئانا تىل كۈنىنى مۇبارەكلىدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 2019- يىلى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە قىلغان خىزمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇ بىر يىل جەريانىدا تەتقىقاتچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا بىر ئىلىپبە كىتابى ۋە ئىككى تىل-ئەدەبىيات كىتابى تۈزۈلۈپ چىقىلغانلىقى، كىتاب لاھىيە ئىشلىرى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، نەشىرگە بىرىلىدىغانلىقىنى دىدى. شۇنداقلا، ئۇيغۇر ئانا تىل كومېتىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ بېرىشلىرىنى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ ئېچىلىش سۆزىدىن كىيىن، ئانا تىل كومىتېتىنىڭ خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىندى. دوكتور ئالىمجان يۈسۈپ ئەپەندى ئىلىپبە ۋە تىل – ئەدەبىيات كىتابىنىڭ تۈزۈلۈش جەريانىدا ماتىرىيال كەمچىللىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ يىتەرسىز بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ جىددى ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىنغا قاتناشقۇچى ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرىگە بىنائەن، تۈركىيەدىكى ئانا تىل خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتقان ھەر قايسى مەكتەپ ۋە كۇرۇسلاردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپ تەشكىللەپ بۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا تىل – ئەدەبىيات كىتابىنىڭ 3 – ۋە 4- سىنىڭمۇ تۈزىلىشى قارارلاشتۇرۇلدى.

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ۋە دوكتور ئالىمجان يۈسۈپ ئەپەندى، بۇ قېتىم تۈزۈلگەن تىل – ئەدەبىيات كىتابىنىڭ 2009-يىلى ۋەتەندە تۈزۈلگەن تىل – ئەدەبىيات كىتابىنىڭ ئىجابى قىسىملىرىدىن پايدىلىنىش ۋە مىللىي روھنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا تۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ھەتتا تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئانا تىل كىتاپلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ بۇلاردىنمۇ ئۆرنەك ئېلىنسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن جەريانىدا يەنە، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى ۋە ئانا تىل كۇرۇسلىرى دۇچ كىلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ساپاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلىدە دەرسلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارغا ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقىنى تونۇتۇش، ئۇلارنى ئانا تىل كۇرسلىرىغا قىززىقتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كىرەكلىكى ئوتتۇرۇغا قويۇلدى.

ئاخىرىدا دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم يېپىلىش سۆزى قىلىپ، كىلەر قېتىمقى ئانا تىل كومىتىتىنىڭ يىغىنىغىچە قىلىنىش كىرەك بولغان ئىشلارنى بىر قاتار سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن بۈگۈنكى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىلگەنلىكىنى دەپ يىغىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top