• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغىنىغا 2 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە نىزامنامىگە ئاساسەن، ئاكادېمىيەنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ 2-نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.

دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا Yale University يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تىببىي پەنلىرى دوكتورى، دىئابىت (قەن سىيىش كېسىلى) ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى تەتقىقاتچىسىى دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، كەلگۈسى 2 يىلدا ئامېرىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئاكادېمىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنى ئامېرىكىدا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدا كۆپلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەرخىل مۇھاكىمە يىغىنى ۋە لىكسىيەلەرنى ئويۇشتۇرىدىغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن ياراملىق بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر 1981-يىلى غۇلجا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1998-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ 2004-يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.

2008-يىلى ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە دىئابىت تەتقىقات داۋالاش بۆلۈمىگە دوكتورلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە تېرىشىپ ئوقۇپ 2013-يىلى كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە دىئابىت تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان.

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ياپۇنىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، دىئابىت ۋە جىگەر كىسىلى ئىلىمى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، 2013-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىگە دوكتور ئاشتىلىق سالاھىيىتى بىلەن كىلىپ، 2016 يىلدىن باشلاپ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
دوكتۇر ئابلىز ئابدۇقادىرنىڭ دىيابىت ۋە جىگەرنى ماي قاپلاشنى تەتقىق قىلىشتىن ئىرىشكەن نەتىجىلىرى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئىلان قىلغان.
دوكتۇر ئابلىز ئابدۇقادىر ئاسىيا دىيابىت جەمىئىيىتى، پاپۇنىيە دىيابىت جەمىئىيىتى ۋە ئامىركا دىيابىت جەمىئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنلىرىدا كەسپىگە ئائىت تەتقىقات تېمىلىرىدا دوكلات بەرگەن ۋە ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان بىر تىببىي تەتقىقاتچىدۇر.

رەسىم: جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى، 2018 – يىلى 25 – ماي جۈمە

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ ئامېرىكىدا غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە، 2018-يىلى 20-مايدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتوندا دوكتور ئەركىن ئابلىز ئەپەندى باشچىلىقىدا 9 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلۇپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە جورج ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە يالى ئونىۋىرسىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە 10 نەچچە قېتىم مۇھاكىمە يىغىن ۋە لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەرخىل مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ۋىدىئولۇق لىكسيەلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مىللىتىمىزنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك قىسمىتىدىن تىزرەك قوتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top