ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن – تېخنىكا مېدالىغا ئېرىشكەن پەن – تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن – تېخنىكا مېدالى» غا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت پىروگىراممىسى مەخسۇس ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن – تېخنىكا مېدالىغا ئېرىشكەن پەن – تەتقىقاتچىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىغا ئايرىلغان بولۇپ، پەن – تېخنىكا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ياش تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ئەپەندى ۋە دوكتور رۇقىيە مەتسىدىق خانىم بىلەن، ھەم شۇنداقلا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەن – تېخنىكا مېدالى» نىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە نامىزاتلارنىڭ تاللىنىپ بېكىتىلىشىدە كۈچ چىقارغان ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ۋە مۇئاۋىن رەئىس دوكتور مەمتىمىن ئابباس ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=w_8OObBJnLY
ۋاقتى: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى يەكشەنبە سائەت 21:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)
مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى