• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىۋېلىشى، خىتاينىڭ ھىيلە-نەڭرەڭلىرىنى بايقاپ، خىتايغا قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشى، ھەم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، «مىللىي ئويغىنىش سۆھبەتلىرى» تېمىسىدا خىتاينى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىمىز بىلەن قەرەللىك ھالدا سۆھبەت پىروگىراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى باش كاتىبى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان «مىللىي ئويغىنىش سۆھبەتلىرى» نىڭ تۇنجى پىروگىراممىسى مەخسۇس «نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» گە ئايرىلغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتكە تۈركىيەدىن مەزكۇر ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئىنىستىتۇت مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ۋە ئىنىستىتۇت تەتقىقاتچىلىرىدىن ئامېرىكادىن ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى مەخسۇس تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

سۆھبەتنى يوتىيۇب ئۇلانمىسىدىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=S7kh2xlhXrc

سۆھبەت تېمىسى: «نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى»

مېھمانلار: پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە

رىياسەتچى: دوكتور شەۋكەت ناسىر

ۋاقتى: 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چارشەنبە كەچ سائەت 9:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)
ئالاقە ئۇچۇرلىرى:
0090-2125897667
cinare.ics@gmail.com
مەسئۇل ئورگان: خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى

👋 مەلۇم بولغىنىدەك، 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 9 ئۇيغۇر زىيالىينىڭ باش قوشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە باغلىق خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ بۇ قۇتلۇق دەقىقىلەردە خىتاي ھەققىدە باشلاتقان قەرەللىك سۆھبەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۈشمىنىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تونۇپ، خىتايغا قارىشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرگە سەۋەب بولغۇسى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى تىزرەك قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغۇسى…

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top