• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نۆۋەتتىكى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نۆۋەتتىكى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى

خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى ۋە ئۆزىمىز ئىگە بولغان ئىمكانىيەتلىرىمىز ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر رادىئو-تېلىۋىزىيەسى بىلەن ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى شەنبە سائەت 09:20 دە گوللاندىيەدە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى ئۈستىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىلىدۇ.

بۇ يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ۋە دەۋامىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، گوللاندىيە ۋە ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، ياشلار، تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن بۇ يىغىنغا 2-ئاينىڭ 27-چىسلا پەيشەنبە كۈنىدىن بۇرۇن تىزىملىتىشى ۋە يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ يىغىنغا پەقەت تىزىملاتقان ياكى تەكلىپ قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارلا قاتنىشالايدۇ. ئاخىرىدا، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ:

– ئۇيغۇر رادىئو-تېلىۋىزىيەسى ۋە ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

2020-يىلى  25-فېۋرال

تىزىملىغۇچى مەسئۇل كىشىلەر: ئابدۇسالام ئۇيغۇر (Telefon: 0031618554698) ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان (Telefon: 00905306677851)

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نۆۋەتتىكى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى كۈنتەرتىپى:

ۋاقتى: 2020-يىلى 29-فېۋرال شەنبە، گوللاندىيە

09:20-09:30: ئېچىلىش

09:30-10:20: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

10:20-10:40: چاي-قەھۋە

10:40-11:30: نۆۋەتتىكى پۇرسەتلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى

11:40-12:00: چاي-قەھۋە

12:00-12:50: پۇرسەتلەر ۋە ئىمكانىيەتلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە

12:50-14:20: چۈشلۈك تاماق

14:20-15:10: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان بېرىۋاتقان ئامىللار

15:10-15:30: چاي-قەھۋە

15:30-16:20: تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەردىكى يىتەرسىزلىكلەر ۋە ئۇنى تولۇقلاشنىڭ يوللىرى

16:20-16:40: چاي-قەھۋە

16:40-17:30: نۆۋەتتە جىددى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ۋە ئىمكانىيەتلىرىمىز

17:30-17:50: خۇلاسە ۋە يېپىلىش

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top