• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نۆۋەتتىكى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى گوللاندىيەنىڭ سىتولۋەك شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نۆۋەتتىكى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى گوللاندىيەنىڭ سىتولۋەك شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى ۋە ئۆزىمىز ئىگە بولغان ئىمكانىيەتلىرىمىز ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر رادىئو-تېلىۋىزىيەسى بىلەن ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى شەنبە سائەت 10:00 دا گوللاندىيەنىڭ سىتولۋەك شەھرىدە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىرىمىز ئۈستىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىلىدى.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى.
يىغىندا ساھىپخان ئۇيغۇر رادىئو-تېلىۋىزىيەسى مەسئۇلى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە، 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەرنى ۋە ئىمكانىيەتلىرىمىزنى مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتىدە بىر يەرگە كەلگەنلىكىنى دەپ، يىراق – يېقىندىن كەلگەن قېرىنداشلارغا كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتتى.
ئارقىدىن ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەتلىرىدىن دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ ياۋرۇپادىكى قۇرۇلمىسى ۋە پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختۇلۇش بىلەن بىرگە، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنى تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ياۋرۇپادا كۈچىيىىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ يىغىننىڭ غەلبىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى بىر كۈن داۋاملاشقان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۈستىدە قىزغىن كەيپىياتتا بەس مۇنازىرە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا چۈشكەن تەكلىپ پىكىرلەر خاتىرىلەندى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئۆزئارا پىكىرلىشىپ، كەلگۈسىگە قارىتا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىپ تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top