ئىشغال قىلىنغان دۆلەت: شەرقىي تۈركىستان (دوكلات)
ئىشغال قىلىنغان دۆلەت: شەرقىي تۈركىستان
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان ، قازاقىستان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابلەت كامالوۋ ، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋارىس چاقان ۋە ساكارىيا ئۇنۋېرسىتىتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئوقۇغۇچىسى نۇرەددىن ئۆگدۈلمىش قاتارلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ئىشغال قىلىنغان دۆلەت: شەرقىي تۈركىستان» ھەققىدە دوكلات تەييارلاندى.
بۇ دوكلاتتا ، خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئورگانلىرى ۋە خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەكرارلىنىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ تارىخىي رېئاللىققا زىت ۋە ئىلمىي ئاساس يوق بىر سەپسەتىدىن ئىبارەت بولۇپ،شەرقىي تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر مۇستەملىكە دۆلەت ئىكەنلىكى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.
بىز بىلەن قانداش ۋە دىنداش بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتار قاتارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق كۈرىشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى
2020-يىلى 10-دېكابىر
دوكلاتنى بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ: İşgal Edilmiş Ülke: Doğu Türkistan