• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » تاغ بار يەردە چوققا بار

تاغ بار يەردە چوققا بار

تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

(ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىق تويى خاتىرىسى)
(ئەدەبىي خاتىرە)
2007 – يىلى نورۇزنىڭ ھارپا ئېيى بولغان فېۋرال ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر بولۇپ، 9 – فېۋرال ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان خاتىرە كۈن ئىدى. بۈگۈن پۈتۈن ئۆزبېكىستان دائىرىسىدە بۇ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر شائىرنىڭ تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. دېمەك، ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۆزبېك خەلقى ئۈچۈن نارەسمىي شادىيانە بايرام! نەۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 566 يىل تولغان بۇ خاسىيەتلىك جۈمە مەن چەت ئەلدىكى ھاياتىمدا قاتناشقان ۋە يۇقىرى مىللىي ئىپتىخاردا نىشانلانغان تەسىرلىك مەرىكە سۈپىتىدە مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئارماندۇر!

شۇ كۈنى ئەتىگەندە مەن ئۇستازىم نۇرباي جاببارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ۋە رەتلىك كىيىنگەن يۇقىرى كۇرس ئىستۇدېنتلىرى بىلەن ئازادە ھەم باغۇ – بوستانلىق »خەلقلەر دوستلۇقى« مەيدانىغا كەلدۇق. ئەتىگەنكى تاشكەنت قۇياشى تېرەك بويى ئۆرلىگىنىگە قارىماي ھارارەتلىك ۋە يېقىملىق ئىدى. بىز كەلگەندە ئالىيېشىل بايراقلار، رەڭگارەڭ لېنتىلار ۋە تۈرلۈك – تۈمەن گۈل – چېچەكلەرگە پۈركەنگەن مەيدان ئاللىقاچان ھېيت كەيپىياتىدىكى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلانغانىدى. ئالىي مەمۇرلار، ھەربىيلەر، شائىر – ئالىملار، مۇئەللىملەر، ئىشقىلىپ پايتەختكە دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن زىيارەت ۋە تىجارەت ئەھلى بولۇپ پوزۇر كىيىنگەن كىشىلەرنىڭ چېھرىدە بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جەۋلان قىلاتتى. مەيداندا مۇقامچىلارنىڭ نەۋايىنىڭ »قارا كۆزۈم«، »جۇنۇن ۋادىسىدا« ۋە »مۇناجات« )كەلمىدى( قاتارلىق غەزەللىرىگە ئىشلەنگەن مۇڭلۇق ناخشىلار ياڭرايتتى. ئارتىسلار ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. شائىرلار بۇ ئۇلۇغ مۇرەببىي تەرىپىدە ھاياجان بىلەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلسا، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ غەزەللىرىگە خور ئېيتاتتى. تەتقىقاتچىلار نەۋايى ئىجادىيىتى ھەققىدە تەلقىن ئېلىپ بارسا، يەنە باشقىلار شائىرنىڭ ئەل بەختى، دۆلەت تىنچلىقى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلەيتتى. چارەك كەم سائەت 9 لاردا مەرىكىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، ئالدى بىلەن پىرېزىدېنتنىڭ ۋەكىللىرى نەۋايى ھەيكىلىگە گۈلچەمبەر قويدى. كېيىن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى، ئاندىن ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى پايتەخت دۆلەت كۇتۇپخانىسى، يەنە تاشكەنت شەھىرىنىڭ ئاۋات ۋە گۈزەل نەۋايى كوچىسىغا جايلاشقان ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيى قاتارلىق يۈزلىگەن ئورۇنلار شائىر ھەيكىلىگە گۈل قويدى.

ئەمدىلىكتە زەپەر دەرۋازىسى شەكىللىك پېشايۋاننىڭ ئاستىدىكى ئېگىز سۇپىغا قاتۇرۇلغان، بىر قولىدا قايسىدۇ بىر دىۋاننى تۇتقىنىچە خىيالغا پاتقان قىياپەتتىكى نەۋايىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك كۆركەم ھەيكىلى گۈل دېڭىزىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانىدى. شائىر ياشلىقىدا سۆيگەن قىزى گۈلگە ئاتاپ ئىشقى غەزەللەرنى يازغاندا گۈلزارلىق بېغىدا مانا شۇنداق قىياپەتتە رەڭگارەڭ گۈللەردىن ئىلھاملانغان بولغىيمىتتى، دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مەركىزى، ئۆزبېكىستان نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ بۆشۈكى بولغان »ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى دۆلەت ئەدەبىيات مۇزېي«غا يېتىپ كەلدىم. مۇزېي نەۋايى كوچىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان مەشھۇر كۆكۈلداش مەدرىسەسى ياكى چارسۇ بازىرىدىن ئالاھازەل ئىككى بېكەت يىراقلىقتىكى ئۆزبېكىستان مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىناسىنىڭ قارشىسىغا، يەنى يولنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، بىنا ئالدىدىكى دەل – دەرەخلىك مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا تەخمىنەن ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى شائىرنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك مەرمەر ھەيكىلى قاتۇرۇلغان ئىدى. ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بۇ ھەشەمەتلىك بىنانىڭ 1 – قەۋىتى مەمۇرىيەت بولۇپ، 2 – قەۋىتىدە مۇنىرە ئاپا ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال مېنى سوغۇققان كۈتۈۋالدى.
−− ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپا، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم، نەۋايى مۇزېيىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئاڭلاپ خېلى بۇرۇنلا كۆرۈشۈپ كېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ كېچىكىپ قالدىم، سالامەتمۇسىز؟ −− سالام بەردىم ئايالغا.
−− ياخشىمۇسىز، مۇشۇنچىلىك تۇردۇق ئوغلۇم، −− ئاددىيلا جاۋاب قايتۇردى ئايال. مۇنىرە ئاپا 60 ياشلاردىن ھالقىغان ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بوشىشىپ كەتكەن يۈزلىرىدىكى ئۆمۈچۈك تورىدەك قورۇقلار ھايات سەرگۈزەشتلىرىدىن روشەن بېشارەت بېرىپ تۇرسا، گەپ قىلغاندىكى خورسىنىشلىرىدىن ئازابلىق، پۇشايمانلىق بىر يۈرەكنىڭ نىداسى كېلىپ تۇراتتى.

مەن پىلانىم بويىچە نەۋايى مۇزېيىنى ئالدىراش ئايلىنىشقا باشلىدىم. مۇزىي ئەمەلىيەتتە نەۋايىنى مەركەز قىلىپ، بابۇر مىرزىدىن ھازىرقى زامان ئۆزبېك زىيالىيلىرىغىچە ئىنتايىن باي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سالون ئىكەن. مەسىلەن: 2 – قەۋەتتىن باشلانغان نەۋايى قىسمىغا شائىرنىڭ ھەيكىلى، دىۋانلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى، ئەسەرلىرىگە ئىشلىگەن قىستۇرما رەسىملەر، سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ شائىر ھەققىدىكى پەرمانلىرى، نەۋايىنىڭ مەكتۇپلىرى، ھىرات شەھىرىنىڭ رەسىم ۋە مودېللىك تارىخىي قىياپىتى، شائىر ياساتقان بەزى ئىنشائاتلارنىڭ كۆرۈنۈشى، ئۆيى ۋە مەقبەرىسىنىڭ قىياپىتى، زامانداش رەسساملار سىزغان نەۋايى پورترېتلىرى، ئەدىب ھاياتىغا دائىر تۈرلۈك ھۆججەت – ۋەسىقىلەر، شائىر ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرى، شۇ زاماندىن ھازىرغىچە، ئۆزبېكىستاندىن چەت ئەللەرگىچە بولغان نەۋايىشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى بەكمۇ ئىلمىي ۋە ئېدىتلىق تىزىلغان. كۆرگەزمىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى، ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى چىڭگىز ئەھمەر نەۋايى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر ئۈچۈن سىزغان رەسىملەر بولۇپ، بۇلاردىن شائىرنىڭ سەللە ۋە تونلۇق ھاسىغا تايىنىپ تۇرغان ياشانغانلىق كۆرۈنۈشى، 1501 – يىلى 13 – دېكابىر نەۋايىنىڭ ئاستىراباد ئۇرۇشىدىن قايتقان پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارانى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ، سەكتەلىنىپ ئاتتىق يىقىلىپ ھوشسىزلانغان قىياپىتى )شائىرنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن بۇ كۈن پەيشەنبە بولۇپ، نەۋايى شۇ ياتقىنىچە قوپالماي ئىندىنى، يەنى 3 – يانۋار، يەكشەنبە ۋاپات بولغان(، مەشرەپنىڭ دارغا ئېسىلىشلىرى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن سىزىلغان. بۇلاردىن >خەمسەمەن سۇلتان ئاتئون ئىككى مۇقام< ئىلمىي جەمئىيىتى« نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق تومىنى مەتىن فاكسېمىلى ۋە تىرانسكرىپسىيەسى بىلەن قوشۇپ نەشر قىلىشنى پىلانلىدى. دېمەك ئەلىشىر نەۋايى قېرىنداش ئۆزبېك خەلقىنىڭ قانچىلىك سۆيۈملىك شائىرى بولسا، تارىختىن بويلاپ جۇڭگونىڭ باي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىگە تارقىتىپ، باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە تىل – ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگەن، خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت بايراقدارى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق ئۇلۇغ شائىرىمىز، بۇ ھەقتە ھەممىگە ئېنىق پاكىتلار بار. ئەمما مەنىۋى چاڭقاقلىقىمىزنى قاندۇرۇشتا نەۋايى خەزىنىسى سۈيىنى مەڭگۈ ئىچىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر دېڭىزدۇركى، خەلقلىرىمىز ئۇنىڭدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق، −− مەن ئەنە شۇ ئۇرغۇلۇق جۈملىلەر بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇردۇم. يېنىمدىكى داملا پېشىمنى تارتىپ تۇرسىمۇ، ماڭا بېرىلگەن ئون مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئويلىغانلىرىمنى ئۆزبېكچە – ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئەنە شۇنداق دەۋالغانلىقىمدىن ئىچىم بوشاپ، كۆڭلۈم يورۇدى. مەجلىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەۋايى نېمىشقا ئۆيلەنمىگەن، قەبرىسى ھازىر ساقلانغانمۇ، تۇنجى شېئىرىنى قايسى تىلدا يازغان، »دىۋان فانى«نىڭ پارس – تاجىك تىلىدىكى تەسىرى قانداق؟ دېگەندەك تاڭسۇق سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشتى. ئاخىرىدا مەكتەپ مۇدىرى: −− نۆۋەتتە يىغىنىمىزنىڭ يېڭى كۈنتەرتىپى بويىچە 9 – سىنىپ تەلەبەسى مۇنىسە بىزگە نەۋايىدىن بىر ئاشۇلە )ناخشا( ئورۇنلاپ بېرىدۇ، −− دەپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ھەشەمەتلىك، يوغان زالنىڭ كۈنپېتىش يېقىدىن گۈلدۈراس ئالقىشلار ئىچىدە ئۈچ قىز سەھنىگە چىقىپ، نېمە ئۈچۈندۇر چەتتىكى ئىككىسى قايتىپ كېتىشتى. مەڭزىلىرى ھال سېرىق مۇنىسە گۈزەل ۋە سەبىي كۆرۈنەتتى. قىز نەۋايى بوۋىنىڭ ئەۋلادى سۈپىتىدە شائىرنىڭ مەشھۇر »قارا كۆزۈم« ناملىق غەزىلىگە ئىشلەنگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا ئىدى. قارا كۆزۈم، كەلۇ مەردۇملۇغ ئەمدى فەن قىلغىل، كۆزۈم قارەسىدا مەردۇم كەبى ۋەتەن قىلغىل. يۈزۈڭ گۈلىگە كۆڭۈل رەۋزەسىدىن ياسا گۈلشەن، قەدىڭ نىھالىغە جان گۈلشەنىن چەمەن قىلغىل… يۈزۈڭ ۋىسالىغە يەتسۇن دېسەڭ كۆڭۈللەرنى، ساچىڭنى باشتىن ئاياغ ئىلە شىكەن قىلغىل… يۈزىدە تەرنى كۆرۈپ ئۆلسەم، ئەي رەفىق، مېنى، گۇلاب ئىلە يۇيۇ گۈل بەرگىدىن كەفەن قىلغىل… شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان ھەر خىل سەۋىيە ۋە دەرىجىدىكى ئادىمىيات پەنلىرى، جۈملىدىن دەرسلىك كىتابلاردا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەرجىمىھالى، ئەسەرلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەنە داستانلىرىنىڭ ئاممىباب نەسرىي ئوقۇشلۇقلىرىمۇ ئىشلەنگەن. شۇڭا مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەر ئادەتتىكى نۇتۇقلىرىدىمۇ نەۋايىدىن شېپى كەلتۈرۈپ سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن. دېمەك، ئۆزبېك خەلقى ئۇلۇغلارنى ھۆرمەتلەشنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىززەت – غۇرۇرىنى ساقلاشنى ۋە بۇنداق ئومۇملاشقان ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزدە نەۋايىغا ئائىت مەزمۇنلار يوقنىڭ ئورنىدا. ھەتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تەمتىرىمەي تۇرۇپ شائىرنىڭ بىر نەچچە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. »قارا كۆزۈم« غەزىلىنى ئوقۇغۇچى تۇرماق، بىزدە خېلى كۆپ داڭلىق شائىر ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ بىلىشى ناتايىن! كۈنىمىزدە بۇ خىل يامان يۈزلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان! زالدا ناخشىغا تەڭكەش قىلىنىپ، رىتىملىق چاۋاك ساداسى ياڭرىماقتا ئىدى. چىرايلىق مۇنىسەنىڭ قويۇن ۋە ئېتەكلىرى گۈلگە تولدى. ئۆسكىلەڭ ماڭلايلىرى بىلەن دولىسىنى بېسىپ تۇرغان ئىككى ئۆرۈم چېچى، گۈل تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى بىلەن قىز كىچىك پەرىشتىگە ئوخشاپ قالغانىدى. قىز مەجاز ياكى سۆز سەنئىتى ماھارىتى مىسلىسىز، ئاۋاز ئەگىتمىلىرى مۇرەككەپ، چۈشەنمەك قىيىن بۇ غەزەلنى ئۆزبېك مۇقاملىرىنىڭ بەستلەنگەن شۇ ناملىق شېئىرنىڭ ئاھاڭىغا تەقلىد قىلىپ كۈيلىگەنىدى. غەزەلنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى بېيىتلىرىنى ئوقۇغاندا، بىر خىل ئىچكى ئۆرتىنىشتىن بولسا كېرەك، مۇنىسەنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ ۋە تىترەپ توختىدى. ئون مېتىردەك يىراقلىقتىن گۆدەك قىزنىڭ ئىككى مەڭزىدىن شام ئېرىگەندىكى كۈمۈش مەرۋايىتتەك نەملىكنىڭ بويۇنلىرىغىچە پارقىراپ سىرغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مۇنىسە كۆزلىرى ئوچۇق ئەما ئىدى… ئەقەللىيسى ئۇنىڭغا ئاتا – ئانىسىنىڭ تۈگۈل ئۆزىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشمۇ نېسىپ بولمىغان. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقاندىكى مۇڭلۇق قىياپىتى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. تەڭرىدىن يورۇقلۇق ۋە مۆجىزە تىلەپ نەۋايىنىڭ »قارا كۆزۈم«ىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئۇزاقتىن كېيىن ھېس قىلدىم. نەۋايى نېمىدېگەن بەختلىك ئىنسان – ھە! 500 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ نەزملىرى تىل، ئىرق ۋە مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدە ھېچ ئىجازەتسىز ھالدا ساياھەت قىلىپ يۈرمەكتە. دۇنيادا ياخشى، گۈزەل ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ھەممە ئادەمنىڭ مېنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى توختىماي تالاشسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھامان مەنسۇبىيىتى بولىدۇ. تۈركىي ئەدىبلەر ئىچىدە ئۇنى پىر – ئۇستاز تۇتمىغانلىرى يوق. ئەل ئىچىدىكى مەشرەپ – سامالار، غېرىبلار ھېكايىتى ۋە ياشلارنىڭ مۇھەببەت مەكتۇپلىرىنىڭ ھەممىسى ئەلىشىر نەۋايىسىز بولمىغان. مانا قارىمامسىز، 12 – ئەسىردىكى بىر ئاجىزە كۆڭۈل ئىزھارى ۋە بارلىق دەرد – ئىستەكلىرى ئۈچۈن شائىرلار ھەم شېئىرلار ئىچىدىن ئەلىشىر نەۋايىنى ئەڭ مەقبۇل شائىر قىلىپ تاللىۋالغان. قىيقاس – چۇقانلىق زال بىر لەھزە جىمجىتلىقتىن كېيىن يەنە جانلىنىشقا باشلىدى. مۇنازىرىلىك ۋە تەسىرلىك سۆھبەتنى زورىغا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا خوشلىشىپ سىرتقا چىقساق يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ. تاشكەنتنىڭ يامغۇرى كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈنچى ئىدى. تەبىئەت گويا مەيۈس كۆڭلۈمگە غەمخانە بولۇۋاتاتتى. ئۆزۈمنى گويا يامغۇر سىمفونىيەسى ئىچىدە زېمىنغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. مەن بىر شېئىردىن تاشكەنتنىڭ سۈيى قىزلارنىڭ لېۋىدەك تاتلىق، دېگەن سەترلەرنى ئوقۇغان. دېمىسىمۇ باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر تاشكەنتنىڭ سۈيىدىن سوۋغاتلىق ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشىدىكەن. شۇ تاپتا يامغۇر يۈز ۋە لەۋلىرىمنى سالقىن ۋە تاتلىق قىلىپ ئاقماقتا ئىدى. يىراقتىكى يامغۇرلۇق تۇماندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنىسەنى كۈنلۈك ئاستىغا ئېلىپ ھەسەل ھەرىلىرىدەك توپلاشقىنىچە ياتاقلىرىغا قايتىۋاتقانلىقىنى نېپىز پەردە ئارقىسىدىكىدەك خىرە – شىرە كۆرۈپ قالدىم. مەنىلىك نەۋايىخانلىق سۆھبىتى مەندە نەچچە كۈنگىچە شېئىرىي ھالەت ھاسىل قىلغانىدى. قاراڭغۇلۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاي بەختلىك كۈلۈپ تۇرغان ئاخشاملارنىڭ بىرىدە ئۆمۈرلۈك ھۈنەرگە ئايلانمىغان ھەۋەسكارلىق جىلمىيىشقا باشلىدى – دە، قىزنىڭ كۆز ئالدىمدىكى غايىۋى ئوبرازىغا قاراپ لەۋلىرىم پىچىرلاشقا باشلىدى: تاشكەنتتە يامغۇر قىز تىترىمەكتە، يۈرىكى گۈلخان، تاشكەنتتە يامغۇر. يۇمران ياناقلاردىن ئاقماقتا پەۋەس، دالا گۈللىرىنىڭ كۆزلىرىگە دۇر. باھار غۇنچىلىرى سويلايدۇ لېكىن، تاشكەنتتە يامغۇر. كۈللۈكسىمان سەۋسەن تۇماندا، ئانار مەڭزلەرگە سەپمەكتە ھال نۇر!… نۇرەپشان كامالەكتە قەترەلەر بالقار، تاشكەنتتە يامغۇر. چېچەكلەر چايقىلار سەلكىن بىر كۈيدە، ئېھتىمال بۇ ساماۋى ياغدۇ)ر(. ھەممىنىڭ قىسمىتىگە رەمزەئىي چاغدۇر، تاشكەنتتە يامغۇر. قاراڭغۇ كىرپىكلەرنىڭ تاڭدەك يۈرەكى، باھار ئەييامىدا داغدۇر. نەرگىس گۈلگە ئايلاندى، ۋۇجۇدلىرى كۆز، تاشكەنتتە يامغۇر. دۇنيا بەدەل بولسۇن، ياشلىق يامغۇرغا، قۇشتەك بىر جان كۆيۈك، نەپىسى ئاھدۇر. قىز قۇمرىغا جور، چۈنكى بۇ تاشكەنت، باھار گۈللىرى توزغىغان باغدۇر!… بۈگۈن ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدىكى ھەممە ئىزگۈ سادالارغا ھەمنەپەس بولۇشۇم، ئۆزبېكلەرنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدىن قۇۋىنىشىم، ئۆزبېك زىيالىيلىرىنىڭ بۆشۈكى بۇ مەشھۇر ئالىگاھتىكى تېخىمۇ چوڭراق ئىلمىي مەجلىسنىڭ شاھىتى بولۇشۇم كېرەك ئىدى. ۋاقىت ئىنتايىن تېز ئۆتمەكتە. شۇڭا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ دېگەندەك سائەت ئىككىلەردە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەدەنىيەت زالىغا كىردىم. بۇ چاغدا يامغۇر پەسلەپ كامالەك )ھەسەن – ھۈسەن( ئالەمنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە ئىككى قۇتۇپنى تۇتاشتۇرغۇچى ئالتۇن كەمەردەك يەتتە خىل رەڭدا جۇلالىنىپ تۇراتتى. زال بىردەمدىلا مەن بۇرۇن ئاڭلىغان ياكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارت ئەدىبلىرى بىلەن تولۇشقا باشلىدى. ئەمدى ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا، ھاسىلىق ۋە ئايالى قولتۇقىدىن يۆلىگىنىچە »ئۇلۇغبەك خەزىنىسى« رومانىنىڭ ئاپتورى ئادىل ياقۇپوف ئاكا كىرىپ كەلدى. مەن بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ھەشەمەتلىك »خەلقلەر دوستلۇقى« سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچىنىڭ »80 ياشلىق ئۆمۈر نەزىرىسى«دە ئەدىبنىڭ ئالدىغا تەزىمگە بېرىپ، جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇرلىقىمنى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا ئۇستازىم ئارسلان ئابدۇللا »ئۇلۇغبەك خەزىنىسى«نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا قول يازمىنى ئاققا كۆچۈرۈشكە قاتناشقانلىقىمنى، مۇشۇ دەقىقىدە ئۇستازنىڭ خاكىپايىغا قوللىرىمدىن يېتىلەپ كەلگەن تەقدىرى ئەزەلگە مىڭ شۈكرانىلەر ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگىنىمدە، ئەدەبىي مەردانىلىقىدىن ئۇزاق ياشىغان يازغۇچى ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەققىم ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى. ھازىر ئەدىب قارىماققا ئوت كەتكەن توغراقتەك قۇرۇپ – قاغجىراپ كەتكەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، سەل ياش ئەگىپ تۇرغان مېھرىبان قوي كۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ياۋروپاچە كۆركەم لايىھەلەنگەن زالدىكى شىمالدىن جەنۇبقا بويلىتىپ، تۆت ئەتراپ تولدۇرۇپ قويۇلغان ئېللىپسسىمان ئۈستەل كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. قىيپاش قارىشىمدا زامانىۋى ئۆزبېك مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن ئاتاخان نەۋايىشۇناس ئالىم ئەزىز قەييۇم )دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەمدىكى ئاساسلىق ھىمايىچىم(نىڭ زالدا پەس ئاۋازدا ياڭراۋاتقان نەۋايىنىڭ »مۇناجات« )كەلمىدى(، »18 ياش ھ−ەيرەتلىرى«، »بولمىسا ئىشق ئىككى جاھان بولمىسۇن«، »دوستلار، ئالەم ئىشىغا يارۇ ھەمدەم بولمىڭىز« ۋە »جۇنۇن ۋادىسىدا« غەزەللىرىگە مەستۇ مۇستەغرەق بولۇپ، كۆزلىرىنى يۇمغانچە يەڭگىل تەۋرىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قاراپ مەشھۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ بىر شېئىرىدىكى: »كىشى شېھىت كېتەر مۇقام ئاڭلىغانچە يۇمسا كۆزىنى« دېگەن مىسراسى ئېسىمگە كەلدى. كەلگەن چوڭ ياشلىقلارغا نەچچە قېتىم ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. قىسىلىپ بېرىپ ئالدىدىكىرەك بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم. سائەت ئىككى يېرىملار بولاي دېگەندە زالغا »خەلق شائىرى«، ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇللا ئارىپوف كىرىپ كەلدى. مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېكىستاننىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغاچقا، چوڭراق ئىلمىي پائالىيەتلەر مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. جۈملىدىن، ئەركىن ۋاھىدوف، ئابدۇللا ئارىپوف ۋە ئەزىز قەييۇموفقا ئوخشاش بۈگۈنكى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرى مەزكۇر ئالىگاھ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئۇلار ھەر مەۋسۇمدا نەچچە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىكەن. شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق دەرسلىرىنى كۆپرەك يازغۇچى – شائىرلار ئۆتىدىكەن. شۇڭا بۈگۈنكى ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان تەۋەللۇت توي مەجلىسى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، سورۇندا نەۋايىشۇناس ئالىملار، مۇئەللىملەر، ئەدىبلەر، خەلق سەنئەتكارلىرىدىن باشقا ئىستۇدېنتلارمۇ كۆپ ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مىللىي ئۇسلۇبتا چىرايلىق زىننەتلەنگەن بۇ زالنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى دەرسخانىسى دېيىشكە بولاتتى. يىغىن رەئىسى، ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ رەھبىرى نۇرباي جابباروف »ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ پىر – ئۇستازى، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مەشھۇر شائىر، كاتتا دۆلەت ئەربابى، ھەزرەت ئەلىشىر نەۋايى بوۋىمىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي مەجلىسىمىز ھازىر باشلاندى. نۆۋەتتە سۆز >ئۆزبېكىستان قەھرىمانى< ئۇستاز ئابدۇللا ئارىپوف ئاكىغا« دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن زالدا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى. −− ئەسلىدە تارىختا ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان بۈگۈنكى كۈن بىز ئۆزبېك مىللىتىنىڭ يېڭى يىلىمىز بولۇشى كېرەك، −− دەپ گەپ باشلىدى ناتىق شائىر، −− 1930 – يىللاردا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بىرەسمىي قەلەمكەشلەر سۆھبىتىدە شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئىتتىپاق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ »سىلەر ئەلىشىر نەۋايى يۇرتىدىن كەلدىڭلار« دەپ سۆزلىگىنى ئۈچۈن نەۋايى بىزنىڭ بولۇپ قالغان. مەن نەۋايىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇلۇغ شائىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۇر گۆھەرلىرىنى مىراس قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەن ۋە ياخشى كۆرىمەن. شائىر ئەسەرلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن كىشى ئۇنىڭدىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. ئىنسانىيەت ئالەمگە چىققىنى بىلەن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ چوققىسىنى تېخىچە بويسۇندۇرالىغىنى يوق. ئا. ئارىپوف زىلۋا بوي، تاقىرباش، قىرغىز چىراي ئەمما ئىنتايىن ئۆتكۈر نەزەرلىك شائىر ئىكەن. ھازىرغىچە رۇس ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا 30دىن ئارتۇق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپتۇ. مەرھۇم شائىر تېيىپجان ئېلىيېف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى نەشرگە تەييارلىغان »ئابدۇللا ئارىپوف شېئىرلىرىدىن تاللانما«دىكى شېئىرلار ئاددىي ۋە قىسقا ھەجىمدە ئالەمچە نەزمىي ھېكمەتنى ئىپادىلەپ بېرىشكە قادىر بولغانلىقىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغىچە سۆيۈپ ئوقۇلماقتا. توپلامدىكى »سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟« قاتارلىق شېئىرلار ئۆزبېكىستاندا خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە ئۇ ئامەتلىك شائىر بولۇپ، تەقدىر ئۇنى مۇستەقىل ئۆزبېكىستان رېسپۇبلىكىسى دۆلەت شېئىرىنىڭ ئاپتورى بولۇشتەك مەڭگۈلۈك شان – شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغان. Poet −− شەرق رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، −− دەپ سۆزىنى ۋەزمىن ۋە تەمكىن داۋاملاشتۇردى شائىر، −− يۈرەك ئەسلىي بىر قۇش بولۇپ شائىرنىڭ كۆكسىدىن ئىبارەت بۇ قەپەستە »ناۋا« قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ بوغۇلۇپ ۋە نالە – پەرياد قىلىپ كۈنۈ تۈن ئۆزىنى شائىرنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ، قەپەسنى چېقىپ تاشلاپ ئۇچۇپ كەتمەكنى ئىستەيدىكەن. لېكىن شائىر بۇ خىل شېرىن ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭ ئەركىگە يول قويمايدىكەن. ئەنە شۇنداق ئۆمۈرلۈك كۈرەشتە ئاخىر شائىر »فانى« بولۇپ، تەقدىرگە تەن بېرىدىكەن. قۇش شائىرنى داغدا قالدۇرۇپ كۆككە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. مانا بۇ شائىرلاردىكى، جۈملىدىن، نەۋايىدىكى پەرىشتىلىك روھ. چۈنكى دىنىي ئەقىدىلەرگە كۆرە، پەرىشتىلەرنىڭ دىنىمۇ، مىللىتىمۇ، تىلىمۇ بولمايدىكەن. ئۇ ھەممىگە ئورتاق. دېمەك، نەۋايى ئىنسانىيەتنىڭ شائىرى. بىر دانىشمەننىڭ »سۆزنىڭ تومۇرلىرىدا قان ئاقسا، يۈرىكى ئۇرۇپ، كۆزى كۆرۈپ تۇرسا ۋە قۇلىقى ئاڭلىسا −− سۆز تىرىكتۇر« دېگىنىدەك، نەۋايى ھەزرەت قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىك سۆز سەنئىتىدە تىرىكتۇر. كىلاسسىكلار شېئىرىي مەنە، بەدىئىيات ۋە مەنتىق ئىلمىدە كۆپ ئىزدەنگەن. ئارقىدىن »ئۆزبېكىستان قەھرىمانى«، خەلق شائىرى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەركىن ۋاھىدوف سۆزگە چىقتى. ئالدىنقى يىلى مەن ئۆزبېك مىللىي ئاكادېمىك دىراما تىياتىرىدا بولۇپ ئۆتكەن شائىرنىڭ 07 ياشقا تولغانلىق ئىجادىي كېچىلىكىگە قاتناشقان. ئەركىن ۋاھىدوف بۈگۈنكى زامانىۋى ئۆزبېك شېئىرىيىتىدە كىلاسسىك غەزەلچىلىكنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتقان شائىر. سەير قىلماقنى ئىستىسەم مەن غەزەل بوستانىدا، نە بار ساڭا دەپ كۈلمىڭىز مىر ئەلىشىر قاشىدا… ئەھلى شېئىر بەلكى كىتابىم نەزمى ئىشق دەپ ئاچادۇر، ياق كىتابىم سۆيگۈنىڭ دىۋانىغا دېباچەدۇر… »ياشلىق دىۋانى« ئۇنىڭ داڭلىق توپلىمى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا ياشلارنىڭ قويۇن ۋە ياستۇق دەپتىرىگە ئايلانغان. شائىرنىڭ »روھلار ئىسيانى« داستانى بىز ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەكس سادا قوزغىغان. −− بۈيۈك نەۋايىنىڭ يېنىق ئىشقىي غەزەللىرى، −− دەپ پەسرەك ئاۋازدا ھاياجان بىلەن سۆز باشلىدى ئەركىن ۋاھىدوف، −− دىۋاندىن – دىۋانغا كۆچۈرۈلۈپ، ئېغىزدىن – ئېغىزغا تارقاپ ۋە كىتاب بەتلىرىگە پارچىلەر پۈتۈلۈپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ياشلىقىمىزدا يادلىغانمىز، سۆيگۈ مەكتۇپلىرىغا قوشۇپ پۈتكەنمىز. قۇياش پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئويغىنىش ھاسىل قىلغاندەك نەۋايى ئەسەرلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى سۈپىتىدە بىزلەر ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولۇپ كەلدى، خەلقىمىزنى ئاقارتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر سەپەر پۇرسىتىدىن بىر نەچچە دېھقان يىگىت بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇلار: »ئەركىن ئاكا، كاتتا شائىرسىز! ھەتتا >فائۇستنەۋايىكامىل< ئىنسان« دېگەن تەرىپلەشلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان. ئۇ سۆز نۆۋىتى كەلگەندە بۈيۈك نەۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى: »رۇس ئالىملىرىدىن ژىرمۇنسكىي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا >نەۋايى ۋە ئەدەبىي ئويغىنىش< دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ خۇددى ياۋروپادىكىگە ئوخشاش ئويغىنىش دەۋرىنىڭ بولغانلىق تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كۆنراد پەرھاتنى >ئىنسانىيەتنىڭ ئىدېئالى< سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. دېمەك، تۈركىي خەلقلەر گىرېك، ئەنئەنىۋى شەرق ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات ئۆركىشى قوشۇلۇپ ۋە جەۋھەرلىنىپ ئەلىشىر نەۋايىنى، شۇنداقلا نەۋايىنى بايراق قىلغان شەرق ئويغىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىز تېخى شائىر ياراتقان ئۇلۇغ بىر دەريانىڭ ساھىلىدا ئايلىنىپ يۈراۋاتىمىز« دەپ خۇلاسىلىدى. نەجمىدىن كامىلوف مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ھەققىدىكى دىسسېرتاتسىيەمنىڭ سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسى بولغاچقا، كېيىن مەن پىرېزدېنت نامىدىكى دۆلەت ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ ئالىم بىلەن نەچچە مەرتە دىدارى مالاقەتتە بولدۇم. سۆھبەت قىزغىن داۋام قىلىۋاتاتتى. يىغىندىن خاتىرە قالدۇرۇش مەقسىتىدە قارىماققا سۆزلىگۈچىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقاندەك قىلساممۇ ئەمەلىيەتتە ئوتلۇق بىر خىيال مېنى باغرىغا باسماقتا ئىدى… قول كۆتۈرۈپ: »مەن جۇڭگودىن، يەنى نەۋايىنىڭ ئۆزلۈكى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىگەن غايىۋى قەھرىمانى پەرھاتنىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەن ئۇيغۇرمەن« دېگۈم كەلدى. بىراق بۇ پىكىر ئىلھامى قانداق شىددەتلىنىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك تېزلىكتە يالتايدىم. چەپ تەرىپىمدە ئولتۇرغان يازغۇچى پىرىمقۇل قادىر ئاكىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن: −− ئۇستاز، مەن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن، ھازىر ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسىمەن. ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق سۆيۈملۈك يازغۇچىسىز. رومانلىرىڭىزنى ئوقۇپ، دىدارىڭىزنى كۆرۈشنى خىيالىي ئارزۇ قىلغانمەن، شۇ تاپتا بېشىم ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بولۇۋاتىدۇ، −− دېدىم. پاكار بويىغا ئېغىر كېلىدىغاندەك يوغان بېشى، ئۆسكىلەڭ، توم قارا قاشلىرى ئاستىدىكى مۈشۈكياپىلاقنىڭكىدەك چوڭقۇر ۋە ئۆتكۈر كۆكۈچ كۆزلىرى 80 ياشلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بۇ كىشىنى قەتئىي ۋە سەل سۈرلۈك كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن تېز پەسلەۋاتقان ئۆمۈر قۇياشى ئۇنىڭ چىرايىدا باغرى يۇمشاقلىق ۋە تولىمۇ رايىشلىقنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. −− ئۇيغۇر تىلىدا قايسى ئەسەرلىرىم نەشر قىلىنغان؟ −− »يۇلتۇزلۇق تۈنلەر«، »ھۇمەييۇن«، »ئەكبەر«. سىزنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يازغۇچىسىدەك ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ بابۇر ھەققىدىكى رومانىڭىز بىزدە كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئېسىل ئەسەرلەر بار، ھالبۇكى بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ئەسەرنىڭ ئۆزبېكچە نەشر قىلىنمىغانلىقىدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم. ۋەتىنىمگە قايتقاندا دوستلىرىمغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. دېمەك، بىز سىلەرگە قېرىنداشلىق ۋە دۇنياۋى نۇقتىدىن قاراپ كەلدۇق. كېيىن پىرىمقۇل قادىر ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا بولىدىغان ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىمدىن ئۈمىدۋار بولغاندەك »زور، جۈدە زور، ئوغلۇم« )ناھايىتى ياخشى!( دەپ دوپپىلىق يوغان باشلىرىنى لىڭشىتقىنىچە كۈلۈمسىرىدى. كېيىن بىر ئۆسمۈرنىڭ مۇزىكانتلارنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا ئابدۇللا ئارىپوفنىڭ »ئەلىشىرنىڭ ئانىسى« شېئىرىنى ياڭراق ۋە تەسىرلىك ئاۋازدا ئوقۇشى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلدى. دېكلاماتسىيە شېئىرنىڭ: مەيلىغۇ ئۇ كىم بولسۇن، يالغۇز بىر سۆز مەناسى. ئەلىشىرنىڭ ئانىسى ئۇ، نەۋايىنىڭ ئانىسى… دېگەن بېيىتلىرىغا كەلگەندە، بالىنىڭ ئۈنى ئانىنىڭ باغرىغا بۆلەنگەندەك ئاستا – ئاستا پەسلەشكە باشلىدى. مۇزىكىنىڭ ئەۋجى لەرزانلاشماقتا ئىدى. مىكروفوندىن ياڭرىغان ئۇرغۇلۇق، مەنتىقلىق ۋە مەنىدار بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ زالدىكى ھاياجانلىق ۋاراڭ – چۇرۇڭ پەسەيدى. −− ئۆزبېكنىڭ يۈرىكى نەۋايىنىڭ كۆكسىدە سوققان، ئۇلۇغ شائىرنىڭ روھى بىز تۈركىي خەلقلەرنى يۆلىگەن، −− دېگەن جۈملىلەر بىلەن تەڭ ھەممىنىڭ دىققىتى بىر نۇقتىغا تىكلەندى. مۇنبەردە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى ئەزىز قەييۇموف سۆزلىمەكتە ئىدى. بادام گۈللۈك قارا دۇخاۋا دوپپىسىنى ئوڭغا قىيسايتىپراق كىيىۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ ئۇتۇقىدىن ھەمىشە ئىككى كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالغۇچە ھۇزۇرلىنىپ كۈلىدىغان بۇ مەردانە نەۋايىشۇناس قوقانلىق مەشھۇر ئالىم پولاتجان داموللامنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەزىز قەييۇم »خەمسە«دىكى ھەر بىر داستاننىڭ يېزىلىش جەريانى ئاممىبابلاشتۇرۇلۇپ ھېكايە قىلىنغان ئەدەبىي كىتابلىرى، جۈملىدىن نەۋايىنىڭ ئىجادىي بىيوگرافىيەسىگە بېغىشلانغان »ئاجايىپ كىشىلەر ھاياتى« ئەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇش. ئۇ يەنە »نادىر سەھىپىلەر«، »قەدىمىيەت ئابىدىلىرى« قاتارلىق كۆپلىگەن بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزبېكىستاندىكى بىردىنبىر ئاتا – بالا زەلىلىشۇناس ئالىملار ئىكەن. مەلۇمكى، زەلىلى 18 – ئەسىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ نادىر ۋەكىلى بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدىن ئېتىبارەن پەرغانە ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان. ئەزىز ئاكا نەشرگە تەييارلىغان ئاتىسى پولاتجان داموللىنىڭ »قوقان تارىخى ۋە قوقان ئەدەبىي مۇھىتى«، »تەزكىرەئىي قەييۇمى« قاتارلىق ئەسەرلەردە، ئۆزبېكىستاندا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزىلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. مېنىڭ زەلىلى تېمىسىدىكى تەتقىقاتىم تاماملىنىپ، دىسسېرتاتسىيە ياقلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان 2008 – يىلى ئىيۇن ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى دائىملىق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرسىدە، ئىلمىي رەھبىرىم نۇرباي جاببارنىڭ: »تۇرسۇن ئاغا، ئامەتلىك ئىكەنسىز، ئەزىز پولاتوۋىچ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى، ياشىنىپ قالغاچقا ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلمىغان. زەلىلى ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاتا مىرا س مۇئەمما بولغاچقا سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۈچۈن ئىلمىي ھىمايىچى بولۇشقا قوشۇلدى«، دېگىنىدە دوپپامنى ئاسمانغا ئاتقۇدەك بولغانىدىم. كېيىن ئالىم ئۆيى ۋە ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيىدىكى ئىشخانىسىدا دىسسېرتاتسىيەمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرۈپ قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى. ئاخىرىدا »شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى«دا ئېلان قىلىنغان »>تەزكىرە ئىي قەييۇمىيئەربەئن< دىكى ھەدىسلەرنىڭ دائىرىسى ئالتۇن سۈيى بىلەن ھەللەنگەن. قول يازما قاتتىق مۇقاۋىلىق، قاتتىق مۇقاۋا يۈزىگە تامغا ۋە تامغىسىمان نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن. نۇسخىنى بەش يىل جەريانىدا يەنى ھىجرىيە 1240 – 1245 )مىلادى 2824 – 1830( يىللاردا كاشغەرىي شەھىرىدە ئابدۇرېھىم ئىبن مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۆچۈرگەن… بۇ ھەقتە قول يازمىنىڭ بەش جايىدا تارىخ بېرىلگەن بولۇپ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى تارىخ كىتابنىڭ 680 – ، 692 – بېتىگە مۇنداق پۈتۈلگەن: )… ئۇشبۇ مۇبارەك شەرق نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى 1245 – يىلىدا تۈگىدى… ھەر كىم بۇ كىتابقا قارىسا ئابدۇرېھىم كاشغەرىينىڭ خېتىنى كۆرىدۇ(« ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەبۇ رەيھان بىرونى نامىدىكى مەشھۇر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان قول يازمىلار ئاساسىدا )1952 – 1975( يىللاردا ئون توملۇق كىتابلار كاتولوگى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1980 – يىلى 31 – دېكابىرغىچە بولغان مەلۇماتلارغا كۆرە، بۇلار ئىچىدە نەۋايى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن 175 جىلد قول يازمىنىڭ بارلىقى ۋە بۇنىڭ تەركىبىدە شائىر 24 پارچە ئەسىرىنىڭ 254 نۇسخىسى كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان )يۇقىرىقى كىتاب، 4 – بەت(. دېمەك، ئابدۇرېھىم مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۈللىياتى مەزكۇر فوند )يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا »قۇتادغۇبىلىك« نىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرچە كۆچۈرۈلگەن ئەسلىي بىر نۇسخىسىمۇ بۇ ئىنستىتۇتنىڭ نادىر كىتابلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋېتىپتۇ(قا جەمئىيلەنگەن نەچچە ئون مىڭ پارچە قول يازمىنىڭ، جۈملىدىن، مەن شۇ تاپتا ئۈستىدە ھەيران بولۇپ تۇرغان »دىۋان نەۋايى« نىڭمۇ سەرخىلى ئىدى. بۇ تەۋەررۈك بايلىقنى ئالدىنقى ئەسىرلەردە جەنۇبىي شىنجاڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان رۇسىيەلىكلەر ئېلىپ كەتكەن ياكى ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوف ئېيتقاندەك 1958 – يىلى ئابدۇرېھىم فازىل كاشغەرىينىڭ ئەۋلادلىرى سوۋېتلىققا سېتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنى كىتابەت ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولاتتى. شۇل دەقىقىلەردە تەسەۋۋۇرۇم قاناتلانماقتا، ھاياجانلانماقتا ئىدىم. ئەگەر سېھىرگەرلەردەك كارامەت كۆرسىتىپ، ھازىر ئىككى كىتابنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويالىغان بولسام ياكى بۇ ئادەملەر ھازىر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى – ھە! ساغلام ھېسسىياتقا ئىگە ئادەم سۈپىتىدە شۇ تاپتا ئەجدادىمدىن خىيالەن پەخىرلىنىپ، لەۋلىرىم »مەن قەشقەردىن كەلگەن« دېگەن سۆزنى ئەتراپتىكىلەر ئۇقۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە پىچىرلىماقتا، بۇ سادا كۆڭۈل قەپىسىمدە ياڭرىماقتا ئىدى… تاشكەنتتە ئۆتكەن گۈزەل ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈنۈم ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى. لېكىن كېچىچە بۈگۈنكى كۆرگەنلىرىمگە ئۆتكەن بىر ئەسىردە رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئۇلىنىپ، گويا ياتىقىم دېرىزىسىگە ئېسىلىپ تۇرغان ئاي بىلەن ئۇيقۇدىن بىدار ئۈنسىز مونولوگلاشماقتا ئىدىم… دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى، كېلەچىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشى بۇرۇنراق باشلانغان، ئۇلار تەجرىبە ۋە ئەقىلغە تايانغان. جۈملىدىن رۇسلارمۇ شۇنداق. رۇسلارنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشقا ياۋروپا ئالىملىرىغا ئوخشاش 19 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قولغا ئېلىغان. I.N. بېريازىننىڭ »تۈرك خىرىستوماتىيەسى« ناملىق نوپۇزلۇق ئەمگىكى رۇسىيەدە تۇنجى قېتىم نەۋايى مىراسىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار نەۋايىنى ئىلمىي ساھەدە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. رۇس ئالىمى M. نىكىتسكىي 1856 – يىلى تۇنجى بولۇپ »ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەھمىيىتى« ماۋزۇسىدىكى چوڭ ھەجىمىلىك ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى يېزىپ، شائىرنىڭ سىياسىي پائالىيىتى، مەدەنىيەت تۆھپىلىرى، شۇنداقلا تۈركىي تىل تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىغان. 1868 – يىلىغا كەلگەندە رۇس شەرقشۇناسى V. ۋىليامىنوف. زېرنوف سانت − پېتىربورگدا 16 – ئەسىردىكى ئالايى بىننى مۇھىبىي تۈزگەن »ئەل لۇغەت ئۇن – نەۋايى يات ۋەل – ئىستىشھادەت ئول – چىغاتائىيات« ناملىق لۇغەتنىڭ رۇسچە نەشرىنى روياپقا چىقارغان. ئارقىدىنلا I.N. ئىلمىنسكىي شائىرنىڭ »مۇھاكەمەت ئۇل – لۇغەتەين«ئەسىرىنى تېرەن ئىلمىي تەھلىل بىلەن رۇسچە نەشر قىلدۇرغان. گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شورالار ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا نەۋايى ئەدەبىي مىراسىغا نىسبەتەن بەزى ئىنكارچىلىق قاراشلار ساقلىنىشتىن قەتئىينەزەر، نەۋايىنىڭ بىيوگرافىيەسى، بەدىئىي ۋە ئىلمىي مىراسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلىنىپ تۇرغان. 1926 – يىلى ھىجرىيە ھېسابىدا شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقى )845 – 1345( مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا »نەۋايى« ماۋزۇسىدا ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. B.B. بارتولد مەزكۇر كىتابتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ۋە تولۇقلاپ، 1928 – يىلى »مىر ئەلىشىر« توپلىمىنى رۇس كىتابخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. مەزكۇر توپلامدىكى بارتولدنىڭ »مىرئەلىشىر ۋە سىياسىي ھايات«، B.B. بېرتېلسنىڭ »نەۋايى ۋە ئەتتار« ناملىق ماقالىلەر نوپۇزلۇق ئەسەرلەر بولۇپ، ئاۋۋالقىسىدا شائىرنىڭ ھاياتى ۋە دەۋرىگە ئائىت يېڭى مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، كېيىنكىسىدە بېرتېلس بارتولدتىنمۇ ساغلام پوزىتسىيە بىلەن شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە سوپىزم بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، نەۋايى دۇنيا قارىشى ھەم ئىجادىيىتىنى ئۆز دەۋرىگە قويۇپ تەتقىق قىلىشتەك ئىلمىي كەيپىياتقا يول ئاچقان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ 1938 – يىلى ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 500 يىللىقىنى 1941 – يىلى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىشى نەۋايىشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ۋە ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغا سەۋەب بولغان. گەرچە 1941 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 – جاھان ئۇرۇشى جەڭگاھلىرىغا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىش كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ئۇرۇش مەزگىلىدە چىقىرىلغان بۇ مەردانە قارار ئۆزبېك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن. نەۋايى تەتقىقاتى بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قامال−دىكى سانكت – پېتربورگدا 1.A. ئوربېلى، 1.Y.كراچوۋسكىي، A.K. باراۋكوف، A.E. ياك−ۇب−وۋسكىي، A.A. سېمېنوف، A.N. بولدىرېف، A.N. كونونوف، B.B. پىئوتروۋسكىي، B.1. رۇدېنكو قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى ۋە بۇ ئالىملارنىڭ »ئەلىشىر نەۋايى« ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1946 – يىلى لېنىنگىراتتا نەشردىن چىقتى. 1948 – يىلىنىڭ ماي ئېيىدا ئۇرۇش تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ 500 يىللىق تويى پۈتۈن ئىتتىپاق مىقياسىدا نەۋايىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. بۇ ۋاقىتقا ۋەكىل قىلىپ بېرتېلسنىڭ شائىرنىڭ »سەددى ئىسكەندەرىي« داستانى ئاساسىدىكى »ئالېكساندىرنىڭ مۇھەببىتى«، »نەۋايى« ناملىق مەخسۇس ئەسەرلىرىنى؛ M.E ماسساننىڭ »ھېراتنىڭ 15 – ئەسىردىكى تارىخىي توپوگرافىيەسىگە دائىر« ناملىق رۇس تىلىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. 1968 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە تاشكەنت شەھىرىدە نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 527 يىللىقى نىشانلاندى. دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى مەزكۇر ئالەمشۇمۇل خاتىرىگە يوللىغان بېغىشلىمىسىدا »نەۋايىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق – پەزىلىتى، ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە ئىلھامبەخش ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ« دەپ بېغىشلىما ئەۋەتتى. بۇنداق تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا ئون توملۇق قىلىپ نەشر قىلىنىشى ۋە رۇس تىلىدىكى 200 توملۇق مەشھۇر »جاھان ئەدەبىياتى« مەجمۇئەسىنىڭ بىر جىلدىنىڭ مەخسۇس نەۋايى مىراسىغا بېغىشلىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەۋايىشۇناسلىقنى دۇنياۋى ئىلىمگە ئايلاندۇرغانلىقى ۋە بۇ پەننىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى نامايان قىلغان. ئۆزبېكىستاندا نەۋايىنى ئىلمىي ۋە ئاممىباب يوسۇندا ئۆگىنىش ئىشلىرى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىن ۋاقىتلىرىدا جانلانغان. بۇ دەۋردە شائىرنىڭ دەۋرى، ھاياتى، ئىجادىنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئايرىم تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم ئاممىبابلاشتۇرۇشتا ئالىم شەرەپىدىنوف، مەقسۇت شەيخزادە، خەمىت ئالىمجان، غاپۇر غۇلام، توختاسىن جەلىلوف قاتارلىق ئالىملار جان پىدالىق كۆرسەتكەن بولسا سەدىردىن ئەينى، مۇسا تاشمۇھەممەد ئوغلى ئايبېك، ئۇيغۇن، ئابدۇراھمان سەئىددى ۋە ئىززەت سۇلتانلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ گەۋدىلىك بولغان. يەنە غۇلام كەرىموف ۋە ۋاھىد ئابدۇللايېف كەبى ياش تالانتلار يېتىشكەن. بۇ باسقۇچقا ۋەكىل قىلىپ خەمىت ئالىمجاننىڭ »ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە«، »پەرھاد – شېرىن«، »نەۋايى ۋە خەلق«، »نەۋايى ۋە زامانىمىز«، »نەۋايى ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ ياراتقۇچىسى« قاتارلىق ماقالىلەرنى؛ ئايبېكنىڭ شائىرنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرىنى تۇنجى شەرھلەپ يازغان »نەۋايىنىڭ دۇنيا قارىشىغا دائىر« ناملىق ئەمگىكىنى، شەرىپىدىنوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايى«، شەيخزادىنىڭ »گېنىئال شائىر« لارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار نەۋايىشۇناسلىق بويىچە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىزدەنگەن. تىلشۇناس ۋە يېزىقشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن پەرساخان شەمسىيېف، سەلھ مۇتەللىپوفلار تېكستولوگىيە پېنى پىرىنسىپلىرى بويىچە شائىرنىڭ بىر قانچە ئەسىرىنىڭ لاتىنچە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان. زامانىۋى ئۆزبېك پېنىنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان بۇ ئالىملار ھەممىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن شائىر ئەسەرلىرىنىڭ لۇغىتىنى ئىشلەپ تارقاتقان. نەۋايىنىڭ 1948 – يىلىدىكى 500 يىللىق تۇغۇم تويىغا ئاتاپ نەشر قىلىنغان »ئۇلۇغ ئۆزبېك شائىرى« ناملىق ئۆزبېكچە، رۇسچە توپلام سەۋىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلىدۇ. توپلامدىكى يەھيا غۇلامنىڭ »نەۋايىنىڭ دەۋرىنى ئۆگىنىش ھەققىدە« ۋە »15 – ئەسىردىكى ئاسىيا شەھەرلىرىدە بىنالار تۈركۈمى ئەنئەنىسى«؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماسساننىڭ ئەسىرى، نەبىيېفنىڭ »15 – ئەسىردىكى ماۋارەئۇننەھرنىڭ سىياسىي – ئىقتىسادىي ھاياتىدىن«، ئايبېك ۋە دېچنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئىدىيەلەر دۇنياسى«، باھىد زاھىدوفنىڭ »نەۋايىنىڭ بەزىبىر ئىجتىمائىي – سىياسىي قاراشلىرى« ۋە »لىسانۇت تەير پەلسەپىسى ھەققىدە«، ھادىزارىفنىڭ »لۇتفى ۋە نەۋايى«، شەيخزادىنىڭ »نەۋايىنىڭ لىرىك قەھرىمانى ھەققىدە«، شۇنداقلا تاجىك مۇتەپەككۇرى ئەينىنىڭ »نەۋايى ۋە تاجىك ئەدەبىياتى« قاتارلىق ئەسەرلەر چاغاتاي دەۋرى تارىخى ۋە تۆمۈرىيلەر زامانى ئىجتىمائىي – پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخىنى ئۆگىنىشكە قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نەۋايىشۇناسلىقتىكى نامايەندە خاراكتېرلىك تەتقىقاتلار سانىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن باشلانغان ئۇلۇغ ئەدىبنىڭ 525 يىللىق تويىغا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلەر بۇرۇنقى تەتقىقاتلارنىڭ ئۇسۇل، مەزمۇن ۋە كۆلەم جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇپ، نەۋايىشۇناسلىقنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى ئومۇمىي ساھەگە ئېلىپ كىرىپ، قوللانمىلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى يارىتىش بويىچە كۆزنى قاماشتۇرغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان. شائىر مىراسىنىڭ تولۇق بىبلوگرافىيەسىنى تۈزۈش، ئەسەرلىرىنىڭ نادىر نۇسخىلىرىنى ئېنىقلاش بويىچە ئىلمىي تەكشۈرۈش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان. مۇھىمى، نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئىلگىرىكىدەك پارچە – پۇرات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى ياقلاش بۇ دەۋر نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇلار ئىچىدە ئاكادېمىك V. زاھىدوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ پىكىر ۋە ئوبرازلار دۇنياسى«، M. شەيخزادىنىڭ »ئۇستازنىڭ سەنئەتخانىسىدا«، مەشھۇر مەتىنشۇناس ئالىم ھەمىد سۇلايماننىڭ »ئەلىشىر نەۋايى لىرىكىسىنىڭ تېكستولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرى«، ياقۇپجان ئىسھاقوفنىڭ »ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئىلك دىۋانى«، پېشۋا ۋە تۆھپىكار نەۋايىشۇناس ئالىم ئابدۇقادىر ھېيتمەتوفنىڭ »نەۋايى لىرىكىسى« ھەم »نەۋايىنىڭ ئىجادىي مېتودى« ئەسەرلىرى ئەدەبىي ۋە تارىخىي پاكىتلىرىنىڭ بايلىقى، ئەقلەن ئومۇملاشتۇرۇشلىرىنىڭ مەنتىق قۇۋۋىتى ۋە يۈكسەك ئىلمىي سۈپىتى جەھەتتىن پەقەت ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىلولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ياخشى سەۋىيەسىنى نامايان قىلغان دىسسېرتاتسىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە ھازىرقى مۇستەقىل دۆلەتلەردە نۆۋەتتە كاندىدات دوكتور ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرىنىڭ ماۋزۇلىرى توردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئوخشاش ياكى تەكرار تېمىلار قوبۇل قىلىنمايدۇ، بىر دىسسېرتاتسىيە نەچچە ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرىدىكى ئونلىغان مۇتەخەسسىسنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇن كىتابى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنئەنىسى بويىچە 150 ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت، كۇتۇپخانا ۋە تەتقىقات يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. دىسسېرتاتسىيەلەر مەزكۇر پەن ساھەسىدىكى تۈگەللەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر قاتارىدا نوپۇزلۇق كۇتۇپخانىلارغا قويۇلۇپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا قوللانمىلىق رول ئوينايدۇ، ئوچۇق نەشر قىلىنىپ، ئۇنى جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ. قىسقىسى، دىسسېرتاتسىيە دەپ ئاتالغان يۇقىرىقى ئەمگەكلەر قىلنى قىرىققا يېرىپ يېزىلغان مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلارسىز نەۋايىشۇناسلىقنىڭ ئۆتمۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس! 20 – ئەسىرنىڭ 70 – ، 80 – يىللىرىدا ئۆزبېك نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسى يەنىمۇ ئۆسۈپ بارغان. شائىر ئەسەرلىرى ژانىرشۇناسلىق ۋە فولكلورشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ھەقتە يىرىك ھەم مەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلغان. مەسىلەن، V. زاھىدوفنىڭ »ئۇلۇغ شائىر ئىجادىينىڭ قەلبى«، S. ئەركىنوفنىڭ »نەۋايى >پەرھات ۋە شېرىنخەمسەتاھىر ۋە زۆھرە< لىرى، >چاھار دەرۋىشلىرىپەرھات ۋە شېرىن< لىرى شۇنداقلا >بەھرام گور< لىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا ئۆزىمىزدە مەجبۇرىيەت ھېس قىلىمىز.« ئا. قادىرى مەزكۇر بايانلىرى ئارقىلىق رومانىنىڭ تامامەن يېڭى تىپتىكى ئەسەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيلىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن روماندا خەلق كىتابلىرى، چۆچەكلەر ۋە نەۋايى داستانلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگەنلىكىدىنمۇ بېشارەت بەرگەن. گەرچە خەمىت ئالىمجان »زەينەپ ۋە ئامان«دا ئاشىق – مەشۇقلار تەقدىرىنى زامانغا لايىق ۋىسال تېپىشقان قىلىپ، نەۋايىدىكى پاجىئەنىڭ ئەكسىنچە يول تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ مەسنەۋى فورمىسى، جاراڭدار قاپىيەسى ۋە سۆزلەرنىڭ ئىكچى مەنىدارلىقىدا نەۋايى ماھارىتىنىڭ بەدىئىي ساداسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئۆزبېكىستاندا مىللىي ئىستىقلال شاماللىرى سوقۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا نەۋايىنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي بىساتى ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرى بولغان قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىف ۋە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ نۆۋىتىدە شائىرنىڭ 20 توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمى )بۇنىڭغا تۆت جىلدلىق »ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى« نى قوشقاندا جەمئىي 24 توم( نىڭ ئىشلىنىشىگە سەۋەب بولغان ۋە بۇ غايەت خاسىيەتلىك ئىش ئاخىرقى قېتىم 1987 – ~ 2004 – يىلىغىچە روياپقا چىققان. ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەق−قۇلوف »زەنجىرلەن−گەن شىر قېشىدا«، »شېئىرىيەت روھىي مۇناسىۋەت« )1989 – يىلى(، »ئەدەبىيات پەرزەنتلىرى« )1990 – يىلى(، »تەسەۋۋۇپ ۋە شېئىرىيەت« )1991 – يىلى(؛ سەئىدبېك ھەسەنوف »نەۋايىنىڭ 17 تۆھپىسى« )1991 – يىلى( قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن نەۋايىشۇناسلىقتىكى كۆپ يىللىق شۇراچە قامال ۋە تەپەككۇردىن ئازاد بولغانلىقىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تاماندىن شائىرنى ئۆز تارىخىي مۇھىتىغا قويۇپ، ئىجادىنى ئۆز ئەينى بويىچە تەتقىق قىلىدىغان ۋە سۆز ئىشلىتىشتىكى سەنئەتكارلىق تالانتىنى بەدىئىيلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ باھالايدىغان بىر قەدەر ساپ ئەدەبىياتشۇناسلىق ئېستېتىكىسى شەكىللەندى. 1991 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 550 يىل توشقان ئاشۇ كۈننى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ نەۋايى خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتتى. بۇنداق قوش تەنتەنىلىك تارىخىي شارائىتتا نەشر قىلىنغان »ئەلىشىر نەۋايى. غەزەللەر، شەرھلەر« ناملىق توپلامدىكى ئەركىن ۋاھىدوف، نەجمىدىن كامىلوف، مۇھەممەد ئەلى، جامال كامال كەبى ئىجادكارلار قەلىمىگە مەنسۇپ ماقالىلەر ئەنە شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. كېيىنكى يىللاردا مەھكەم ماھمۇدوف قاتارلىق ئالىملار ياراتقان »مەنىۋىيەت −− كامىللىق سائادىتى«، »ئىمان −− قەلب گۆھىرى«، »ئىشق، ئاشىق ۋە مەشۇق«، »ئەلىشىر نەۋايى ۋە نەقشىبەند« ھەم »نەۋايى ۋە ئىلاھىيەت« ماۋزۇلۇق كىتابلار نەۋايىشۇناسلىقتىكى »كۈن چۈشمىگەن تەرەپلەر« نى »يورۇق نۇقتا« غا ئايلاندۇرغانلىقى بىلەن قىممەتلىك.

1957 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 9 – فېۋرالدا نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە جايلاردا ئىلمىي، ئەنئەنىۋى يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شائىر مىراسىنى ئۆگىنىش بويىچە قىلىنغان ئىشلار يەكۈنلەنمەكتە، يېڭى پىلانلار تۈزۈلمەكتە. بۇلاردىن باشقا نەۋايىغا بولغان تۈگىمەس ھۆرمەت – مۇھەببەتنى ئىپادىلەش، شائىرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە سەمەرقەند بىلەن بۇخارا ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان ۋە قەدىمىي زەرەپشان ۋادىسى »نەۋايى ۋىلايىتى« گە ئۆزگەرتىلگەن. گۈزەل تاشكەنت شەھىرىنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان ئاۋات كوچىغا »نەۋايى كوچىسى« دەپ نام بېرىلگەن. كوچا مەركىزى ۋە يول بويىغا »ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيى« قۇرۇلغان، شائىرنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان. سەمەرقەند دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ياۋروپاچە گويا سۈرەتتەك گۈزەل ئۆزبېك دۆلەت ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرى، ئۆزبېكىستان دۆلەت كۇتۇپخانىسى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى ۋە يېنىدىكى كۇتۇپخانا، زور مۇكاپاتلار، يەنە نەچچە ئون مەدەنىي مۇئەسسەسەلەر، يۈزلىگەن مەكتەپلەر، يېزا – كەنتلەرنى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش قارارلاشتۇرۇلغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ياپونىيە ۋە فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىغا نەۋايىنىڭ ئۇلۇغۋار ھەيكىلى ئورنىتىلغان.
قىسقىسى، 2007 – يىلى ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلغان »ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىغا تەسىرى« ناملىق دۇنياۋى مەجلىستە ۋاشىنگت−ون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركۈلوگى E. سىرتەئۇتەس خانىم ئېيتقاندەك، نەۋايى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان، ھەتتا بۈيۈك بىرېتانىيەدە ئۇلۇغ شېكېسپېرمۇ ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايى شۆھرەت قازانغاندەك ئالقىشلانمىغان! غەربنىڭ تونۇلغان نەۋايىشۇناسى A. بادراگىلىگېتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، »يەر شارىدىكى تاغلار ئارىسىدا ئەڭ ئېگىزى ھىمالايا چوققىسى بولسا، شائىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۈكسىكى ھەزرەت نەۋايىدۇر.« ③ بىراق نەۋايى 15 – ئەسىردىكى تەكشى تۈزلەڭلىكتىن تاسادىپىي ئۆسۈپ چىققان تاغ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بېرى شەكىللەنگەن ئۇزاق قەدىمكى تاغ تىزمىلىرىدىن ھاسىل بولغان يۈكسەك چوققا! دېمەك، تاغ بار يەردە چوققا بار، تاغ يوق يەردە چوققىمۇ يوق!

ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ياپون دېڭىزىغىچە؛ ھىنگان، ئالتاي تاغلىرىدىن ھىمالايا چوققىسىغىچە بولغان بىپايان مەركىزىي ئاسىيا زېمىنىدا ياشىغۇچى خەلقلەر ئارىسىغا يېيىلغان. نەۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شائىر ۋاپات بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ياۋروپادا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. دۇنيادىكى ئۇلۇغ ھېكمەتخانا )كۇتۇپخانا( لار شائىر ئەسەرلىرى بىلەن بېزەلگەن. ئىجادىيىتى ئىنگلىز مۇتەپەككۇرلىرىدىن شائىر ئېللوتقا ۋە ئوكيان ئاتلاپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى مارك. تىۋېنغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، نەۋايى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە يەنە بىر سوۋغىسىدۇر! لېكىن ئەقلىمىزنى ئىنسابقا چىللاپ شۇنىمۇ ھەققانىي ئېيتىشىمىز كېرەككى، ئېرتىش دەرياسى بىزدىن باشلانغان بىلەن مەنزىلدىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ »ئانا دەريا« ۋە ئۇنىڭ سۈيى »ئابى ھاياتتۇر«. بىر مېۋىلىك دەرەخكە نىسبەتەن كۆچەت تىككۈچىنىڭمۇ، ئۇنى ئاسراپ – پەرۋىشلەپ مېۋىگە كىرگۈزگۈچىنىڭمۇ ھەققى – ھوقۇقى بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن »دۇنيادىكى ئەڭ باي قول يازمىلار فوندى« رويخېتىگە ئېلىنغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت يۇقىرى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۆزبېكىستان ھازىر دۇنيا نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە تەن ئېلىنىپ، شائىر ھەققىدىكى تەتقىقات ئالتىنچى يۈز يىللىققا قەدەم قويماقتا. نەۋايى ئەسەرلىرى تاشكەنت قاتارلىق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا دۇنياۋى كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارى ھەر يىلى يېڭى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت ۋە كۆپلىگەن نۇسخىدا نەشر قىلىنماقتا، چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. زىكرى قىلىنغاندىكىدەك، بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايىنى ئىدېئاللاشتۇرۇپ چۈشەنمەسلىكنىڭ ھېچبىر ئامالى يوق. كۈنىمىزدە بۇ دۆلەتتە نەۋايى بېغى دۇنيانىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە ئۆزىنىڭ مول ھوسۇللۇق پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆزبېك خەلقى شائىرغا سىڭگەن ئەسىرلىك مېھنەت تەرىنىڭ ئالتۇن سۈيىدە »نەۋايى ئېنسىكلوپېدىيەسى« نىڭ سەلتەنەتلىك قەسرىنى بېزىمەكتە. ھالبۇكى، بۇ قەسىرنىڭ بوسۇغىسى بىزلەر ئۈچۈن گويا ئەپسانە تەرزدە دۇنيايىمىزنىڭ تېشىدىكى مۇئەمما بولۇپ تۇرماقتا!

بېلىق سۇغا تويمايدۇ! قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top