سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن!

نورۇز – يېڭى يىلدا يېڭى قوياشنىڭ نۇرىدا ھاياتلىقنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشى ۋە يېڭى ئۈمىدلەرنىڭ تۇغۇلۇشى دىمەكتۇر.

ئۇيغۇر مىللىتى تارىخنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ زۇلمەتلىك قارا تۈنلەرنى بىر توپ شام نۇرلىرى بىلەن يۇرۇتۇپ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇشقا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشكە مىللەت سۈپىتىدە ھىچ ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىدۇق.

2020-يىلى 21-مارتتىكى بۇ قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا يېڭىدىن تىرىلىش ئۈمىدى بېغىشلاش ۋە مىللەت ئالدىدا زىيالىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان 47 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ باش قوشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى.

مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەبىئىي پەن تەتقىقاتچىلىرى پات ئارىدا مۇقىملىشىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى 2020-يىلى 19-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىنىڭ 3-ماددا (3) تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. ئاكادېمىيىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى.

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى بەلگىلىمىسىنىڭ 2-بۆلۈم 5-ماددىسىدا ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسىتى

قۇتادغۇ بىلىگنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولغان ساھەلەر بويىچە يېڭى بىر ئەۋلات ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى – مۇدىرنىڭ تەۋسىيىسى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىغا قالغان مۇددەتنى تاماملاش ئۈچۈن يېڭى ئەزا تەيىنلىنىدۇ.

(2) دائىمىي ھەيئەت، مۇدىرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم يىغىلىدۇ. مۇدىر زۆرۈر تاپقاندا دائىمىي ھەيئەتنى يىغىنغا چاقىرالايدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى دائىمىي ھەيئەتلىرى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك تەشكىللەندى:

ئىنستىتۇت يىتەكچىلىرى: پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە دوكتور رىشات ئابباس

ئىنستىتۇت تەشكىلىي ئىشلار مەسئۇلى: ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئىنستىتۇت دائىمىي ھەيئەتلىرى:

دوكتور ئابلەت سەمەت (مۇدىر، تۈركولوگ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى)

دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى (مۇئاۋىن مۇدىر، تۈركولوگ)

دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقەرلى (باش كاتىب، تۈركولوگ)

دوتسېنت دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول (ئىقتىساد)

دوكتور گۈلزادەم تەڭرىتاغلى (تۈركولوگ)

دوكتور مۇھەممەت قۇربان (دىنشۇناسلىق)

دوكتور زەمىرە غۇلجالى (تۈركولوگ)

بىلىم ھەيئىتى

ئىنستىتۇت بىلىم ھەيئەتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ياكى چەتئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىن مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشىدا ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. بىلىم ھەيئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 55 ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. مۇددىتى توشقان ئەزالار قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. ئىنستىتۇت باش مەسلىھەتچىسى بىلىم ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىدۇ.

بىلىم ھەيئىتى، نورمال ئەھۋالدا يىلدا بىر قېتىم يىغىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە مۇدىرنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىدۇ.

ئىنستىتۇت بىلىم ھەيئەتلىرى – 1 (ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى): 

تۈركىيە:

پىروفېسسور دوكتور ۋارىس چاقان (تارىخ، تۈركىيە)

دوتسېنت دوكتور ئەخمەت قارامان (تۈركولوگ، تۈركىيە)

دوتسېنت دوكتور نەشە ھاربالالىئوغلۇ (تۈركولوگ، تۈركىيە)

دوكتور شەۋكەت ناسىر (مېدىيا ۋە ئالاقە، تۈركىيە)

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى (تۈركولوگ، تۈركىيە)

دوكتور مەمتىمىن بەكتۆمۈر (مېدىيا ۋە ئالاقە، تۈركىيە)

ئامېرىكا:

پىروفېسسور دوكتور ئەسەت سۇلايمان (تۈركولوگ، ئامېرىكا)

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن (ئالىي مۇھەررىر، تارىخشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا)

دوكتور گۈلنار ئەزىز (ئىنسانشۇناسلىق، ئامېرىكا)

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا (ئىنسانشۇناسلىق، ئامېرىكا)

دوكتور نۇرنىسا قۇربان (مائارىپشۇناسلىق، ئامېرىكا)

دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا (تىلشۇناسلىق، ئامېرىكا)

ياۋرۇپا:

دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان (تۈركولوگ، گىرمانىيە)

دوكتور ئەنۋەر سەمەت (تۈركولوگ، بىلگىيە)

دوكتور ئابلىمىت باقى (تۈركولوگ، ئەنگىلىيە)

دوكتور رۇنى سىتىنبېرگ (ئىنسانشۇناسلىق، دانىيە)

ياپۇنىيە:

دوكتور مۇختەر ئورخۇن (تۈركولوگ، ياپۇنىيە)

ئوتتۇرا ئاسىيا:

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان تىلىۋالدى (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قازاقىستان)

پىروفېسسور دوكتور ۋالەرى ماھپىروۋ (تىلشۇناس، قازاقىستان)

دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا (تىلشۇناس، قازاقىستان)

دوتسېنت دوكتور رۇسلان ئارزىيەۋ (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قازاقىستان)

دوتسېنت دوكتور رەخمەتجان يۈسۈپوۋ (ئۇيغۇرشۇناسلىق ، قازاقىستان)

پىروفېسسور دوكتور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قىرغىزىستان)

دوتسېنت دوكتور ئەكبەرجان باۋۇدۇن (ئۇيغۇرشۇناسلىق، قىرغىزىستان)

ئىنستىتۇتنىڭ ياش تەتقىقاتچىلىرى

نۇرەددىن ئىزباسار (تارىخ دوكتورانتى، تۈركىيە)

مەۋلان تۇران (خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسەت بىلىمى دوكتورانتى، تۈركىيە)

رازىيە مەمەتتۇرسۇن (دىنشۇناسلىق دوكتورانتى، تۈركىيە)

ياسىن تۇرسۇن ئۇلتاش (تۈركولوگىيە ماگىستىرى، تۈركىيە)

ئايشەمگۈل ئىمىر (تۈركولوگىيە دوكتورانتى، تۈركىيە)

ئالىم ئىمام (تۈركولوگىيە دوكتورانتى، تۈركىيە)

سۈمەييە ھاجى (تۈركولوگىيە دوكتورانتى، تۈركىيە)

ئەلى ھەكىم (تارىخ ماگېستىرى، تۈركىيە)

مۇستاپا ئاقسۇ (تىلشۇناسلىق دوكتورانتى، ئامېرىكا)

فارۇق تاران (تارىخ تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا)

مۇھەممەت بۇغرا (ئىقتىساد ماگېستىرى، ئامېرىكا)

زۇلھايات ئۆتكۈر (تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىسى، شىۋىتسىيە)

ئۆمەرجان جامال (تارىخ تەتقىقاتچىسى، شىۋىتسىيە)

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەبىئىي پەن تەتقىقاتچىلىرى پات ئارىدا مۇقىملىشىدۇ.


قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى نىزامنامىسى

بىرىنچى بۆلۈم: مەقسەت، دائىرە، ئاساس ۋە ئاتالغۇلار

مەقسەت

ماددا 1–(1) بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە ھەم پائالىيەتلىرىگە، ئىنستىتۇت خىزمەت تۈرىگە ئالاقىدار ئۇسۇل ۋە ئاساسلارنى تۈزۈشتۇر.

دائىرە

ماددا 2-(1) بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە ھەم پائالىيەتلىرىگە، ئىنستىتۇت خىزمەت تۈرىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساس 

ماددا 3-(1) بۇ بەلگىلىمە 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى 2547-نومۇرلۇق تۈركىيە ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ 7-ماددا بىرىنچى پاراگراف (d) تارماق (2) نومۇرلۇق كىچىك تارمىقى بىلەن 14-ماددىسىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

ئاتالغۇلار

ماددا 4-(1) بۇ بەلگىلىمىدە يېزىلغان:

رەئىس: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسىنى،

بىلىم ھەيئىتى: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ بىلىم ھەيئىتىنى،

ئىنستىتۇت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنى،

مۇدىر: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرىنى،

ئاكادېمىيە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى،

ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى،

دائىمىي ھەيئەت: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئىلمىي ئاساسىي ۋە پائالىيەت دائىرىسى

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسىتى

قۇتادغۇ بىلىگنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولغان ساھەلەر بويىچە يېڭى بىر ئەۋلات ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي ئاساسى

ماددا 6-(1) ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى قۇتادغۇ بىلىگتۇر. مۇتەپەككۈر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ قۇتادغۇ بىلىگ ناملىق ئەسەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭلارچە يىللىق سىياسەت تەجرىبىلىرىنى ۋە دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم بىر ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت مېخانىزمىنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەشتە، شۇنداقلا ياشلارنى جەمئىيەت ئېھتىياجى بويىچە پىلانلىق ۋە نوقتىلىق ھالدا تەربىيەلەشتە ئىنتايىن  مۇھىم. قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە چەتئەللىك ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ ئەسەرنى مەركەز قىلغان بىر يۈرۇش تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ.

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ  پائالىيەت دائىرىسى

ماددا 7-(1) ئىنستىتۇت 5-ماددىدا كۆرسەتكەن مەقسەتكە ئاساسەن تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ:

1) ئىنستىتۇت مەقسىتىدە بېكىتىلگەن ئالاقىدار ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ۋۇجۇتقا چىققان ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردا نەشىر قىلىش،

2) خەلقئارالىق سۈپەتتە لېكسىيە، مۇھاكىمە يىغىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش،

3) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئاساسەن ھەرخىل كۇرس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش،

4) ئىنستىتۇتنىڭ تارمىقىدا خىزمەت بۆلۈملىرى قۇرۇش، تەتقىقات لايىھەلىرىنى تۈزۈپ ئىجرا قىلىش،

5) تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ژورنال چىقىرىش،

6) ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئاكادېمىك تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىش.

ئۈچىنچى بۆلۈم

ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى

ماددا 8-(1) ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى تۆۋەندىكىدەك:

مۇدىر

دائىمىي ھەيئەت

بىلىم ھەيئىتى

مۇدىر

ماددا 9-(1) مۇدىر؛ رەئىسنىڭ تەكلىپى، ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدا دائىمىي ھەيئەتتىكى ئەسلىي ئەزالاردىن ۋە ئالاھىدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئىچىدىن ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. مۇددىتى توشقان مۇدىرنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قايتىدىن تەيىنلەشكە بولىدۇ. مۇدىرغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ يىل بولىدۇ. مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندا، مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئاخىرلىشىدۇ. مۇدىر بولمىغان ئەھۋاللاردا مۇئاۋىن مۇدىر مۇدىرغا ۋاكالەتچى بولىدۇ. مۇدىر ئۈزلۈكسىز ئالتە ئاي ۋەزىپە ئۆتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يېڭى بىر مۇدىر تەيىنلىنىدۇ.

مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى

ماددا 10-(1) مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:

1) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار يىللىق پائالىيەت پىلانىنى تەييارلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
2) ئىنستىتۇتقا ۋەكىللىك قىلىش، دائىمىي ھەيئەت ۋە كېڭەش ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىش.
3) ئىنستىتۇت قارمىقىدىكى بۆلۈملەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىربىرىگە ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش.

4) مەملىكەت ئىچىدىكى ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قۇرۇپ ئورتاق تەتقىقات پىلانلىرىنى بەلگىلەش
5) ئىنستىتۇت ۋە ئىنستىتۇتقا قاراشلىق بۆلۈملەرنىڭ يىللىق پائالىيەت دوكلاتىنى تەييارلاپ سۇنۇش.

دائىمىي ھەيئەت

ماددا 11 – (1) دائىمىي ھەيئەت؛ مۇدىرنىڭ تەۋسىيىسى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىغا قالغان مۇددەتنى تاماملاش ئۈچۈن يېڭى ئەزا تەيىنلىنىدۇ.

(2) دائىمىي ھەيئەت، مۇدىرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم يىغىلىدۇ. مۇدىر زۆرۈر تاپقاندا دائىمىي ھەيئەتنى يىغىنغا چاقىرالايدۇ.

دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى

ماددا 12-(1) دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:

ئىنستىتۇت خىزمەت پىلانى ۋە تەتقىقات تۈرلىرىنى تۈزۈتۈش ۋە مۇدىرغا سۇنۇش،

ئىنستىتۇت تەتقىقات بۆلۈملىرىنى قۇرۇش ۋە خىزمەتلەرنى باھالاش،

كەلگۈسى تايانىچ كۈچ يىتىشتۈرىشكە ئائىت تەربىيەلەش كۇرسلىرى، لىكسىيە ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش  پروگراممىلاردا ۋەزىپىلەندۈرۈلىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئىنستىتۇت پائالىيەت دائىرىسىگە ئالاقىدار تەتقىقات تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ مۇدىرغا سۇنۇش،

ئىنستىتۇتنىڭ يىللىق خىزمەت دوكىلاتىنى تەييارلاپ مۇدىرغا سۇنۇش.

بىلىم ھەيئىتى 

ماددا 13-(1) بىلىم ھەيئەتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە ئەزالىرى ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ياكى چەتئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىن مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشىدا ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. بىلىم ھەيئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون بەش ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. مۇددىتى توشقان ئەزالار قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇدىر بىلىم ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىدۇ.

(2)  بىلىم ھەيئىتى نورمال ئەھۋالدا يىلدا بىر قېتىم، زۆرۈر تېپىلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە مۇدىرنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىدۇ.

بىلىم ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى

ماددا 14-(1) كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:

ئىنستىتۇت خىزمەتلىرىنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە مۇدىرغا دوكلات سۇنۇش.

ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرى دائىرىسىدە پىكىر-تەلەپلىرىنى مۇدىرغا سۇنۇش.

تۆتىنچى بۆلۈم

باشقا ۋە ئاخىرقى ھۆكۈملەر

ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللار

ماددا 15-(1) بۇ بەلگىلىمىدە ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللاردا، ئالاقىدار باشقا قانۇن ھۆكۈملىرى ۋە دائىمىي ھەيئەت قارارلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

يولغا قويۇلۇش

ماددا 16-(1) بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يۈرگۈزۈش
ماددا 17-(1) بۇ بەلگىلىمە ھۆكۈملىرىنى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى يۈرگۈزىدۇ.


 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش