سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش

خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىس مەركىزى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىن تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياردەم يىغىلىشقا باشلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيەدە 1500 ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان بولسا، يەنە بىر قىسمى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بوش ۋاقىتلىرىدا قوشۇمچە ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇشى ۋە تۈرمۇشىنى قامداپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك تۈركىيەدە تىجارەت پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ئوقۇغۇچىلارمۇ قوشۇمچە ئىشلەشكە ئامالسىز قالماقتا.

يۇقارىقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇرۇپ، ھىچقانداق يەردىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالالمىغان ۋە ئىشلەش ئىمكانى بولمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى جىددى ئىگەللەش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگىنى، تەشكىلات ۋە شەخىسلەردىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالالمىغان ۋە تۇرمۇشتا قېيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەكىلى مۇھەممەتئېلى ھاپىز ئەپەندى بىلەن (05352345806 نومۇرلۇق تېلىفۇن ئارقىلىق) ياكى تۆۋەندىكى ۋىرۇس كىرىزىسى مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاقە قىلىپ، ئەھۋالىنى بىلدۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شۇنداقلا، ياردەمگە ئېھىتىياجلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى ياردەم تەلەپ جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، ۋىرۇس كىرىزىسى مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ خالىغان بىرسىگە ئەۋەتىپ بېرىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى ياردەم تەلەپ جەدىۋېلى [Word]

ئاخىرىدا، بارلىق ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئوقۇشىغا غەلبە ۋە تۇرمۇشىغا خاتىرىجەملىك تىلەيمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بۆلۈمى

قوشۇمچە: ۋىرۇس كىرىزىسى مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى يەتتە ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئالاقە تېلىفۇن نومۇرلىرى

1) ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد

0090 532 3937637

2) ئالىمجان بۇغدا

0090 533 7347338

3) نىزامىدىن تەمكىنى

0090 539 8566666

4) مۇھەممەتئېلى ھاپىز

0090 535 2345806

5) تىبەت يۈجەتۈرك

0090 5368724530

6) نىمەتۇللا قارىم

0090 5355996393

7) مىنەۋەر ئۆزئۇيغۇر

0090 5375797863

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش