• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نىڭ ھەل بولۇشىدىكى ھالقىلىق ئامىل – خىتاي ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش

«ئۇيغۇر مەسىلىسى» نىڭ ھەل بولۇشىدىكى ھالقىلىق ئامىل – خىتاي ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش

نەزەر

خىتاي كومىنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى ئامېرىكا – خىتاي – تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ياكى خەلقئارانىڭ خىتايغا كىشلىك ھوقۇق جەھەتتىن قاتتىق بېسىم قىلىشى ياكى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. چۈنكى  دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بولسا خەلقئارالىق قانۇنلار بۇيىچە ئېلىپ بىرىلىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» بىلەن بىۋاستە چېتىشلىق بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خورلىنىشى ئامېرىكا – خىتاي – تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە بولماستىن، بەلكى  خىتاي كومىنىست ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە.

«ئۇيغۇر مەسىلىسى» دە كىشلىك ھۆقۇق جەھەتتىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا بەرگەن تەنقىد، ئەيىپلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى ئاساسەن ئېغىزدا ياكى قەغەزدە قالىدىغان ئىشلار بولۇپ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي كومپارتىيىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداق بولۇشىنى كومىنىست پارتىيەنىڭ خاراكتىرى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى بەلگىلىگەن.

نۆۋەتتە «ئۇيغۇر مەسلىسى» نى خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. چۈنكى ھازىرقى خىتاي سەككىز دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى خىتايغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان چاغدىكى خىتاي بولماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادا ئىككىنچى قودرەتلىك دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەربىي جەھەتتىمۇ نىسبەتەن كۈچلۈك بىر دۆلەت. شۇڭلاشقا ھەربىي جەھەتتىن باشقا دۆلەتلەردىن ياردەم كۈتۈش تىكەستە بەنى بىر ئىش.

«ئۇيغۇر مەسىلىسى» نىڭ ھەل بولۇشىنىڭ بىردىن بىر ئۈنۈملۈك چارىسى خىتاي كومىنىست ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر ھالدا ئاجىزلاشتۇرۇش. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان «خىتاي ۋىروسى» نىڭ دۇنياغا بىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتقانغا ئوخشاش دۇنيا خەلقىگە خىتاينىڭ دۇنياغا بىر بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكېراتىك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن كەڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ، خىتاي بىلەن سودا قىلغاندا «كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى» نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادى تاشقىي سودىغا تايىنىپ تەرەققى قىلغان ئىقتىساد بولغاچقا، خىتاي ئىقتىسادى تاشقىي سودىدىن ئايرىلسا، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋەيران بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدە كەسكىن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشنىڭ ئۈمىد چىراقلىرى يېقىلىشى مۇمكىن.

2020 – يىلى دېكابىر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top