• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » يېشىلمىگەن سىر: تاشقى پىلانېت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇچقۇچى

يېشىلمىگەن سىر: تاشقى پىلانېت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇچقۇچى

ئىدىقۇت تەرجىمىسى

كۆز يەتكۈسىز سىرلىق ئالەم بوشلۇقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان سان-ساناقسىز سىرلار يوشۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى سىرلار تا ھازىرغىچە ئېچىلمىغان. گەرچە نۆۋەتتە ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تاشقى پىلانېت ئادەملىرى ۋە ئۇچار تەخسە (UFO) قاتارلىقلارنى ئىنسانلار ھېلىھەم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

ئاۋستىرالىيەلىك ئۇچقۇچى فىرېد (Fred) نىڭ سىرلىق ھالدا يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ئەينى زاماندا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، كىشىلەر ھازىرغا قەدەر فىرېدنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىپ كېتىلگەن، دەپ گۇمان قىلىشماقتا. ئاۋستىرالىيە ئۇچقۇچىسى فىرېد ئەينى چاغدا ئۆزى ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان بىلەن تەڭلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يا ئايروپىلان پارچىسى ۋە ياكى فىرېدنىڭ جەسىتى تېپىلمىغاچقا، كىشىلەر ئۇنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فىرېد تەخمىنەن 40 يىل بۇرۇنقى مەلۇم بىر ئاخشىمى ئۆزى ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان بىلەن تەڭلا ھاۋا بوشلۇقىدا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن، ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشتىن ئىلگىرى زادى نېمە ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ھەم قەيەرگە كەتكەنلىكى ھازىرغا قەدەر يېشىلمىغان سىر بولۇپ قالغان.
فىرېدنىڭ ئىنىسى رىچارد ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەينى چاغدا زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا بۇ ئىشنى بىلگۈممۇ يوق. چۈنكى بۇ ئىشقا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇ ئىشنى چۈشىنىشكە بىزنىڭ قۇربىمىز يەتمەيدۇ.».

ئىگىلىنىشىچە، ئەينى يىلى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن فىرېد ناھايىتى تىرىشچان ھەم ئەقىللىق يىگىت بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىپ مەشىق قىلىۋاتقانىدى. فىرېد كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇچقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇچقۇچىلىق ئارزۇسى يۈرىكىدە يېلىنجاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئۇچقۇچىلىق ماھارىتى مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتكەن. فىرېد ئۇچقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن پىشقان ئۇچقۇچىلىق ماھارىتى بىلەن كەسپداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

1978-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، 20 ياشلىق فىرېد باشقا كۈنلەردىكىگە ئوخشاشلا تىرانسپورت ئايروپىلانىنى ھەيدەپ يۈك توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئاتلانغان. ئۇنىڭ ئۇچۇش لىنىيىسى ئەسلىدە مېلبۇرن شەھىرىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ ئوتۋاي ئارقىلىق باس قولتۇقى (Bass Strait) غا جايلاشقان پادىشاھ ئارىلى (King Island) غا بېرىش ئىدى.

ئاۋستىرالىيىدىن ئىبارەت زېمىنى كەڭ بۇ دۆلەتتە ماشىنا ۋە پويىزدىن قالسىلا ئايروپىلان، بولۇپمۇ يېنىك تىپتىكى تىرانسىپورت ئايروپىلانى كەڭ ئومۇملاشقان قاتناش قورالىغا ئايلانغان بولۇپ، فىرېد شۇ كۈنى مەلۇم سودىگەرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئايروپىلانغا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بېسىپ توشۇپ كېتىۋاتقانىدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ پۈتكۈل مۇساپىسىغا تەخمىنەن بىر سائەتتەكلا ۋاقىت كېتەتتى.

«شۇ كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، ئاسماندا بۇلۇتتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى، ھاۋا ياخشى بولغاچقا، فىرېدنىڭ ئۇچۇش سەپىرىمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقانىدى، فىرېد ئەسلىدە مېلبۇرننىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئانچە يىراق بولمىغان پادىشاھ ئارىلىغا يېتىپ بارماقچى ئىدى».

دەسلەپتە سەپەردە ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن بولۇپ، فىرېد مېلبۇرن ھاۋا بوشلۇقى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خىزمەتچىسى سىتىفېن بىلەن بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋاللىشىپ پاراڭلاشقان. سىتىفېن شۇنداق قىلىپ فىرېد بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلاشقان ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان، ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن ئىشلار سىتىفېننىڭ ئېسىدە ھېلىھەم ناھايىتى ئېنىق ساقلانغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشنى ئەسكە ئالسىلا ئىختىيارسىز ھالدا قورقۇنچتا قالاتتى.

ئەينى چاغدا شارائىت ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن سىتىفېن بىلەن فىرېدنىڭ سۆزلەشكەن دىيالوگى ئۈنگە ئېلىنمىغان بولۇپ، لېكىن سىتىفېن ئۆزىنىڭ فىرېد بىلەن سۆزلەشكەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوليازمىدا ئېنىق خاتىرىلەپ قويغانىدى. سىتىفېن: «سىز DSJ نۆۋەتچى ئايروپىلان، سىز ھازىر 5000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ كېتىۋاتىسىز، ئەتراپىڭىزدا سىزدىن باشقا ئايروپىلان يوق». لېكىن فىرېد سىتىفېنغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: «مېنىڭ ئاستى تەرىپىمدە غايەت زور بىر نەرسە ئۇچۇپ كېتىۋاتىدۇ».

سىتىفېن: «مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن فىرېدتىن ئاستى تەرىپىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان نەرسىنى تەپسىلىي سۈپەتلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. فىرېد ئاۋازى تىترىگەن ھالدا ئاستى تەرىپىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان غەلىتە نەرسىدىن كۆپكۈك نۇر تارقىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بەلكىم ئايروپىلاننىڭ يەرگە قونۇش ئۈچۈن چىقارغان سېگنال چىرىقى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. كەينىدىن ئۇ ماڭا يەنە بۇ غەلىتە ئۇچار جىسىمنىڭ ئاستى تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا ئۈستى تەرىپىگە چىقىۋالغانلىقى ھەم ئۆزىدىن 300 مېتىر يىراقلىقتا ئەگىپ ئۇچۇشقا باشلىغانلىقىنى يەتكۈزدى، ئۇ ماڭا بۇ غەلىتە ئۇچار جىسىمنىڭ موللاقچى كەپتەردەك ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەنلىكى شۇنداقلا ئۈستى تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى».

فىرېدنىڭ ئايروپىلانى مەنزىلگە يېتىپ بېرىشقا ئازلا قالغاندا ئايروپىلان ماتورى سىلكىنىپ تىترەشكە باشلىغان، فىرېد ماتورنى بىر نەچچە قېتىم تەڭشىگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلكىنىش پەسەيمەستىن ئەكسىچە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن. ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا ئايروپىلان ماتورى سىلكىنمەيدىغان بولۇپ، پەقەت مېخانىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەندىلا ئاندىن سىلكىنىش كۆرۈلەتتى، مېخانىكىلىق چاتاق كۆرۈلسە ئايروپىلاننىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. شۇ ۋاقىتتا فىرېدنىڭ ئاۋازى توساتتىن ئۆزگىرىپ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن.

ئەينى چاغدا فىرېد بىلەن سىتىفېن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈسكۈنىسى يەنىلا نورمال ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋازى گاھىدا يۇقىرى، گاھىدا تۆۋەن، شۇنداقلا ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتقانىدى. فىرېد ئالاقە ئۈسكۈنىسىنىڭ نورمال ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىغانمۇ ئەيتاۋۇر ئاۋازى تېخىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئۇ خۇددى ئۆزىنى ئەگىپ ئۇچۇۋاتقان بۇ غايەت زور نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى قوغلاپ ئۇچۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئارىدىن تەخمىنەن 4-5 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان، سىتىفېن فىرېد بىلەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئالاقىلىشالمىغان.
پادىشاھ ئارىلى تەرەپتىكىلەرمۇ فىرېد بىلەن ئالاقىلىشالماي قاتتىق جىددىيلىشىشكە باشلىغان. فىرېدنىڭ ئىنىسى رىچارد ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاپام سىرتتىن قايتىپ كىرىپلا ئاكام ھەيدىگەن ئايروپىلاندىن چاتاق چىققانلىقى، ئاكامنىڭ ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتكەنىدى».

پادىشاھ ئارىلى تەرەپتىكىلەر فىرېد ھەيدىگەن ئايروپىلاننىڭ ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ چاتاق چىققانلىقىنى پەملىگەن ھەم دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. فىرېدنى ئىزدەش خىزمىتى جىددىي ھالدا باشلانغان. ئالتە ئايروپىلان، نەچچە ئون قۇتقۇزۇش خادىمى فىرېدنى ئىزدەشكە ئاتلانغان، ئۇلار دېڭىز قىرغىقى شۇنداقلا دېڭىزنى خېلى يىراققىچە ئايلىنىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالمىغان.

بۇ ئىش تېلىۋىزوردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن فىرېدنىڭ يوقاپ كېتىشى پۈتكۈل ئاۋستىرالىيەنى زىلزىلىگە سېلىپ كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرغان. لېكىن ئىزدەش خىزمىتى خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان بولسىمۇ، فىرېدنىڭ جەسىتى شۇنداقلا ئايروپىلان پارچىسىدىن ئەسەرمۇ تېپىلمىغان. فىرېدنىڭ ئاپىسى بۇ كۈتۈلمىگەن بالا-قازادىن كۆڭلى يىرىم بولۇپ كۆزىدىن ياش قۇرۇمىغان، رىچاردنىڭ ئېيتىشىچە ئاكىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كېلىشمەسلىك تۈپەيلى ئائىلىسىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇرۇپ كەتكەن.

ئەينى چاغدا روي ئىسىملىك بىر فوتوگراف تاساددىپىي پۇرسەتتە فىرېد ھەيدەپ ماڭغان ئايروپىلاننى سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە بۇ ئىشقا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، كېيىن بۇ ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ئەينى چاغدىكى سۈرەتلەرنى ئۇچار تەخسە تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇچار تەخسە تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر روي تارتقان سۈرەتلەرنى ئىلغار تېخنىكىدا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق فىرېد ھەيدەپ ماڭغان ئايروپىلان ئەتراپىدا ھەقىقەتەن بىر ئۇچار جىسىمنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان.

ئەينى چاغدا بۇ ئىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەينى چاغدا فىرېد ھەيدەپ ماڭغان ئايروپىلان ئەتراپىدا ھەقىقەتەن نۇرلۇق نامسىز جىسىم پەيدا بولغانلىقى ھەم فىرېد ھەيدىگەن ئايروپىلاننى ئەگىپ ئۇچۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى نەچچە مىڭ قېتىم ئۇچار تەخسىنىڭ يەر شارىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلىدىغان بولۇپ، لېكىن فىرېدنىڭ زادى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى، ئۇنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكى شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەنىلا ئېچىلمىغان سىر پېتى قېلىۋەرگەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top