• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قازاقىستاندا قۇرۇلدى

ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قازاقىستاندا قۇرۇلدى

قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2020-يىلى 09-ئايدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن “ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى” رەسمىي قۇرۇلدى.

ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدىكى قۇرغۇچى ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالىدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 17 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

«ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپە ئالغان 17 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتلەر تۆۋەندىكىچە:

رەئىس: پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى (قازاقىستان)

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئەكبەرجان باۋۇدۇن (قىرغىزىستان)

باش كاتىب: دوتسېنت دوكتور ئالىيەم باستوۋا (قازاقىستان)

ئىجتىمائىي مۇدىر: دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىمۇۋا (قازاقىستان)

باش مەسلىھەتچى: پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان)

نازارەتچىلەر: دوكتور رىفات باۋۇدۇنوۋ (قازاقىستان)، دوكتور رەھمەتجان يۈسۈپوۋ (قازاقىستان)

ھەيئەت ئەزالار:

قازاقىستاندىن پىروفېسسور رۈشەنگۈل ئاۋاكوۋا ۋە زەينەپ ئىسلاموۋ

قىرغىزىستاندىن پىروفېسسور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ، دوكتور نەرگىز باۋۇدۇنوۋ، گۈزەل ئابدۇللايېۋا، رېھىمجان ئۇيغۇر

ئۆزبەكىستاندىن دوكتور ئا. بارائېۋ

رۇسىيەدىن پىروفېسسور ئا. باسىلىيېۋ

ئالمۇتادا قۇرۇلغان «ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى»، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ.

ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاۋىسترالىيەدىكى ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا تارماقلىرىنى، 2019-يىلى ئاۋىسترالىيە تارمىقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتى. 2020-يىلى ئىچىدە ياپۇنىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئاكادېمىيەنىڭ تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ھەر قايسى دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلاتلىرى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ھەر بىر تەشكىلاتتىن رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باش كاتىبتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى «ئاكادېمىيە مەركىزى كومىتېتى» دە ئەزا بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. مۇھىم ئىشلاردا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى مەسلىھەت ۋە كېڭەش ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيەلەر ئۆز ئىچىدە قارار ئېلىپ ئىش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ بېرىشىنى ۋە ئاكادېمىيەگە ئەزا (تەپسىلاتى ئاكادېمىيە ئەزالىقى سەھىپىسىدە) بولۇپ كېرىپ، كۈچ ۋە ئەقىلنى توپلاپ مىللەت ئالدىدىكى زىيالىيلىق بۇرچىنى كوپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئادا قىلىشلىرىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى كومىتېتى

2020-يىلى 09-سىنتەبىر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top