You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئوغۇزنىڭ گۆشى، ھۇننىڭ قېنى

ئوغۇزنىڭ گۆشى، ھۇننىڭ قېنى

ئەكرەم ئىلك

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىن، نىڭبو، جۇۋشەن دىگەن جايلىرىدا «پەسەندىلەر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەۋم بار. بۇ قەۋمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىلىق ئوخشىمىغان ۋارىيانتلار مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىزدىنىشى بىلەن ئاخىرى بۇلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان. يەنى، خىتايلار قوزغىلىپ موڭغۇللارنىڭ يۈەن خاندانلىقىنى يىقىتقاندىن كېيىن، موڭغۇل يايلاقلىرىغا چېكىنەلمەي ئەسىرگە چۈشكەن موڭغۇل ۋە رەڭلىك كۆزلۈكلەر ئاساسەن ئۆلتۈرۈلگەن، چاڭجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئۆلمەي قالغان ئاز ساندىكى ئەسىرلەر بولسا قۇل قىلىنغان. خىتاي مىڭ خاندانلىقى ئۆز خەلقىنى ئون تەبىقىگە بۆلگەن بولۇپ، ئەڭ تۆۋىنى دىۋانىلەر ئىدى. موڭغۇل ئەسىرلىرى بولسا شۇ دىۋانىلەر بىلەن بىرلىكتە ئونىنچى تەبىقىغە مەنسۇپ بولغان (پاھىشەلەر سەككىزىنچى تەبىقىدە تۇراتتى). ھۆكۈمەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى شەكىللەنگەن ئادەت بويىچە بۇ موڭغۇل قالدۇقلىرىغا تۆۋەندىكىچە ئون خىل چەكلىمە قويۇلغان:

1) مەكتەپكە كىرىشىگە، كىتاپ ئوقۇشىغا بولمايدۇ؛
2) ئەمەلدار بولۇپ، مەنسەپ تۇتۇشىغا بولمايدۇ؛
3) سودا-سېتىق ۋە قول – سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ؛
4) يەر تېرىپ، دېھقانچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ؛
5) خىتاي پۇقرالىرى بىلەن توي قىلىشىغا بولمايدۇ؛
6) يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىشىغا بولمايدۇ؛
7) مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ، چوڭ قەدەم تاشلاپ مېڭىشىغا بولمايدۇ؛
8) باش قوشۇپ مەسلىھەت قىلىشىغا بولمايدۇ؛
9) كېچىدە شاۋقۇن-سۈرەن سېلىشىغا بولمايدۇ؛
10) توپلىشىپ ئوپچە ھەركەت قىلىشىغا بولمايدۇ.

بۇ موڭغول قالدۇقلىرىنىڭ كىيىنىشىگىمۇ چەكلىمىلەر قويۇلغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان، بەلكى بەلگىلەنگەن مەلۇم مەھەللىلەردە توپلىشىپ ئولتۇرىدۇ. «پەسەندىلىك» ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالىدۇ. قەدىمقى خىتاي جەمىيەت قۇرۇلمىسىدا ئەمەلدار،دېھقان،قول – سانائەتچى ۋە سودا-سېتىقچىلار «تۆت خىل پۇقرا» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇلار ھۆكۈمەتكە ياقىدىغان، قۇلىقى يۇمشاق خەلقلەردۇر. يالغۇز ئەمەلدار ۋە يەر ئىگىسى بايلارلا ئەمەس، بەلكى بۇ «تۆت خىل پۇقرالار» مۇ پەسەندىلەرنى خالىغانچە بوزەك قىلالايتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەسەندىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا پەسكەش بولۇپ، كىشىلەرگە پىشكەللىك ۋە بالا-قازا ئېلىپ كېلەتتى. شۇڭا ئۇلارنى كۆرگەندە تۈكۈرۈش ۋە قارغاش ئارقىلىق يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. پەسەندىلەر ئاددى خىتاي پۇقرالىرىغا قۇل بولۇپ ئىشلەيتتى، دىخان خىتايلارنى «تېرىقچى بېگىم»، قالغانلىرىنى بولسا «غوجام» دەپ چاقىراتتى. پەسەندىلەرنىڭ خىزمەت تۈرىگىمۇ چەكلىمىلەر قويۇلغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى ياراتمايدىغان كەسپلەرنى قىلاتتى. مەسىلەن: ئەرلىرى سازلىقتا پاقا،قوڭغۇز تۇتاتتى، تەختىراۋان ۋە ئۆلۈك ساندۇقى (گۋەنسەي) كۆتىرەتتى، چاچ ئالاتتى، چوشقا سوياتتى، چۈشكە تەبىر بېرەتتى، يۈزىنى جىندەك بوياپ، دۇمباق-سۇناي چېلىپ خەلققە ھەزىل قىلىپ بېرەتتى. ئاياللىرى بولسا باشقىلارنىڭ چېچىنى تاراپ-ئۆرۈپ قوياتتى، ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى تۈكلەرنى تازىلايتتى، دەللاللىق قىلاتتى، توي قىلىدىغان قىزلارغا يەڭگىلىك قىلىپ، جىنسىيەتتىن ساۋاق بېرەتتى.

بۇ خىل تۈزۈم ۋە ئەنئەنە داۋاملىشىپ تەخمىنەن 360 يىلدىن كېيىن، يەنى 1720-يىللىرىغا كەلگەندە مانجۇ خاندانلىقىنىڭ يوڭجىڭ خانى يارلىق چىقىرىپ پەسەندىلەر تەبىقىسىنى قانۇنى جەھەتتىن بىكار قىلغان، خىتاينىڭ شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن كېيىنمۇ ئوخشاش تۈزۈملەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق ئارىسىدىكى پەسەندىلەر بىلەن توي قىلماسلىق ئادىتى 1940-يىللاردىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولغان، پەسەندىلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى 1980-يىللارغىچە داۋام قىلغان. پەسەندىلەر ئۆز ئىچىدە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۆزلىرىنىڭ موڭغۇل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ «غەرپكە ساياھەت» فىلىمىدە مايمۇن رولىنى ئالغان ئاكتىيور ليۇ شاۋ لىڭتوڭ كېيىن ئۆزىنىڭ پەسەندىلەرنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي خەلقىمۇ بۇ پەسەندىلەرنىڭ موڭغۇل ئەسىرلىرىنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ كەلگەن. 1930 – 1940 – يىللىرىدا جېجياڭ تەرەپلەردە خىتاي بالىلىرى مۇنداق بىر ئويۇننى ئوينايدىكەن، يەنى: بىر چوڭ كاھىش ئۇستىگە ئازراق چۆپ- سامان تاشلاپ ئۈستىگە بىر بالا ياتىدىكەن، قالغان بالىلار ئارغامچا بىلەن ئۇنى سۆرەيدىكەن. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى «موڭغول سۆرەش» بولۇپ، ئەينى يىللىرى موڭغول جەسەتلىرىنى سۆرەپ سازايى قىلغىنىنىڭ تەسۋىرى ئىكەن.

پەسەندىلەر توغرىسىدىكى بۇ بايانلاردىن دىققىتىمنى تارتقىنى تۆۋەندىكى نەچچە نۇقتىلار بولدى:

1. موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ 600 يىلدىن كېيىن، موڭغۇل قالدۇقلىرىنىڭ چىراي، تىل، مەدىنىيەت، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن مۇتلەق خىتايلىشىپ بولغان 20- چى ياكى 30-ئەۋلاتلىرىنىڭمۇ خىتايلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىقى، سېستىمىلىق ھالدا چەتكە قېقىلىپ جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا بېسىلىپ تۇرۇشى، خارلىنىشى.

2. ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن بولغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇندىكى پەسەندىلەرگە سالغان زۇلۇملىرى، ھۆكۈمران مانجۇلار يارلىق چىقىرىپ پەسەندىلەرنى ئازات قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئېزىلگۈچى ئورنىدىكى خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىدىيە-قاراش كۈچلىرى ئارقىلىق بۇ خىل بېسىم ۋە خارلاشنى داۋاملاشتۇرۇشى.

3. موڭغۇللار يېڭىلىپ 600 يىلدىن كېيىنمۇ خىتاي بالىلىرىنىڭ «موڭغول سۆرەش» ئويۇنى ئوينىشى (ئەگەر بۇنى رايون خاراكتىرلىق ھادىسە دەپ قارايدىغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ سەمىگە خىتايلارنىڭ موڭغۇ⁸لغا قارشى ئىسيانىنى تەبرىكلەيدىغان مەملىكەت خاراكتىرلىق تاۋۇز چاغىنىنى سالىمەن.)

4. پەسەندىلەر جېجياڭ رايونىغا خاس ھادىسە ئىكەن. ئەمىسە قالغان رايوندىكى موڭغۇل ئەسىرلىرى ئەجىبا بۇلاردىن ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچرىغانمۇ؟ بۇنى تەتقىق قىلغان خىتاي تەتقىقاتچى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: باشقا رايونلاردا قولغا چۈشكەن موڭغۇل ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسى پاك- پاكىزە ئۆلتۈرۈلگەن، شۇڭا جېجياڭ تەۋەسىدىكى موڭغۇللارنى نىسبىي كەڭچىلىككە ئېرىشكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ جاۋاپتىن ئىككى خىل خۇلاسىگە ئېرىشتىم: بىرى، خىتايلارنىڭ شۇ چاغدا دۈشمىنىگە ئومۇمىيۈزلۈك شەپقەتسىز بولغىنى، يەنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشقا تىرىشقىنى. يەنە بىرى، 21- ئەسردىكى بىر خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ نەزىرىدە بىر يات مىللەتنى ئەسرلەر بويى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قۇل قىلىپ تۇتۇشنىڭ بىر خىل كەڭچىلىك، رەھىمدىللىك سانىلىدىغانلىقى.

ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا بىر قازاق ئېنژىنىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ يىگىتنىڭ دىيىشىچە ، خىتاي ئارمىيىسى بۇلارنىڭ شىركىتىدىن بىر قىسىم ئەسۋاپلارنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ شۇ ئەسۋاپلارنى قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە خىتاي تېخنىك بىلەن بىللە ۋەتەندىكى مەلۇم تاغنىڭ ئىچىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمدا بىر قانچە كۈن بولغانىكەن. ئۇلار شۇ قىسىمنىڭ ئاشخانىسىدا ئەسكەرلەر بىلەن بىللە تاماق يەپتۇ. ئۇ گازارمىدا نەچچە مىڭ ئەسكەر بولۇپ، ئاشخانىسى ناھايىتى چوڭ ئىكەن. خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان بۇ يىگىتنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئاشخانا تېمىغا خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملىك قىزىل خەت بىلەن يېزىلغان «ئوغۇزلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ھۇنلارنىڭ قېنىنى ئىچىمىز!» دىگەن مىسرالار ئىكەن. ئۇ يىگىت ماڭا «بۇلار تېخىچە بىزنى يەۋىتىش خىيالىدىن كەچمەپتۇ» دىگەنىدى. ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن بۇ مىسرالارنىڭ ھىكايىسىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم. بۇ مىسرالار خىتاينىڭ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى ياۋلارغا قارشى گېنىرالى يۆ فىينىڭ ئاغزىدىن چىققان بولۇپ، بۇ ئەسلى مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن:

مىلادى 75- يىلى، خىتاي شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي دىيار (بىزنىڭ ۋەتەننى كۆرسىتىدۇ) تۇتۇق مەھكىمىسىدىكى ئازغىنە ئەسكەرلىرى ھون تەڭرىقۇتىنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپتۇ. خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ئۆلگىنى ئۆلۈپ، ئاخىرى نەچچە يۈزى سېپىل ئىچىگە قاپسىلىپ قاپتۇ. ھونلار قورشاۋ ئارقىلىق ئۇلارنى سۇ ۋە ئاشلىقتىن ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. خىتاي ئەسكەرلىرى سۆھبەتكە كەلگەن ھون ۋەكىلىنى ئالداپ سېپىل ئىچىگە ئەكىرىپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن سېپىل تېمىدا ھونلارغا كۆسىتىپ تۇرۇپ كاۋاپ قىلىپ يەپتۇ. ئۆلگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچىپتۇ … شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى 13 خىتاي ئەسكىرى جىيا يۈگۈەندىن ئۆتۈپ خىتايغا قېچىپ كېلىۋاپتۇ.

مەن تارىخچى ئەمەسمەن، شۇڭا بۇ رىۋايەتنىڭ قانچىلىك ئاساسى بارلىقىنى مۇلاھىزە قىلمايمەن. ئەمما ئەگەر بۇنى راست دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا مۇنداق بىر رېئاللىققا يۈزلىنىمىز، يەنى بۇ ئىش يۈز بېرىپ 13 سۇلالە ئالمىشىپ، ئالاھەزەل 1000 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى سۇڭ سۇلالىسىدا خىتايلار بۇ تارىخنى تېخى ئۇنتۇمىغان ھەم قوشاق قېتىپ، شېئىر يېزىپ مەدھىيىلىگەن. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە 8 سۇلالە ئالمىشىپ، ئالاھەزەل 800 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ تارىخىي مىسرالار يەنىلا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گازارمىسىدا تۇرغان. بۇ 1800 يىل داۋامىدا خىتاي زىمىنىدا 21 سۇلالە ياكى خاندانلىق ئالماشتى، 2-3 قېتىم ياۋلارغا مۇنقەرز بولۇپ يوقىلىپ، قايتا تىرىلدى. تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۆزگەردى، ئىسلام ۋە خىرىستىيان قاتارلىق دىنلار بىلەن، غەرپنىڭ سانائەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى يېڭى مەدىنىيىتى بىلەن ئۇچراشتى، كاپىتالىزىم ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىلىرىنى قوبۇل قىلدى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشتى، ب د ت دىكى بەشنىڭ بىرى بولدى، ئاتوم ۋە ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئايغا راكىتا ئەۋەتتى … ئەمما «غۇزلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ھونلارنىڭ قېنىنى ئىچىش» ئارمىنى تېخىچە يوقالمىدى. ئەگەر بۇ مىسرالار يالغۇز ئىنتېرنېتتىكى خىتاي چايخانىلىرىدا ئېقىپ يۈرگەن بولسىدى، بىر قىسىم شوۋىنىستلارنىڭ ئىشى دېگەن بولاتتۇق، ئەمما بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقىسىز مىلتىقىغا بىر تال ئوق باسالمايدىغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گازارمىسىدا بولۇشى ھەرگىز تەساددىپىيلىق ئەمەس، بۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك.

پەسەندىلەرنىڭ تارىخىنى ئاڭلىدۇق، «ھۇننىڭ قېنى، ئوغۇزنىڭ گۆشى» رىۋايىتىنىمۇ بىلدۇق، ئەمدى سوئالىم: «خىتاينى قانچىلىك چۈشىنىمىز»؟ قانلىق ساۋاقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەجداتلىرىمىز خىتايدىن پەخەس بولۇش نەسىھىتىنى تاشقا پۈتۈپ قالدۇرۇپتىكەن، شۇنچىلىك دانا ئاتا-بوۋىمىز بولغىنىدىن پەخرلىنىمەن. ئەمما بىز شۇنى ئەستە ساقلىدۇقمۇ؟ خىتايدىن راست پەخەس بولدۇقمۇ؟ ياق. شۇڭا پەيدىنپەي بۈگۈنكى ھالغا كەلدۇق. ھازىرقىدەك ھايات-ماماتلىق پەيتتىمۇ كۈچلۈك دۈشمەن، ئېغىر زۇلۇم ئادىدا گاڭگىراپ قالغان بەزى ئادەملىرىمىز خىتاي دېموكراتىيەلەشكەندىن كېيىن ياكى مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن بىزگە رەھىم- شەپقەت قىلىپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا، ئۈمىت كۈتمەكتە. چارىسىزلىق ھەممىگە قىستايدۇ، ئەمما چارىسىزلىقتىن ئەقلىمىزنى يوقاتساق ھىچ ئىش ئوڭشالمايدۇ، ئەكسىچە زىيان ئۈستىگە زىيان بولىدۇ، خەتەر ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، خالاس. بەزىلەر «بىر مىللەتنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولمايدۇ» دىيىشى مۈمكىن، قوشۇلىمەن. توغرا سىياسىي ئاڭ (political correctness) نۇقتىسىدىن شۇنداق قاراش كېرەك، ئەمما بۇ زامان ھەم ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىزگە غەرب ياكى باشقا يەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى شۇنداق باھا بەرسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىز كۆرگەن زۇلۇمنى بىۋاستە كۆرمىدى، بىز يېگەن تاياقنى يەپ باقمىدى، ئۇلار چۈشىنىدىغان خىتاي نەزىرىيىدىكى، ستاتىستىكا جەدۋىلىدىكى خىتاي. ئەگەر قىياسى ياكى ھۆكۈمى توغرا چىقمىسا، مۆرىسىنى قىسىپ قويىدۇ، تۈگەيدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقاشمايدۇ.

«تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ” دەيدىغان گەپ بار. خىتاي بىلەن بىللە ياشاشنىڭ، توغرىسى خىتاي تاپىنى ئاستىدا ياشاشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ئۆزىمىز بىلىمىز. بىزگە خاتالىشىشقا پۇرسەت يوق، چۇنكى بۇ بىزنىڭ ھايات – ماماتىمىزغا تاقىشىدۇ. مېنىڭمۇ خىتاينى مىكرو ھالەتتە باھالاپ، قايسى ياخشى، قايسى ناچار دەپ ئايرىپ ئىلمىي باھا بەرگۈم بار. ئەمما بۇ بىزگە ماس كەلمەيدۇ، ھىچ بولمىسا ھازىر ماس كەلمەيدۇ. خۇددى بىرى ئۈستىمىزگە مىنىۋېلىپ، گېلىمىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋاتسا، ئاستىدا يېتىپ بېشىمىزنى قاشلىغاچ «بۇمۇ مۇتلەق ئەسكى ئەمەس، مۇشۇنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرى بار» دەپ ئويلانغاندەك بىر ئىش بولىدۇ. ئاۋال ئورنىمىزدىن تۇرۇۋالايلى، بىزگە مىنگەن ئۇ ئادەمنى ئىتتىرىۋېتىپ، بىخەتەر ئارىلىق ھاسىل قىلايلى، شۇ چاغدا ئاندىن ئۇنى ئىلمىي باھالىساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.

«خىتاينىڭ ھەممىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، چوڭ شەھەرلىرىدىكىلەر، مەدىنىيەت كۆرگەنلىرىنىڭ كاللىسى ئېچىلىۋاتىدۇ» دەيدىغانلارغا يەنە ئاشۇ جېجياڭنى مىسال قىلىمەن. جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلار ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن تارتىپ غەرپنىڭ ئىلغار مەدىنىيىتى بىلەن ئەڭ ئاۋال ئۇچراشقان خىتاي رايونىدۇر. جېجياڭنىڭ ئەزەلدىن «ئەدىپلەر يۇرتى» دىگەن نامى بار، لۇ شۈن، ماۋ دۈن، ئەي چىڭ قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئەدىپلەر، چۇ جىڭ قاتارلىق ئىنقىلاپچىلار، جاڭ جېشى، جۇ ئېنلەي قاتارلىق سىياسىئونلار چىققان يۇرت. خىتاينىڭ ئىككى پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئاكادېمىكنىڭ ¼ جېجياڭلىقلاردۇر. ئۇلار يەنە سودىغا ماھىرلىقى ۋە جاھان كېزەرلىكى بىلەن مەشھۇردۇر. يەنى ئۇلار ئومۇمى ساپا جەھەتتىن خىتايلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ مۇشۇنچىلىك ئىلغار ئادەملىرى ئۆزلىرىگە تەسلىم بولۇپ ئاسسىمىلاتسىيەلەشكەن يات مىللەتنى ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە ياردىمىسىز 6 ئەسر قۇل قىلغان بولسا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ۋە سېرىق توپىلىق ئىگىزلىكتىكى تارىختىن بېرى قورسىقى تويمىغان، كىيىمى پۈتمىگەن خىتايلاردىن نىمىنى كۈتۈش مۈمكىن؟ يەنە بەزىلەر «خىتايلار خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى، پات يېقىندا خىتاي ئەڭ چوڭ خىرىستىيان دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ، دىنغا ئىشەنگەندىن كېيىن رەھىم – شەپقەتلىك بولىدۇ» دەپ ئويلىماقتا، خىرىستىيان خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى چىقىش يولى دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئاۋال سورايدىغىنىم: نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە خىرىستىيان دىنىنىلا ئۆلچەم قىلىسىلەر؟

خىتاي بۇرۇندىن بۇددىزىمغا ئىشەنگەن، بۇددىزىممۇ خۇددى خىرىستىيان، ئىسلام دىنلىرىغا ئوخشاشلا تېنچلىقپەرۋەرلىكنى، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بىر دىن، بۇددىست راھىپلىرىنىڭ ئۇششاق جانىۋارلارغىمۇ ئازار بەرمەسلىكى، ھايۋانلارنى ئۆلتۈرمەسلىك ئۈچۈن گۆش يىمەسلىكىمۇ بۇنىڭ ئىسپاتى. ئەمما شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلار رەھىمدىل بولۇپ باقتىمۇ؟ بولمىغان بولسا نىمىشقا بۈگۈنكى كۈندە ئۈمىدنى خىرىستىيان خىتايلارغا باغلاپ قالىسىلەر؟ دىنىي ئېتىقاد بۇ يەردە ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا دىندىشىمىز ما جۇڭيىڭ بىزنى ۋەھشىلەرچە قىرمىغان بولاتتى. بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل مەنپەئەت ۋە شۇ ئادەملەرنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈپ، قارار ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان مەدەنىيەت. سۇن جۇڭشەن،جاڭ جېشى، جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار خىرىستىيان مۇرىتى ئىدى، ئۇلاردىن نىمە كۆردۇق؟ خىرىستىيان مۇرىتى خوڭ شيۇچۈەن تەيپىڭ قوزغىلىڭى ئارقىلىق خىرىستىيان ھاكىمىيىتى قۇرماقچى بولغانتى، نەتىجىدىچۇ؟ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقنى پەيدا قىلدى. يەنە بەزىلەر «غەرپتە ئوقۇغان ياكى ياشىغان خىتايلارنىڭ ئىدىيىسى ئىلغارلاشسا بىزگە كەڭ قورساق بولارمىكىن» دىگەن ئۈمىتتە. سۇن جۇڭشەن ئامېرىكىدا ئوقۇغان ۋە چوڭ بولغان، جاڭ جېشى ۋە شېڭ شىسەي ياپونىيەدە ئوقۇغان، جۇ ئېنلەي، دىڭ شاۋپىڭ، ليۇ شاۋچى قاتارلىقلار فرانسىيىدە ئوقۇغان، ھازىرقى ھوقۇقدارلارنىڭ نۇرغۇنى چەتئەللەردە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرغان، ئۇلاردىن نىمىلەرنى كۆردۇق ۋە كۆرۈۋاتىمىز؟ يېقىندا يۈز بەرگەن چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ھاقارەت ھەتتا تەھدىت قىلىشلىرىنى كۆردۇق. ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار مىڭنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ چىققان خىتاي سەرخىللىرىدۇر. يۇقىرىدا كۆرسەتكەن مىساللارغا ئاساسلانغاندا، بۇلار نىمە ئۈچۈن ئۆزگەرمىدى؟ نىمە ئۈچۈن گۈزەل ۋە ياخشى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمىدى؟ دىگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.

بۇ يەردىكى مەسىلە خىرىستىيان دىنى ياكى غەرپنىڭ مائارىپىدا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىدە. مەيلى بۇ خىتايلار كېيىن قايسى دىن بىلەن ئۇچراشسۇن ياكى قايسى مەكتەپتە ئوقۇسۇن، ئۇلارنىڭ بالىلىقى ۋە ياشلىقى قويۇق خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىدە ئۆتكەن. يەنى: چاغاندا قەغەز پۇل كۆيدۈرۈپ، پوجاڭزا ئېتىپ جىن-شاياتۇنلارنى قوغلىغان. ھايۋانلارنى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈشنى بولسا گۆشنى يېڭى ۋە قۇۋۋەتلىك يىيىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ ئۆگەنگەن. باشقا مىللەتلەر پەسلىك، نامەرتلىك دەپ قارايدىغان ھىيلە-مىكىرلەرنى «36 تەدبىر» دەپ يادلىغان. ھەقتە ئەمەس، كۈچلۈك تەرەپتە تۇرۇشنى، ھۆكۈمرانغا سەت كۆرۈنگەنلەرنى چېقىپ تۇتۇپ بېرىشنى ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىلىرى ئارقىلىق كاللىسىغا قۇيۇۋەتكەن. تارىخ كىتاپلىرىدا خىتاينى «مەركىزى دۆلەت»، باشقىلارنى «ياۋايى» دەپ ئوقۇغان. ئۆزلىرىنى مۇنقەرز قىلغان موڭغۇل،مانجۇ ئىمپىرىيەلىرىنى «خىتاي خاندانلىقى» دەپ ئۆگەنگەن، شۇڭا تەبىئى ھالدا تۈركىستان، تىبەت تۇپراقلىرىنى ئۆز زىمىنى دەپ بىلگەن. «ھوننىڭ قېنىنى ئىچىپ، غۇزنىڭ گۆشىنى يېيىش» نى مەرتلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ چۈشەنگەن … ۋاھاكازالار. بۇنىڭ ھەممىسى بۇ مىللەتتە بۇرمىلانغان، ئۆزگىچە بىر خىل دۇنيا قارىشى شەكىللەندۈرگەن. كۇڭزى ئىدىيەسىدىكى ھوقۇققا، تەبىقىگە بويسۇنۇش پرىنسىپى بۇلارنى زۇلۇمغا كۆز يۇمۇشقا، چىداشقا يېتەكلىگەن. ئەمما بۇلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ زۇلۇملار يىغىلىپ، ئىچىدە غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن كۇڭزى بۇلارنىڭ غەزىپىنى ھۆكۈمرانلارغا، ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە چىقىرىشىغا يول قويمىغان.

ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆزىدىن ئاجىزلارغا چىقىرىش، ئۇلارنى بوزەك قىلىش ئارقىلىق روھىي تەڭپۇڭلۇق تېپىش كېرەك. ھەممىدىن قورقىدىغان، ئەمما ئۆزىدىنمۇ بىچارە كوڭيىجىنى كۆرسە كۆتىگە تېپىۋالىدىغان ئاكيۇ ئوبرازى سەۋەبسىز يارىتىلمىغان. شۇڭا كومپارتىيىنى تىللايدىغان خىتايلارنىڭ بىزنى باستۇرۇش پەيتى كەلگەندە ھىچ شەپىسىزلا ئۆز ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرالىشىنىڭ سەۋەبى شۇ. ئەمەلىيەتتە مەدىنىيەتنىڭ تەپەككۈر ۋە قارارغا تەسر قىلىشى بارلىق مىللەتتە مەۋجۇت ھادىسىدۇر. ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم يۈرگۈزسىمۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوخشىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدا مىللەتنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ تەپەككۈرى ۋە ھەركىتىگە تەسر قىلىدىغان مەدىنىيەت ئامىلى مەۋجۇتتۇر. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە ئوخشاش ياۋروپا ئەللىرى بولغان ئېنگىلىز، ئىسپان ۋە فرانسوزلارنىڭ ئۆز مۇستەملىكىسىدىكى مىللەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى پەرقنى كۆرسىتەلەيمىز. بۇ مەسىلىنى كەسپ ئەھلى بولغان جەمىيەتشۇناس ۋە پىسخولوگلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا قالدۇرغان تېخىمۇ توغرىدەك ھىس قىلدىم.

خىتاي زۇلۇمى ئاشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ لاگىر مەسىلىسى چىققاندىن كېيىن نېرۋىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. نۇرغۇن ئادەملەر «بۇنداق رەزىللىكنى پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىلا قىلالايدۇ» دىگەن يەكۈننى چىقىرىشقا باشلىدى. ئەمما تارىخقا قارايدىغان بولساق بۇنداق ۋەھشىلىكلەرنىڭ، ئوخشاش زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى تارىخى باسقۇچلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگىنىنى، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ مول تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي سىياسەتلىرى قانداقتۇر بىر يېڭىلىق يارىتىش بولماستىن، بەلكى تارىخى خاتىرىلىرىنى ئاختۇرۇپ تېپىپ چىققان كونا ئەندىزىلىرىدۇر. دەيدىغىنىم يەنە شۇ: نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى بۇلارنىڭ كىيىمى ئۆزگەردى، تىل-يېزىقى ئۆزگەردى، زىمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى ئۆزگەردى،سىياسىي تۈزۈمى ۋە فورمىلىرى ئۆزگەردى، ئەمما باشقىلارنى ياۋايى كۆرۈپ كەمسىتىدىغان، پەيتى كەلسە ئۆزىدىن ئاجىزلارنى يەپ يوقىتىدىغان خۇيى ئۆزگەرمىدى. شۇڭا ماركسىزم – لېنىنىزم ئىدىيىسىنى قورال قىلغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئارمىيە گازارمىسىدا 1800 يىل ئىلگىرىكى ياۋايىلىقىنى مەدھىيىلەيدىغان مىسرالارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سەۋەبسىز ئەمەس. يەنى مەيلى زامان قانداق ئۆزگەرسۇن، قانچىلىك يېڭى ھۈنەر-بىلىم ئىگىلىسۇن ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، باشقىلارنى يىيىش بۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس يىتەكچى نىشانى بولۇپ كەلگەن.

«خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن، خىتاي خىرىستىيانلىرى بىلەن، قىسقىسى ھەمكارلاشقۇدەك كۈچنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرۇش» يېقىندىن بېرى باش كوتىرىپ چىقىۋاتقان شۇئارلارنىڭ بىرى. بۇنى دىگۈچىلەر دائىم مۇنۇ سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ: «ئاجىز تۇرساق، ئۇلار كۈچلۈك تۇرسا، پايدىلىنىش كېرەكتە»، «ھازىر ھە دەپ تۇرۇپ، كېيىن ئۆزىمىز بىلگەننى قىلىمىزدە»، «كومپارتىيەنى نىشان قىلساق غەرپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز»…ۋاھاكازالار. ئاڭلىماققا يوللۇقتەك تۇرىدۇ. دېمىسىمۇ پايدىلانغۇدەك كۈچتىن پايدىلانغان ياخشى. ئەمما پايدىلاندىم دەپ پرىنسىپتىن كېچىش كېرەكمۇ؟ ئاۋال خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە كېلەيلى، بۇ شۇئار بەلكىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەندەك كۆرۈنۈشى مۈمكىن، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان كۈرىشىمىز بەش- تۆت كۇندە ھەل بولمايدۇ. مانجۇ ۋە موڭغۇل ئېمپىرىيەسىنى خىتاينىڭ بىر خاندانلىقى دەپ خاتا چۈشەنگەن دۇنيا ئەھلى بىزنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ، چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشىمىز، ئۆگىتىشىمىز كېرەك.

دۇنيادىن خۇپىيانە يۈرگۈزمەكچى بولغان جازا لاگىرىنى ئۆز تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن دۇنيا تاراتقۇلىرىدىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندۇرغىنىمىز بۇنىڭ جانلىق مىسالى. شۇڭا بىزنىڭ دەۋا خاراكتىرىمىزنى دۇنياغا قانداق تونۇشتۇرساق، ئۇلار ئاخىرى شۇنداق قوبۇل قىلىدۇ. «نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن» دىگەن گەپ بار. ئەگەر دەۋايىمىزنى خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر پارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قىلىپ تەسۋىرلىسەك، دۇنيا خەلقىمۇ شۇنداق دەپ قوبۇل قىلىدۇ، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىكەن، پارتىيە ئالماشسا، ياخشىراق بىرى چىقسا بۇ ئۇيغۇرلارمۇ يىغلىمايدىكەن» دەپ بىلىدۇ. شۇڭا «مېنى ئۇرمىسىلا بۇ ئۆينى تۇتۇپ كېتەتتىم» تەلەپپۇزىدىكى چارىسىز خوتۇننىڭ دەۋاسىنى تاشلاپ، «ياق! خىتاي ماڭا تاجاۋۇز قىلدى! دۇنيانى بولسا ئالداپ كەلدى! ئەمدى بۇلار بىلەن بىللە ياشاش مۈمكىن ئەمەس!» دەيدىغان جۈرئەتكە كېلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا سىرتقى دۇنيا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇيالايدۇ، قازى جىدەلگە ئارىلىشالايدۇ. تىبەتلەرنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولى بىزگە ئاچچىق ساۋاق بولغۇسى.

ئەمدى دېموكراتىك ياكى خىرىستىيان خىتاي تەشكىلاتلىرىغا كېلەيلى. راستىنلا بىز بەك ئاجىز، ئۇلار شۇنچە كۈچلۈكمۇ؟ دۇنيا مىقياسىدا ئاتالمىش خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىدىن 50 نەچچىسى مەۋجۇت، ئىقتىساد، نام-شۆھرەت جىدىلى بىلەن ئۆز- ئارا ئىت – مۈشۈك ھالىتىدە. نەچچە مىليون خىتاي نوپۇسى بار ئامېرىكىدا نامايىشقا 30 ئادەم يىغالمايدۇ. 30-40 يىللىق تارىخقا ئىگە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىرى پەيدا بولغىلى ئىككى يىل بولغان قويمىچى تىجارەتچى گو ۋېنگۈينىڭ تاتلىق سۆز ۋە غەيۋەت- شىكايەتلىرىگە ئالدىنىپ ياكى تەڭ كېلەلمەي، مايمۇن ئويۇنى ئوينىغىلى تۇردى (گونىڭ دېپىغا ئۇسۇلغا چۈشكەن ئۇيغۇر ئۇقۇمۇشلۇقلىرىمۇ ئاز ئەمەس). مۇشۇ نۇقتىلارلا ئۇلارنىڭ قانچىلىك چېچىلاڭغۇلىقىنى، ئاممىۋى ئاساسىنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ئەسرلەردىن بېرى بىزنى ياۋايى، دۈشمەن كۆرۈپ كەلگەن بۇ خىتايلار نىمىشقا ھەمكارلىققا بىزنى ئىزلەپ قالدى؟ سودىدا بىر پرىنسىپ بار: سالغان مەبلەغدىن كېلىدىغان پايدا چوڭ بولغاندا ئاندىن ياخشى سودا بولىدۇ. بۇ خىتايلار شۇنى ھىساپلاپ بولۇپ ئاندىن بىزگە كەلدى.

دېمەك بىز ئۆزىمىز ئويلىغاندەك ئۇنچىمۇ ئاجىز ئەمەس، ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ باسقۇچتا بۇ خىتايلار ئالدىدا چوڭ قىممىتىمىز بار. ئۆز قىممىتىمىزنى توغرا تونۇيالىغاندا ئاندىن توغرا باھا قويالايمىز. «كەم بولا» دەيدىغۇ قەشقەرلىقلەر، شۇ روھىمىزنى چىقىرايلى. ئازراق مەنپەئەت، بىرەر نۇتۇق سەھنىسى، داڭدار سىياسىئون بىلەن رەسىمگە چۈشۈش، كۆرۈشۈش پۇرسىتى ئۈچۈن پرىنسىپتىن كېچىۋەتمەيلى، دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى ئۇلارنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە ئاتىمايلى، مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزنى تەمتىرەپ ئىچىمىزگە يۈتۇۋەتمەيلى. دەۋايىمىز ئۇنىڭدىن كۆپ قىممەتكە يارايدۇ، بۇنى ئۇنۇتمايلى. ئېنگىلىزچە سۆزلەپ، قولىدا ئىنجىل ياكى غەرپ مەكتەپلىرىنىڭ دىپلومىنى تۇتۇپ تۇرغان خىتايلارنىڭ كىچىكىدىن «ھوننىڭ قېنىنى ئىچىپ، ئوغۇزنىڭ گۆشىنى يەيمىز» دەپ شېئىر يادلاپ چوڭ بولغىنىنى ئۇنۇتمايلى. ھونلار كەتتى، يوقالدى، ئەمما ئوغۇز ئەۋلادى تېخى بار. ئۆزىمىزنىڭ خىتايلار يىمەكچى بولغان شۇ غۇز ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئۇنۇتمايلى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top