You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەتلىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەتلىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەتلىرىنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلدى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلى ئەپەندى بىلەن ئىشخانىسىدا كۆرەشتى. كۆرۈشۈشتە، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، جازا لاگىرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسى، ئىتنىك قىرغىنچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەم شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتىرى ۋە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ سوئاللارنى سورىدى، ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ تۈركىيەدە ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا كامال قىلىچدارئوغلى ئەپەندىگە ئاكادېمىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر پارچە يازما تەلەپ خېتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقى» دوكلاتى ۋە «ئىشخال قىلىنغان دۆلەت: شەرقىي تۈركىستان» دىگەن دوكلات تەقدىم قىلىندى. شۇنداقلا كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top