You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

«مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىن قابىلىيەتلىك ياشلارنى بايقاش ۋە تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشىدا 2019- يىلىدىن 2021- يىلى ماي ئېيىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە، 15 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن 121 نەپەر ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ھەم شۇنداقلا «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە جەمىئىي توققۇز قېتىم تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئويۇشتۇردۇق.

بۇ توققۇز قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق، تاراتقۇ ۋە تەشۋىقاتنىڭ رولى، خەلقئارا ۋەزىيەت، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەش يوللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم تېمىلاردا دەرس ئالدى.

بۇ قېتىمقىي ئاخىرقى «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىمىز 8- ۋە 9- ماي كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلدى، كۇرسقا 6 دۆلەتتىن 21 ياش قاتناشتى. بۇ قېتىم ئاساسلىقى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مىللىي مەپكۇرە ھەقىدە، ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى تەشكىلاتچىلىق سەنئىتى ھەققىدە، دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى خىتاينىڭ ھىيلە نەڭرەڭلىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۆرەشلىرى ھەققىدە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ۋە دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندىلەر رەت تەرتىپى بويىچە ھىندى، يەھۇدى، بوسنىيەلىك ۋە كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەش يوللىرى ھەققىدە دەرسلەر سۆزلەندى ۋە بۇ ھەقتە مۇھاكىمەلەر بولدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تۈر كۇرسلارغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ياراملىق ۋە قابىلىيەتلىك ياشلارنى بايقاپ خىتايغا قارشى كۆرەش سېپىمىزدە ئۇلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە تېرىشىۋاتىمىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top