• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » تۇنجى نۆۋەتلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى كىم؟

تۇنجى نۆۋەتلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى كىم؟

تەرجىمىدە ئەركان

1901-يىلى، تۇنجى نۆۋەتلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى دۇنيا دائىرىسىدە مۇكاپات نامزاتىنى تاللاشقا كىرىشتى. ئەمما، ئەڭ ئاخىرىدا شىۋېتسىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيەسى كەسكىنلىك بىلەن تالاش-تارتىش قىلمايلا تۇنجى نۆۋەتلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى شىۋېيتسارىيەلىك بانكىر ھېنرى دۇنانت (Henri Dunant) قا بەرگەن. ھېنرى دۇنانتنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي: ئۇ ئاقكۆڭۈللۈك ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن ۋاز كەچكەن.

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياۋروپادا ئۇرۇش كۆپىيىپ كەتكەن، بارلىق دۆلەتلەر دېگۈدەك ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتكەن. 1859-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۇنانت بىر دۆلەت ھالقىغان بانكا كەسپىدىكى سودىسى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى كىچىك بازار سورفىلىنودىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، فىرانسىيە، ساردىنىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن ئاۋستىرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان ۋەھشىي ئۇرۇشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ. جەڭ مەيدانىدىكى جەسەتلەر ھەممە يەرنى بىر ئالىدۇ، ئۆلگەن، يارىدارلارنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ھىماتسىز قالغان يارىدار ئەسكەرلەر تومۇز ئىسسىقتا ئازابلىق جان تالىشىشقا باشلايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى يارىدار ئەسكەرلەرلا قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىدۇ. بۇ چاغدا دۇنانت سودا سۆھبىتى پىلانىدىن كەسكىنلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، ئۆزى باشلاپ ماڭغان خادىملارنى ۋە شۇ يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەشكىللەپ يارىدار ئەسكەرلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىدۇ ھەمدە جەسەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىشقا كىرىشىدۇ.

خىزمەت قىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ بىر مەيدان ئۇرۇشقا پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا، كۈچنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئۈنۈمىنىڭمۇ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. بۇ چاغدا، بىر ئۇلۇغ تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ قەلبىدە بىخلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى بىر خەلقئارا قانۇن تۈزۈپ، ئۇرۇش قىلغۇچى ئىككى تەرەپتىكى ئەسىرلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، يارىدارلارنى بىتەرەپلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. ئۇرۇش پارتلىسىلا، دۆلەت تەۋەلىكى، مىللەت ئايرىماي پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈم-يېتىمنى ئازايتىش كېرەك. بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك چاقىرىق ناھايىتى تېزلا ياۋروپادا كەڭ كۆلەمدە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق جەمئىيىتى گېنىرال ھېنرى دۇفور، ئادۋوكات جونستاف موۋانىۋو، تېببىي پەنلەر دوكتۇرى لۇئى ئاپىيا، تېببىي پەنلەر دوكتۇرى دېئود مونوۋا ۋە ھېنرى دۇنانت قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بەش كىشىلىك كومىتېت قۇرىدۇ ھەمدە 1863-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى جەنۋەدە تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنىڭ ئالدىنقى ئاساسى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى جەنۋەدە تۇنجى قېتىملىق دىپلوماتىيە يىغىنى ئاچقان ھەمدە «قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى قارارى»نى ماقۇللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان.

1864-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە يەنە «قىزىل كىرسىت ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغان، «ئەھدىنامە»دە: جەڭ مەيدانىدا قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە خادىملار بىتەرەپ ئورۇندا بولۇپ قوغدىلىشى، يارىدارلار دۈشمەن-دوست دەپ ئايرىلماي قۇتقۇزۇلۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇ چاغدىلا، ھېنرى دۇنانتنىڭ غايىسىدىكىدەك قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ـــ «قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى» رەسمىي بارلىققا كېلىدۇ.

ئەمما ھېنرى دۇنانت پۈتۈن كۈچى بىلەن قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئاتلانغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلىرىنى تامامەن دېگۈدەك ئۇنتۇپ قالىدۇ، ھەتتا كېيىنچە ئىگىلىكى ۋەيران بولۇپ، كېيىنچە فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى بىر نامراتلار كەپىسىدە ياشاپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. 1870-يىلى فىرانسىيەدە پارىژ كوممۇناسىدىكى قوزغىلاڭ پارتلايدۇ، بۇ چاغدا ئۇ يەنە خەلقئارا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ خەلقئارا قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنى ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىغىمۇ ئېلىپ كىرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولىدۇ، ئەمما باشقىلار ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ، ئالپىس تاغلىرىنىڭ چېتىدىكى بىر كەنتتە ماكانلىشىپ قالىدۇ.

ئەمما، دۇنيا ئاقكۆڭۈللۈك ئۈچۈن بايلىقىدىن ۋاز كەچكەن بۇ كىشىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. 1890-يىلىدىن باشلاپ، كىشىلەر يەنە ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ، 1901-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «نوبېل» تىنچلىق مۇكاپاتى ھېچقانداق تالاش-تارتىش قىلىنمايلا دۇنانتقا بېرىلىدۇ. 1910-يىلى ھېنرى دۇنانت سىيۇرىختا ۋاپات بولىدۇ.

يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، دۇنيادا نۇرغۇن بانكىرلار ۋە كارخانىچى بايلار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋاپات بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنتۇپ كېتىلدى. لېكىن بۇ ئىگىلىكى ۋەيران بولغان ھېنرى دۇنانت خۇددى ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنىڭ بايرىقىغا ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تا ھازىرغىچە لەپىلدەپ تۇرماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top