You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نيۇ-يورك شەھرىدە «ئائىلەم نەدە» ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نيۇ-يورك شەھرىدە «ئائىلەم نەدە» ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، نيۇ-يورك شەھەردە تۈركىيىدە باشلانغان نامايىشنى ئاۋاز قوشۇپ ۋەتەندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ۋە مۇئاۋىن رەئىسى دوختور مەمەت ئېمىن ئەپەندىلەر يىتەكچىلىك قىلدى، ئاكادېمىيە ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئاكتىپ قاتناشتى.

نامايىش نيۇ-يورك ۋاقتى سائەت 1:00 دە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق باش شىتابى ئالدىدا باشلىنىپ، ئۇ يەردىن خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بىناسى ئالدىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن ئەدەم ئەڭ كۆپ بولغان خىرالد مەيدانىغا داۋام قىلدى ۋە ئەڭ ئاخىردا چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە دۇنياغا داڭلىق دەۋر مەيدانىدا ئاخىرلاشتى.

نامايىش جەريانىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى يول بويى “ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئىرقى قىرغىنچىلىق توختالسۇن، لاگىرلار تاقالسۇن” دىگەندەك جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ، كوچىدىكى ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top